نىدائىي: 2011-يىلىدىكى توي نۇتۇقى
-
نىدائىي: 2011-يىلىدىكى توي نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-03-17 ئاۋاتلىقى: 3661 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نىدائىي: 2011-يىلىدىكى توي نۇتۇقى
قەلەمدە: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
(بۇ نۇتۇقنى مەن 2011-يىلى كانادادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىر يېقىن دوستىنىڭ قىزىنىڭ تويىغا ئاتاپ يېزىپ بەرگەنىدىم، بۇ نۇتۇقنى بۇ ئايالنىڭ بىر دوستى توي مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇپ بەرگەنىدى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەزىز مېھمانلار، مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن! مەن بۈگۈنكى تويى بولۇۋاتقان قىزنىڭ ئاپىسى ×× ھەدەمنىڭ كانادادىكى جان–جىگەر دوستى ×× خانىمىنىڭ يېقىن دوستى ×× بولىمەن.×× خانىم كانادادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولغاچقا، بۈگۈنكى دوستىنىڭ قىزىنىڭ قۇتلۇق توي مۇراسىمىغا داخىل بولالماي قالدى. لېكىن ئۇ ئۆزى قاتنىشالمىسىمۇ، ئانا دىيارىدىن تولىمۇ يىراقتىكى كانادا تۇپرىقىدا تۇرۇپ، بۈگۈنكى توينى مۇبارەكلەپ ئوتلۇق سالام يوللىدى. تۆۋەندە مەن ×× خانىمنىڭ كانادادىن ئەۋەتكەن سالىمىنى ئەزىز مېھمانلارغا يەتكۈزمەكچىمەن.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قەدىرلىك جامائەت، ئەزىز يۇرتداشلىرىم، ئۇرۇق–تۇغقان، دوست–بۇرادەرلىرىم ھەممىڭلارغا يىراق كانادادىكى سىلەرنى ھەردەم سېغىنىپ تۇرغۇچى ئەزىز قېرىندىشىڭلار ×× دىن سەمىمىي سالام. جان–جىگەر دوستۇم، قېرىندىشىم ××، ×× ئاكا قىزىڭلار ×× نىڭ قۇتلۇق مۇراسىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن مەن گەرچە بۇ تويغا داخىل بولالمىغان بولساممۇ، ئەمما مۇشۇ ئاددىي سالامىم ئارقىلىق سىلەرگە خۇشاللىق، خاتىرجەملىك، سالامەتلىك، قىزىڭلار ×× نىڭ تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن.×× سەن بىلەن ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن يۇرتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن تەڭ نەپەس ئېلىپ، توپا–چاڭلىرىغا مىلىنىپ، سۇلىرىدا بېلىقتەك ئۈزۈپ، ئىللىق قۇياش نۇرىغا قاقلىنىپ ۋۇجۇدىمىزنى تاۋلاپ چوڭ بولغان، بىز 40 يىلغا يېقىن ھايات مۇساپىمىزدە گەرچە بىر قورساقتىن تۇغۇلمىساقمۇ، بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىنمۇ يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقانىدۇق. خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، غەم–قايغۇدا بىللە بولغانىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تەقدىر–قىسمەتلەر بىلەن سەندىن، بارلىق يۇرتداشلىرىمدىن ئايرىلىپ تۇغۇلغان ئانا يۇرتۇمدىن تولىمۇ يىراقتىكى بىر ئەلدە، يەنى كانادادا ياشاپ كەلمەكتىمەن. مەن ھازىر سىلەرنى، شۇنداقلا مۇشۇ تويغا داخىل بولغان قېرىنداشلارنى تولىمۇ سېغىنماقتىمەن.×× ئاكا، ×× سىلەرنىڭ جەمەتىڭلار ئۈچ ئەۋلاد پوسكام نېفىتلىكنىڭ قۇرغۇچىلىرى سۈپىتىدە، ھەممەيلەننىڭ سەمىمىي ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلدىڭلار. مەيلى سىلەر تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى ھاياتىنىڭ باشقا تۈرلۈك بوران–چاپقۇنلىرىدا بولسۇن ھامان مەردۇ–مەردانىلىك بىلەن ياشاپ ھەممەيلەنگە ياشاشنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردىڭلار. مەن بۈگۈن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەردەك ۋاپادار بىر جۈپلەرنىڭ ×× دەك سۆيۈملۈك بىر قىزنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلىپ، جامائەتكە توي داستىخىنى سالغىنىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن.قەدىرلىك مېھمانلار، ئەزىز قېرىنداشلار، ئادەم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن يۇرتنىڭ قەدرىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يېتىدىكەن. مەن شۇ تاپتا مۇشۇ تويدا بولۇشۇمنى، مۇشۇ توينىڭ ئاددىي بىر مېھمىنى بولۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن، ھە. لېكىن بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ مۇشۇ ئاددىيغىنە خەت ئارقىلىق، ئۆزەمنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.مۆھتەرەم جامائەت، مەن يۈرەك سۆزۈمنى مۇشۇ يەرگىچە بايان قىلاي. ھەممىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى سەرپ قىلىپ ئاڭلاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر. ئاخىرىدا دوستۇم ×× نىڭ بۈگۈن تويى بولۇۋاتقان قىزى ×× نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور بەخت تىلەيمەن.مېھمانلارغا رەھمەت.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قابا ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ قاردىكى مەنزىرىسى
2015-11-26 01:15:252585ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:24:433821توقسۇ ناھىيە تۈزتۇرا خارابىسى
2015-02-11 18:12:503363لېئونىد پانتېلېۋ: ۋەدە (ھېكايە)
2015-07-16 18:02:394699دۇنيادىكى 16 يەردىكى ئاجايىپ مەنزىرە
2015-05-06 11:12:174257ما يۈننىڭ تەيۋەندىكى نۇتۇقىدىكى 10 نۇقتا
2015-10-22 23:13:576364مۇھەممەد رەھىم: تىللىسا (شېئىر)
2015-02-04 21:23:104485كىنو چولپىنى ئامىتاب باچچان يېڭى ماشىنا سېتىۋالد
2016-02-13 21:52:324742
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-