نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىدىن __ تۇماق

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىدىن __ تۇماق

ۋاقتى: 2015-04-25 ئاۋاتلىقى: 6081 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرىدىن ___ تۇماق

   مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    تۇماق، ئاساسەن سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. ئۇندىن باشقا تۈلكە تېرىسى، توشقان تېرىسى، سۇغۇر تېرىسى، قاما، سۈسەر تېرىسىدىنمۇ تىكىلىدۇ.

   بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق تۇماق (ئاق تېرىدىن تىكىلىدۇ) نى ئاساسەن ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ، ياشلار كىيىدۇ. تۇماقلارنىڭ تۈرلىرى سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ھەر قايسى خىلدىكى تۇماقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. نەپىس، كۆركەم ئىشلەنگەن، بۇ تۇماقلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئىشلىنىپ ، ئېغىز گىرۋىكىگە سۈپەتلىك كۆپىدىن چوڭ-كىچىك زىغزىق تۇتۇلغان، بەزى تۇماقلارنىڭ ئۈستىگە قارا ياكى باشقا رەڭلىك رەختلەردىن بىر قەۋەت تاشلىق تۇتۇلۇپ ئەستىرىگە تېرە ئېلىنغان. ھەر خىل تۇماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇماقچىلىقنى كەسىپ قىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۈكسەك ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن. 

    تۇماقنى ئەسلىدە كىشىلەر قىشتا، ئىسسىقلىق ساقلاش، سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا بەزىلەر يازدىمۇ قۇلاقچا كىيىدۇ. بۇ نەملىكنى ساقلاش ، ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
   ئاياللارنىڭ تۇمىقى پەرقلىق بولۇپ، كۆپىرەك ياشانغان ئاياللار ياكى بىر قەدەر مەرتىۋىلىك ئاياللار ھەر خىل مۇراسىملارغا قاتناشقاندا تۇماق كىيىدۇ، بۇ قاما تۇماق دىيىلىپ ئۈستى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا بىلەن قاپلىنىدۇ. قاسقىنىغا بۆرەكچە شەكلىدە ئۈچ-تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئەتىۋارلىق قامىدىن گىرۋەك ئورنىتىلىدۇ. ئىچىگە يۇمشاق ئەلتېردىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. بۇ تۇماقنىڭ تەننەرخى خېلى يۇقىرى بولغاچقا ، ھاللىق شەھەر ئاياللىرى ئارىسىدا كۆپرەك ئومۇملاشقان، ئۇندىن سىرت ئەرلەرنىڭ قالپىقى ئىچى كىگىزدىن، سىرتى رەختتىن بولىدۇ ۋەھاكازالار.

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى