دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق يەر ئاستى قۇرۇلۇشلىرى
-
دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق يەر ئاستى قۇرۇلۇشلىرى
ۋاقتى: 2016-01-01 ئاۋاتلىقى: 5672 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق يەر ئاستى مەنزىرە نۇقتىلىرى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە <<كۈندىلىك پوچتا گېزىتى>>نىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ گېزىتنىڭ ساياھەت قانىلى يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق يەر ئاستى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى باھالاپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى 6 مىليون كىشى دەپنە قىلىنغان يەر ئاستى قەبرىستانلىقى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ترامپولىن باغچىسى قاتارلىق غەلىتە يەر ئاستى دۇنياسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
1785-يىلىدىن 1860-يىلىغىچە، فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى بۇ يەر ئاستىغا ئالتە مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى قايتىدىن دەپنە قىلىنغان. ناۋادا بۇ يەرگە كىرىپ قالسىڭىز، ئۇزۇنلۇقى 300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قاراڭغۇ، نەم، مۇدھىش يەر ئاستى دۇنياسى كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدۇ.
فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى ئالتە مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى قايتىدىن دەپنە قىلىنغان يەر ئاستى قەبرىستانلىقى.
شىمالىي ۋېلش كان ئۆڭكۈرى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى
Llechwedd Slate Caverns ئىلگىرى ۋېكتورىيە زامانىسىدا بلاۋناۋ فېستىنىيوگقا جايلاشقان كونا كان ئىدى، ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەر ئاستى ترامپولىن باغچىسىغا ئايلانغان بولۇپ، كۆلىمى سان پاۋلو چېركاۋىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك چىقىدۇ. بۇ يەردە جەمئىي ئۈچ غايەت زور ترامپولىن بار بولۇپ، ھەربىرى ئايلانما پەلەمپەي بىلەن 18 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىيرىلغۇچقا تۇتىشىدۇ.
شىمالىي ۋېلش كان ئۆڭكۈرى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى
رۇمىنىيەدىكى 120 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تۇز كېنى باغچىسى
بۇ يەر ئاستى باغچىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي تۇز كېنى بار. ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىشىلەر بۇ يەردە تۇز كولىغان، ھازىر بۇ مەخپىي تۇز كېنى باغچىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۈرلۈك زامانىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. بۇ باغچىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 120 مېتىرغا يېتىدۇ.
رۇمىنىيەدىكى 120 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تۇز كېنى باغچىسى
ۋىيېتنامدىكى 320 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمىي لەخمە
بۇ قەدىمىي لەخمە ۋيېتنام خۇ جىمىن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى 32 كىلومېتىرلىق ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ. ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ پارتىزانلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇزۇنلۇقى 320 كىلومېتىر كېلىدىغان لەخمە كولىغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە، بۇ لەخمىلەر تۇرمۇش رايونى، دوختۇرخانا، تەمىنات لىنىيەسى ۋە ئىسكىلات سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
ۋىيېتنامدىكى 320 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمىي لەخمە
ۋىيېتنامدىكى 320 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمىي لەخمە
ۋىيېتنامدىكى 320 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمىي لەخمە
باش ۋەزىر چېرچىلنىڭ ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئۇرۇش بۆلۈمى
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل بۇ جاينى ئىچكى كابىنېت ئۇرۇش بۆلۈمى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن، چېرچىل ۋە ئۇنىڭ ئايالى كلېمېتىنا، يېقىن دوستى، قوشۇمچە ئۇچۇر مىنىستىرى برېندان براكېن مۇشۇ يەردە كەچلىك غىزادا بىللەن بولغان. چېرچىل بۇ يەرنى ياقتۇرمىسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك ئۈچۈن نائىلاج بۇ يەردە قونۇپ قالغان. پۈتۈن يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، چېرچىل ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنېتى بۇ يەرنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىر قىسمىنىلا ئىشلەتكەن.
باش ۋەزىر چېرچىلنىڭ ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئۇرۇش بۆلۈمى
ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىرلىق يەر ئاستى شەھەرچىسى
ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر ___ كوبېر پېدى بىر يەر ئاستى شەھىرى بولۇپ، 3500 ئەتراپىدىكى ئاھالە يەر ئاستىدا ئۆز ماكانىنى بەرپا قىلغان. بۇ جايدا چېركاۋ، مەكتەپ، مۇزېي، سەنئەت كارېدورى، رېستۇران، قاۋاقخانا، مېھمانخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق. كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە زامانىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار ئىكەن. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يەر ئاستىدىكى تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ باقسا بولىدىكەن.
ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىرلىق يەر ئاستى شەھەرچىسى
كولومبىيە تۇز كېنى چېركاۋى
يەر ئاستىدىكى 180 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چېركاۋ سېلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، ئەمما بۇنداق چېركاۋ دۇنيادا ھەقىقەتەن مەۋجۇت. كولومبىيە پايتەختى بوگوتاغا 100 كىلومېتىردەك كېلىدىغان نېموكون تۇز كېنى 500 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. نېموكون تۇز كېنى چېركاۋى نۆۋەتتە ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلانغان.
پولشادىكى تۇز كېنى ساناتورىيەسى
Wielizka تۇز كېنى پولشادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، نەچچە يۈز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى تونېلدىن تەركىب تاپقان. تۇز كېنىدا بىر ساناتورىيە بار بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ھېچقانداق بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغانلىقتىن زىققا كېسەللىكى بىمارلىى بۇ يەردە ئارام ئالىدۇ. ساناتورىيەدىن باشقا، يەنە بۇ يەردە چېركاۋ، زىياپەت زالى، رېستۇران، دۇكان قاتارلىقلار بار.
لوندوندىكى گۈمبەزلىك تىياتىرخانا
لوندوندىكى <<گۈمبەز>> ۋاتېرلو پويىز بېكىتى تونېلىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە 176 كىشىلىك ئورۇن بار. بۇ يەردە كۆپ قېتىم سەنئەت پائالىيەتلىرى، گولف توپ مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يەردە يەنە كىنوخانا، رەسىم كارېدورى ۋە ئاشخانا قاتارلىقلار بار.
لوندوندىكى گۈمبەزلىك تىياتىرخانا
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى ‹‹ئەڭ››لەر
2015-05-01 17:28:403990نورۇز بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە
2015-03-15 23:06:365135نەسرىدىن ئەپەندىگە دائىر قانچە فىلىم ئىشلەنگەن؟
2015-02-09 12:52:284172ما يۈننىڭ يابۇلى مۇنبىرىدىكى نۇتۇقىدىن ئۈزۈندىلە
2016-02-20 16:31:504187ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ
2015-03-03 13:05:453530كىنو چولپىنى ئامىتاب باچچان يېڭى ماشىنا سېتىۋالد
2016-02-13 21:52:324553ھىندونېزىيەدىكى چەكمە بەدەنلىك قەبىلە
2015-08-12 16:26:583876لېنىننىڭ 1917-يىلى سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-04-04 18:31:383985
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-