ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: سۈكۈنات
-
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: سۈكۈنات
ۋاقتى: 2015-05-19 ئاۋاتلىقى: 4293 قېتىميانفوندا كۆرۈش
20-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىنبىر پەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ 1986–يىلى يازغان «سۈكۈنات» ناملىق ئېسىل پەلسەپىۋى شېئىرى.
سۈكۈنات __ بەزىدە زېھىن ۋە بىر پەم،
سۈكۈنات __ بەزىدە مۇزدەك مەسخىرە.
سۈكۈنات __ بەزىدە ئامالسىز بىر غەم،
سۈكۈنات __ بەزىدە مەغرۇر تەنتەنە.
سۈكۈنات __ بەزىدە ئېرىشكەن ئارمان،
سۈكۈنات __ بەزىدە كۆز ئاچقان ئىلھام.
سۈكۈنات __ بەزىدە ئېغىر ئىمتىھان،
سۈكۈنات __ بەزىدە خار تۇيغۇ تامام.
سۈكۈنات __ بەزىدە تىلەك – ئىلتىجا،
سۈكۈنات __ بەزىدە ھېسداشلىق تۈگەل.
سۈكۈنات __ بەزىدە كەشىپ – ئىختىرا،
سۈكۈنات __ بەزىدە ئۆلۈمگە بەدەل.
پاتپاراق يىللارنىڭ ئاي–كۈنلىرىدە،
دەقىقە سۈكۈنات قەدرى گويا زەر.
تاپىدۇ سۈكۈنات ساھىللىرىدىن،
ئەڭگۈشتەر، يىراققا نەزەر سالغان ئەر.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
خەلقئارا جامائەتچىلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆ
2015-03-03 16:58:474025داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (7)
2015-03-01 12:16:503367نىدائىي: ئوبامانىڭ قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلىرىدىن
2015-06-16 17:41:074974نەسرىدىن ئەپەندىگە دائىر قانچە فىلىم ئىشلەنگەن؟
2015-02-09 12:52:284174‹‹غەربكە ساياھەت››تىكى توشقان جىننىڭ ناخشىسى
2015-02-06 11:10:513375دۇنيادىكى ئۆزگىچە كىتاب ئىشكابلىرىغا نەزەر
2015-11-12 16:18:066236نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى
2015-07-02 18:38:134493توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرىدىكى كۈسەن مۇزىكا–ئۇس
2015-02-04 17:36:284380
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-