نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: ئوبامانىڭ قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلىرىدىن

نىدائىي: ئوبامانىڭ قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلىرىدىن

ۋاقتى: 2015-06-16 ئاۋاتلىقى: 4983 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوبامانىڭ قۇلاققا خۇش ياقىدىغان سۆزلىرىدىن

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

   ئەسكەرتىش: بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈزۈندىلەر 2014-يىلى 11-ئايغىچە 30 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئۇلاپ تارقىتىلغان.


   1. ئۆگىنىشتىكى پۇلنى چوقۇم خەجلەش كېرەك، مەن بىر نېگىر ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ دۇنياسىدا پۇت دەسسەپ تۇرالىشىم، دەل بۈگۈنكىدەك ئۆگىنىشكە تايىنىپ ئۈستۈن ئادەم بولالايدىغان ئەقىل-پاراسەتنىڭ بولغانلىقىدىن. ئۆگىنىش سىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىڭىزنى بەلگىلەپ قويمىسۇن، ئەمما چوقۇم مۇھىم نۇقتىڭىزنى بەلگىلىسۇن!
   2. ناۋادا دۇنيادىكى كاتتا باي بىل گايتسنى ئامېرىكىدىن ئافرىقىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭغا بىر دوللارمۇ پۇل بەرمىسەك، ئىشەنچىم كامىلكى، بىل گايتس يەنىلا پۇل تاپالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق دەسمايىسى ئۇنىڭ مېڭىسىدىكى ئەقىل-پاراسىتىدە.
   3. گەپنى باشقىچە ئېيتساق، مەبلەغنى ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىگە سالسىڭىز، ئەڭ بىخەتەر مالىيە ھېسابلىنىدۇ، نەگىلا بارماڭ، ئاچ قالمايسىز.
   4. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر: ‹‹ھەتتا ئۈچ ۋاق تاماقنىمۇ تۈزۈك يېيەلمەيۋاتساق، زىممىمىزدىكى يۈكمۇ ئېغىر تۇرسا، ئۆگەنگىلى نەدىكى پۇلكەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگىنىشنىڭ دەمالىققا ئۈنۈمى كۆرۈلۈشى ناتايىن›› دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئادەملەر مەڭگۈ ئۆز مېڭىسىگە مەبلەغ سالالمايدۇ. 
   5. ئەمەلىيەتتە، ناۋادا ھەقىقەتەنمۇ كەمبەغەل بولسىڭىز، ئەقلىڭىز دەل قايتىدىن باش كۆتۈرىدىغان ئەڭ زور دەسمايىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۆز ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە مەبلەغ سالسىڭىز ئەڭ ياخشى. پۇل تېپىشنىڭمۇ قائىدىسى بار، تاكتىكىڭىز توغرا بولمىسا، ئىشلىگەنچە ھېرىپ كېتىسىز. ئۇسۇلىڭىز توغرا بولمىسا، مىڭ تىرىشسىڭىزمۇ بىكار.
   6. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۆمۈر بويى ئالدىراش ئىشلەپمۇ سىزنى قوللىغۇدەك پۇلىنىڭ بولماسلىقى دەل ئىزچىل پۇل تاپالايدىغان ئىقتىدارنىڭ بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، شۇڭا كاللىنى بېيىتىش، ئاندىن يانچۇقنى توملاش كېرەك، ئاندىن ھاياتىمىز بېيىيدۇ. 
   7. بىز ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر پۇل ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇلار مەڭگۈ پۇل تېپىشنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرىدە تۇرغاچقا ھەقىقەتنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. ناۋادا پەقەت كۆز ئالدىنىلا كۆرۈپ، ئېگىزدەرەك تۇرۇپ ئارقىغا قاراپ قويمىغاچقا، قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتى بەكمۇ تەستە كېلىشى مۇمكىن.
   8. ھاياتلىقتىكى قىيىنچىلىقلار سىز ئىلگىرى تاماملاپ بولالمىغان دەرسلىكلەردۇر، چوقۇم ئۆزىڭىز ئىزدەنسىڭىز ۋە ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگەنسڭىزلا بۆسۈپ چىقالايسىز ۋە ئالغا باسالايسىز.
   9. ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىپ ئۈستۈن ئادەم بولۇشتىكى تەجرىبىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى تېزلىكتە ئۆزىگە ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ 10 يىل، 20 يىللىق لىڭتاسمىلارچە ئىزدىنىش ۋاقتىنى تېجەپ، كونا مۇقامغا دەسسەپ، ئوشۇقچە ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنالايدۇ.
   10. ناۋادا سىز ھاياتلىقتىكى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز، چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىزنى ئوبدان تەربىيەلەشتە مەڭگۈ كېچىكمەيسىز. خالىغان ۋاقىتتا باشلىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر پۇل يوقلۇقىدىن دادلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراشتىكى ئادەملەر چوقۇم نۇرغۇن ئۇۋالچىلىق پۇلى خەجلەيدۇ.
   11. مۇبادا قەلبىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ھەتتا ئازراق ئوقۇش پۇلىمۇ چىقىنالمىسا، بۇنداق ئادەملەر رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەندە، بۇنداق يېتەرلىك ئىقتىدارى بىلەن ھالقىپ كېتەلەرمۇ؟
   12. ئىشىك، ئىشىكتىن ھالقىپ كېتەلەيمىز، ئەمما بوسۇغىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيمىز. بىلىشىڭىز كېرەككە، ھەقىقىي قىيىنچىلىق بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئېغىر، كىچىكنى بويسۇندۇرالمىغان يەردە، مۇۋەپپەقىيەتتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن!
   13. ئۆگىنىشنىڭ خىراجىتى، ئۇ تولىمۇ چەكلىك، ئەمما جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىراجىتى بەلكىم بىزنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى، ھەتتا ھاياتىمىزغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى