توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرىدىكى كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىزنالىرى
-
توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرىدىكى كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىزنالىرى
ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 4410 قېتىميانفوندا كۆرۈش
توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرىدىكى كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىزنالىرى
مۇھەممەد تۇراپ
خەلق ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2005-يىل توقسۇ ناھىيەلىك كۈسەن مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ناھىيە چېگرىسى ئىچىدىكى خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت تارىخىي خارابىلىقلار، كۈسەن مەدەنىيىتىگە ئائىت خارابىلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكارلارنى تەكشۈرۈش ۋە مۇزىكا– ئۇسسۇللارنى خاتىرىلەش ۋە سىنغا ئېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.
تەكشۈرۈش داۋامىدا، مۇتەخەسسىسلەر توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزىسىدىكى خەلق ئارىسىدىكى مۇزىكىلارنىڭ ئاۋازى ۋە كۈي شەكلىدە شەرق، غەرب مۇزىكا سىستېمىسىنىڭ ئامىللىرىنىڭ بارلىقىنى، خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكارلار ئورۇنلىغان سەنەمنىڭ ئاۋازىنىڭ بىر ئۆرلەپ-بىر تۆۋەنلىشى بىر پۈتۈن ئاۋازنىڭ %25 ى ئىكەنلىكى، بۇ تۈردىكى تەۋرىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشچان ئاۋازنىڭ قوللىنىلغانلىقىنىڭ توقسۇ خەلق مۇزىكىلىرىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. توقسۇ خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى بۇغۇم، كۈي ئۈزۈندىلىرى ياكى كۈي بۆلىكىنى ئايرىپ ئاۋال توختاپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان شەكلىنى قوللىنىشىدىن ئىبارەت. يەنى باشلىنىشى ياكى ئاخىرلىشىشى كۈچلۈك ئۇدار ياكى ئاجىز ئۇدار بولماستىن، بەلكى كېيىنكى يېرىم ئۇداردا بولۇپ، رېتىمنىڭ تۈرى كۆپ، مۇزىكىنىڭ رېتىم ئۆزگىرىشى مول، يەڭگىل ئۆرۈلۈشى يېقىملىق بولىدىغانلىقى مېلودىيەلىك ئاھاڭ رېتىمى كۆپىنچە دولقۇنسىمان بولۇشتىن ئىبارەت. توقسۇ خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئۈچىنچى ئالاھىدىلىكى قايغۇمۇ بولۇش ۋە شادلىقمۇ بولۇشتىن ئىبارەت مۇزىكا ئۇسلۇبى. مەسىلەن، خەلق سەنئەتكارلىرى مەرغۇلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئورۇنلىغاندا ناخشا ئاۋازىنىڭ مېلودىيەسى مۇلايىملىقتىن ھەسرەتكە ئۆزگىرىدۇ، ئاڭلىغۇچىلارنى كۆپىنچە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلايدۇ، بىراق مۇقەددىمە ئاخىرلاشقان ھامان قايغۇرغان روھىي كەيپىيات بارا–بارا شادلىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ كىشىلەرگە قايغۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىپ شادلىقنىڭ يېتىپ كەلگەلكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. توقسۇ خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ تۆتىنچى ئالاھىدىلىكى ئارىلاشما خاراكتېرلىك مۇزىكا ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت.
تاشئېرىق يېزىسىنىڭ ‹‹توقسۇ خەلق ناخشىسى››نىڭ 40 نەچچە باش مۇندەرىجىسىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئاھاڭ رېتىمىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تارىلىق چالغۇنىڭ ئاھاڭلىرى، پېرىسىيە ۋە ئەرەبلەرنىڭ مۇزىكا ئاھاڭلىرى بولغاندىن باشقا يەنە شۇ يۇرتنىڭ مۇزىكا ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، كۆپ خىل مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئېلمېنتلىرى بىرلەشكەن. توقسۇ خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ تۆتىنچى ئالاھىدىلىكى قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا مۇھەببەت ناخشىسى، ئەمگەك ناخشىسى، ئۆرپ-ئادەت ناخشىسى ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشا–مۇزىكىلار ھەمدە جاپالىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناخشا مۇزىكىلار بار.
توقسۇ خەلق ناخشا ئۇسۇللىرى بىلەن كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇللىرىنىڭ مەنبەسى
مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن نەتىجىدىن تولىمۇ ھەيران قالدى .چۈنكى تاشئېرىق يېزىسىدىكى خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئاز كەم ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر مەنبە بار ئىكەن.
بىرىنچىدىن، ئىككىسىنىڭ مەنبەسى جۇغراپىيەلىك ئورنىدا ئىپادىلىنىدۇ.توقسۇ ناھىيەسى قەدىمكى زاماندا كۈسەننىڭ مەركىزى بولغان بولۇپ، تارىختا يىپەك يولىدا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن خەلقى شەرق ۋە غەربتە سودا مۇئامىلىسى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق سەنئەت شەكلى — كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئوبراز يارىتىش سەنئىتىنى ئىجات قىلغان. بىراق توقسۇ ناھىيەسى دەل مۇشۇنداق جۇلالىق سەنئەتنىڭ مەركىزى رايونىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈسەننىڭ مۇزىكا ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئوبراز يارىتىش سەنئىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا تارقالغان، يەنى جۇغراپىيەلىك ئامىل بۇ خىل تەبىئىي ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتىنى بەلگىلىگەن.
ئىككىنچىدىن، تارىختىن ئېلىپ ئېيتساق مىلادىيەنىڭ 840-يىلى زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قۇملۇقنىڭ شىمالىدىن غەربىي يۇرت ۋە كۈسەن دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئەمما ئەينى ۋاقىت دەل قۇللۇق تۈزۈم شەكلىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىدە تۇرۇۋاتقان كۈسەنلىكلەردىن كېيىن قالغان. مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قالاق مىللەتلەر قورال كۈچى جەھەتتە ئىلغار مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئېلىمىزنىڭ چىڭ سۇلالىسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇيغۇرلار كۈسەنگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى جەھەتتە كۈسەننىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلانىڭ ئەسلىدە بار يايلاق مۇزىكىلىرى بىلەن كۈسەننىڭ مۇزىكا–ئۇسسۇللىرى بىرلىشىپ، كېيىنكى ئۇيغۇر مۇزىكا–ئۇسسۇل سەنئىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇزىكا نەزەرىيەسى، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە ئۇسسۇللاردىن قارىغاندا، قەدىمكى كۈسەن مۇزىكىلىرىدىكى سەنئەت ئېلمېنتلىرى توقسۇ خەلق مۇزىكىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان. ‹‹سۈينامە . مۇزىكا تەزكىرىسى››دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۈسەننىڭ يەتتە ئاۋازلىق مۇزىكىسىنى بۈيۈك مۇزىكانت سۇجىۋا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغاندىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە مۇزىكىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى بېيتقان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ توقسۇ خەلق مۇزىكىلىرىدا دەل كۈسەن دەۋرىدىكى يەتتە ئاۋازلىق مۇزىكىلار قوللىنىلىۋاتىدۇ، نەتىجىدە يەتتە ئاۋازلىق مۇزىكىلار بىلەن باشقا ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىلار ئارىلاشما مۇزىكا ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ نۇرغۇن ئىسپاتلار بار بولۇپ، كۈسەن دەۋرىدىكى چالغۇ ئەسۋابلاردىن سوناي، نەي، كېشىچە دۇمباق(ھازىرقى ناغرا)، داپ، بىلى (ھازىرقى بالمان)، تۆمۈر ھالقا (ھازىرقى ساپايى) قاتارلىقلارنى بۈگۈنكى كۈندە توقسۇ خەلق سەنئەتكارلىرى مۇزىكا ئورۇنلىغاندا ئىشلىتىۋاتىدۇ.ئۇسۇل — سەنئەتنى ساقلاشتىكى تىرىك قاتما. كۈسەن ئۇسسۇلى توقسۇنىڭ خەلق ئۇسۇلىغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى ھۆججەت خاتىرىلەردىن قارىغاندا، كۈسەن ئۇسسۇلىنىڭ تۈرلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم. ھۆججەت خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۈسەننىڭ ئۇيغۇر سەكرىمە ئۇسسۇلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇسسۇلچىلار بارىگاھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ سالام بېرىش شەكلىنى باشلانما قىلىپ، ئاندىن كېيىن مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلنى باشلىغان. توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرىدا مەيلى بىر كىشىلىك ئۇسسۇل ياكى قوش كىشىلىك ئۇسسۇل بولسۇن ھەممىسىدە بۇ خىل ئەنئەنە شەكلى يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. كۈسەننىڭ ئۇيغۇر سەكرىمە ئۇسسۇلىدا قەدەم ھەرىكىتى كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىك قىلىنغان. بۈگۈنكى توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇلىدىمۇ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەر بار بولۇپ، بۇنىڭدىن كۈسەننىڭ ئۇيغۇر سەكرىمە ئۇسۇلىنىڭ توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇلىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر سەكرىمە ئۇسسۇلىدىن كۈسەننىڭ مۇزىكا ئۇسسۇلى بىلەن توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە نەزەر
كۈسەن بەگلىكى يوقىلىپ يىپەك يولى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، كۈسەن مۇزىكا –ئۇسسۇلى نەچچە مىڭ يىللىق بوران–چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇزىكا–ئۇسسۇللار كېيىنچە خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ھەمدە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە بىز توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇلىدىن قەدىمكى كۈسەننىڭ مۇزىكا–ئۇسسۇلىنىڭ مەنبەسىنى تاپتۇق، ئەمما توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇلىنى كۈسەن مۇزىكا–ئۇسسۇلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى توقسۇ خەلق ناخشا–ئۇسسۇلى ۋە مۇزىكا سەنئىتى تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا پېرسىيە، ئەرەب، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىنىڭ مۇزىكا ئۇسسۇل–سەنئىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپ خىل ئېلمېنتلارنىڭ سەنئەت شەكلىنى مۇجەسسسەملەپ، ھازارقى زامان خەلق ئۇسسۇلىدىكى بىر دەستە چىرايلىق گۈلگە ئايلانغان.مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى 10 چوڭ قۇملۇققا نەزەر
2016-02-18 23:49:2743732016-يىلى قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار
2016-01-07 15:42:524253دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (1)
2016-06-13 00:46:283861ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ تارىخى
2015-02-27 11:06:0833292015-يىللىق ئەڭ نادىر ھېكايە: قېچىپ كېتىش
2015-11-09 12:59:026401يۇمۇر: مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشى
2015-03-26 18:59:064102دۇنيادىكى ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىلەر
2015-04-27 16:27:354020يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار
2015-02-11 18:29:264092
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-