شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
-
شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
ۋاقتى: 2015-04-23 ئاۋاتلىقى: 4375 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن سۆھبەتلەشتىشىنخۇا ئاگېنتلىقى، جاكارتا، 22-ئاپرېل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل جاكارتادا تەكلىپكە بىنائەن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل جاكارتادا تەكلىپكە بىنائەن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردىشى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى چوڭ پىرىنسىپلار جۇڭگو-ياپونىيەنىڭ ‹‹تۆت تۈرلۈك سىياسىي ھۆججىتى››نىڭ روھىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دېمەكتۇر. بۇلتۇر ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ‹‹تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپ›› ئورتاق تونۇشىدا بۇ نۇقتا مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن. تارىخىي مەسىلە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلە. مەن ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئەستايىل مۇئامىلە قىلىپ، سىرتقا تارىخنى توغرا تونۇيدىغان ئاكتىپ ئۇچۇر تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئاكتىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. بىز ياپونىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش، چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۇماندىن نېرى تۇرۇپ، جۇڭگو-ياپونىيەنىڭ 4-سىياسىي ھۆججىتىدىكى ‹‹جۇڭگو-ياپونىيە ئۆزئارا ھەمكارلىق شېرىكلىرىدىن بولۇپ، ئۆزئارا تەھدىت سېلىشماسلىق››تىن ئىبارەت ئورتاق تونۇشىنىكەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائىي تونۇشقا ئايلاندۇرۇشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش تەسەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپىغا ئېرىشتى.ئابې شىنزو مۇنداق دېدى: سىز بىلەن يەنە دىدارلاشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، مەن ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تولىمۇ ئىنتىزارمەن. ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق. مەن ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تەھدىت سېلىشماسلىق تەشەببۇسىغا تامامەن قوشۇلىمەن. ياپونىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ بۇلتۇر ھاسىل قىلغان ‹‹تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپ›› ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئالاقە ۋە سۆھبەتكە ئاكتىپ تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. مەن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىدىكىلەر بىلەن نۇرغۇن سورۇنلاردا ‹‹مۇراياما پاراڭلىرى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تارىختىكى مەسىلىلىرىگە بولغان تونۇشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدىم. بۇ مەيدانىم ئۆزگەرمەيدۇ. ياپونىيە داۋاملىق تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. ياپونىيە تەرەپ ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ كۈچلۈك تەلىپىنى تونۇپ يەتكەن، ياپونىيە تەرەپ بۇ تونۇش ئاساسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل جاكارتادا تەكلىپكە بىنائەن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
2015-03-12 14:47:474517ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى تام كروس
2015-02-07 00:35:594431ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
2015-07-22 13:29:453522مەشھۇر گېنىرال سۇۋوروۋنىڭ جەڭ نۇتۇقى
2015-04-08 15:43:284485ئىنتىلىش توغرىسىدا ھېكمەتلەر
2015-02-05 11:24:234005ھېيتگاھ جامەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى
2015-03-05 22:53:244746ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى
2016-01-24 23:57:2113885ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:28:144109
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-