نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

ۋاقتى: 2015-03-12 ئاۋاتلىقى: 4742 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىستەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى، 
قەلەندەردەك كېزىپ يۈردۈم چېكىپ مىڭ بىر مۇشەققەتنى.
ۋە لېكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۇشبۇ ھەقىقەتنى،
تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىررى ھېكمەتنى،
ئىشت دىلبەر، بايان ئەيلەي ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى.

تۇغۇلغان كۈن مۆمىندىن، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل، 
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېشىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋا ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى.

يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت، 
بېغىمغا كۈز يېتىپ كەلدى، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت.
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم ___ ھەسرەت،
ئازابلايدۇ كېچەيۇ كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت،
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق-مالامەتنى.

ئانا يۇرتۇم بېرىپ ئاق سۈت، بېقىپ ئۆستۈردى مىڭ ئاسراپ، 
ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ.
بېرىپ تىل ھەم ئەقىل-ئىدراك، قاتارغا قوشتى يول باشلاپ،
قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر كۈنلەردە مىڭ-مىڭلاپ، 
نېچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانالىق مېھىر-شەپقەتنى.

باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ھەر سەھەر دەمدە، 
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىپ پەرزەنتى ئادەمدە؟
ۋەھالەنكى، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە، 
ھامان قاينامدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە، 
ئۆمۈرنى زايە قىلما سەن ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

خىيالىم دېڭىز تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناق،
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق،
ئۆمۈردۇر بىر كۈرەش، ھەرگىز ئەمەس ئۇ بىزگە ئاۋۇنچاق،
يولاتماي ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەررە غەپلەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسېرىك ھەر تۈن، 
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى، تارقىدى ئەپسۇن.
ھاياتىم گەرچە پۇشايمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان، مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىغا قوشۇلدى يۈز تۈمەن مەزمۇن،
شۈكۈركىم، قوغلىدى مەڭگۈ يورۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى.

تەپەككۇر كۆزىكە باقساڭ ئەگەر ئالەمگە بىركەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
چۈمۈلە تىنماي تاپۇر ئۆز ئەجرىدىن مەررە،
كىشىكىم بىلسە بۇ بەلكى خەزىنە سىرىدىن زەررە،
پىكىر قىل ھەم چۈشەن، ئۆگەن بۇ جانلىق سىررى ھېكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك، 
كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆزىنى خوپراق.
مىسال قارغۇ نېچۈك بىلدۇن قۇياش قانداقۇ ئاي قانداق،
بىلۇر، ئەمما گۆدەك ھەتتا نېچۈكتۇر گۈل، نېچۈك ياپراق،
دېمەككى، مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ پاراسەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم، بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق، سۇڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن.
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
يېشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،
غەنىيمەت بىل ئادەمزاتقا بىرەر تۆھپە ۋە خىزمەتنى.

جاھان باقىي ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇلدۇر جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

تۇغۇلغان ھەر بوۋاق يىغلاپ چۈشەرمىش يەرگە ئادەتتە،
ئەجەل كەلسدە يەنە يىغلاپ كېتەرمىش كىشى ھەسرەتتە.
ۋە لېكىن يىغلىماي كەتكەن كىشىلەر ھەر بار، ئەلۋەتتە،
كىش شەرمەندە قىلىپ ھەردەم ئۆلۈمنى جەڭگىۋار سەپتە،
نە يەڭلىغ بەخت ئىدى بىزگە، ئەگەر تاپساق شۇ پۇرسەتنى.

يېتىپ كۈز، سوغ شامال تەگكەچ، غازاڭ بولغان كەبى ياپراق،
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئاخىر بولۇرمىز بىر دۆۋە تۇپراق.
بۇ تۇپراقتا ئۈنەر بەزەن تىكەن ياكى خۇنۈك يانتاق،
ئېچىلغاي بەزىدە گۈللەر، چېچىپ خۇغ ئەترىنى ھەرياق،
دېمەك، ھەر كىم بېرۇر شەخسەن ئۆمۈرگە ئۆزى قىممەتنى.

كىشى قىسمەتنى بىلمەيدۇ سوراپ ھەتتا سۇھەيلىدىن،
تاپۇر ئىززەت ۋە يا كۈلپەت كۆڭۈلنىڭ زەۋقى مەيلىدىن.
نېمە تەرسە شۇنى ئالماق بولۇر ئۆز خۇيى-پەيلىدىن،
نە بولدى ھالى فىرئەۋننىڭ تەكەببۇرلۇق تۈپەيلىدىن،
ئۇرۇقنى تاللىماي چاچساڭ، تىكەن باسقاي  زىرائەتنى.

ئۆمۈر گويا ئېرۇر بىر شام، تۈگەر ئەلۋەتتە كۆيگەنچە،
ئاشار قەدرى لېكىن شۇنچە ئېرىپ جىسمى تۈگىگەنچە.
كۆرۈڭكى، ئاشىقى پەرۋان كۆيۈپ ئىشقىدا مىڭ-مىڭچە،
تەسەددۇق ئەيلىدى جاننى كېچە شام نۇرىغا شۇنچە،
ئۆمۈر مەنزىلىدە كاشكى، كىشى تاپسا شۇ قىسمەتنى.

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر، ئەمما،
ناماياندۇركى، قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
مۇخەممەس ئەلگە يەتكۈزسە ئۆمۈر چىنلىقىدىن مەنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنە تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

1981-يىلى ئاپرېل، ئۈرۈمچى
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى