مەرھۇم ئايالىغا ‹‹تاج ماھال›› ياسىغان بوۋاي
-
مەرھۇم ئايالىغا ‹‹تاج ماھال›› ياسىغان بوۋاي
ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 4432 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىندىستانلىق 80 ياشلىق بوۋاي مەرھۇم ئايالى ‹‹تاج ماھال›› ياسىدى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ ئۇتتار ئۆلكىسى كەسىر كالان كەنتىدە 80 ياشلىق فەيزۇل ھەسەن قۇۋادرى ئىسىملىك بىر بوۋاي ئۈچ يىل ۋاقىتتا ئۆز ئۆيىنىڭ كەينىدىكى گۈللۈككە كىچىك تىپتىكى ‹‹تاج ماھال مەقبەرىسى››نى ياساپ، مەرھۇم ئايالىنى خاتىرىلىگەن.بۇ بوۋاي بىلەن ئايالى تاجامۇلى 53 يىل ئۆي تۇتقان بولۇپ، 2012-يىلى كېكىردەك راكى بىلەن ۋاپات بولغانىكەن. ئۇ ئايالىغا بولغان مەڭگۈلۈك سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ‹‹تاج ماھال››نىڭ شەكلىدە قەبرە قوپۇرۇشقا ئىرادە قىلغان. ئۇنىڭ بالىلىرى بولمىغانلىقتىن، بارلىق تاپقان-تەرگىنىنى مۇشۇ ‹‹كىچىك تاج ماھال››نى ياساشقا سەرپ قىلغان. ھازىرغىچە، قۇۋادرى بۇ قەبرىنى ياساشقا 110 مىڭ فوندىسترلىڭ (تەخمىنەن 1 مىليون 70 مىڭ يۈەن) سەرپ قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ مەبلىغى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن، ‹‹كىچىك تاج ماھال›› پۈتكۈزۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن.ئۈچ يىللىق ‹‹قۇرۇلۇش›› قىلىش ئارقىلىق، قۇۋادرى ھازىر ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. قۇۋادرى مۇنداق دېگەن: دەسلەپتە مەن ئۆز يەرلىرىمنى 60 مىڭ فوندىستېرلىڭغا ساتتىم، ئايالىمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلىرىنى 150 مىڭ فوندىستېرلىڭغا ساتتىم، شۇ جايدىكى بىر تاشچى قەبرە ياساش جەھەتتە ماڭا ياردەم قىلىدىغان بولدى. ھازىر مەن ئابىدىنى مەرمەر تاشلار بىلەن نەقىشلەش ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدا گۈللەرنى ئۆستۈرۈشكە مۇھتاج. بۇ ئىككى تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا يەنە 70 مىڭ فوندىستېرلىڭ كېتىشى مۇمكىن.ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قۇۋادرى ئۇنى ئېتىزلىققا دەپنە قىلغان. ئارقىدىنلا ئايالىنىڭ قەبرىسىنىڭ ئەتراپىغا ‹‹كىچىك تاج ماھال››نى ياساشقا باشلىغان. قۇۋادرى ئىلگىرى تاشچى بولۇپ، قەبرىنىڭ قۇببىلىرىنى ئۆزى ياسىغان ھەمدە مەركىزىي قۇرۇلۇشنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تۆت تۈۋرۈكنى قوپۇرغان، ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز مېتىردىن ئاشىدىكەن.ئۇتتار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇۋادرىغا ياردەم قىلماقچى بولسىمۇ، قۇۋادرى ياردەمنى سىلىق رەت قىلغان. ئۇ بۇ مەقبەرىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسىماقچى بولغان. قۇۋادرى قۇرۇلۇشنىڭ يېرىمىنى تاماملاپ بولغاندا شۇ جايدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.قۇۋادرى ئۆزىنىڭ ئىنىسىغا ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىشىنى ئېيتقان.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىدائىي: نورۇزغا سۆز
2015-03-18 22:18:404341شىنجاڭدىن تېپىلغان كۇشان ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇللىرى
2015-02-11 18:43:405125خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بلات ئ
2015-06-03 10:24:593991پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى — شەبنەم
2016-02-08 13:23:235252ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
2015-05-11 17:32:554833نىدائىي: ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرى
2015-08-18 12:23:184126نىدائىي: ما يۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان خېتى
2015-08-24 13:23:584516ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتى
2015-02-11 17:57:383690
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-