ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتى
-
ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتى
ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 3637 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئابلىز مۇھەممەت سايرامىجام كۇرۇشكىغا ئوخشاش تۇتقۇچى بار قاچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تېرەك، سۆگەت، ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. جام شەكىل جەھەتتىن ئاياققا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ گىرۋىكى بولمايدۇ. ئۇزۇنچاق، تىك ھالەتتە بولىدۇ. جام ياساشتا ھۆل ھالەتتىكى توم ياغاچ 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلىپ، ئوتتۇرىدىن يېرىلىپ، يېرىلغان يۈزى كەكە بىلەن تەكشىلىنىپ، بۇرجەكلىرى يونۇلۇپ، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىيدام كەكىدە ئىچى ئازراق ئويۇپ كاۋاك ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكۈر تىغلىق قىرغۇ ئەسۋابى بىلەن جامنىڭ ئىچى تىك ھالەتتە ئويىلىدۇ.جام چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر خىل ھەجىم، بىر خىل شەكىلدە قىرىلىدۇ ۋە چىرايلىق نەقىش – گۈللەر چىقىرىلىپ، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇنى ياغلاپ، ھەل بېرىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن نەپىس بىر خىل سەنئەت بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ. يۇقىرى ھۈنەر – سەنئەت ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن ھەر خىل شەكىل – نۇسخا ۋە رەڭلەردىكى تۈرلۈك نەپىس جاملار بىر تەرەپتىن كۈندىلىك تۇرمۇشقا لازىملىق ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە تاۋار بۇيۇم ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېستېتىك قىممىتىگە ئىگە گۈزەل – سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.تارىخ – ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىم – تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى ئىپتىدائىي بوستانلىق ۋادىلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا ياغاچتىن ھەر خىل جاملارنى ياساپ ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. 1979 – يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3800 – 4000 يىل بۇرۇنقى ياغاچ جام قېزىۋېلىندى. 1985 – يىلى پىچان ناھىيەسىدىكى سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئىككى دانە ياغاچ جام تېپىلدى. 1987 – يىلى توقسۇن ناھىيەسىدىكى بوستان قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئىككى دانە ياغاچ جام تېپىلدى. 1986 – ۋە 1987 – يىللىرى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى چۇمپاق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تەخمىنەن 2600 – 2950 – يىللار ئىلگىرىكى دەۋرگە تەۋە بولغان بىر دانە بىر قۇلاقلىق ياغاچ جام تېپىلدى. 1996 – يىلى چەرچەن ناھىيەسىدىكى زاغۇنلۇق 2 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىن ئۈچ دانە ياغاچ جام تېپىلدى. دىيارىمىزدا ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلاردا تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا، جام قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان يېمەك – ئىچمەك جابدۇقلىرى ئاساسەن قۇمۇل بوستانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى، لوپنۇر رايونى، تارىم ۋادىسى، قەشقەر ۋە خوتەن بوستانلىقىدىن ئىبارەت ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق جايلاردىن تېپىلغان. مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدىكى دەۋرلەردە، جام قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش، تارقىلىش دائىرىسى خېلى كېڭەيگەن ۋە ياغاچچىلىق، قىرمىچىلىق تېخنىكىسى مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر فولكلور قاتلىمىدىكى جام ياساش ھۈنەر – سەنئىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تېخنىكا ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ھۈنەر. مەيلى ھازىر قىرىپ ياسىلىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن، ياكى قەدىمكى شەھەر – قەلىئە خارابىلىرى ۋە ئىپتىدائى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بۇنىڭدىن 2000 – 3000 يىللار ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە تەۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھەر خىل سىزىق، شەكىل، نەقىشلەر ئويۇلغان. جام قاتارلىق يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ قىرمىچىلىق سەنئىتىگە ئائىت تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى نەقىشلەر يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئېستېتىك قاراشلىرى، سەنئەت چۈشەنچىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم يىپ ئۇچى بولالايدۇ. جام قاتارلىق نەپىس ياغاچ قاچا – قۇچىلاردا ئەكس ئەتكەن گۈزەللىك، ئېستېتىك زوق بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسى. جام قاتارلىق نەپىس ياغاچ قاچا – قۇچا ياساش ھۈنەر – سەنئىتى يونۇش – ئويۇش ۋە قىرمىچىلىق ئۆز ئارا گىرەلەشكەن قول ھۈنەر – سەنئىتى بولۇپ، ھازىرقى كۈندە ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، تەبىئىي، ساپ، زىيانسىز مەھسۇلاتلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ھازىر كىشىلەر تەبىئىي، زىيانسىز مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان بولدى. شۇ سەۋەبتىن قەشقەر، خوتەن تەرەپلەردىكى ئۇيغۇر ئۇستىلارنىڭ ياغاچ قاچا – قۇچا ياساش سەنئىتى بارغانسېرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تېپىۋاتىدۇ. ياغاچ قاچا – قۇچا بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى شۇ تۈردىكى ئادەتتىكى فار – فۇر بۇيۇملارنىڭ باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولماقتا.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ما يۈننىڭ شياڭگاڭ ياشلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-08-31 16:34:324802ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ كىتاب ھەققىدە ئېيتقا
2015-02-09 17:27:333447داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (29)
2015-03-01 23:09:333511نىدائىي شاھرۇھخان ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ
2015-07-28 16:40:233899مۇھەممەد رەھىم: تىللىسا (شېئىر)
2015-02-04 21:23:104376دۇنيادىكى نادىر مىكروھېكايىلەر (1)
2015-02-05 17:12:533489پوۋېست: قارا يۈرەك - 5 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:19:374803داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (8)
2015-03-01 12:30:103444
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-