نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى — شەبنەم

پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى — شەبنەم

ۋاقتى: 2016-02-08 ئاۋاتلىقى: 3306 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى — شەبنەم


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى شەبنەم 1947 – يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بېنگالدا تۇغۇلغان، بېنگال مىللىتىدىن. ئەسلى ئىسمى جارنا باساك بولۇپ، شەبنەم ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن قوللانغان ئىسمى. ئۇ ئىلگىرى بېنگالنىڭ تىياتىر ۋە كىنو ئارتىسى بولۇپ، بىر نەچچە بېنگال تىلىدىكى فىلىمدە رول ئالىدۇ. پاكىستان كىنو ئارتىسى ۋاھىد مۇراد ئۆزىنىڭ بىر فىلىمىدە شەبنەمگە پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.
1962 - يىلى ئوردو تىلىدىكى فىلىم «ئاي»دا باش رول ئېلىپ، بىراقلا شۆھرەت قازىنىدۇ. بۇ فىلىم شۇ يىلى «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شەبنەم ئۆزىمۇ شۇ يىللىق «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە «پاكىستاندىكى ئەڭ زور بايقاش» دەپ تەرىپلىنىدۇ. 1960-يىللاردا ئۇ پاكىستاندىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئارتىس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يەنە كەسىپتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن بېنگالدىن كاراچىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ كاراچىغا بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەمدە پاكىستاندىكى كىنوچىلىق مۇنبىرىدىكى ئورنىغا مۇستەھكەم ئاساس سالىدۇ. ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پاكىستان كىنوچىلىقىدا ئىزچىل مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. ئۇنى دۇنيادىكى كىنو مۇنبىرىدە 30 يىلغا يېقىن ئۇدا ئۇتۇق قازانغان بىردىنبىر ئايال ئارتىس دېيىشكە بولىدۇ.
شەبنەم 1958-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە 180 دەك فىلىمدە رول ئېلىپ، مۇتلەق كۆپ فىلىمدە ئۇتۇق قازىنىدۇ. ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ مەشھۇر كىنو چولپىنى نادىم بىلەن بىرلىكتە رولغا چىققان بىر نەچچە فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئۇ باش رولغان «نامسىزلار»، «ئارىلىق» ناملىق ئىككى فىلىم 1984-يىلى ۋە 1985-يىلى دۆلەتلىك كىنو مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان. ئۇ 30 نەچچە يىلدا 13 قېتىم <<نىگار>> مۇكاپاتىغا، ئۈچ قېتىم <<پاكىستان دۆلەت مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكەن. ئۇ 1999-يىلى بېنگالدا ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم ___ <<قەدىرلىك ئانا>>دا رول ئالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر فىلىمى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ھازىر بېنگالنىڭ داككادا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى