ئۇيغۇرلارنىڭ يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىش ئادىتى
-
ئۇيغۇرلارنىڭ يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىش ئادىتى
ۋاقتى: 2015-03-14 ئاۋاتلىقى: 3750 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىش ئادىتى
مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن
ئۇيغۇرلاردا تۇنجى تويى بولغان قىزغا توي كۈنى يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىش ئادىتى بار. قىز ياتلىق بولۇشتىن بۇرۇن ئاتا – ئانىسىنىڭ ھامىيسىدە چوڭ بولغان بولسا، ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئېرى ۋە قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىنى كۈتىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز تۇنجى تويى بولغان قىزغا يەڭگە قوشۇپ، يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.يەڭگە قىلىپ تاللانغان ئايال قىز تەرەپ جەمەتى ئىچىدىكى ياشقا چوڭ، ئەخلاق – پەزىلەت، بىلىم – مەرتىۋە جەھەتتە باشقىلاردىن ئۈستىن تۇرىدىغان، ئائىلە ئىشلىرىغا پىششىق، ۋاپادار، كۆيۈمچان، پەرزەنت تەربىيەلەش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە، چوڭلارنى كۈتۈشنى بىلىدىغان، تۆشۈككە ماھىر ئابرۇيلۇق ئايال بولۇپ، قىز بىلەن بىرگە يىگىتنىڭ ئائىلىسىگە كېلىدۇ. يەڭگە توي كۈنى قىزغا ئەتىگەندە قايسى ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش، ئېرىنى، قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىنى قانداق كۈتۈش، قانداق سالام بېرىش، گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتتە قانداق بولۇش، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قانداق ئەپ ئۆتۈش، تائامنى قانداق تەييارلاش، داستىخاننى قانداق سېلىش، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەش، ئەرنىڭ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمىكىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، ئائىلىدە ئەدەپلىك، مەدەنىي، سەمىمىي، ۋاپادار، راستچىل، ئېغىر بېسىق، كەمتەر، مۇلايىم، ئەپۇچان بولۇش، ئائىلىگە كۆيۈنۈش،گەپ توشۇماسلىق،ئائىلە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، ئائىلە ئىشلىرىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالماسلىق، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالماسلىق... دېگەندەك ئىشلار توغرىسىدا قىزغا نەسىھەت قىلىدۇ،تۇرمۇشىغا بەخت تىلەپ، مۇستەقىل تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.يەڭگە قىزنىڭ يېڭى ئائىلىسىدە پەقەت بىر كېچە – كۈندۈز ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە يېڭى كېلىنغا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا تەپسىلىي تەربىيە، چۈشەنچە بېرىدۇ. قىز يېڭى ھۇجرىغا كىرگەننىڭ ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قىز ۋە يەڭگىنى يوقلاپ ئالاھىدە تائام تەييارلاپ قىزنىڭ ھۇجرىسىغا كېلىدۇ. بۇ، قىز – يىگىتنى ئەتىگەنلىك غىزالاندۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. تائام يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن يەڭگە قايتىپ كېتىدۇ. قىز شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى ئائىلە مۇھىتىدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا قەدەم قويىدۇ.يېڭى كېلىنگە نىسبەتەن يەڭگىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. يېڭى كېلىننىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇش – بولالماسلىقىدا يەڭگىنىڭ مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار. يەڭگە تەجرىبىلىك، بىلىملىك، تۇرمۇش تەجرىبىسىگە مول، گەپ – سۆزلىرى جايىدا بولسا، كېلىنمۇ يەڭگىنىڭ نەسىھەتلىرىگە، تەربىيەسىگە ياخشى ئەمەل قىلسا، كېلىننىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى بەختلىك ئۆتىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تويى بولغان قىزغا يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىش ئادىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، مەدەنىيەت قارىشى، ئىناقلىق – ئىتتىپاقلىق چۈشەنچىسى، بالا تەربىيەلەش، بەختلىك ئائىلە قۇرۇش، ئائىلىگە سادىق بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ئېڭى، ئۈمىدۋارلىق ئىشەنچىسى، ئائىلىگە بولغان مەسئۇليەت تۇيغۇسى قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئېڭى مۇجەسسەملەنگەن.مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)
2015-07-21 13:11:485057داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (23)
2015-03-01 22:52:423790مەشھۇر گېنىرال سۇۋوروۋنىڭ جەڭ نۇتۇقى
2015-04-08 15:43:284647توقسۇ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى
2015-02-11 18:47:494139جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كەمتەر سەككىز كارخانى
2016-07-25 18:33:331713ھىندونېزىيەدىكى چەكمە بەدەنلىك قەبىلە
2015-08-12 16:26:584173گۈزەل سايرام كۆلى بويلىرىغا نەزەر
2015-08-10 17:37:325034پۇتىننىڭ 2015-يىللىق پاراتتىكى نۇتۇقى
2015-11-04 19:07:5910255
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-