نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوبامانىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش نۇتۇقى

ئوبامانىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-12-11 ئاۋاتلىقى: 12202 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوبامانىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى نۇتۇقى

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 6-دېكابىر كەچتە ئاق سارايدىكى ئېللىپىسسىمان ئىشخانىسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا نۆۋەتتە تېررورىزمنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئاداققىچە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەسەبىي تەشكىلات ـــ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نى تەكتۆكۈس بىتچىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



ئوبامانىڭ نۇتۇقىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:


سالام كۆپچىلىك! چارشەنبە كۈنى 14 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى بايرامنى تەبرىكلەۋاتقاندا بەختكە قارشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق تەنلىكلەرمۇ، قارا تەنلىكلەرمۇ بار، لاتىن ئامېرىكىسى تەۋەلىكىدىكىلەر، ئاسىيا تەۋەلىكىدىكىلەرمۇ، كۆچمەنلەرمۇ، ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ بار، بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، بەزىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھاجىرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.
بۈگۈن كەچتە، مەن كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇ تىراگېدىيە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى تېررورىزمنىڭ تەھدىتى ۋە بىزنىڭ قانداق قىلغاندا دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە پىكىرلەشمەكچىمەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنىلا سان بېرناردىنو ۋەقەسىگە ئىسپات توپلاۋاتىدۇ، ئەمما تۆۋەندىكىلىرى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىزدۇر. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇلارنىڭ بىر خىزمەتدېشى ۋە ئايالى تەرىپىدىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، بىز ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى تېخى ئىسپاتلىمىدۇق ياكى ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك سۈيقەست پىلانلاۋاتقانلارنىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار تەلۋىلەرچە مۇدھىش يولغا قەدەم بېسىپ، ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەربنى ئۇرۇش قوزغاشقا قۇتراتماقچى بولدى. ئۇلار زور مىقدارىكى ھۇجۇم قوراللىرىنى، پارتلاتقۇچ دورا ۋە بومبىلارنى جۇغلىۋالدى.
شۇ ۋەجىدىن، بۇ بىر خىل بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان تېررورىزملىق قىلمىش. 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ھۇجۇم قوزغاپ، 3000 غا يېقىن ئامېرىكا پۇقراسىغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىزچىل ھالدا تېررورىزم بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا، بىز مۇداپىئەنى كۈچەيتتۇق، ئايرودروم، پۇل مۇئامىلە مەركىزىدىن تاكى مۇھىم قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگىچە مۇداپىئەنى كۈچەيتتۇق. ئاخبارات تارماقلىرى قانۇن ئىجرا تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يەرلىكنىڭ ۋە چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق سۈيقەستلىرىنى بىتچىت قىلىپ، كېچە-كۈندۈز بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداپ كەلدى.
بىزنىڭ ئارمىيەمىز بىلەن تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسلەر چەت ئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى تورىنى قەتئىي بوشاشماي ئىز قوغلاپ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پاناھ جايلىرىنى ۋەيران قىلىپ، بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە <<بازا>> تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى تىرىپىرەن قىلدى.
لېكىن شۇنداقتىمۇ، تېررورلۇق تەھدىتى ئۆتكەنكى نەچچە يىلدا يېڭى باسقۇچقا كىردى. بىزنىڭ <<11-سېنتەبىر>> ۋەقەسىگە ئوخشاش مۇرەككەپ، كۆپ قاتلاملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى بارغانسېرى ياخشى توسقانلىقىمىزدىن تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قوللانغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئىلگىرىكىدەك مۇرەككەپ تۇيۇلمايدىغان بولدى، بۇ بەئەينى جەمئىيىتىمىزدە دائىم بولۇپ تۇرىدىغان چوڭ كۆلەملىك ۋەقەلەرگە ئوخشايدۇ. بىز بۇ تۈردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى تولا كۆرۈپ كەتتۇق، مەسىلەن 2009-يىلىدىكى خۇدبېرگ ۋەقەسى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىكى چاتتانوگا ۋەقەسى، بۈگۈنكى كۈندىكى سان بېرناردىنو ۋەقەسى دېگەندەكلەر.
ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا، <<شام ئىسلام دۆلىتى>>گە ئوخشاش تەشكىلاتلار زورىيىپ باردى. ئىنتېرنېتنىڭ دۆلەتلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى كىچىكلىتىشى بىلەن بىز تېررورىزمنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق، بۇ خۇددى بوستوندىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى تۇغدۇرغۇچى، شۇنداقلا بېرناردىنو ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندەكلا ئىش.

يەتتە يىلدىن بۇيان، ھەركۈنى سەھەردىكى ئاخبارات قىسقا خەۋەرلىرىدە، مەن ئىزچىل ھالدا بۇ ھەقتىكى ئايىغى چىقماس تەھدىت خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ كەلدىم. مەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان ئاشۇ كۈندىن تارتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە چەت ئەل تېررورچىلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدىم. چۈنكى مەن ھەقىقىي تەھدىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن.


ئۈچ خىل ئارمىيەنىڭ قوماندانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتىم بار.
ئىككى قىزنىڭ ئاتىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇلارنى ھاياتىمدىكى قىممەتلىك بايلىقىم دەپ بىلىمەن. مەن بىزنىڭ بايرام، يىغىلىشلاردىكى دوستلار، خىزمەتداشلاردىن كۆرگەنلىرىمىز بىلەن سان بېرناردىنو ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىدىن كۆرگەنلىرىمىزنىڭ پەرقى يوقلۇقىنى بىلىمەن. پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ياشلاردىن بىز ئۆز بالىلىرىمىزنىڭ سېماسىنى كۆرەلەيمىز.
مەن مۇشۇنچىۋالا كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ دەماللىققا داۋالاشقا ئامالسىز قالغان راك كېسىلىگە دۇچار بولغانلىقىمىزدىن گۇمانسىرايدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن.
تۆۋەندە مەن سىلەرنى خەۋەردار قىلماقچىمەن. تېررورىزمنىڭ تەھدىتلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى مەغلۇب قىلالايمىز. بىز <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نى، شۇنداقلا بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان باشقا تەشكىلاتلارنىمۇ بىتچىت قىلىمىز. بىزنىڭ غەلىبىمىز ئۇلۇغ قۇرۇق گەپكە تايىنىش، قىممەت قارىشىمىزدىن ۋاز كېچىش ياكى تەھدىتكە باش ئېگىش ئەمەس. بۇ دەل <<شام ئىسلام دۆلىتى>>دەك تەشكىلاتلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىش. ئەكسىچە، بىز زورىيىش، ئەقىل-پاراسەت، قەتئىيلىك ۋە بوشاشماس روھىمىز بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەمەلىي كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىمىز.
قانداق قىلىمىز دېگەندە، ئالدى بىلەن ئارمىيەمىز ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ مۇقەررەر شۇنداق بولىدۇ. ئىراق بىلەن سۈرىيەدە <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ كاتتىباشلىرى، ئېغىر تىپتىكى قوراللار، نېفىت تىرانسپورت ماشىنىسى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايمىز.
پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇيان، بىز ئىتتىپاقداشلاردىن فىرانسىيە، گېرمانىيە شۇنداقلا ئەنگلىيەلەر بىلەن زىچ ئىتتىپاقلاشتۇق، ئۇلار ئارمىيەمىزنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاشنى تېزلەشتۈردى، ئۇلار بىزنىڭ <<شام ئىسلام دۆلىتى>>گە زەربە بېرىشنى زورايتىشىمىزغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.
ئىككىنچىدىن، بىز داۋاملىق ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ئارمىيەنى تەربىيەلەش ۋە قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە <<شام ئىسلام دۆلىتى>>گە زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇنۇش نۇقتىلىرىنى تازىلىشىنى قوللايمىز.
بىز ئىككى دۆلەتكە ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتىمىز. بىز پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنلا بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يەر يۈزى ھەرىكىتىدە داۋاملىق يېڭى ۋاسىتىلەرنى قوللاندۇق.
ئۈچىنچىدىن، بىز ئىتتىپاقداش دوستلار بىلەن <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نى چەكلەشنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۈيقەستىنى بىتچىت قىلىپ، بايلىق مەنبەلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوراللىق خادىملارنى ئەتراپىغا توپىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇيان، بىز ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دوستلار بىلەن ئاخباراتلاردىن ھەمبەھرلىنىشنى كۈچەيتتۇق، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىنى تاقىدۇق، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نىڭ تورلاردا بىدئەت تەشىۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇردۇق.
تۆتىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا جەمئىيەت كۈنتەرتىپ ۋە ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىشقا باشلاپ، سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىپ، كىرزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق.
بۇ سۈرىيە خەلقى ۋە ھەربىر دۆلەتنى، بىزنىڭ ئىتتىپاقداش دوستلىرىمىزنى، يەنە رۇسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ھەممىمىز بارلىق زېھنىمىزنى مۇجەسسەملەپ ئورتاق نىشانىمىز ___ <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نى بىتچىت قىلىمىز.
بۇ بىزنىڭ <<شام ئىسلام دۆلىتى>>نى بىتچىت قىلىشىمىزدىكى تاكتىكىمىز، بۇنى ئارمىيەمىزنىڭ كوماندىرلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسلىرى تۈزگەن بولۇپ، بىز 65 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقتۇق. بىز تاكتىكىمىزنى توختىماي سىناق قىلىۋاتىمىز ھەمدە ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، ۋەزىپىنى تاماملاشنى قارار قىلدۇق.

بۇ زادى نېمىشقا؟ مەن ئىلگىرى ئامېرىكا گوۋۇيۈەن ۋە دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىدىن سان بېرناردىنودىكى ئايال تېررورچى ئۇنسۇر دەسلەپتە بۇ دۆلەتكە كەلگەندە، ۋىزىسىنى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان. بۇ زادى نېمىشقا؟ مەن يۇقىرى تېخنىكا ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مۇناسىپ تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئادالەتنىڭ جازاسىغا تارتىشقا دەۋەت قىلدىم.


ھازىر، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە بىز ئورتاق تىرىشىپ، رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج. پالامېنت تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر: ئالدى بىلەن، ئۇچۇشنى چەكلەش تىزىملىكىدىكى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قورال سېتىۋالالمايدىغان ھالەتكە قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. زادى نېمە ۋەجىدىن تېررورچى ئۇنسۇرلار يېرىم ئاپتوماتىك قورال سېتىۋالالايدۇ؟ بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلە.
بىز يەنە كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھۇجۇم قىلغۇچى قوراللىرىنى سېتىۋالالمايدىغان بىر ھالەتكە مۇھتاج، بۇ خۇددى سان بېرناردىنو ۋەقەسىدىكى ئاشۇ ئەھۋاللارغا ئوخشايدۇ. مەن بەزىلەرنىڭ قورال بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى تەبىرلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۈنۈمى ھەرقانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ ئاخبارات ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلىرىمىز ھەربىرەيلەننىڭ يېنىدا قورال بارلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ، مەيلى شەخسى ھۇجۇم قىلسۇن، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ياكى باشقا بىر قىسىم يىرگىنچلىك ئاڭ شەكلى بولسۇن يەنىلا جەزملەشتۈرەلمەيدۇ.
بىز قىلالايدىغىنىمىزنى چوقۇم قىلىپ، كىشىلەرنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە پېتىنالمايدىغان قىلىۋېتىمىز.
ئاندىن، بىز ئاشۇ ۋىزىسىز ھالدا ئامېرىكىغا كەلگەن كىشىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىشىمىز كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ شۇم ھەرىكىتىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھازىر، بىز پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە بۇ خىزمەتنى ئىشلەۋاتىمىز.
ئاخىرىدا، ناۋادا پارلامېنت مېنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمنى ئېتىراپ قىلسا، بىزنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بىلەن جەڭ قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، ئۇنداقتا داۋاملىق قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدا بېلەت تاشلاپ، بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى تۇرايلى.
ئۆتكەنكى بىر يىلدا، مەن ئارمىيەگە بۇيرۇق قىلىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››گە نەچچە مىڭ قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدىم. ئامېرىكىلىق قېرىنداشلار، بۇ دەل بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، تېررروزمنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرىدىغان پەيتىمىز.
ھازىر مېنىڭ نېمىلەرنى قىلماسلىق ھەققىدە سۆزلىگۈم يوق. بىز يەنە بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، كۆپ بەدەل تۆلەيدىغان ئىراق ياكى سۈرىيە ئۇرۇشىدەك پاتقاققا پېتىپ قالماسلىقىمىز يوق، بىزنى پاتقاققا پاتقۇزۇپ قويۇش دەل ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ ئارزۇسى. ئۇلار جەڭ مەيدانىدا بىزنى مەغلۇب قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىز دۇچ كەلگەن ئىراقنىڭ توپىلاڭچى ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى. ئەمما ئۇلار بىلىدۇكى، ناۋادا بىز چەت ئەل زېمىنىنى ئىگىلىۋالساق، ئۇلار تېخىمۇ ئۇزاق جان باقالايدۇ، نەچچە مىڭلىغان ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، بىزنىڭ بايلىقلىرىمىزنى خورىتىپ، بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ يېڭى كىشىلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلالايدۇ.
بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تاكتىكىلار ئارقىلىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش، ئالاھىدە قىسىم، يەرلىك ئارمىيەلەر بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىش قاتارلىقلاردا بىز چوقۇم سىجىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى قايتىدىن كونترول قىلماقچى. بۇنىڭدا بىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئامېرىكىلىقلارنى چەت ئەللەرگە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتىپ، چەت ئەل زېمىنىدا ئارتۇقچە جەڭ قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئىشلارنى قىلساق بولمايدۇ. بىز بۇ مەيدان ئۇرۇشنى ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇۋالساق بولمايدۇ. مۇشۇنداق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش دەل ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ ئارزۇسى.


‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار توپىلاڭچىلار ۋە قاتىللار بولۇپ، ھالاكەتنىڭ بىر قىسىمى. ئۇلار پەقەت دۇنيادىكى سانسىزلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدىن ئىبارەت، خالاس. مۇسۇلمانلار ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ زەھەرخەندە ئىدىيەلىرىنى رەت قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپى مۇسۇلمانلار. ناۋادا بىز تېررورىزم ئۈستىدىن غالىب كەلسەكلا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدېشى سۈپىتىدە ئۇلارنى ھېچ ئىككىلەنمەيلا قوغلاپ چىقىرىمىز.
ئەمما بۇ بىزنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ بىر قىسىم مۇسۇلمان رايونلىرىدا تارقىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمايمىز. مۇسۇلمانلار چوقۇم شەرتسىز ھالدا بۇ رېئال مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان رەھبەرلەر داۋاملىق بىز بىلەن بىر يولدا بولۇپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ۋە ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ بىمەنە ۋە زەھەرخەندە ئىدىيەلىرىنى كەسكىن رەت قىلىشى كېرەك، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ مەيدانىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ، بۇلار ئىسلام دىنىدىكى كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قىممەت قارىشى بىلەن سىغىشالمايدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تازىلاش مەسئۇلىيىتى بار. بارلىق ئامېرىكىلىقلار، ھەربىر خىل ئېتىقاد كەمسىتىشكە قارشى تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئۇلار ئامېرىكىغا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ دىنىي سىنىقىنى رەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىزنىڭ ‹‹ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى كېرەك›› دەيدىغان تەكلىپنى رەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ناۋادا بىز بىر نىيەتتە، بىر يولدا بولساقلا ئۇلارنى مەغلۇب قىلالايمىز. بۇنىڭدىكى بىزنىڭ قىممەت قارىشمىزغا خائىنلىق قىلىدىغان بۆلگۈنچلىك قىلمىشلىرى بىزنى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››دىن ئىبارەت ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا تاشلاپ بېرىدۇ.
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار بىزنىڭ دوستىمىز، بىزنىڭ قوشنىمىز، بىزنىڭ خىزمەتتىكى ھەمراھىمىز، بىزنىڭ تەنتەربىيە قەھرىمانلىرىمىز. شۇنداق، ئۇلار بىزنىڭ يىگىت-قىزلىرىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشنى خالايدۇ. بىز بۇنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇزۇشىمىز كېرەك.
ئامېرىكىلىق قېرىنداشلىرىم، مەن بىزنىڭ بۇ بۇرچنى ئادا قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، چۈنكى بىز تارىخىي ئادالەت تەرەپتە تۇرماقتىمىز. بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، مەيلى كىم بولۇشىدىن، سىزنىڭ قەيەردىن كېلىشىڭىزدىن، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر تەڭرى ۋە قانۇن ھەممەيلەنگە تەڭ نەزەردە قارايدۇ. بۇ سىياسىي دەۋردە، كىشىلەر مەن ۋە كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭلارنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز نېمىنىڭ بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز ئۇنتۇمايلىكى، بىزنىڭ ئەركنلىكىمىز تەھدىتلەردىن يەنىلا كۈچلۈك. ئۇرۇش ياكى تۇرغۇن مەزگىللەر بولسۇن، تەبىئىي ئاپەتلەر ياكى تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بەرسۇن ھەممىمىز ھامان رىقابەتكە دۇچ كېلىمىز، ئۇلار بىزنى بەئەينى بىر مىللەتتەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ.
پەقەت بىز ئاشۇ خىل ئەنئەنىلەرگە سادىق بولساقلا، ئامېرىكا شەك-شۈبھىسىزكى غەلىبە قىلالايدۇ.

رەھمەت سىلەرگە، تەڭرىم سىلەرنى پاناھىدا ساقلىسۇن! تەڭرىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى پاناھىدا ساقلىسۇن!



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى