نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش››تىكى نۇتۇقى

ما يۈننىڭ ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش››تىكى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-12-02 ئاۋاتلىقى: 8633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش››تىكى نۇتۇقى

ما يۈننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش›› زىجىن ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
(شىنجاڭ ەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر، مۇخبىر)


تەرجىماندىن ئىلاۋە:
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹سۇنىڭ›› پاي كونترول گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش›› زىجىن ئۇچرىشىشى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن، داليەن ‹‹ۋەندا›› گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جيەنلىن، ‹‹بەيدۇ›› شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يەنخۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى ‹‹سۇنىڭ›› گۇرۇھىغا 28 مىليارد 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىپ، ‹‹سۇنىڭ››نىڭ 2-چوڭ پايچېكى بولۇپ قالدى.
ما يۈن نەق مەيداندا نۇتۇق سۆزلىگەن.

نۇتۇقتىن ئۈزۈندە: ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمىسا، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ھاياتى كۈچىمۇ بولمايدۇ، بىرلىكتە ھەمكارلاشقاندىلا ھاياتىي كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ناۋادا بىر ئەنئەنىۋى ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئايلىنىشنى خالىمىساق، چوقۇم تارىختىكى بۇرچىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز زۆرۈر.




نۇتۇق تولۇق تېكىستى:


بۈگۈن مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ھەم ھاياجانلاندىم، بۇ يەرگە كېلىپ بەئەينى بىر توي مۇراسىمىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر مەيدان قالتىس ‹‹توي مۇراسىمى.›› مەن بۈگۈننىڭ جۇڭگو سودا تارىخىدىكى تولىمۇ مۇھىم كۈن بولۇپ قالىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىرلىشىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
سۆھبەتلەشكەن ئىككى ئايدا، مەن جاڭ جىندۇڭ بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشتۈم. پۈتۈن سۆھبەتكە جاڭ باش دىرېكتور ئىككىمىز ھېچقانداق ئارىلاشمىدۇق، چۈنكى بىز ياشلارنىڭ قارارىنىڭ چوقۇم كەلگۈسىنى ئويلاپ چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ياشلار كەلگۈسىنى بىلىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز كەلگۈسىدىكى يېڭىچە سودا ئەندىزىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئەسلىدىنلا غايەت زور يېڭىلىق.
نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرقى ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ياخشى بولمايۋاتىدۇ، دېيىشسە، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ‹‹ئەلى بابا››نىڭ ئۆزىگە ئىش تېرىشى ياكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۆزىگە ئىش تېرىشى دېيىشمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ ھاياتى كۈچى تازا ياخشى ئەمەس. ئالدىنقى باسقۇچتا مەن گېرمانىيەدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق جان كەچۈرەلەيدىغانلىرىنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى، ئۈچ يىل جان كەچۈرەلەيدىغانلىرىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى ئېيتقانىدىم، گۇگېل، ئامازون، تېڭشۈندەك بىزمۇ بۇ يىللاردا ياشاپ كەلدۇق، ھەممەيلەن تولىمۇ چارچىدۇق، كەلگۈسىنى پەرەز قىلغىلى بولمىغانلىقتىن، ھەممەيلەن ئەندىشىگە چۈشكەنىدۇق. ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمىسا، ئىنتېرنېتنىڭمۇ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ، مېنىڭچە بىرلىكتە ھەمكارلاشقاندىلا ھاياتىي كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھەر قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىدا ئالدىنقى 20 يىلدا تېخنىكا جۇغلانغان، كەلگۈسىدىكى 30 يىلدىلا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىغان. مەيلى 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى، 2-قېتىملىق دېھقانچىلىق ئىنقىلابى بولسۇن، مەيلى بۇ قېتىمقى ئۇچۇر ۋە رەقەملىك ئىنقىلاب بولسۇن، ئىنتېرنېت 20 يىلنى ھالقىپ ئۆتتى، كەلگۈسىدىكى 30 يىل ھەقىقىي ئۈمىد ۋە پۇرسەت مەنزىلىدۇر. ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ پۇرسىتى كەلگۈسىدىكى 30 يىلدا سىزىقنىڭ ئاستىدا بولىدۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى كارخانىلار ياكى سىزىقنىڭ ئاستىدىكى كارخانىلار چوقۇم سىزىقنىڭ ئۈستىدە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى 30 يىلدا بىز چوقۇم بىرلىشىشىمىز كېرەك. ئىنتېرنېت ئىقتىسادى مەۋھۇم ئىقتىساد ئەمەس، ئىنتېرنېت ئىقتىسادى چوقۇم مەۋھۇملۇق بىلەن چىنلىقنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
كۆپچىلىك بۇلتۇردىن باشلاپ، ‹‹ئەلى بابا››نىڭ زور مىقدارىدىكى مەبلىغىنى سىزىقنىڭ ئاستىدىكى كارخانىلارغا سالغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بىز كەلگۈسىدىكى 20، 30 يىلدا ناۋادا ‹‹ئەلى بابا››دەك بۇنداق ئىنتېرنېت شىركەتلىرى سىزىقنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالمىسا، سىزىقنىڭ ئاستىدىكىلەر بىلەن ئەپ ئۆتمىسە، سىزىق ئاستىدىكىلەر بىلەن بىرلەشمىسە، كەلگۈسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس، ئاغدۇرمىچىلىق بىزنىڭ چىقىش نۇقتىمىز تېخىمۇ ئەمەس، پۈتۈن ئىقتىسادنى باشلاپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىنى يارىتالىساقلا، ئاندىن ئىنتېرنېت كارخانىسى بولالايمىز. مەن ئۆزۈم ۋە كوللېكتىپىم مۇنداق قارايمىز: ناۋادا ئىنتېرنېت كارخانىلىرى پەقەت ئۆزى پۇل تېپىشنىلا ئويلىسا، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەندىزىسىنىلا ئويلىشىپ، باشقا كەسىپلەرنىڭ تەسىرىنى ئويلاشمىسا، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرمىسە، بۇنداق ئىنتېرنېت شىركىتى ناھايىتى تېزلا ئەنئەنىۋى ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئىلگىرى ئىنتېرنېت دولقۇنى بەك ئەۋج ئالغان، ئەنئەنىۋى ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ماڭدامدا بىرى ئۇچراپ تۇراتتى. ناۋادا بىر ئەنئەنىۋى ئىنتېرنېت شىركىتى بولۇشنى ئۈمىد قىلمىساق، چوقۇم تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، بۇ تارىخىي بۇرچ دەل كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىش دېمەكتۇر، ئەنئەنىۋى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىش دېمەكتۇر. مەيلى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە، ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاتنىشىش ھەربىر كىشىگە نىسبەتەن بىر رىقابەتتۇر، ‹‹ئەلى بابا››دەك، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان بىز نۇرغۇن كونكرېت ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە بەرپا قىلىنىشىغا قاتناشقان بولساقمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىمىز ئانچە يۇقىرى بولمىدى. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقىمىز بىزنىڭ تىرىشمىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، يەنە بىزنىڭ تىرىششىشتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەكلىكىدىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ.


بۈگۈن كۆپچىلىك ‹‹ئىنتېرنېت +›› ھەققىدە كۆپرەك سۆزلىدى، ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت + ئەنئەنىۋى كارخانا، ئەنئەنىۋى كارخانىمۇ چوقۇم ئىنتېرنېتنى قوشۇشى زۆرۈر. بۇ دۇنيادا ھەقىقىي ئارقىدا قالغان كارخانا يوق، پەقەت ئەنئەنىۋى ئىدىيە، ئەنئەنىۋى تەپەككۇر، ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلا بار.
بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقتا بىز ئالدى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ خۇشال بولغىنىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز ئارقىلىق، سودىگەرلەرگە تېخىمۇ داغدام يول ھازىرلايمىز، سىزىقنىڭ ئۈستىدىكىلەرلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە سىزىقنىڭ ئاستىدىكىلەرمۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. كەلگۈسىدىكى كارخانىلار تىپتا بۇرۇلۇش ياساشتا، چوقۇم ئىستېمالچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىگىلىشى، كارخانىلار ئۆزلىرىنى كەلگۈسىدىكى ئىستېمالچىلارغا ماس كەلگۈدەك ئۆزگەرتىشى زۆرۈر.
ئىنتېرنېتنىڭ WWW سى، مېنىڭ چۈشەنچەمچە ئۈچ دانە win دېمەكتۇر. پەقەت ئىستېمالچىلار، سودىگەرلەر غەلىبە قىلسىلا، بىزمۇ غەلىبە قىلالايمىز. بىز غەلىبە قىلساق، يېڭى سۇپىسىمان تەشكىلات قۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىمىز، بۇ تەشكىلات سىزىقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكىلەرنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ، رەقەملەر بىلەن كەلگۈسىنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ، ئەمەلىي گەۋدە بىلەن رەقەملەرنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنى بەزىلەر بۇ رىقابەتمۇ ياكى ھەمكارلىقمۇ دېيىشمەكتە. مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، سودىنىڭ ماھىيىتى رىقابەت ئەمەس، رىقابەت پەقەت سودىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن، دۇنيا ئۈچۈن، بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە بارلىق ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار ئۈچۈن بىر ئوتاق تەرەققىيات سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سودىگەرلەر نەپكە ئېرىشسە، ئىستېمالچىلار رازى بولسا پۈتۈن سودا ئېكولوگىيە سىستېمىسى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، تېخىمۇ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.
ھەمكارلىقتا چوقۇم كەلگۈسىگە بولغان ئەندىزە ۋە كەلگۈسىگە بولغان دىت بولۇشى زۆرۈر. تارىختا ‹‹ئەلى بابا›› بىلەن ‹‹سۇنىڭ›› رىقابەتلىشىپمۇ باققان، رىقابەت دېگەن نورمال ئىش، رىقابەتلىشى ۋە ھەمكارلىق سودىدا كەم بولسا بولمايدىغنا بىر ھالقا، بەزىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا زەربە بېرىدۇ، دېيىشىدۇ، ئەمما بۈگۈن ئىنتېرنېت + ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن كۆپچىلىك شۇنى كۆرۈۋالالايدۇكى، پەقەت ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادلا بولىدىكەن، ھېچكىممۇ بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىدۇ، ئۆزئارا ماسلىشىدۇ، ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتىنى، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغاندىلا، كەلگۈسىدىكى يېڭىچە جۇڭگو سودا ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى بۇ ھەمكارلىق مەن جاڭ جىندۇڭ ئىككىيلەننىڭ قارارى ئەمەس، بەلكى ياشلارنىڭ قارارى، ياشلار كوللېكتىپىنىڭ قارارى، ياش ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈمىدى بىزنىڭ تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ ئۈمىدى دېمەكتۇر. پۈتۈن ئىنتېرنېت يېڭى ئىقتىسادىغا يەنە 30 يىل كېتىدۇ، بىز كەلگۈسىدە ئېھتىمال ئۈچ ئاي ئەمەس، بەلكى ئۈچ يىل، 30 يىللاپ تىرىشىشىمىز كېرەك. مەن تېخىمۇ ئەنئەنىۋى كارخانىلار، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك كارخانىلارنىڭ بىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەنئەنىۋى ئىقتىساد قۇرۇلۇشىغا، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ، گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى