نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى ئوغۇللارنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى

ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى ئوغۇللارنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى

ۋاقتى: 2016-01-08 ئاۋاتلىقى: 6278 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى ئوغۇللارنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى



خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ئۇزاق مەزگىل دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىخلاسمەن دىنىي دۆلەت بولۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىسلام قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئىخلاسمەنلىك، تەقۋادارلىقنىڭ سىرتىدا، بۇ دۆلەتتە كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر سىرلىق ئىش ـــ ‹‹ئوغۇللار ئويۇنى›› ساقلىنىپ كەلمەكتە. سىرتىدىن قارىغاندا، بۇ بىر خىل كىشىگە زىيان سالمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، ئوغۇللار قىزلارنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ چوڭلارغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان پەقەت 10 ياشلىق بالىلار ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان جىنسىي قۇل بولۇپ كەلگەن.

ئۆتكەنكى 15 يىلدا، نامراتلىق ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى بالىلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان. ‹‹ئوۋچىلار›› ناھايىتى ئاسانلا كوچىلاردا نامرات ئوغۇللارغا ئۇچراپ قالىدىكەن ھەمدە خىزمەت بېرىش ياكى تەربىيەلەش پۇرسىتى بېرىش ۋەدىسى بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدىكەن. ئەمما بۇ ۋەدىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولۇپ، ئەكسىچە ئۇلارنى مەشق قىلدۇرۇپ ئۇسسۇلچىلارغا ئايلاندۇرىدىكەن، ئۇلار قىزلار سىياقىدا ياسىنىپ، قوڭغۇراقلىق كىيىملەرنى كىيىپ، يۈزلىرىگە گىرىم قىلىپ، نومۇر ئورۇنلايدىكەن.

فوتوگراف بارات باتۇر نەچچە ئاي ۋاقىتتا ئۇسسۇلچى بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە ‹‹ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى بالىلار›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يىغىلىش ياكى ئۇسسۇل ئاياغلاشقاندا، ھەقىقىي قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىدىكەن. بۇ ئۇسسۇلچى بالىلار مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىنسىي خورلۇققا ئۇچرايدىكەن. بۇ ئۇسسۇلچى بالىلار نومۇر ئورۇنلاشتىن پۇل ئايرىۋېلىشقا ئامالسىز بولۇپ، بارلىق كىرىملەرنى خوجايىن باشقۇرىدىكەن، خوجايىن پەقەت ئۇلارنى يېمەكلىك ۋە كىيىم بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

2014-يىلى ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ‹‹ئۇسسۇلچى بالىلار›› ھادىسىسى نى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سوراييا سوبخراڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل ھادىسە ئىنتايىن شەرمەندە ھادىسە بولۇپ، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ بالا ئۇسسۇلچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى، بۇ ھەقتە پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ توي قىلغۇسى بولسىمۇ، بەك تەس، ئۇلارغا تېگىشنى خالايدىغان قىزلارمۇ چىقمايدۇ.›› ئافغانىستاندا، بالا ئۇسسۇلچىلار بايلىق ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان.

ئافغانىستاندا، ھەمجىنسلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەۋجۇت بولماقتا. ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئايان بولۇشىچە، بالا ئۇسسۇلچى ھادىسىسى ئافغانسىتاندا ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، سانىنى ئېلىشمۇ تەسكە توختايدىكەن. بۇ ئۇسسۇلچى بالىلار ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا مەھكۇم بولۇپ، دائىم زەھەر ۋە ئىسپىرتلار بىلەن ئۆزىنى بەزلەيدىكەن. بەزى ئۇسسۇلچى بالىلار ھەتتا ‹‹ئوۋچى››غا ئايلىنىپ، كوچىلاردا كېيىنكى ئۇسسۇلچى بالىلارنى قولغا چۈرۈش كويىدا بولىدىكەن.

ئەمما بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئافغانىستان ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن دىن تارماقلىرى تەدبىر قوللانماقتا. دەسلەپتە ئۇسسۇلچى بالىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ قانۇن بويىچە جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشنى باشلىغان.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى