نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

باي ناھىيەسىدىكى مىڭئۆيلەر

باي ناھىيەسىدىكى مىڭئۆيلەر

ۋاقتى: 2015-04-06 ئاۋاتلىقى: 4113 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بايدىكى مىڭئۆيلەر 

   قۇربان مولنىياز

    باي ناھىيەسى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە بولۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرى مول. مىڭئۆي ئەنە شۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئىچىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت نامايەندىلىرى. تارىختا بۇ زېمىندا ياشىغانلار ئىلاھقا تېۋىنىش ۋە ساۋاب تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مىڭئۆي ئىبادەتخانىلارنى ياسىغان.

    قىزىل مىڭئۆيى
    قىزىل مىڭئۆيىدىكى تام رەسىملىرى كۆسەن بۇددىزىم سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇپ، 1961 – يىلى 3 – ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلىنغان.
    تېتىر مىڭئۆيى
    تېتىر مىڭئۆيى باي ناھىيەسى قىزىل يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ھازىرغىچە نومۇر سېلىنغان غاردىن 18 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان غاردىن 11 ى بار.
    ئونباش مىڭئۆيى
    ئونباش مىڭئۆيى باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، نومۇر سېلىنغان غاردىن 25 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلانغىنى .14 ئونباش مىڭئۆيى 2006 – يىلى 5 – ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلىندى.
    ئاقتاش مىڭئۆيى
    ئاقتاش مىڭئۆيى باي ناھىيەسى قېيىر يېزىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، بۇ مىڭئۆيدە ئالتە غار بار. جەنۇبىي رايون ۋە شىمالىي رايون دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. 6 – نومۇرلۇق غار بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان.
    ساقاتقۇ مىڭئۆيى
    ساقاتقۇ مىڭئۆيى باي ناھىيەسى ياتۇر يېزىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئىككى غاردىن تەركىب تاپقان.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى