2016-يىلى خادىم قىسقارتىدىغان چوڭ شىركەتلەر
-
2016-يىلى خادىم قىسقارتىدىغان چوڭ شىركەتلەر
ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 3951 قېتىميانفوندا كۆرۈش
2016-يىلى چوڭ شىركەتلەرنىڭ خادىم قىسقارتىش دولقۇنى بولىدۇ
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
خادىم قىسقارتىش كىشىنى سەگەكلەشتۈرىدىغان سۆزمۇ؟ يېقىندا پۇل مۇئامىلە ئانالىزى تەتقىقات مەركىزىنىڭ كارخانا دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، نۇرغۇن كەسىپلەر، چوڭ كارخانىلارنىڭ ھەممىسىدە بىر مەيدان كارخانىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى ئازايتىدىغان خادىم قىسقارتىش ھەرىكىتى قوزغالغان.خادىم قىسقارتىش راستتىنلا بۇ كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزالامدۇ؟ ئۇنداقتا، ھازىر بىز چوڭ كارخانىلارنىڭ 2016-يىلى خادىم قىسقارتىش پىلانىغا نەزەر سېلىپ باقايلى!
شىۋېيتسارىيە بانكىسى
شىۋېيتسارىيە بانكىسى سيۇرىخ ئاپتوبۇس بېكىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ بانكىغا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئامانەت قويىدىغان بولۇپ، شەپقەتسىز خادىم قىسقارتىش دولقۇنىغا دۇچ كەلمەكتە. شىۋېيتسارىيە بانكىسى ھەرقايسى مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىدىن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2000 خادىمىنى قىسقارتماقچى بولغان.
مورگان چاس بانكىسى
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مورگان چاس گۇرۇھى شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بايلىق تەڭشەشنى باشلىغان. باش دىرېكتور، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدار دەيموننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مورگان چاس گۇرۇھىنىڭ ھەربىر شۆبە بانكىسى كەلگۈسى ئىككى يىلدا تەبىئىي خادىم قىسقارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىردىن خادىمنى قىسقارتىدىكەن. مورگان چاس گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى ئەڭ بانكا بولۇپ، 2016-يىلى 5000 خادىمىنى قىسقارتماقچى بولغان.
گلوبال فوندريېس شىركىتى
بەلكىم، كۆپچىلىككە بۇ شىركەت تازا تونۇش ئەمەستۇ. گلوبال فوندريېس شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پاي چەكلىك شىركىتى AMD شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىققان ئۆزەك پىلاستىنكا ئىشلەيدىغان ۋاكالەتچى شىركەت. گۇنتون مالىيە-ئىقتىسادى پۇل مۇئامىلە ئانالىزى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 2015-يىلىدىكى مىكرو كومپيۇتېر مەھسۇلات مىقدارى % 15 ئازايغانلىقتىن، كومپيۇتېرنىڭ ئازىيىشى 20 مىليون دانىغا يەتكەن. جۇڭگونىڭ كىرىستال ياپراقچە بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ كاساتلىشىشى گلوبال فوندريېس شىركىتىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان. مەھسۇلات مىقدارىغا بولغان تەلەپنىڭ ئازىيىشى بىلەن بۇ شىركەت نائىلاج 2016-يىلى خادىم قىسقارتىشنى ئويلاشقان.
سامسۇڭ گۇرۇھى
ئېلېكتروق ساھەسىدىكى چوڭ كارخانا سامسۇڭغا نىسبەتەن، بۇ ھەرگىزمۇ بىرىنچى قېتىملىق خادىم قىسقارتىش پىلانى ئەمەس. باش ئىشتابى بۇسان رايونىغا جايلاشقانلىقتىن كورىيە تاراتقۇلىرى سامسۇڭنىڭ باش ئىشابىدىن % 10 خادىمنى قىسقارتىپ، كارخانىنىڭ 2016-يىللىق تىجارەت تەننەرخنى كېمەيتمەكچى بولغان. سامسۇڭنىڭ بۇ قېتىمقى خادىم قىسقارتىدىغان ئاساسلىق تارماقلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت قاتارلىق تارماقلارغا مەركەزلەشكەن.
خېۋلېت-پاكارد شىركىتى
كارخانا مەڭگۈ ئۈنۈملۈك تىجارەتنى ئالدىغا قويىدۇ. خېۋلېت-پاكارد شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بۇ يىل 9-ئايدا شىركەتنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى سىجىل تەننەرخ رامكىسىنى ئۆزگەرتىپ، 2016-يىلى 25 مىڭدىن 30 مىڭغىچە خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەدبىر خېۋلېت-پاكارد شىركىتىنىڭ يىللىق 2 مىليارد 700 مىليون دوللار تەننەرخنى ئازايتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى.
سيېمېنس شىركىتى
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون شىركىتى بولۇپ، 2015-يىلى 2-ئايدا شىركەتنىڭ 1 مىليارد ياۋرو چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىن 800 خادىمنى قىسقارتماقچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، سيېمېنس شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى زور بولۇپ، ئۇلار شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پۈتۈن ئوتتۇرا قاتلامنى بىكار قىلىدىكەن.
چېۋرون ئاپتوموبىل شىركىتى
بۇ شىركەت دۇنيادىكى چوڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى. چېۋرون شىركىتى 2015-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان 3-پەسىللىك جەدۋىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى تازا خۇش قىلمايدۇ. چېۋرون شىركىتىنىڭ پايدىسى بىلەن دارامىتىنى ئالدىنقى بىر نەچچە پەسىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇدا چۈشۈپ ماڭغان. شىركەتنىڭ پۈتۈن يىللىق تىجارەت تەننەرخىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، چېۋرون شىركىتى 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە 6000 دىن 7000 غىچە خادىمنى قىسقارتىشنى قارار قىلغان.
ئاستون مارتىن شىركىتى
جامېس بوند رول ئالغان ‹‹007›› يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنى ھەممەيلەن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇ فىلىملەردىكى جامېس بوند ھەيدىگەن ماشىنا دەل چەكلىك مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ‹‹ئاستون مارتىن›› ماركىلىق ماشىنا.2007-يىلى، فورد شىركىتى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، ئاستون مارتىن شىركىتىنىڭ سېتىش نەتىجىسى تازا ياخشى بولمىغان. پايدىنىڭ تۆۋەن بولۇش ھالىتىگە قارىتا شىركەت نائىلاج 300 گە يېقىن خادىمنى قىسقارتقان.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى ‹‹ئەڭ››لەر
2015-05-01 17:28:404023دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:503827‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (3)
2015-07-22 10:52:044758كۇماراجىۋانىڭ مىس ھەيكىلى
2015-02-11 18:46:023486بىل گايتسنىڭ ستانفوردتىكى ئېسىل نۇتۇقى
2015-11-16 23:24:0112363بوۋىقىنى سېتىۋەتكەن ئىككى ئۇيغۇر قىزى
2015-03-05 12:06:063855ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى __ سانجاي دۇت
2016-07-15 13:27:153440بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
2016-02-07 18:01:316146
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-