نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (32)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (32)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3614 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 32)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى   
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي   
يەتتىنچى بۆلۈم سىلۋېرنىڭ ۋاسىتىسى    
بەشىنچى باب ئەرۋاھ
 
    بايا بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىنمىكىن دېڭىز قاراقچىلىرى بىردەم ئارام ئالماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاغ چوققىسىغا چىقىپلا ئولتۇرۇشتى.
    بىز تۇرغان يەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى كەڭ بولۇپ ئارالنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بۇلاتتى. تۆت ئەتراپتا بىرمۇ ئاھالە كۆرۈنمەيتتى، دېڭىز يۈزىدىمۇ كېمە يوق بولۇپ ئادەمگە تولىمۇ يېگانە تۇيغۇ بېرەتتى.
    سىلۋېر كومپاسنى چىقىرىپ يۆلىنىشنى ئۆلچەشكە باشلىدى.
    ـــ ئىسكىلىت ئارىلىدىن ئاۋۇ تەرەپتىكى تۈز سىزىققىچە ئۈچ تۈپ چوڭ دەرەخ بار ئىكەن، ـــ دېدى ئۇ، ـــ سىپىي-گىلاس تاغ باغرى چوقۇم ئاۋۇ پەس يەر شۇ. قارىغاندا بىز بايلىقلارنى ئاسانلا تاپقۇدەكمىز. ئالدى بىلەن بىر نەرسە يەۋالايلى.
    ـــ قورسىقىم ئاچمىدى، ـــ دېدى مورگان پەس ئاۋازدا، ـــ فلىنتنى ئويلىساملا مېنىڭ ھېچنېمە يېگۈم كەلمەيدۇ.
    ـــ شۇنداق، ياۋاش بالام، ئۇ ئۆلمىسە سېنى نەس باساتتى، ـــ دېدى سىلۋېر.
    ـــ ئۇ ئۆلگەندە يۈزى تۆمۈردەك كۆكىرىپ ئالۋاستىغىلا ئوخشاپ قالدى، ـــ دېدى بىر قاراقچى، ئۇ گەپ قىلىۋېتىپ سەسكىنىپ تىترەپ قويدى.
    ـــ ئۇ رۇم ھارىقىنى كۆپ ئىچكەنلىكىدىن بولغان، ئۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى چىرايى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قورقۇنۇچقا سالاتتى، ـــ دەپ گەپ قىستۇردى مېرري.
    ئۇلار سۆزلىگەنسېرى قورقۇپ ئاۋازى پەسلەپ ئورمانلىق ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىدى.
    تۇيۇقسىز، ئالدى تەرەپتىن ھېلقى تونۇش ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى، بىرى چىقىراق ھەم يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى:
    ئون بەش ئەزىمەت ئۆلۈكنىڭ ساندۇقىنى تالىشار،
    ھاي.... ھاي... ھاي... بىر بوتولكا رۇم ھارىقىنى تېز ئەكەل!
    بۇ ناخشا ئاۋازى دېڭىز قاراقچىلىرىنى قورقۇتۇپ روھىنى چىقىرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ چىرايى قارىداپ، بەزىلىرى سەكرەپ قوپتى، بەزىلىرى قورققىنىدىن يېنىدىكى ئادەمنى تۇتۇۋالدى، مورگان قورقۇپ يەردە يېتىۋالدى.
    ـــ فلىنتنىڭ ئاۋازى! ـــ دېدى مېرري تىترەڭگۈ ئاۋازدا.
    ئاۋاز قانداق پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تۇيۇقسىز غايىب بولدى. بۈگۈن ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولۇپ قۇياشمۇ پارلاپ تۇراتتى. بايىقى ئاۋاز تاغ جىلغىسىدا ئەكسسادا پەيدا قىلىپ لەرزان ئاڭلىناتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قورقىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيلا قالدىم.
    ـــ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىڭلار، ـــ دېدى سىلۋېر ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ. ئۇنىڭكالپۇكى بىنەپشە كۈلرەڭگە ئۆزگەرگەن ئىدى، ـــ قورقۇش ئەسقاتمايدۇ. بۇ ئىش سەل غەلىتە، مەن كىمنىڭ ئېيتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. بىراق، چوقۇم بىر ئادەم ئېيتقان. بەلكىم بەزىلەر بىزنى قورقۇتماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
    باشقىلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كەيپىياتى ئاستا تۇراقلاشتى. تۇيۇقسىز ھېلقىئاۋاز يەنە پەيدا بولدى. بۇ قېتىم ناخشا ئېيتماي ۋارقىراۋاتاتتى.
    ـــ داربى گراۋ!
    بۇ ئاۋاز بەئەينى ئالۋاستىلارنىڭ بەلگىسىدەك توختىماي ‹‹داربى گراۋ، داربى گراۋ، داربى گراۋ›› دەپ توۋلايتتى. ئاۋاز سەل كۈچىيىپ بىر ئېغىز سەت گەپ قىلغاندىن كېيىن داۋاملىق چاقىرغىلى تۇردى:
    ـــ داربى گراۋ بېرىپ رۇم ھارىقى ئەكەل!
    ئاۋاز تاغ قاپتاللىردا توختىماي ئەكس سادا قايتۇراتتى.
    دېڭىز قاراقچىلىرى جايىدا بەئەينى روھى چىقىپ كەتكەن مۇردىدەك كۆزلىرىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ مىت قىلماي ئولتۇرۇشاتتى. ھېلقى ئاۋاز غايىب بولۇپ خېلىئۇزاققىچە قېتىپ قالغان بۇتتەك قىمىرلىماي ئالدىغا قارىشىپ تۇرۇشتى.
    ـــ بۇنىڭغا يەنە نېمە گەپ كېتەتتى، بۇ دەل ئۇنىڭ ئاۋازى! ـــ دېدى بىر دېڭىز قاراقچىسى ئۆپكىسى ئاغزىغا كەپلەشكەن ھالدا، ـــ بىز دەرھال قايتىپ كېتەيلى!
    ـــ بۇ ھەقىقەتەن ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز گەپ، ـــ دېدى مورگان پەس ئاۋازدا.
    دىك بولسا ھېلقى يىرتىق ‹‹ئىنجىل››نى چىقىرىپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ دېڭىز قاراقچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى نەچچە كۈن كىتاب ئوقۇغان ئىدى.
    گەرچە سىلۋېرنىڭ چىشلىرى كاسىلداۋاتقان بولسىمۇ بەك قورقۇپ كەتمىگەندەكقىلاتتى.
    ـــ بۇرادەرلەر، ـــ دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، ـــ بىز بايلىق ئىزدىگىلى كەلگەن، ئادەم بولامدۇ ئەرۋاھ بولامدۇ مېنى قورقىتىمەن دەپ ئويلىمىسۇن. فلىنت ھايات بولسىمۇ مەن ئۇنىڭدىن قورقمايمەن. يېنىمىزدىلا 700 مىڭ فوندسىتىرلىڭ قىممىتىدىكى بايلىق كۆمۈلۈپ يېتىپتۇ. تەۋەككۈلچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئەجەبا بىر ھاراقكەشتىن، يەنە كېلىپ ئۆلگەن ئادەمدىن قورقامدىم!
    بۇ گەپ ئۇلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرمايلا قالماستىن ئىچىدىكى ۋەھىمىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.
    ـــ بولدى گەپ قىلما، سىلۋېر! ـــ دەپ توۋلىدى مېرري، ـــ فلىنتنىڭ ئەرۋاھىنىڭ چىشىغا تەگمەيلى.
    ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باشقىلار قورققىنىدىن گەپمۇ قىلالماي قالدى. ھەممىسى خۇددى سىلۋېردىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالماقچى بولغاندەك ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتى.
    سىلۋېر ئۇلاردىنمۇ بەكەرەك جىمىغۇر بولۇپ كەتتى.
    ـــ ئەرۋاھ؟ بەلكىم شۇنداقتۇ، ـــ دېدى ئۇ، ـــ ئەمما بۇ ئاۋاز ئەكس سادا پەيدا قىلىۋاتىدۇ، ئەرۋاھنىڭ كۆلەڭگىسى بولمىغان يەردە ئاۋازىنىڭمۇ ئەكس ساداسى بولمايدۇ. سىلەرچە توغرىمۇ؟
    مېنىڭچە بۇ سەل كۈلكىلىك ئىدى. ئەمما گىئورگى مېرري ئىشىنىپ قالغانىدى.
    ـــ سىلۋېرنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق، ـــ دېدى ئۇ، ـــ ئۇ ئاۋاز فلىنتنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئەمما تامامەن ئوخشىمايدۇ. باشقا كىشىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپتۇرۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ بەكەرەك...
    ـــ تېخىمۇ بەكرەك بىن گوئىننىڭ ئاۋازىغا ئوخشاۋاتىدۇ! ـــ دېدى سىلۋېر.
    ـــ شۇنداق، دەل شۇ، ـــ دېدى تېخىچە يەردە ياتقان مورگان تىزلانغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ـــ راست شۇنىڭ ئاۋازى!
    ـــ ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ، ـــ دېدى دىك، ـــ بېن گوئىنمۇ ئۆلدى.
    كۆپنى كۆرگەن دېڭىز قاراقچىلىرى كۈلۈشۈپ كەتتى.
    ـــ بېن گوئىندىن ھېچكىم قورقمايدۇ، ـــ دېدى مېرري، ـــ ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى بىلەن نېمە كارىمىز.
    دېسەك بەك غەلىتە. ئۇلار تۇيۇقسىز ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كەلدى. تاتارغان چىرايلىرىغا قان يۈگۈردى. قايتىدىن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكىلى تۇردى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇلار يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىدىن يولغا چىقتى. مېرري يولىنىڭ ھېلقى تۈز سىزىق بىلەن بىردەك بولۇشى ئۈچۈن سىلۋېردىن كومپاسىنى ئىلىپ ئالدىدا ماڭدى.
    دىك يەنىلا ‹‹ئىنجىل››نى سىقىمدىغىنىچە ئەتراپقا ئالاقلاپ قاراپ كېتىپ باراتتى.
    ـــ مەن نېمە دېگەنتىم، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ سەن ‹‹ئىنجىل››نى يىرتىۋەتتىڭ. ئەمدى ئۇ كارغا كەلمەيدۇ. ئەرۋاھمۇ ئۇنىڭدىن قورقمايدۇ، ـــ ئۇ گەپ ئارىلىقىدا قولىدىن قاس چىقىرىپ دىكنى مەڭسىتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويدى.
    دىك ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى. ئەسلىدىلا سېرىق قىزىتما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم، يەنە كېلىپ تىنچىق ئىسسىق ۋە ھېرىپ-چارچاش ھەم ئارقىدىن پەيدا بولغان بىر مەيدان ۋەھىمە تۈپەيلى ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ قەدىمىمۇ ئاستىلاپ كىتۋاتاتتى.
    بىز داۋاملىق ئالغا يۈرۈپ ھېلىقى بىر نەچچە تۈپ چوڭ دەرەخنى ئىزدەشكە باشلىدۇق ھەم ناھايىتى تېزلا بىرىنچى چوڭ دەرەخنى تاپتۇق. ئەمما يۆلىنىشنى ئۆلچەپ ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈردۇق. ئىككىنچى تۈپ دەرەخمۇ شۇنداق چىقتى. ئۈچىنچى تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 200 فوت ئەتراپىدا بولۇپ، قارامتۇل قىزغۇچ غۇلى كىچىك بىر ئۆيدەك كېلەتتى. بۇ دەرەخنى يۈرۈش بەلگىسىقىلىشقا تامامەن بۇلاتتى.
    بىراق، ئۇلار بۇ دەرەخكە پەقەت قىزىقمىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دەرەخنىڭ يېنىغا كۆمۈلگەن قىممىتى 700 مىڭ فوندسىتېرلىڭلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-جاۋاھىراتلار ئىدى.
    سىلۋېر ھاسىسى بىلەن دىڭگۇسلاپ ماڭاتتى، توختىماي بۇرنىنى تارتاتتى. ئۇ بېلىمگە باغلانغان ئارغامچىنى تارتىپ گاھىدا ماڭا بەتبەشىرە يۈزىنى بۇراپ زەھەرخەندىلىك بىلەن قاراپ قۇياتتى.
    مەن چۈشەندىم. بايلىقلار تېپىلىشقا ئاز قالدى، ئۇ ئەمدى ئۆزىنى پەردازلاپ ئولتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇ بايلىقلارنى تېپىۋالغاندىن كېيىن ‹‹گىسپانولا›› ناملىق كېمىنى ئىزدەيدۇ، ئاخىرىدا ياخشى ئادەملەرنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئاندىن كېمىنى ھەيدەپ ھەمراھلىرى بىلەن يىراقلارغا تىكىۋېتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن گۇمانقىلمايمەن.
    بۇلارنى ئويلىغان چېغىمدا قەدەملىرىم ئىختىيارسىز ئاستىلاپ كەتتى. سىلۋېر ئارغامچىنى كۈچەپ تارتىپ كۆزلىرىنى ماڭا ياۋۇزلۇق بىلەن تىكەتتى.
    دىك سەپنىڭ كەينىدە قالغان ئىدى، ئەمدى يېتىشىپ كەلدى. ئۇ بىرنەرسىلەرنى ئوقۇپ، بىردە دۇئا-تىلاۋەت قىلسا، بىردە نېمىلەرنىدۇ قارغايتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز ئەينى چاغدا بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق تراگېدىيەنى ئەسلەپ قالدىم. شۇ يىللىرى فلىنت ئۆزىنىڭ بىرنەچچە ھەمراھلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئەمەسمىدى؟ مەن ھازىر ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغاندەك بولۇۋاتاتتىم.
    ـــ بۇرادەرلەر، تېز بۇياققا كېلىڭلار، ـــ دەپ ۋارقىرىدى مېرري، ھەممە ئادەم يۈگۈرۈپ باردى.
    ئەمما ئۇلارنىڭ نەچچە قەدەم مېڭىپلا توختاپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. سىلۋېرھاسىسىغا تايىنىپ كۈچەپ ئالدىغا ماڭاتتى. تېزلا بىزمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردۇق.
    ئالدىمىزدا يوغان بىر ئازگال تۇراتتى. بۇ كونا بىر ئازگال بولۇپ تېگىدە ئوت چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەن ئىكەن. ئازگالدا يەنە بىر سېپى ئۈزۈلگەن جوتو، بىر نەچچە ساندۇقىنىڭ ئېغزى بار بولۇپ، ساندۇق ئاغزىغا ‹‹دېڭىز پىلى ناملىق كېمە›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. بۇ دەل فلىنت كاپىتاننىڭ كېمىسىنىڭ نامى ئىدى.
    قىممىتى 700 مىڭ فوندسىتېرلىڭلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-جاۋاھىراتلار كۆرۈنمەيتتى. ئېنىقكى، بىرسى بىزدىن بالدۇر كېلىپ بايلىقلارنىڭ ھەممىنى كولاپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى