پاكىستان شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتى
-
پاكىستان شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتى
ۋاقتى: 2015-05-19 ئاۋاتلىقى: 3806 قېتىميانفوندا كۆرۈش
پاكىستان شاھ فەيسال مەسچىتى
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستاننىڭ دۆلەتلىك مەسچىتى. بۇ مەسچىت پاكىستان، ھەتتا پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 6-چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. شاھ فەيسال مەسچىتى ئادەتتە فەيسال مەسچىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتى ئىسلامئاباد شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەرھۇم پادىشاھى فەيسال بىن ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ياردەم قىلىپ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن سېلىنغان، تۈركىيەلىك داڭلىق لايىھەلىگۈچى ۋېدات داروق لايىھەلىگەن، ئومۇمىي كۆلىمى 190 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، تۆت يەردىكى ئۇچلۇق مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 88 مېتىر، ئاساسىي نامازخانىسىنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ. بۇ مەسچىتنىڭ لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا داڭلىق مەسچىتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەسچىت ئالدىدىكى مەيداندا پاكىستاننىڭ مەرھۇم زۇڭتۇڭى مۇھەممەد زىيا ئۇلھەقنىڭ قەبرىسى بار. مەسچىت ئەتراپىدا تېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى (مەدرىسە، ئىلاھىيەت مەكتىپى) بار.شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتى پادىشاھنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەرھۇم پادىشاھىنىڭ ھەدىيەسى، داڭلىق لايىھەلىگۈچىنىڭ كاتتا ئەسىرى، ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى.بۇ مەسچىتنىڭ نامىدىنلا ئۇنىڭ پادىشاھنىڭ ھەدىيەسى ئىكەنلىكىنى ئاز-تولا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇ سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ مەرھۇم پادىشاھىنىڭ ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالدۇرۇپ، پاكىستان خەلقىگە ھەدىيە قىلغان كاتتا سوۋغىسى. بۇ كاتتا مەسچىتتە 1976-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1986-يىللىرى قۇرۇلۇش تاماملانغان، جەمئىي 130 مىليون رىياد مەبلەغ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە پادىشاھ فەيسال مەسچىت قۇرۇلۇش ئەمدىلا باشلىنىشىغا ۋاپات بولغان، شۇ ۋەجىدىن بۇ مەسچىت بۇ پادىشاھنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.ئەنئەنىۋى مەسچىتلەر ئادەتتە قۇببىسىمان سېلىناتتى، لېكىن فەيسال مەسچىتى قۇرۇلۇشىدا سەككىز بۇلۇڭ شەكلىدە سېلىنغان بولۇپ، قارىماققا قۇملۇقتىكى غايەت زور يەلكەنگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ سىرتىغا ئاق مەرمەرتاش ئىشلىتىلگەن، ئىچىگە موزايكا بېزىكى ئىشلىتىلگەن. نامازخانىنىڭ ئىچىدە يوغان بىر تۈۋرۈك ئورنىتىلغان بولۇپ، تۆت تەرەپتىكى ئەزان مۇنارىنى تارتىپ ۋە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ لايىھەلىگۈچىسى تۈركىيەلىك مەشھۇر لايىھەلىگۈچى ۋېدات داروق لايىھەلىگەن بولۇپ، ئۇ شۇ يىلى ئۇ زامانىۋىلىق، قەدىمىي ئىسلام ۋە تۈركىيە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى لايىھەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارالىق مەسچىت قۇرۇلۇشى لايىھەسى مۇسابىقىسىدە بىراقلا نام چىقارغان. بۇ مەسچىتنى ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادچانلىقىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.شاھ فەيسال چوڭ مەسچىتىنىڭ چوڭ نامازخانىسىدا بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ، مەسچتىنىڭ ئالدى، ئىككى تەرىپىدىكى ئايۋان ۋە ھويلىسىدا يەنە 10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ. ئادەملەر كۆپەيگەن چاغلاردا، مەسچىتنىڭ ئەتراپىلىرىدىكى مەيدانلارمۇ ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇنغا ئايلىنىدۇ.بۇ مەسچىت نامازخانا، ئەزان مۇنارى، ھويلا ئىچى مەيدانى، ئايۋان، ئىشخانا بىناسى، ياتاق ۋە مۇنچا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. چوڭ نامازخانا ئارتىلىش دەرىجىسى يۇقىرى تۈۋرۈكسىز چېدىرسىمان قۇرۇلمىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، پولات چىۋىق، سېمونت بىلەن قۇيۇپ چىقىرىلغان. ئۈستى ۋە تۆت تامدا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشاپمۇ قالىدۇ. ئەگمە شەكىلنىڭ قۇببىسىمان ئۆگزىسىنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىرغا يېتىدۇ، مەركىزىگە ئۈچ توننا ئېغىرلىقتىكى بىر يۈرۈش ئاسما چىراغ ئورنىتىلغان بولۇپ، يۈزگە يېقىن ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن نەيچىلەردىن تەركىب تاپقان، بۇ نەيچىلەرنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن چىراغ بار بولۇپ، تولىمۇ نەپىس ۋە پارلاق كۆرۈنىدۇ.نامازخانىنىڭ تۆت تەرىپى سېممېتىرىك ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، كىشىگە ئېنىق سېممېتىرىك تۇيغۇ بېرىدۇ. نامازخانىنىڭ جەنۇب شىمال، شەرقىدە ئۈچ يەردە ئىشىل ئېچىلغان، يەر يۈزىگە گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان. ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيالىغاندىن سىرت يەنە، 1000 دىن كىشى سىغىدىغان ئاياللار نامازخانىسى تەسىس قىلىنغان. نامازخانىنىڭ تۆت تەرىپىدىكى ئەزان مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 90 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، مۇنارنىڭ ئۇچىغا كۈمۈش رەڭ ھىلال ئاي ئورنىتىلغان.پۈتۈن مەسچىت ھويلىسى تىك تۆت تەرەپ شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرىغا چاسا شەكىللىك فونتان سېلىنغان، يەر يۈزىگە ئاق مەرمەر ياتقۇزۇلغان، جەنۇب، شىمال، شىمال، شەرق ئۈچ تەرىپىدە كەڭ كەتكەن ئايۋان ۋە ئىشخانىلار بار. نامازخانىدا مەيدان ۋە ئايۋاننى قوشقاندا جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ. بۇ مەسچىت پاكىستاننىڭ ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەن ئاق رەڭلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، نۆۋەتتە ‹‹مۇسۇلمانلار دۆلىتى›› پايتەختىنىڭ ئاساسلىق سىمۋولىغا ئايلاندى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر ن
2016-07-15 13:26:291321قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
2015-11-27 02:13:214602گوللاندىيەلىك مەشھۇر رەسسام ۋان گوكنىڭ رەسىم ئەس
2016-04-05 18:23:371977ما يۈن: 11 خىل كىشىگە ياردەم بەرمەسلىك كېرەك
2015-03-05 12:23:233914ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى ـــ جاۋ بېنشەن
2015-02-27 15:33:373814ساقلاپ قويغۇدەك 100 جۈملە سۆز (1)
2015-02-09 17:33:563618قاغىلىقتىكى شېھىتيار قەدىمىي شەھەر خارابىسى
2015-07-26 00:28:394485ئايال قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟
2015-08-13 17:45:445433
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-