ساچېر خانىم ئىشلەتكەن بۇيۇملار كىم ئارتۇق قىلىنىشقا باشلىدى
-
ساچېر خانىم ئىشلەتكەن بۇيۇملار كىم ئارتۇق قىلىنىشقا باشلىدى
ۋاقتى: 2015-12-04 ئاۋاتلىقى: 3514 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ساچېر خانىم ئىشلەتكەن بۇيۇملار كىم ئارتۇق قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىدى
ساچېر خانىم 1998-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رىگان بىلەن تانسا ئوينىغاندا كىيگەن كۆڭلەك، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 1500 فوندستېرلىڭدىن 2500 فوندستېرلىڭغىچە.
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 4-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹‹تۆمۈر خوتۇن›› دەپ نام ئالغان ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچېر خانىمنىڭ ئىلگىرى ئىشلەتكەن تۈرلۈك بۇيۇملىرى 3-دېكابىردىن باشلاپ توردا رەسمىي كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، جەمئىي 200 دەك بۇيۇم ئاشكارا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن. بۇ بۇيۇملار ساچېر خانىم ئىلگىرى ئىشلەتكەن كىيىم، كىتاب، ئۈنچە-مەرۋايىت، مىلاد بايرىمىلىق تەبرىك كارتىسى، ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە بىر مەيدان ئەنئەنىۋى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. Christie كىم ئارتۇق شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مەيدان كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىكى بارلىق بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي باھاسى تەخمىنەن 500 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىدىكەن، يەنە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇيۇملارنىڭ باھاسى بۇ ساندىن خېلى بەك ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئەمدىلا باشلىنىشىغا، توردا جىددىي سېتىۋېلىش باشلانغان بولۇپ، قىممىتى 180 مىڭ فوندستېرلىڭلىق ئالماس يېشىل تاش زەنجىردىن تارتىپ، 150 فوندستېرلىڭلىق ئاياغقىچە بولغان بۇيۇملارنى تورداشلار بەس-بەستە باھا قويغان.بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالقىشلانغىنى ساچېر خانىم كىيگەن كىيىملەر بولغان. خۇددى ساچېر خانىمنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى پوۋېلنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تىزىملىكىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئېيتقاندەك: ‹‹كىيىم ساچېر خانىمىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ مەخپىيىتى›› ئىدى.ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: ساچېر خانىم كىيىمگە ئامراق بولۇپ، تۈرلۈك كىيىملەرنى تاللاپ كىيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.12-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنە ساچېر خانىم ئىلگىرى ئىشلەتكەن قىممەتلىك ئەستىلىك بۇيۇملار ئەنئەنىۋى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىلىدىغان بولۇپ، تەپسىلىي تىزىملىك شۇ كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەلگەككە سېلىنمىغان ھەجۋى رەسىملەر
2015-04-29 18:07:554566پوۋېست: قارا يۈرەك - 1 (داۋامى بار)
2015-03-02 13:05:324057داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (8)
2015-03-01 12:30:103429شەھەردىكى تۆگىنىڭ بايانى
2015-02-04 15:24:034657ئاپپارات كۆزىدىن ‹‹ئىككى يىغىن››غا نەزەر
2015-03-06 11:27:364062موناللىزانىڭ تەبەسسۇمى
2015-04-27 17:50:163660داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (28)
2015-03-01 23:07:263771جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ 22 يىللىق مۇساپىسى
2016-03-31 19:06:311517
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-