نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (28)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (28)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3808 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ــ 28)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 
يەتتىنچى بۆلۈم، سىلۋېرنىڭ ۋاستىسى    
 بىرىنچى باب، تۇتقۇنغا ئايلىنىش
 
    مەشئەل ئۆي ئىچىنى يۇپيورۇق قىلىۋەتتى. مەن ئاخىرى ئۆي ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى ئۇچۇق كۆردۈم. ئۆي ئىچىدىكى بىراندى، چوشقا گۆشى ۋە قۇرۇتۇلغان بولكىلار ئۆز جايىدا تۇراتتى. ئەمما ھەمراھلىرىمنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئېھتىمال ئۇلارنىڭ ھەممىسى تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە بولمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ ئۆكۈندۈم.
    ئۆيدە ئالتە نەپەر دېڭىز قاراقچىسى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەشى ئۆرە تۇراتتى. يەنە بىرى بىلىكى بىلەن يەرنى تىرەپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بېشى بىنت بىلەن تېڭىلغان بولۇپ قان داغلىرى بار ئىدى. بۇ چوقۇم تۈنۈگۈنكى جەڭدە قېچىپ كەتكەن ھىلقى قاراقچى.
    شاتوت سىلۋېرنىڭ مۈرىسىگە قونغىنىچە تۇمشۇقى بىلەن پەيلىرىنى چوقۇۋاتاتتى. سىلۋېرنىڭ چىرايى بەكرەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، ناھايىتى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
    ـــ ئەسلى كىچىك جىمكەنغۇ، ـــ دېدى ئۇ، ـــ قارشى ئالىمىز، سەن دېگەن كەمدىن-كەم كېلىدىغان مېھمان، كەلگىنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
    ئۇ بىراندى قاچىلانغان بىر تۇڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى–دە، غاڭزىسىنى چىقىرىپ تاماكا قاچىلاشقا باشلىدى.
    ـــ دىك، مەشئەلنى ئەكەل، ـــ دېدى ئۇ، ئاندىن مەشئەل بىلەن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ بولۇپ گېپىنى داۋام قىلدى، ـــ بولدى، مەشئەلنى ئوتۇن دۆۋىسىگە سانجىپ قوي، ھەممىڭلار ئولتۇرۇڭلار.
    سىلۋېر ئاخىرىدا ماڭا بۇرۇلۇپ دېدى:
    ـــ جىم، سەن ئاخىرى كەلدىڭ. سېنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەن چاغدىلا ئەقىللىق بالا ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن ئىدىم. ئېيتە، بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟
    مەن جاۋاب بەرمىدىم. پەقەتلا قورقۇمسىزلارچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇردۇم. قەلبىم غەزەپ-نەپرەت ۋە ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان ئىدى.
    ئۇ غاڭزىسىنى بىر نەچچىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن دېدى:
    ـــ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنسەن، مەن ساڭا راست گەپنى قىلاي. سەن ئەقىللىق، قاملاشقان بالا، مېنىڭ ياش ۋاقتىمغا بەك ئوخشايسەن. مەن سېنىڭ بىزگە قېتىلىشىڭنى ئويلاپ يۈرەتتىم. بايلىقلارنى تاپقاندىن كېيىن بىللە باي-باياشات ياشايمىز. مەن سىمولېتنىڭ ياخشى كاپىتان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئۇ بەك يامانكەن. نېمىلا دېسە ‹‹ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇش›› دېگەندەك گەپنىلا قىلىپ يۈرىدىكەن. مانا ئەمدى سەن ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپسەن. ھېلقى دوختۇرمۇ قاتتىق ئاچچىقلاپ سېنى قۇلاق كەستى لۈكچەككەن دېدى. ئۇلار ھازىر سېنى كېرەك قىلمايدۇ. مەن قارىسام، ئەمدى ئۇ يەرگە بارمىساڭمۇ بولىدۇ. سەن بىزگە قوشۇل، بىرلىكتە ئىشلەيلى.
    ئۇنىڭ گېپىدىن مەن دوستلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتلىقىنى بىلىۋالدىم. بۇ مېنى چەكسىز خۇشال قىلىۋەتتى.
    ـــ سەن قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلىشىڭ كېرەك، جىم، سەن قولىمىزغا چۈشتۈڭ، ـــ دېدى سىلۋېر گېپىنى داۋام قىلىپ، ـــ مەن قائىدە سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، ئەزەلدىن باشقىلارنى مەجبۇرلىمايمەن. مۇبادە سەن بىز بىلەن ئىشلىسەڭ ھازىرلا بىزگە قوشۇل. ئۇنداق قىلغۇڭ بولمىسا ماڭا دە، مەن سېنى زورلىمايمەن. ماڭا ئىشىنىشىڭ كېرەك، بۇ دۇنيادا بەلكىم مېنىڭدىنمۇ ئادىل ئادەم بولماسلىقى مۇمكىن. دېگىنە، زادى قانداق قىلماقچىسەن؟
    ـــ مەن ھازىرلا جاۋاب بېرىشىم كېرەكمۇ؟ ـــ دەپ سورىدىم مەن تىترەڭگۈ ئاۋازدا. ئەزرائىلنىڭ يېقىنلىشۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يۈرىكىم سېلىشقا باشلىدى.
    ـــ ياق، ھېچكىم سېنى مەجبۇرلىمايدۇ. سەن بىز بىلەن بىرگە بولساڭ خۇشال ئۆتىدىغانلىقىڭنى بىلىپ قالىسەن. بىراق، سەن ياخشى ئويلىنىشىڭ كېرەك، ـــ دېدى سىلۋېر.
    مەن ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنى بېسۋىلىپ ئالدى بىلەن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش خىيالىغا كەلدىم.
    ـــ سىلەر مېنىڭ قوشۇلۇشۇمنى ئويلىغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ يەرگە قانداق كەلگەنلىكىڭلارنى ھەم دوستلىرىمنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشىڭلار كېرەكقۇ دەيمەن؟ ـــ دېدىم مەن ئېغىز ئېچىپ.
    ـــ سەن بۇ يەردە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچىمۇ؟ بۇنى بىزمۇ بىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، ـــ دېدى بىر دېڭىز قاراقچىسى.
    ـــ شۇم ئاغزىڭنى يۇم، ـــ دېدى سىلۋېر ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ، ئاندىن ماڭا قاراپ مۇلايىملىق بىلەن دېدى، ـــ تۈنۈگۈن ئەتىگەن دوختۇر لىۋېس ئاق بايراق كۆتۈرۈپ بىزنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇ، كاپىتان سىلۋېر، سېنىڭ قول ئاستىڭدىكىلەر ئاسىيلىق قىلىپ كېمىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتتى، دېدى. مەن ئەينى چاغدا ھاراقكەشلىك قىلىپ ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. بىز يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىساق كېمە راستىنىلا يوقكەن، ھەممىمىز قارىغۇ بولۇپ قاپتىمىز. ئارقىدىن دوختۇر بىز بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولدى. ئاخىرىدا بىز دوختۇر بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن بىخەتەر ئايرىلىشىغا، ئۆيدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، بىراندى، يەنە سىلەر تەييارلاپ قويغان ئوتۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى بىزگە قالدۇرۇشىنى كېلىشتۇق. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىگە كەلسەك بىزمۇ ھېچنېمە بىلمەيمىز.
    ئۇ تاماكىسىنى بەخىرامان شوراپ قويغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى:
    ـــ شۇنداقلا، بىز سۆھبەتتە سېنى تىلغا ئالدۇق. ئەينى چاغدا دوختۇر جەمئىي تۆت ئادەمنىڭ كېتىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، جىمنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، سەن ئۈچۈن پاراكەندە بولۇپ چارچاپ قالغانلىقىنى، سېنى ئويلىسىلا ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى دېدى.
    ـــ ئۇنداقتا ھازىر قارار چىقىرىدىغان ۋاقتىم كېلىپ قاپتۇ، شۇنداقمۇ؟ ـــ دەپ سورىدىم مەن.
    ـــ شۇنداق، ھازىرلا بىر قارارغا كەل، ـــ دېدى سىلۋېر.
    ـــ ئۇنداقتا بوپتۇ، ـــ دېدىم مەن جىددىيلىشىپ، ـــ مېنى قانداقلا قىلساڭلار مەيلى. ئەمما بىر نەچچە ئىشنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي. ئالدى بىلەن، سىلەر بايلىقنى تاپالمايلا قالماستىن يەنە بىر نەچچە ئادىمىڭلار ئۆلدى، ئادەمدىنمۇ، بايلىقتىنمۇ قۇرۇق قالدىڭلار. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسىلەر؟ چۈنكى ئەينى چاغدا مەن ئالما توڭىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ خاندس ئىككىڭلارنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ قالدىم ھەم كاپىتانغا مەلۇم قىلدىم. كېمىنى مەن كەتكۈزۋەتكەن. مەن كېمە ئارقىنىنى كېسىپ تاشلاپ كېمىدە قالغان ئادىمىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. ئاندىن كېمىنى ئادەم تاپالمايدىغان يەرگە ھەيدەپ ئاپاردىم. مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، قانداقلا قىلساڭ ئىختىيارىڭ. ئەمدى سىلەرمۇ قارار چىقارساڭلار بولىدۇ: بىر بولسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالىسىلەر ياكى بولمىسا مېنى قويۇۋېتىسىلەر، بۇنىڭ بەدىلىگە كەلگۈسى سوتتا مەن سىلەر ئۈچۈن بىرنەچچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويىمەن.
    مەن بىر تىنىۋېلىپ سۆزۈمنى داۋام قىلدىم:
    ـــ ناۋادا مەن ئۆلسەم سىلۋېر ئەپەندىم، مېنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىمنى دوختۇرغا يەتكۈزۈپ قويغىن.
    ـــ خاتىرجەم بول، ئۇنتۇپ قالمايمەن، ـــ دېدى سىلۋېر. ئۇ، بۇ گەپنى قىلغاندا تەلەپپۇزىدىن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايتتى. ئۇ سۆزۈمدىن تەسىرلەندىمۇ ياكى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ بىلەلمىدىم.
    ـــ يەنە بار، ئاۋۇ كۈنى ئۇ قارا ئىتنى تونۇپ قالدى، ـــ دېدى بىر قاراقچى سەكرەپ تۇرۇپ.
    مەن ئۇنى تونۇدۇم. ئۇ شۇ كۈنى قاۋاقخانىدا قارا ئىت بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان مورگان ئىدى.
    ـــ يەنە بۇ شاكىچىك بېل بوئىنسىنىڭ قولىدىن خەرىتىنى ئوغرىلاپ كەتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىدۇق! ـــ دېدى سىلۋېر داۋاملىق.
    ـــ ئەمىسە ئۇنى بوغۇزلىۋېتەيلى، ـــ دېدى مورگان پىچىقىنى چىقىرىپ زەھەرخەندىلىك بىلەن.
    ـــ توختا! ـــ دەپ ۋارقىرىدى سىلۋېر غەزەپ بىلەن، ـــ تام مورگان، ساڭا تېخى بۇيرۇق چۈشۈرۈش نۆۋىتى كەلمىدى. كىمنىڭ كاپىتان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما. 30 يىلدىن بۇيان مېنىڭ بىلەن چىقىشالمىغان كىشىلەر ياخشى ئاقىۋەت كۆرمىگەن. قانداق مورگان، ئىشەنمەمسەن؟
    مورگان ئۈندىمىدى، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىنتايىن نارازى بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
    ـــ مورگاننىڭ دېگىنى توغرا، ـــ دېدى بىرى.
    ـــ مەن جاق تويدۇم، يەنە ساڭا ئەگەشسەك ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق، ـــ دېدى يەنە بىرى.
    ـــ سىلەر توپىلاڭ كۆتۈرمەكچىمۇ؟ ـــ دېدى سىلۋېر ھۆكىرەپ، ـــ گېپىڭ بولسا قىل، توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولساڭ ئورنۇڭدىن تۇر. تەۋەككۈلچى بولغان ئىكەنمىز بۇ يولنىڭ قائىدىسىنى بىلىش كېرەك. قايسىڭ بويسۇنمىساڭ پىچىقىڭنى چىقار، كىمنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
    ھېچكىم قىمىرلىمىدى، گەپمۇ قىلمىدى.
    ـــ ھالىڭغا قارا، ـــ دېدى ئۇ غاڭزىسىنى ئاچچىق چىشلەپ، ـــ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىساڭلار دېگىنىمنى ئاڭلاش! مېنى سىلەر كاپىتان قىلىپ سايلىغان. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ مېنىڭ سىلەردىن دانا ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ. مەن بۇ بالىغا ناھايىتى ئامراق، ئۇ سىلەردەك قورقۇنچاق ئەمەس. قېنى قايسىڭ ئۇنىڭغا چېقىلىسەن؟
    ئۆينىڭ ئىچىنى جىمجىتلىق باستى. مەن تامغا يۆلىنىپ تۇراتتىم. يۈرىكىم قەپىسىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقاتتى. ئازراق ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلدىم. سىلۋېرمۇ تامغا يۆلەنگىنىچە تاماكىسىنى چىشلەپ گەپ قىلماي قول ئاستىدىكى كارغا كەلمەس خۇمپەرلەرگە قاراپ تۇراتتى. باشقا دېڭىز قاراقچىلىرى ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا تىقىلىشىپ توختىماي كۇسۇرلىشىۋاتاتتى. گاھىدا بىزگە قاراپ قوياتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ قاراۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى سىلۋېر ئىدى.
    ـــ سىلەرنىڭ قانداق گېپىڭلار بار؟ ـــ دېدى سىلۋېر بىرنى تۈكۈرۈۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ـــ گەپ بولسا ھازىرلا قىل، بولمىسا ئاغزىڭنى يۇمۇش.
    تۇرقىدىن بەتبەشىرىلىك چىقىپ تۇرىدىغان، كۆز قارىچۇقى سارغىيىپ كەتكەن بىر دېڭىز قاراقچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى:
    ـــ ھەممىمىزنىڭ ساڭا پىكرى بار، چۈنكى سەن قائىدىمىزنى كۆزگە ئىلمىدىڭ. ئەمما بىز يەنىلا سېنى كاپىتان دەپ بىلىمىز. سەن بېكىتكەن قائىدە بويىچە كېمە خادىملىرى يىغىلىپ سۆزلەشسە بولىدۇ. بىز سىرتقا چىقىپ سۆزلىشىپ كىرىشنى ئويلاۋاتىمىز. سەن قارشى تۇرمايسەنغۇ دەيمەن؟
    ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ سىلۋېرغا قاراپ ماتروسلار سالىمى بەرگەندىن كېيىن ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    ـــ توغرا، بىز قائىدە بويىچە ئىش قىلىۋاتىمىز، ـــ دېدى يەنە بىر ماتروس.
    ـــ بىز ياخشىراق مەسلىھەتلىشىۋالايلى، ـــ دېدى مورگانمۇ.
    ئارقىدىنلا قالغانلارمۇ سېرىق كۆزگە ئوخشاش سىلۋېرغا ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
    ئەمدى ئۆيدە سىلۋېر ئىككىمىزلا قالدۇق. ئۇ غاڭزىسىنى ئېغىزىدىن ئېلىۋېتىپ ئېيتتى:
    ـــ سەن ھەممىنى كۆردۈڭ، ناۋادا مەن سېنى قوغدىمىسام ئۇلار سېنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتى. شۇنداقلا ئۇلار سېنىڭ ئاسان ئۆلۈشىڭنى خالىمايدۇ، بەلكى سېنى خېلى ئۇزۇنغىچە قىينايدۇ. ئەسلى سېنى قۇتقۇزغۇم يوق ئىدى. ئەمما بايىقى گەپلىرىڭ مېنى تەسىرلەندۈردى. مېنىڭچە سەن ئىشىنىشكە بولىدىغان ئادەم ئىكەنسەن. ھازىر ئۇلار مېنى ئۆرۈۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەھۋالىممۇ ياخشى ئەمەس. بايلىقلارنى ئىزدەشتىن ئۈمىد قالمىغاندەك قىلىدۇ. كەلگۈسىدە تېخى مويتۇڭزىغا (كاللا كېسەر سۇپا ـــ ت) ھۆكۈم قىلىنىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بۈگۈن مەن سېنى قۇتقۇزۇپ قالسام سەن سوتتا ماڭا گۇۋاھچى بولۇپ، مەن ئۈچۈن بىر نەچچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويالامسەن؟
    ـــ بۇ گەپچە سەن ئوتتۇرغىنىڭغا تەن بەردىڭمۇ؟ ـــ دەپ سورىدىم مەن.
    ـــ شۇنداق، مەن ھازىر تامامەن يېڭىلدىم. كېمىمۇ يوق بولدى، بايلىقلارنىمۇ تاپالمىدۇق. بۇ ئادەملەرگىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ. مەن چوقۇم سېنى قوغداپ قالىمەن. سەن پەقەت سوتتا مەن ئۈچۈن ياخشى گەپ قىلىپ، مەن قېرىنىڭ بېشىنى ساقلاپ قالساڭلا بولىدۇ، ـــ دېدى ئۇ.
    ئۆز قۇلىقىمغا سەل ئىشەنمەي قالدىم. دېڭىز قاراقچىلىرى كاتتىبېشىنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى كىمنىڭ خىيالىغا كېلەتتى.
    ـــ مۇبادا راستىنىلا شۇنداق بولسا كەلگۈسىدە مەن ساڭا گۇۋاھچى بولۇپ قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن، ـــ دېدىم مەن.
    سىلۋېر بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولغاندەك قىلاتتى.
    ـــ ئۇنداقتا بەك ياخشى، ھەرنېمە بولسا قۇتۇلدۇم، ـــ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ يېقىنلىشىپ، ـــ سېنىڭ كېمىنى قانداق ھەيدىگەنلىكىڭنى بىلمىسەممۇ بىخەتەر جايغا يوشۇرۇپ قويغانلىقىڭنى بىلىمەن. مەن خاندس بىلەن ئوبرايىننىڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنتىم. سېنىڭدىن كېمىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىمايمەن، پەقەت يېڭىلگەنلىكىمىنى بىلىمەن.
    ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ ھاراق توڭىدىن ئازراق بىراندى قويۇپ ئىچىشكە باشلىدى. بىر نەچچە يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن سورىدى:
    ـــ جىم، سېنىڭدىن سورايدىغان بىر ئىش بار ئىدى، سەن بىلەمسەن، دوختۇر نېمە ئۈچۈن بايلىق يوشۇرۇنغان جاينىڭ خەرىتىسىنى ماڭا بېرىدۇ؟
    مەن تەئەججۈپلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم. مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا ئۇ يەنە ئېغىز ئاچتى:
    ـــ ئۇ راستتىنىلا خەرىتىنى ماڭا بەردى، ئۇنىڭ نېمە مەقسىتى بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىشمۇ بىلەلمىدىم.
    ئۇ ھاراقنى خېلى كۆپ ئوتلىغاندىن كېيىن قانداقتۇر بىر بالا-قازانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بېشىنى چايقىدى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى