نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ سۈرەتلىرى

چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ سۈرەتلىرى

ۋاقتى: 2015-07-28 ئاۋاتلىقى: 4204 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇكرائىنادىكى چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ پرىپيات ئىلگىرى گۈللەنگەن بىر شەھەر ئىدى، چېرنوبېل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن بۇ شەھەر تاشلىنىپ كېتىپ، بۈگۈنكىدەك ئالۋاستى شەھىرىگە ئايلىنىپ قالغان. دوختۇرخانىلار چۆللىشىپ كەتكەن، تاشلاندۇق ئۆيلەرنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئەينەك، ئائىلە سايمانلىرى، شۇنداقلا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە چېچىلىپ تۇرىدىكەن.
   پرىپيات شەھىرى بىلەن ئۇكرائىنادىكى 1-چوڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ـــ چېرنوبېل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئارىلىقى پەقەت ئۈچ كىلومېتىرلا كېلىدۇ، نۇرغۇن ئالىملار، ئىشچىلار ۋە ھەربىي خادىملار بۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى يادرو ۋەقەسىدىن كېيىن، پرىپيات چەكلەنگەن رايونغا ئايلىنىپ قالغان. ۋېينادىن كەلگەن 35 ياشلىق فوتوگراف رولاند ۋىلانت بۇ يۇقىرى رادىياتسىيەلىك چەكلەنگەن رايونغا باتۇرلارچە كىرىپ نۇرغۇن سۈرەتكە تارتقان. ۋىلانت بەش يىل بۇرۇن بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن، بۈگۈنگىچە ئۇ بۇ يەرگە يەتتە قېتىم كېلىپ، 42 كۈن تۇرغان.
   ۋىلانت تارتقان سۈرەتلەردە يادرو ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى پرىپيات شەھىرىنىڭ نۇرغۇن يىللار تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىنكى مەنزىرىلىرى نامايان بولغان. پرىپيات شەھىرىگە نەرسە ئېلىپ كىرىشكە ياكى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى رادىياتسىيە بۇلغىنىشى تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. 

   يادرو ۋەقەسى بېرىپ يەتتە ئايدىن كېيىن، بۇ يەردە زور كۆلەملىك تازىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 500 مىڭ كىشىنى يادرو بۇلغىنىشىدىن ساقلىماقچى بولغان. ئەمما پەقەت ئىككى ھەپتىدىن كېيىنلا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇشلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغان. ئۇكرائىنا، رۇسىيە، شۇنداقلا بېلورۇسىيە يادرو رادىياتسىيە بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئاڭ ئېغىر ئۇچرىغان، بۇنىڭ تەسىرى ھەتتا ياۋروپاغىچە كېڭەيگەن. 

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى