چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ سۈرەتلىرى
-
چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ سۈرەتلىرى
ۋاقتى: 2015-07-28 ئاۋاتلىقى: 4204 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۇكرائىنادىكى چېرنوبېل چەكلەنگەن رايونىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ پرىپيات ئىلگىرى گۈللەنگەن بىر شەھەر ئىدى، چېرنوبېل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن بۇ شەھەر تاشلىنىپ كېتىپ، بۈگۈنكىدەك ئالۋاستى شەھىرىگە ئايلىنىپ قالغان. دوختۇرخانىلار چۆللىشىپ كەتكەن، تاشلاندۇق ئۆيلەرنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئەينەك، ئائىلە سايمانلىرى، شۇنداقلا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە چېچىلىپ تۇرىدىكەن.پرىپيات شەھىرى بىلەن ئۇكرائىنادىكى 1-چوڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ـــ چېرنوبېل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئارىلىقى پەقەت ئۈچ كىلومېتىرلا كېلىدۇ، نۇرغۇن ئالىملار، ئىشچىلار ۋە ھەربىي خادىملار بۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى يادرو ۋەقەسىدىن كېيىن، پرىپيات چەكلەنگەن رايونغا ئايلىنىپ قالغان. ۋېينادىن كەلگەن 35 ياشلىق فوتوگراف رولاند ۋىلانت بۇ يۇقىرى رادىياتسىيەلىك چەكلەنگەن رايونغا باتۇرلارچە كىرىپ نۇرغۇن سۈرەتكە تارتقان. ۋىلانت بەش يىل بۇرۇن بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن، بۈگۈنگىچە ئۇ بۇ يەرگە يەتتە قېتىم كېلىپ، 42 كۈن تۇرغان.ۋىلانت تارتقان سۈرەتلەردە يادرو ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى پرىپيات شەھىرىنىڭ نۇرغۇن يىللار تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىنكى مەنزىرىلىرى نامايان بولغان. پرىپيات شەھىرىگە نەرسە ئېلىپ كىرىشكە ياكى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى رادىياتسىيە بۇلغىنىشى تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.يادرو ۋەقەسى بېرىپ يەتتە ئايدىن كېيىن، بۇ يەردە زور كۆلەملىك تازىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 500 مىڭ كىشىنى يادرو بۇلغىنىشىدىن ساقلىماقچى بولغان. ئەمما پەقەت ئىككى ھەپتىدىن كېيىنلا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇشلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغان. ئۇكرائىنا، رۇسىيە، شۇنداقلا بېلورۇسىيە يادرو رادىياتسىيە بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئاڭ ئېغىر ئۇچرىغان، بۇنىڭ تەسىرى ھەتتا ياۋروپاغىچە كېڭەيگەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر
2015-04-04 21:55:373982داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (14)
2015-03-01 22:27:483550دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (1)
2015-02-05 17:30:434259تىل ئىنكاسىنى كۆندۈرۈش مەشىقىلىرى
2015-02-05 21:23:004523داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (12)
2015-03-01 21:08:414050دۇنيادىكى ئەقىل بۆلۈنمىسى 350 تىن يۇقىرى 10 مەشھ
2016-03-14 01:52:284185ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى
2015-03-05 17:36:283778فېليەتۇن: رەھبەرنىڭ مونولوگى
2015-03-02 12:43:523361
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-