نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (1)

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (1)

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 4259 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (1)

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «100 كىتاب»نىڭ تىزىملىكى:
1. ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئوتوپىيە لايىھەسى — ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق كىتابى
2. ئېكىسپلاتاتسىيە سىنىپى سىياسەتشۇناسلىق سىستېمىسىنىڭ باشلىنىشى — ئارىستوتىلنىڭ «سىياسەتشۇناسلىق» ناملىق كىتابى
3. ھىندىستاننىڭ قەدىمكى قانۇنىغا دائىر بىباھا ۋەسىقە — «مەنۇ قانۇنى» ناملىق كىتابى
4. ئىلاھىيەتشۇناسلىقتىن مۇستەسنا سىياسەتشۇناسلىق ـــ ماكياۋېللىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل شاھ» ناملىق كىتابى
5. ‹‹بىلىم — كۈچ›› — بېكوننىڭ ‹‹يېڭى قورال›› ناملىق كىتابى
6. بىزنىڭ بىردىنبىر ئىنتىلىش نىشانىمىز ‹‹ھەقىقەتكە ئىنتىلىش›› — پوئىنكارېنىڭ «ئىلىم-پەننىڭ قىممىتى» ناملىق كىتابى
7. پادىشاھلىق ھوقۇقنى تەڭرى ئاتا قىلغان دېگەن تەلىماتنى تەنقىدلەپ، دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىمات بەرپا قىلىش — لوكنىڭ «ھۆكۈمەت توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
8.  ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش تەلىماتى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ — مونتىسكيۇنىڭ «قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
9. بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ نەزەرىيەۋى پىروگراممىسى — روسسونىڭ «ئىجتىمائىي ئەھدىنامە» ناملىق كىتابى
10. ‹‹مېنىڭ ھەق-تەلەپ قانۇنۇم مەڭگۈ مەۋجۇد›› — «ناپالېئون قانۇنى» ناملىق كىتابى
11. ‹‹ئۇرۇش — سىياسىينىڭ داۋامىدۇر›› — كىلاۋسېۋېتىزنىڭ «ئۇرۇش نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابى
12. ئامېرىكا دېموكراتىيەسى تەتقىق قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەر — توكۋىلنىڭ «ئامېرىكا دېموكراتىيەسى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
13. ياپونىيە كاپىتالىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆككە كۆتۈرىدىغان مەشھۇر ئەسەر — فوكوساۋا يوكسىنىڭ «مەدەنىيلىك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات» ناملىق كىتابى
14. غەرب ئەللىرىدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئائىت نوپۇزلۇق دەستۇر — «ئوپېنخېي خەلقئارا قانۇنى» ناملىق كىتابى
15. دېڭىز تەۋەسىنى قولغا كەلتۈرۈش قىبلىنامىسى — ماخاننىڭ «دېڭىزدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ناملىق كىتابى
16. ناتسىسزمنىڭ خىتابنامىسى — ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابى
17. غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى تۇنجى ئابىدە — ھېرودوتنىڭ «تارىخ» ناملىق كىتابى
18. غەرب كىلاسسىك تارىخشۇناسلىقىدىكى ئۆرنەك — توكيدېسنىڭ «پېلوپېننىس ئۇرۇشى تارىخى» ناملىق كىتابى
19. غەرب ئەللىرى تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەتىۋارلىق ماتېرىيال — سېنوفوننىڭ «ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى» ناملىق كىتابى
20. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى — تاسىتۇنىڭ «يىلنامە» ناملىق كىتابى
21. غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى ‹‹باشتىن-ئاخىر سىستېمىلىق خاتىرىلەپ مېڭىش ئۇسلۇبى››نىڭ ئىجاد قىلىنىشى — ئاپپىيانۇسنىڭ «رىم تارىخى» ناملىق كىتابى
22. ئادەملەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان كىتاب — ماركوپولونىڭ «ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابى
23. يېقىنقى زامان تارىخ پەلسەپىسى ئۈچۈن ئاساس سالغان — ۋېيكونىڭ «يېڭى پەن» ناملىق كىتابى
24. تارىخىي چىنلىققا ئەڭ يېقىن بولغان تەسىرلىك ئەسەر — مىگېنتنىڭ «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى» ناملىق كىتابى
25. دىن ئىسلاھاتىنىڭ ئەينىكى—  رەنكېنىڭ «پاپا تارىخى» ناملىق كىتابى
26. لېنىن، سىتالىنلارنى زىيارەت قىلغان ئەنگلىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەر — ۋېللىسنىڭ «دۇنيا تارىخى تېزىسى» ناملىق كىتابى
27. ‹‹مەدەنىيەت فورماتسىيەسىچە تارىخ قارىشى››غا ئاساس سالغان زور ھەجىملىك ئەسەر ـــ تويىنبېنىڭ «تارىخ تەتقىقاتى» ناملىق كىتابى
28. غەرب پەلسەپەسىنىڭ ‹‹ئىنجىلى›› ـــ ئارىستوتىلنىڭ «مېتافىزىكا» ناملىق كىتابى
29. قەدىمكى ئاتوم نەزەرىيەسىنىڭ قىممەتلىك مەنبەسى — لوكرىتئوسنىڭ «ماددا خاراكتېرى تەلىماتى» ناملىق كىتابى
30. ‹‹ئىدراك يېتىپ كەلگەن كۈنى سىلەر غال-غال تىتىرەيسىلەر!›› — ۋولتېرنىڭ «پەلسەپە لۇغىتى» ناملىق كىتابى
31. يېقىنقى زامان تەجرىبىچىلىكىنىڭ لوگىكىلىق خاتىمىسى — خۇمېنىڭ «ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابى
32. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايرىقى — دىدېرونىڭ «قامۇس» ناملىق كىتابى
33. ئەزەلىيەت پەلسەپەسىنىڭ ئاددىي تېزىسى — كانتنىڭ «كەلگۈسى مېتافىزىكا مۇقەددىمىسى» ناملىق كىتابى
34. ئىنسانىيەت روھىغا سەپەر — گېگېلنىڭ «روھ فېنومېنولوگىيەسى» ناملىق كىتابى
35. ‹‹دۇنيا كەم-كۈتسىز تەسەۋۋۇر ۋە ئىرادىدۇر›› ـــ شوپېنخاۋېرنىڭ «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر ھېسابلانغان دۇنيا» ناملىق كىتابى
36. ئىلاھىيەت سىرلىرىنىڭ ئۆزى دەل ئىنسانشۇناسلىقتۇر» — فېييېرباخنىڭ «خرىستىيان دىنىنىڭ ماھىيىتى» ناملىق كىتابى
37. ئاتەشپەرەس دىنىنى ياراتقۇچى زورو ئاستېر نامىدا نېتزېنىڭ ھالقىغان ئادەم تەلىماتىنى تارقىتىشى — نېتزېنىڭ «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق كىتابى
38. ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر — فرېئودنىڭ «روھىي ئانالىز يېتەكچىسى» ناملىق كىتابى
39. بۇرژۇئازىيەنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە سودا دەستۇرى — ۋېبېرنىڭ «پىروتېستانت دىن ئەخلاقى ۋە كاپىتالىزم روھى» ناملىق كىتابى
40. ئارستوتېل ۋە گېگېلغا جەڭ ئېلان قىلىش — روسسېلنىڭ «غەرب پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابى
41. ئىزدەپ تېپىشىمىز زۆرۈر بولغان «كەم ھالقا» — فرانكنىڭ «ئىلمىي پەلسەپە» ناملىق كىتابى
42. ‹‹مەۋجۇدىيەت›› ئۇقۇمىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەن پەلسەپىۋى ئەسەر — ھىيدېگېرنىڭ «مەۋجۇدىيەت ۋە زامان» ناملىق كىتابى
43. دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ تارقالغان مۇقەددەس كىتاب — «ئىنجىل» ناملىق كىتاب
44. مۇقەددەس «ۋەھىي» — «قۇرئان كەرىم» ناملىق كىتاب
45.  غەرب دۇنياسىنىڭ تارىخ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۆلمەس ئەسەر — ئادام سمىتنىڭ «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى
46. كىلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى — رىكاردونىڭ «سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئۇنىڭ باج-سېلىق پىرىنسىپى» ناملىق كىتابى
47. غەرب ئىقتىساد نەزەرىيەسىنىڭ ۋايىغا يېتىشى — يوھان مىلنىڭ «سىياسىي ئىقتىساد پىرىنسىپى» ناملىق كىتابى
48. بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ئابىدە — ماركسنىڭ «كاپىتال» ناملىق كىتابى
49. چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كېينېس ئىنقىلابى ـــ كېينېسنىڭ ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبوروتى توغرىسىدا›› ناملىق كىتابى
50. يېڭى كىلاسسىك ئۇنىۋېرسال سىستېمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى — ساموئېلسوننىڭ «ئىقتىسادشۇناسلىق» ناملىق كىتابى
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى