موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (1)
-
موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (1)
ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4596 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسلى تېمىسى: موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (1)
ئابدۇراخمان ئەبەي
(شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى)
موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ياشىغان قەدىمىي ئەللەرنىڭ بىرى . مىلادىيە 9- ئەسىردە ئورخۇن - يېنسەي(ئاناساي) دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاساسىي قىسمى غەربىي جەنۇبقا -- ھازىرقى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئاخىرقى قېتىم كۆچكەندىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دەسلەپتە موڭغۈل - شىرۋى قەبىلىسىگە ، كېيىن موڭغۇللارنىڭ كەرەي قەبىلىسى ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نايمان ، مەركىت قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى ياكى موڭغۇللارغا ئاسسىمىلياتسىيە بوپكەتتى . 13 - ئەسىردە چىڭگىزخان موڭغۇل دالاسىدىكى بارلىق قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى . ئۇ يەنە 1279- يىلدىن 1368- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىختىكى بۈيۈك ئىمپېرىيە يۈەن سۇلالىسىنى بەرپا قىلدى .1911- يىلى يانۋاردا موڭغۈل خانى چاررۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلدن "ئاپتونومىيە " ئېلان قىلدى . كىيىن موڭغۈل خەلق ئىنقىلابى غەلىبە قىلپ ، ا192- يىلى 11- مارتتا موڭغۇلىيە خەلغ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . 1945- يىلى غىۋرالدا ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ، (سابىق) سوۋېتلەر ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يالتا يىغىنىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ياپونعا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتى بىلەن موڭعۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى . 1946- يىلى 5- يانۋاردا جۇڭگو ھۆكۈمىنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى . موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى 1 مىليون 564 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر ، نوپۇسى 3 مىليون 14 مىڭ (2009- يىللىق ئىستاتسىتىكا) . ئارىدىن توپتوغرا مىڭ يىل ئۆتكەندە ، يەنى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاتۇش، قەشقەر ، خوتەن ئالتايدىن بىر تۈركۈم ئۇيعۇر سودا - سېتىق بىلەن (تاشقى) موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىگە قايتا كىرىشكە باشلىدى . ئاق كۆڭۈل موڭغۇل خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك قىزغىن ، ئادىل مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالدى ـ ھۆكۈمەت ئۈلارغا موڭغۇللار بىلەن تەڭ – باراۋەر ياشايدىعان ھوقۇق بەردى .
موڭغۇلىيەگە ئەڭ دەسلەپتە بارغان ئۇيغۇرلار ئالتايدىكى ھەمراجان ، سەلەي باي ، ھوشۇر ھاجىم قاتارلىق سودىگەرلەر بولۇپ ، ئۇلار مىلىچماللار ، يەنى چاي ، يىپ - يىڭنە ، كىيىم –كېچەك ، دورا دەرمەك سودىسى قىلىدىعانلار ئىدى . ئۇ چاعدا (تاشقى) موڭعۇلىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا ، ئارىدا چېگرا ۋە رەسمىيەت بېجىرىش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . بۇ سودىگەرلەر ئاپارغان ماللىرىنى ئۇ يەردىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن تۈلكە تېرىسى ، قۈندۇر تېرىسى ، بۆكەن مۆڭگۈزىگە تېڭىشىپ قايتاتتى . بۈ ماللارنى ئالتايدا ئىچكىرىدىن كەلكەن خەنزۇ سودىگدرلدر يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالاتتى . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ سودىسى نەچچە ئون ھەسسە پايدا قىلاتتى . ئەمما ، بۇ سودا ئەتكەس مال سودىسى دەپ قارىلاتتى ، شۇڭا بەزىدە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىناتتى.20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا شىنجاڭ بىر مەزگىل تېنچ ، مۇقىم بولدى ، خەلق تۇرمۇشى بىرئاز ياخشىلىنىپ ، سودا - سېتىق جانلىنىپ كەتتى . خوتەن تەرەپلەردە ھىندىستان ، پاكىستان (ئۇ? چاغدا پاكىستان تېخى مۇستدقىل دۆلەت ئەمەس ئىدى) چېگرا سودىىسى ؛ قەشقەر تەرەپتە (سابىق) سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئوش ، نەھەنگان ، ئەنجان چېگرا سودىسى ؛ ئىلى ، چۆچەك تەرەپلەردە تاشكەنت ، ئالما - ئاتا چېگرا سودىسى جانلىنىىپ كەتتى . بۇ چاغدا ئالتاي تەرەپتە موڭغۇلىيە چېگرا سودىسى تازا گۈللەنگەنىدى . ئاتۇش ، قەشقەر ، خوتەندىن ئالتايغا كەلگەن نۇرغۇن سودىگەر موڭغۇلىيەگە مىلىچماللارنى يۆتكەپ سودا قىلاتتى ھەمدە كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقانىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ بولدى ، خەلق جان قايغۇسىدا پاراكەندە بوپكەتتى . قۇمۇل ، تۇرپان ، گۇچۇڭ ، ئالتايدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ ۋە ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قۇمۇل ، جىمسار ، ئالتاي چېگرالىرىدىن تۈركۈملەپ موڭغۇلىيەگە قېچىىپ ئۆتۈشكە باشلىدى . موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى مۇساپىرلار قاتارىدا كۈتۈۋېلىپ خوبدا ، ئۆلگەي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى .دادامنىڭ بوۋىسى ، يەنى مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام سوپاخۇن دېگەن كىشى ئەسلى ئاتۇش ئازاقتىن بولۇپ ، نەچچە ئەۋلاد موزدۇزلۇق بىلەن ئۆتكەن ئادەملەر ئىكەن . 1820- يىللاردا ئاتۇش ئازاقتىن نۇرغۇن ئادەم يېڭى بوز يەر ئېچىش ، چارۋا بېقىش ئۈچۈن ھازىرقى كاتايلاق (ئەسلىدە كاتتا يايلاق بولۇپ ، قېلىن يۇلغۇن ، توغراقلىق ئىكەندۇق)قا كۆچكەن . ئۇلۇغ بوۋام سوپاخۇنمۇ يۇرت بىلەن بىللە كاتايلاققا كۆچۈپ كېلىپ يەنە موزدۇزلۇقىنى قىلغان . بوۋام مەمتىلىمۇ كاتايلاقتا بىر ئۆمۈر موزدۇزلۇق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنىكەن .دادام ئەبەيدۇللا 1914- يىلى ئاتۇش كاتايلاقتىن 18 يېشىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە چىققان . ئاۋۋال شىخۇ ، چۆچەكلەردە ، ئاندىن (سابىق) سوۋېنلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى شەمەي دېگەن شەھەرلەردە سودا قىلغان . 1924 - يىلى ئالتايغا كېلىپ ، موڭغۇلىيىەنىڭ خوبدا شەھىرى بىلەن ئالتاي ئوتتۇرىسىدا مىلىچمال مودىسى قىلغان . 1928-يىلى موڭغۇلىيدنىڭ زاپخۇن شەھىرىدە موڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى قېتىم قوغۇن تېرىغان . دادامنىڭ ئەسلىي تولۇق ئىسىم فامىلىسى ئەبەيدۇللا مەتىلى ئىدى . تاشقى موڭغۇلىيەدە قازاقلار ئەركىلەتمە ئىسىم بىلەن " ئەبەيلەم" دەپ چاقىرىپ ئەبەيلەم بوپقالغان ، موڭغۇللار بولسا تېخىمۇ قىسقارتىپ ئەبەي دەپ ئىسىم قويۇۋالغان . ھازىر بۇ " ئەبەي" دېگەن نامنى مەن ۋە بالىلىرىم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ فامىلىسى قىلىپ قوللاندۇق . ئاپامنىڭ دادىسى يۈسۈپ ئاخۇن ياقۇپ كېرىيەلىك خۇمدانچى بولۇپ ، 1918- يىلى ئالتايغا چىقىپ بىناكار بولغان ، ئالتايدا توي قىلغان .1934- يىلى نويابىردا ئالتايدا ئاق ئورۇسلار قازاق ، ئۇيغۇر ، خەنزۇلارنى بۇلاپ قىرغىن قىلىدۇ . چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام 13 ياشتىكى ئاپامنى ئېلىىپ تاغقا قېچىپ كېتىۋاتقاندا چوڭ ئانامغا ئوق تېگىپ يولدا ئۆلۈپ كەتكەن . چوڭ دادام يۈسۈپئاخۇن ئاپامنى ئېلىپ موڭغۇلىيەگە قېچىپ بارغان . 1937- يىلى دادام بىلەن ئاپام خوبدا ئەھىرىدە توي قىلغان ھەم بالىچاقىلىق بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا ، ئۆلگەي ، زاپخۇن ، ئۇلانباتور ، ئورخۇن شەھەرلىرىدە توپ - توپ ئۇيغۇر مەھەللىسى پەيدا بولدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ بازارلىرى شەكىللەندى . قىرلاردىن شەھەرگە كىرگەن چارۋىچى موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ پولۇ ، مانتا ، لەڭمىنىنى يېمەي قايتمايتتى . ئۇلار يەنە ئۆيدە قالغان خوتۇن - بالىلىرىغا گىردە ، سامسىلارنى ئەكىتەتتى . بۇ بازاردا تۆمۈرچىخانا ، ساتىراشخانا ، سەيپۇڭخانا ، موفاڭ (ئات تۈگمىنى)، ياغاچچىلىق دۇكانلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى .ئاقسۇلۇق بەكرى موللام 1930-يىللاردا ئۆلگەي شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەندە دەريادىن ئۆستەڭ ئېلىپ دەريا بويىدىكى تېرىلغۇ يەرگە سۇ ئېلىپ چىقىپ ،موڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى بولۇپ سەۋزە ، ياڭيۇ، شوخلا،تەرخەمەك، كاللەكبەسەي تېرىغان شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتىكى 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچى ئاشخانىسىنىڭ كۆكتات مەسىلىسى ھەل بولغان . بەكرى موللام ئۆلگەي شەھىرىگە بىر مەسچىت سالدۇرغان . ئۇ ، 1940- يىللاردا خوبدا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ چوڭ ئاشخانا ئاچقان ، ئۇ ئاشپۇزۇلنىڭ پولۇ ، مانتا ، لەڭمەن ، ئۈگرىلىرى موڭغۇلىيەدە شۇنداق داڭ چىقارغانكى ، موڭغۇل خېرىدارلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يەيدىغان بولغان .1980- يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۆلگەي شەھىرىنىڭ تارىخىنى يازغاندا بەكرى موللامنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان .ئۇ يىللاردا خوبدا ، ئۆلگەي شەھەرلىرىدە (سابىق) سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىدارە - جەمئىيەت ئىشخانىلىرىدىن باشقا خىش ۋە كېسەكتە سېلىنغان ئۆيلەر يوق دېيەرلىك ئىدى . چۈنكى ، موڭغۇللار قىش - ياز كىگىز ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەنىدى . ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ، ئاندىن سودا دۇكانلىرىنى كېسەك بىلەن سېلىپ بىناكارلىق كەسپىنى شەكىللەندۈردى . بارا - بارا ھۆكۈمەتنىڭ قەۋەتلىك خىزمەت بىنالىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئۇستاملار كۆتۈرە ئېلىپ سېلىشقا باشلىدى . قەشقەرلىك ئۆمەر ، داۋۇت دېگەن كىشىلەر ئۆلگەي شەھىرىدە خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرغان ، ھاك كۆيدۈرۈپ پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلىگەن . خوبدا شەھىرىنىڭ ھازىرقى كوچا بويلىرىدىكى بەھەيۋەت تېرەكلەرنى ئابدۇراخمان سابىىت دېگەن كىشى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ پىلانلاپ قويدۇرغان .70 يىلدىن بۇيان بۇ تېرەكلەر ناھايىتى باراقسان يوغىناپ ، خۇبدا شەھىرىگە ھۆسىن قوشتى . ھارىرقى خوبدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنى شۇ يىللاردا تۇرپان لۈكچۈنلۈك ياقۇپ ئۇستام دېگەن كىشى سالغانىدى.
مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى
داۋامى بارTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھېرودوت ۋە ئۇنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى
2015-08-18 13:08:405663لى جياچېڭ، ما يۈن، ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئوغۇللىرىغا ئې
2016-03-30 15:49:588994ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى
2015-03-05 17:36:284013پور-باجىن ئۇيغۇر قەدىمىي قەلئە خارابىسى
2015-04-24 17:36:354744داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (31)
2015-03-01 23:14:303732داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (13)
2015-03-01 21:12:003771ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:28:144303ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى يېڭى يۇلتۇز __ سوناكشى
2016-01-24 23:57:2114304
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-