‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
-
‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ۋاقتى: 2015-08-10 ئاۋاتلىقى: 4213 قېتىميانفوندا كۆرۈش
‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ئىلاۋە: ياپونىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كارتون فىلىمى ‹‹ئەقىللىق يىشيۇ›› دۇنيا بالىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى. بۇ فىلىم بىر ئەۋلاد بالىلارنىڭ قىزىقىشى، قىممەت قارىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى، چوڭلارمۇ قىزىقىپ كۆرىدىغان فىلىمگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا دۇنيا كارتون فىلىم ساھەسىدىكى ئابىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. فىلىم 1975-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1975-يىلى 15-ئۆكتەبىردىن 1982-يىلى 28-ئىيۇنغىچە ياپونىيەدە ئۇدا سەككىز يىل قويۇلغان. فىلىمدە ۋىيروچوۋ باكخوت (شىتىڭ موفۇ) دەۋرىدە ياشىغان يىشيۇ ئانىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، يەسكونى جىنجا (ئەنگو) ئىبادەتخانىسىغا كىچىك راھىب بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چېچەنلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، سانسىزلىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئاجىزلارغا باشپاناھ بولۇپ، زوراۋانلارغا ساۋاق بېرىدۇ. فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى جانلىق ۋە ئاممىباب، كارتون ئىشلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ.
فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىمۇ ئاجايىپ تېتىملىق، جانلىق بولۇپ، فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەسىرچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن. شۇڭا بۇ ناخشا بالىلار زوق بىلان ئاڭلايدىغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نادىر ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. تۆۋەندە بۇ ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماقبىز ساڭا ئامراق.ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماقچېچەن-زېرەكچاق.ئەي زېرەكچاق، كىم ساڭا يەتسۇن؟تاغ يۈرەكسەن، كىممۇ قورقمىسۇن؟ئالەمدە بىر شوخ-كەپسىزلىكىڭسەن بار يەردە جېدەلمۇ ئويۇنئا...ئا...كاللاڭنى ئىشلەتئەجەپ قىيىنئەجەپمۇ قىيىنئېغىر ئالمىغىنئېغىر ئالمائېغىر ئالمائېغىر ئالماپۇرسەت غەنىيمەتبىلىم كارامەتتىرىشقىن ئەبەدقورقما ياماندىنيۆلە ئاجىزلارنىكەلسە قولۇڭدىنئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماقبىز ساڭا ئامراق.ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماقچېچەن-زېرەكچاق.ئەي، يىشيۇ!!!ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماقغەنى سەمەت تەرجىمىسى‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-04-02 18:46:254749نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى
2015-03-06 12:47:154289شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتل
2015-07-30 10:43:054681دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانىلار
8754سائەت ئىلگىرى4727كىنو چولپىنى ئامىتاب باچچان يېڭى ماشىنا سېتىۋالد
2016-02-13 21:52:324571ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىدىن __ تۇماق
2015-04-25 19:41:405272پاكىستاندىكى كېۋرا تۇز كېنى مەنزىرىگاھى
2015-04-09 18:37:144416دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ سىرلىق 20 مىللەت
2016-07-11 00:54:011706
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-