نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خەلقئارا سەھنىدىكى 2015-يىللىق يېڭى چىرايلار

خەلقئارا سەھنىدىكى 2015-يىللىق يېڭى چىرايلار

ۋاقتى: 2015-12-11 ئاۋاتلىقى: 4637 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى 2015-يىللىق يېڭى چىرايلار


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-دېكابىر، ئارگېنتىنانىڭ بوئېنۇس ئايرېستا زۇڭتۇڭ ماكرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى پىنېدونىڭ قولىدىن زۇڭتۇڭى ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

10-دېكابىر، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماۋرىسيو ماكرى پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، تۆت يىللىق مۇددەتتىكى زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى باشلىدى. 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭى سايلىمىنىڭ 2-نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، ئۆكتىچىلار ‹‹ئىنقىلاب›› سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقىنىڭ 56 ياشلىق نامزاتى ماكرى % 3 كىمۇ يەتمەيدىغان ئۈستۈنلۈك بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق ‹‹غالىبىيەت فرونتى››نىڭ نامزاتى شوۋلنى يېڭىپ، ئارگېنتىنانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.


ماكرى 24 يېشىدا شىركەت قۇرغان، 36 يېشىدا ئارگېنتىنادىكى داڭلىق A دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىسى ـــ بوكا ياشلار كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بولغان، 48 يېشىدا بۇئېنۇس ئايرېس شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ تەۋە بولغان ‹‹ئىنقىلاب›› سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقىنىڭ قارىمىقىدا ئوڭچىل پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا ئارىلىشىشىنى ئاجىزلىتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە سودا سىياسىتى ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
خەلقئارا سىياسىي سەھنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ماكرى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان يېڭى شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ماكرىدىن باشقا يەنە، 2015-يىلىدىكى خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە قانداق يېڭى چىرايلار بار؟ بىز ئەمدى 2015-يىلىدىكى سىياسىي سەھنىدىكى يېڭى چىرايلارنى نەزەر سېلىپ باقايلى.

سىرىلانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، سىرىلانكا سايلام كومىتېتى ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ 64 ياشلىق نامزاتى مايترىپالا سىرىسېنانىڭ % 51.28 بېلەت ئۈستۈنلۈكى بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سىرىسېنا ئىلگىرى سۇغىرىش ۋە ھەۋز ئېچىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دېھقانچىلىق مىنىستىرى، سەھىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

كرودىيەنىڭ ئايال زۇڭتۇڭى كىتاروۋىچ


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، كرودىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ 46 ياشلىق ئايال نامزاتى كولىندا گرابار كىتاروۋىچ % 50.4 لىك سايلام بېلىتى بىلەن كرودىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. كىتاروۋىچ ئىلگىرى كرودىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، كرودىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ۋاپات بولۇپ، 79 ياشلىق ۋەلىئەھدى سالمان بىن ئابدۇللا ئەزىز تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. سالمان مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئىنىسى بولۇپ، نۇرغۇن يىل رىياد ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 2012-يىلى 6-ئايدا، ۋەلىئەھدى نەيىف كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئابدۇللا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سالماننى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدىلىكىگە، مۇئاۋىن باش ۋەزىرلىككە، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەن.

زامبىيە زۇڭتۇڭى لۈنگۇ


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، زامبىيە سايلام كومىتېتى ھاكىمىيەت بېىشىدىكى پارتىيە ـــ ‹‹ۋەتەنپەرۋەر فرونتى››نىڭ 59 ياشلىق نامزاتى ئېدگار لۈنگۇ % 48.33 لىك بېلەت ئۈستۈنلۈكى بىلەن غەلىبە قىلىپ، زامبىيە 1964-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 6-زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. لۈنگۇ ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە ئەدلىيە مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.


گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، گرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، قىسقارتىش تەدبىرلىرى ۋە ھازىرقى قۇتقۇزۇش كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغان رادىكال سولچىل ئىتتىپاق پارتىيەسى غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتىكى 300 ئورۇندىن 149 ئورۇنغا ئېرىشكەن. ئارقىدىنلا رادىكال سولچىل ئىتتىپاق پارتىيەسى ئاران 13 ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇستەقىل گرېكلار پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى قارار قىلغان. گرېتسىيە رادىكال سولچىل ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ 41 ياشلىق رەھبىرى ئالېكسىس سىپراس يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىلىققا سايلانغان. سىپراس 2006-يىلى گرېتسىيە سىياسىي مۇنبىرىگە قەدەم قويۇپ، 2008-يىلى رادىكال سولچىل ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىگە سايلىنىپ، گرېتسىيە پارلامېنت پارتىيە-گۇرۇھلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياش رەھبىرى بولۇپ قالغان.

ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 4-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 73 ياشلىق نامزاتى، ھازىرقى ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ سودىيەسى سېرگيو ماتتارېللا يېڭى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ماتتارېللا ئىلگىرى مۇئاۋىن زۇڭلى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. ئىتالىيە پارلامېنت جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، زۇڭتۇڭ مەمۇرىي ھوقۇق يۈزگۈزمەيدۇ، ئەمما پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن زۇڭلىنى تەيىنلەشكە، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىشەنچ بېلىتى تاشلاشنى ماقۇللىمىغاندا پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش ھەمدە قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلو پروس


2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، گرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، 64 ياشلىق پاۋلو پروس ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ـــ ئىتتىپاق ۋە يېڭى دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا 233 بېلەتكە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق بېلەتتىن 180 بېلەت يۇقىرى بولغان. پاۋلو پروس 2004-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئىچكى كابىنېت مىنىستىرى بولغان. گرېتسىيە پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، زۇڭتۇڭ نامدىكى دۆلەت باشلىقى ھېسابلىنىدۇ.

نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى


2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، نىگېرىيەدە زۇڭتۇڭ سايلىمى بېلەت نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش مەجلىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بۇخارى % 53.95 بېلەتكە ئېرىشىپ، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ نامزاتى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ جوناسون ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 16 يىلدىن بۇيان، نىگېرىيەنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا پارتىيەدىكىلەرگە مەنسۇب بولۇشى بولۇپ، ئىلگىرى ئۈچ نۆۋەت زۇڭتۇڭ خەلق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى ئىدى.

فىنلاندىيە زۇڭلىسى سىپىلا


2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، فىنلاندىيەدە مەملىكەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە ـــ مەركەز پارتىيەسى 200 ئورۇندىن 49 ئورۇنغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى 1-چوڭ پارتىيەگە ئايلانغان. پارتىيەنىڭ 54 ياشلىق رەئىسى يوخا سىپىلا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. سىپىلا 2011-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇ ئىقتىسادتا ئاممىۋى چىقىمنى ئازايتىش، خىزمەت ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىش، خىزمەتچى كۆچمەنلەرنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان، دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىدا ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقى تۈزمەسلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرغان. ئېنىق سىياسىي مەيدان ۋە كىشىلەرگە ئاسان يېقىنلىشالايدىغان خاراكتېر سىپىلانى فىنلاندىيە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر قىلغان.

پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا


2015-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، پولشادا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پولشادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە ـــ قانۇن ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ 43 ياشلىق نامزاتى ئانجزېي دۇدا % 51.55 سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ برونىسلاۋ كوموروۋسكى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پولشانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.

لاتۋىيە زۇڭتۇڭى ۋىجوننىس


2015-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى،لاتۋىيە پارلامېنتى بەس باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ‹‹يېشىل پارتىيە›› ۋە دېھقانلار ئىتتىپاقىنىڭ 49 ياشلىق نامزاتى ۋىجوننىس 55 بېلەتكە ئېرىشكەن، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ساندىن كۆپ بولغانلىقتىن لاتۋىيەنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. ۋىنجوننىس 2002-يىلى لاتۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ۋە رايون تەرەققىيات مىنىسىتىرى، 2014-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.

70-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لاكېتوفت


2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، دانىيە پارلامېنتىنىڭ 69 ياشلىق باشلىقى لاكېتوفت 70-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. لاكېتوفت ئىلگىرى دانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مالىيە مىنسىتىرى بولغان.

ترىنىداد ۋە توباگو زۇڭلىسى لورى


2015-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، ترىنىداد ۋە توباگو ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ـــ خەلق مىللىي ھەرىكىتى پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلىمىدا 41 ئورۇندىن 23 ئورۇنغا ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلغان. بۇ پارتىيەنىڭ 66 ياشلىق رەھبىرى كېيس لورى زۇڭلىلىققا سايلانغان. ئۇ ئىلگىرى دېھقانچىلىق، يەر ۋە دېڭىز-ئوكيان بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پىلان ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى، ئىقتىساد-سودا، سانائەت ۋە ئىستېمال ئىشلىرى مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل


2015-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئاساسلىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ـــ ئەركىنلىك پارتىيەسى پارلامېنتتا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ 61 ياشلىق مىنىستىرى مالكوم تۇرنبۇل 54 بېلەت بىلەن زۇڭلى ئابوتنى مەغلۇب قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولغان ھەمدە ئاۋسترالىيەنىڭ 29-قېتىملىق زۇڭلىسى بولۇپ قالغان.

فىجى زۇڭتۇڭى كوروت


2015-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت فىجى پارلامېنتىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار مۇناسىۋىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جورجى كوروت زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. فىجىدا زۇڭلى ئىچكى كابىنېت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى ۋە ئارمىيەنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇپ، پەقەت سىمۋوللۇق ھوقۇق كۈچىدىن ئىبارەت.

گۋاتېمالا زۇڭتۇڭى مورالېس


2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، گۋاتېمالا ئالىي سايلام سوتى 2-باسقۇچلۇق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ـــ دۆلەت ‹‹بىرلىشىش فرونتى››نىڭ 46 ياشلىق نامزاتى جىمى مورالېس % 67.43 لىك بېلەت نىسبىتى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 2011-يىلى سىياسىي ساھەگە كىرىشتىن ئىلگىرى، مورالېس ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق كومىدىيە ئارتىسى ئىدى.

نېپالنىڭ ئايال زۇڭتۇڭى باندالى


2015-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، نېپال پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 54 ياشلىق مۇئاۋىن رەئىسى بىدىيا دىۋې باندالى نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. باندالى ئىلگىرى نېپال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.

تانزانىيە زۇڭتۇڭى ماگۇفۇل


2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، تانزانىيە دۆلەتلىك سايلام كومىتېتى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ـــ ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ 56 ياشلىق نامزاتى جون ماگۇفۇل % 58.46 لىك بېلەت بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ماگۇفۇل يەر، تۇرالغۇ ۋە ئاھالە مىنىستىرى، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق كەسپى مىنىستىرى ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان.

بۇركىنا فاسو زۇڭتۇڭى كاپور


2015-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسو ئېلان قىلغان زۇڭتۇڭ سايلىمى نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، خەلق ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ 58 ياشلىق نامزاتى روك روكى مارك كرىستيان كاپور % 53.43 لىك بېلەت نىسبىتى بىلەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. كاپور ئىلگىرى زۇڭلى ۋە پارلامېنت باشلىقى بولغان.


شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى شىنېيدېر ئومان


2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەدىكى ئىككى پالاتانىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن سايلامدا، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىقتىساد مىنىستىرى شىنېيدېر ئومان 208 بېلەتتىن 196 بېلەتكە ئېرىشىپ، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ قالغان.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى