نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇيغۇرلاردا تۇماقچىلىق ھۈنىرى

ئۇيغۇرلاردا تۇماقچىلىق ھۈنىرى

ۋاقتى: 2015-03-14 ئاۋاتلىقى: 4725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلقىمىزدە تۇماقچىلىق

ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى

    ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن بىرى تۇماق مەدەنىيىتىدۇر.
    ئۆزگىچە ۋە يارىشىملىق كىيىم – كېچەك بىر مىللەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ۋە شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ چىراي گۈزەللىكى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋاسىتە. شۇ ۋەجىدىن خەلقىمىزمۇ ئەزەلدىن باش كىيىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى، يەرلىك ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئاساسەن تىكىپ كىيگەن ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد راۋاجلاندۇرغان.
   خەلقىمىزدە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇماق تۈرلىرى ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى: سالۋار تۇماق، كېرىيە سالۋار تۇمىقى، كاچۇڭ تۇمىقى، مۇغەمبەر تۇماق، سۇلۇنچە ئاق تۇماق، يازلىق ئاق تۇماق، ئاتۇش ئاق تۇمىقى، دۈمچە تۇماق، باي تۇمىقى، كەمچەت تۇماق، كەمچەت مەخسۇمچە تۇماق، سەرپۇش تۇماق، كىرپىك سەرپۇش تۇماق، سىم قاما تۇماق، سىم قاما مەخسۇمچە تۇماق، سىم قاما سەرپۇش تۇماق، ئايالچە كەمچەت تۇماق، ئاق سالۋار تۇماق، قارا سالۋار تۇماق، ھەسىلى سالۋار تۇماق، ئالابەل تۇماق، خوتەن تەلپىكى، تۈلكە تۇماق، تاشمىلىق تۇمىقى، ئاتۇش كۆرپە تۇمىقى، قارا كۆرپە قۇلاقچا، ھەسىلى كۆرپە قۇلاقچا، كۆك كۆرپە قۇلاقچا، نوركا قۇلاقچا قاتارلىقلار بىر قەدەر ئومۇملاشقان.
   ئۇزاق ئەسىرلىك تارىختىن بۇيان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ رايون پەرقى، كەسىپ پەرقى، ياش پەرقى تۈپەيلىدىن، باش كىيىملىرىمىز، جۈملىدىن تۇماق تۈرلىرىمىز ھەر خىل بولغان. شۇڭا بىرەركىمنىڭ باش كىيىمىگە قاراپلا ئۇنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كاچۇڭ تۇمىقى، ساغان تۇمىقىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ تۇماقلاردا ھەر خىل قەدىمىي نۇسخىلار ھازىرغىچە ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. بۇ تۇماقلار ئاساسەن قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەچكە، شەكلى كۆركەم، ھەم ئېگىز ھەم جەلپكار بولىدۇ.
   ھازىر تۇماق تىكىلىدىغان خام ئەشيا مەنبەلىرى بارغانسېرى موللاشماقتا. بۇرۇن تۇماق تىكىلىدىغان كۆرپە مەنبەسى كۇچانىڭ داڭلىق قارا كۆرپىسى بولۇپ، بۇنداق كۆرپىگە يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ تۇم قارا ھەم مويى بۈدرە تېرىلىرى ماتېرىيال قىلىناتتى. شۇڭا، چارۋىچىلار قاراكۆرپە قويىدىن يىلدا ئىككى قېتىم تۆل ئالغاچقا، تۇغۇلغان قوزىنىڭ تېرىسى تۇماق تېكىشكە باب كەلسە، ئۇنى بوغۇزلاپ تېرىسىنى ئاشلاپ كۆرپە قىلسا، يەنە بىر قوزىنى ئاسراپ قاتارغا قوشۇپ، كۇچا كۆرپىسىنىڭ مەنبەسى بولغان بۇ قوينىڭ نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان. شۇڭا ئۇ چاغلاردا خام ئەشيا مەنبەسى قىس ھېسابلىناتتى. ھازىر چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە بۇنداق كۆرپە تېرە ئاقسۇ، ئاۋات، توقسۇ، لوپنۇر، چىرا، نىيە، كېرىيە، يېڭىسار، مەكىت، كاچۇڭ قاتارلىق ناھىيە – شەھەر، يېزىلاردا كۆپلەپ چىقىدىغان بولۇپ، تۇماق مەدەنىيەتى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس يارىتىلدى.
   ئەجدادلىرىمىزدا تۇماق مەدەنىيىتى زامانلاردىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئەرەنچە ۋە ئايالچە، دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىر قىسىم جايلاردا ياخشى كۆرۈدىغان كىشىسىگە، ئەزىز مېھمانلارغا ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ تۇماق سوۋغا قىلىش ساقلانماقتا.
   بۈگۈن تۇماق مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، شەكلى ۋە كۆركەملىكى تېخىمۇ ئېشىپ، تۈرى يەنىمۇ كۆپ خىللىشىپ، ياشانغانلارغا ۋە ياشلارغا لايىق يەڭگىل ۋە ئىسسىق بولغان سەرپۇش تۇماق، تاشلىق دۈمچە تۇماق، نوركا قۇلاقچا، كەمچەت تۇماق، تۈلكە تۇماق، كۆرپە قۇلاقچا، سۇلۇنچە كۆرپە قۇلاقچىلار بازارلارنى ئاۋاتلاشتۇرماقتا، ئىچكىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان تاۋارغا ئايلانماقتا.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى