نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى

دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 5845 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بايلار ناۋادا سىز قۇلاق سېلىشنى خالىسىڭىزلا ئۆز تەجرىبىلىرىدىن سىزنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى خالايدۇ ھەمدە سىز ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىزلا، ئىشلىرىڭىز ھەم ھاياتىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ.


1. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى بىل گايتس

بىل گايتس مۇنداق دەيدۇ: «بىلەمسىزكىن؟ 1975-يىلى بىز مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغاندا، ھەربىر ئائىلىدە، ھەربىر ئىشخانىدا بىردىن كومپيۇتېر بولىدۇ، دېگەنىدۇق. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزمۇ بۇنچىۋالا چوڭ شىركەتكە ئايلىنىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم مەن ئاھ، تەڭرىم، بىز يەنىمۇ زورىيالارمىزمۇ، دەپ ئويلايتتىم.»


بىر چوڭ كارخانا قۇرۇش بىل گايتسنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭكەلگۈسى ئىستىقبالىنى قۇرۇپ چىقىشقا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچى بار ئىدى ھەمدە بۇلارنى روياپقا چىقىرىشقا ئاكتىپ ئاتلانغانىدى.


2. ئالما شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى ستېۋى جوبس
جوبس مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىنىش مەن ئۈچۈن ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس. ھەركۈنى كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن ئۆز-ئۆزۈمگە: بىزنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلالىشىمىز ماڭا تولىمۇ مۇھىم دەيتتىم.»

بۇ جوبسنىڭ ھەممەيلەن بىلىدىغان بىر جۈملە سۆزى ھەمدە بەلكىم ئۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ئەڭ ياخشى پىكرى بولۇشى مۇمكىن. ساداقەتمەنلىككە ئۇ ئەڭ ئەھمىيەت بېرەتتى.


3. ئارتىس، يازغۇچى سىلۋېستېر ستاللون
ستاللون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۇنيادا مەن ئەڭ باي كىشىمۇ ئەمەس، ئەڭ ئەقىللىقمۇ، ئەڭ تەلەيلىكمۇ ئەمەس، ئەمما مەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىمدىن نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.»

ستاللون ھەرگىزمۇ «ھەسەل كورىسى»غا تۇغۇلغان ئەمەس. ئۇ «روكى» ناملىق فىلىمىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، پەقەت بىرلا فىلىمدە باش رول ئالغانىدى، ئەمەلىيەتتە ستاللون «روكى» فىلىمىنىڭ سېنارىيەسىنى ئۆزى يېزىپ چىققان، ئۇ يەنە بۇ فىلىمنىڭ باش رولى ۋە رېژىسسورى ئىدى.


4. ياپونىيە يۇمشاق دېتال بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى ماسايوشى سون

ماسايوشى مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە ئېرىشكەنلىرىمىز پەقەتلا چۈش ۋە قىلچە ئاساسسىز ئىشەنچلا بولسىمۇ، ئەمما بارلىق ئىشلار دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغانىدى.»

ماساتوشى يۇمشاق دېتال بانكىسىنى قۇرغاندا، پۇلىمۇ، تەجرىبىسىمۇ يوق ئىدى، يەنە سودا ساھەسىدە مۇناسىۋىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭدا بارى پەقەت قىزغىنلىق، ھاياجان، يەنە ئۇتۇق قازىنىش ئارزۇسى ئىدى. كېيىن، ئۇ ئۆتكۈر كۆزى بىلەن «ئەلى بابا» شىركىتىگە مەبلەغ سالىدۇ.


5. سودا ماگناتى ئالىكو دانگوت
ئالىكو مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا سىزدە ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە بولمىسا، بۇ دۇنيادا ياشىمايلا قويۇڭ.»

ئالىكونىڭ قارىشىچە، يۈكسەك ئىرادە بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە بولۇپ، ئۇ شۇ كىشىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىكەن. دەل يۈكسەك ئىرادە بولغاچقىلا ئۇ ئۇتۇق قازىنالىغان، ئۇ ھەمكارلىق شېرىكى ئىزدىگەندە ياكى خادىم تەكلىپ قىلغاندا، بۇ نۇقتىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.


6. IPP گۇرۇھىنىڭ رەئىسى رېگىنالد مېنگى
مېنگى مۇنداق دەيدۇ: «مەن نامراتچىلىقتا چوڭ بولساممۇ، ئەمما ئىزچىل ھالدا بۇنى بىر خىل رىقابەت دەپ قارايتتىم. ياخشى تەرىپى شۇكى، ناۋادا سىز بەدەل تۆلەشنى خالىسىڭىزلا رىقابەتلەرنى بويسۇندۇلايسىز، بۇ خىل بەدەل دەل تىرىشىپ ئىشلەشتىن ئىبارەت.»

مېنگى ئېرىشكەن بارلىق پۇرسەتلەرنى باشقىلار بىر يەردىن ئەكىلىپ بەرمىگەن، ئۇ ئۆزى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن.


7. سودا ماگناتى كارلوس سلىم خېل
خېل مۇنداق دەيدۇ: «رىقابەت سىزنى تاۋلايدۇ، شۇڭا مەڭگۈ رىقابەتلەشسىڭىزلا تېخىمۇ بەكرەك كۆزگە كۆرۈنەلەيسىز ھەمدە رىقابەتتە غالىب كېلەلەيسىز، يەنە ئۆسۈپ يېتىلەلەيسىز.»

خېل مېكسىكىلىق كاتتا باي، بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆز تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن كەلگەن تەكلىپ. خېلنىڭ سودىدا ئۆز پىرىنسىپى بار بولۇپ، ئۇ ساغلام رىقابەتنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقا كارخانىچىلارنى موللاق ئاتقۇزۇشنى نىشانلىمايدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى