نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئېينشتېيننىڭ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى نۇتۇقى

ئېينشتېيننىڭ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-07-15 ئاۋاتلىقى: 4792 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېينشتېيننىڭ 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چاغدا سۆزلىگەن نۇتۇقى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   تەرجىماندىن: ئالبېرت ئېينشتېين 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ئۇلم شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ 1900-يىلى گېرمانىيە سيۇرخ فېدېراتسىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن، كېيىن شۋېيتسارىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1905-يىلى سيۇرخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئېينشتېين فوتون قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يورۇقلۇق ئېففىكتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزاھلاپ چىققان، شۇڭا ئۇ 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1915-يىلى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 
   ئېينشتېين يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن بولۇپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرىدە زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ يېڭى باھارى باشلانغان، ئۇ شۇ ۋەجىدىن گالېلېي، نيۇتوندىن كېيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى دەپ ئاتالغان. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېينشتېين ئامېرىكا ‹‹دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تەرىپىدىن ‹‹ئەسىر ئەربابى›› بولۇپ باھالانغان. 

نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
   ھەممىمىز ھامان ئۆلۈپ كېتىمىز، ئىنساننىڭ تەقدىرى مانا مۇشۇنداق غەلىتە. ھەربىرىمىز بۇ دۇنيادا پەقەت بىر مەھەللە تۇرىمىز، خالاس. نىشانىمىزنىڭ قەيەردىلىكىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ، بەزىدە بىر نەرسىمىز كەمدەكلا ھېس قىلىمىز. ئەمما، ئۇنى چوڭقۇر ئويلىۋېلىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ: ئادەم ھامان باشقىلارنى دەپ ياشايدۇ، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئادەملەر ئۈچۈن ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە ساقلىقى بىزنىڭ بارلىق بەختىمىزگە مۇناسىۋەتلىك؛ ئاندىن نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ياشايمىز، ئۇلارنىڭ تەقدىرى مېھرى-مۇھەببەت ئارقىلىق بىز بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. مەن ھەركۈنى ئۆزۈمنى تالاي قېتىملاپ شۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرىمەن: مەنىۋى ۋە ماددىي تۇرمۇشۇمدا ھامان باشقىلارنىڭ جاپاسىغا تايىنىپ قېلىۋاتىمەن، مەنمۇ چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەن تا بۈگۈنگىچە ئېرىشكەن ھەمدە ھېلىھەممۇ ئېرىشىۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن. مەن ئاددىي ياشاشقا تولىمۇ تەلپۈنىمەن، مېنىڭچە سىنىپىي پەرق نامۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تايىنىدىغىنى زوراۋانلىق، خالاس. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەيلى جىسمانىي، مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن، ئاددىي-ساددا ياشاش ھەممەيلەنگە پايدىلىق. 
   مەن ئىنسانىيەتنىڭ ئاشۇ خىل پەلسەپەۋى مەنىدىكى ئەركىنلىكى بارلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن. ھەربىرەيلەننىڭ قىلمىشى پەقەت تاشقى دۇنيانىڭ بېسىمىغا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە قەلبنىڭ مۇقەررەرلىكىگە ماس كېلىشى كېرەك. خۇددى شوپىنخاۋېر ئېيتقاندەك: ‹‹ئادەم باشقىلار قىلماقچى بولغىنىنى قىلالىسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ خىيالىنى تارتىۋالماسلىقى كېرەك.›› بۇ سۆز مېنىڭ ياشلىق دەۋردىمدىن باشلاپلا، ماڭا ئىنتايىن ھەقىقىي رىغبەت بولغانىدى؛ ئۆزۈم ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ئۇ سۆز ھەمىشە ماڭا تەسەللىي بولاتتى ھەمدە مېنى كەڭ قورساق بولۇشقا ئۈندەيتتى. بۇ خىل تەسىرات كىشىنى ئاسانلا مەيۈسلەندۈرۈپ قويىدىغان ئاشۇ خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن يېنىكلىتەلەيدۇ، يەنە بىزنىڭ ئۆزىمىز ۋە باشقىلارغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئۇ يەنە كىشىگە يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە تېگىشلىك كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئاتا قىلىدۇ.
   بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مۋجۇدلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى ياكى مەقسىتىنى قوغلىشىش ـــ ئوبيېكتىپ نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، مېنىڭچە تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش. بىراق ھەممەيلەننىڭ غايىسى بار، غايە ئۇلارنىڭ تىرىشىش ۋە ھۆكۈم قىلىش يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن ئەزەلدىن راھەت-پاراغەت ۋە ھۇزۇرلىنىشنى تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى دەپ قارىمايمەن، بۇ خىل ئېتىكىلىق ئاساسنى مەن مەھكۇم بولغان غايە دەپ ئاتايمەن. ھايات يولۇمنى نۇرلاندۇرىدىغان ھەمدە ماڭا داۋاملىق تۇرمۇشقا جاسارەت ۋە خۇشاللىق بىلەن تورغرا مۇئامىلە قىلىدىغان غايىلا مەن ئۈچۈن ئىنتايىن توغرا، گۈزەل ۋە ھەقىقىي غايىدۇر. ناۋادا مەسلەكداشلار ئارا سەمىمىي مۇھەببەت بولمىغىنىدا، ئوبيېكتىپ دۇنياغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن ئاشۇ سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئوبيېكىتنى مەڭگۈ تاپالمىغان بولاتتىم، ئۇ ھالدا مېنىڭچە، تۇرمۇش تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلاتتى. كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ قوغلىشىۋاتقان چاكىنا نىشانى ـــ مال-مۈلۈك، ساختا شۆھرەت، ئەيىش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى نومۇسسىزلىقتىن ئىبارەت.
   مېنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە بولغان ھېسسىياتىم ئىنتايىن كۈچلۈك، مېنىڭ ئېنىقلا باشقىلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا بولغان چۈشەنچەم يېتەرسىزدۇر، ئىككىسى ھەمىشە قەدىمكى سېلىشتۇرمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەن ئەمەلىيەتتە بىر ‹‹تەنھا يولوچى››، مەن ئىلگىرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن دۆلىتىمگە، ئائىلەمگە، دوستلىرىمغا، ھەتتا يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغىمۇ تەۋە بولۇپ باقمىدىم؛ بارلىق مۇناسىۋەتلەر ئالدىدا، مەن ھەمىشە بەلگىلىك ئارىلىقنى ھەمدە تەنھالىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمەن، ئەمما بۇ خىل ھېسسىيات يىلسېرى ئۇلغىيىپ باردى. كىشىلەر باشقىلار بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنىڭ چەكلىكلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئېچىنىشنىڭ ئورنى يوق. بۇنداق ئادەملەر شەكسىزكى ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە خاتىرجەم كەيپىياتىنى ئازراق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ناھايىتى يۇقىرى چەكتە باشقىلارنىڭ پىكرى، ئادىتى ۋە ھۆكۈمى بويىچە ئىش قىلىپ ئولتۇرمايدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قەلب مۇۋازىنىتىنى بۇنداق بىر قىسىم ئىشەنچسىز ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇشنى راۋا كۆرمەيدۇ.
   مېنىڭ سىياسىي غايەم دېموراتىزمدۇر. ھەربىرەيلەن ئادەم بولۇشى سۈپىتى بىلەن ھۆرمەتلىنىشى، ئەمما ھەرقانداق ئادەمنى چوقۇنغۇچى مەبۇدە قىلىۋالماسلىقى كېرەك. مەن ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ماختاش ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇم، بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، بەلكى تۆھپەمنىڭ بولغانلىقىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ئەمەلىيەتتە تەقدىرنىڭ بىر خىل ئويۇنى. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدا بولۇشى مۇمكىن، كىشىلەر مېنىڭ ئازغىنە تىرىشچانلىقىم ۋە ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىم نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن ئاز ساندىكى ئىدىيەلىرىمىنى چۈشەنمەكچى بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئارزۇنى نۇرغۇن كىشىلەر روياپقا چىقىرالمايدۇ. مەن ئۇنى روياپقا چىقىرىدىغان مەقسەتلەرنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەشتە، بىرەيلەننىڭ چوقۇم قاتتىق پىكىر قىلىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە بارلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تامامەن چۈشىنىمەن. ئەمما يېتەكلەنگۈچىلەر مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك، ئۇلار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىسىنى تاللىۋېلىشى مۇمكىن.
   مېنىڭچە، مەجبۇرلاشتەك مۇستەبىت تۈزۈم ئۇزاققا بارمايلا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. چۈنكى زوراۋانلىق ھەمىشە بىر تالاي ئەخلاقى چىركىن ئادەملەرنى جەلپ قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن تالانتنىڭ زالىم پادىشاھىغا ھەمىشە ھۇرۇنلۇقنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ بىر ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەت. مۇشۇنداق قىسمەت تۈپەيلىدىن، مەن ھەمىشە بۈگۈن بىزنىڭ ئىتالىيە ۋە رۇسىيەدە كۆرگەن ئاشۇ خىل تۈزۈمگە قاتتىق قارشى تۇرىمەن. ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى كۈنىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاشلا، دېموكراتىيە شەكلى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى، بۇنى دېموكراتىيە پىرىنسىپىغا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە سايلىمى تۈپەيلىدىن شەخس بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى. مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە توغرا يولنى تاللىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلار بىر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يېتەرلىك بولغان زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقالايدۇ، ئۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، گېرمانىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە، مېنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىم شۇكى، ئۇنىڭ كېسەللەرنى ۋە نامراتلارنى قۇتقۇزىدىغان نىسبەتەن كەڭ كۆلەملىك بەلگىلىمىنى تۈزۈپ چىقالىشى. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى گۈزەللىكلەر ئىچىدە، ماڭا ئەڭ قىممەتلىك تۇيۇلغىنى سىياسىي ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئىجادچان، ھېسسىياتچان ئادەملەر، خاراكتېردىن ئىبارەت. پەقەت شەخسنىڭ تالانتىلا يۈكسەك ۋە قالتىس نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ، ئەمما كوللېكتىپ ئىدىيەدە ھەمىشە سۆرەلمە كېلىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتىمۇ شۇنداق.
   سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، مەن خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ناچار بىر ھالەتنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ مەن ئەڭ يىرگىنىدىغان ھەربىي تۈزۈم. بىر ئادەم كۆرەڭلىگەن ھالدا ھەربىي ئوركېسترغا ئەگىشىپ، تۆت قاتار كالوننا ئىچىدە ئالغا ماڭغاندا، مەن ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلىپ كەتمەيمەن. ئۇ چوڭ مېڭىسىنى ئىشلەتكەچكە، خاتالاشتى؛ پەقەت بىر تال يۇلۇن بولسىلا ئۇنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت دۆلەتتىكى بۇ خىل يىرگىنىچلىك ماكان ئىمكانقەدەر تېزرەك يوقىلىشى كېرەك. بۇيرۇق بىلەنلا مەيدانغا چىقىدىغان باتۇرانە ھەرىكەتلەر، قىلچە ئەھمىيەتسىز زوراۋانلىقلار، شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەرلىك نامىدىكى قەبىھ تەلۋىلىكلەر.... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچ-ئىچىمدىن يامان كۆرىمەن. مېنىڭچە، ئۇرۇش دېگەن رەزىللىك، پەسكەشلىك! مەن قىيما-چىيما بولۇپ كېتىشكە رازىمەنكى، بۇ خىل رەزىل قىلمىشلارغا ئارىلىشىشنى خالىمايمەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مېنىڭ ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىمەن، مەن ئىشىنىمەنكى، ناۋادا خەلقنىڭ پاك ھېسسياتى ئاشۇ مەكتەپلەر ۋە مەتبۇئاتلار ئارقىلىق رول ئويناۋاتقان سودا مەنپەئەتى ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەرنىڭ پىلانلىق بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىمىسا، ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەلئۇنمۇ زاۋاللىققا يول ئالىدۇ.
   بىزدە بار بولغان ئەڭ ياخشى تەسىرات دەل سىرلىق تەسىراتتۇر. ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ۋە ھەقىقىي ئىلىم-پەننىڭ بۆشۈكىدىكى تۈپ ھېسسىياتتا چىڭ تۇرىدۇ. كىمىكى ئۇنى ھېس قىلالمايدىكەن، شۇنىڭدا قىزىقىشمۇ قالمايدۇ، يەنە ھەيرانلىق ھېسسىياتىمۇ قالمايدۇ، ئۇ يولدا كېتىۋاتقان جەسەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ خىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ خىل سىرلىق تەسىرات دىننى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىز مەلۇم خىل بىز ئېنىق كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تونۇپ يېتىمىز، ئۇ خىل ئىپتىدائىي شەكىللەر ئارقىلىق ئاجايىپ بىر خىل گۈزەللىكنى ھېس قىلىمىز، دەل مانا مۇشۇ خىل تونۇش ۋە ھېسسىيات ھەقىقىي مەنىدىكى دىنىي ھېسسىياتنى شەكىللەندۈرگەن؛ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن دىنغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئادەم. مەن تەڭرىنىڭ ئۆزى ياراتقان شەيئىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە جازالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، تەڭرىدىمۇ بىز ھېس قىلغاندەك بىر خىل ئىرادە بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مەن بىر ئادەمنىڭ جىسمى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن؛ ئاشۇ زەئىپ روھ تەشۋىشلىك ياكى كۈلكىلىك مەنچىلىك ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل ئىدىيەنى گۆھەر ئورنىدا كۆرىدۇ. مەن ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەۋجۇت دۇنيانىڭ سىرلىق قۇرۇلمىلىرىنى بايقاپ، ئۇنىڭ كىچىك ھالقىلىرىنى كۆزىتىشتىن قانائەت تاپىمەن ھەمدە ھەقىقىي تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ تەبىئەت دۇنياسىدا زاھىر بولغان ئاشۇ تەرەپلەرنى ھېس قىلىمەن، ئۇ مەيلى قانچىلىك كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆڭلۈم شۇ چاغدىلا قانائەت تاپىدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى