2000 يىللىق نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى
-
2000 يىللىق نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى
ۋاقتى: 2015-08-14 ئاۋاتلىقى: 4573 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مىسىردا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى
بۇ سۈرەتتىكىسى نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدا ئايان بولۇشىچە، ناۋادا نىكاھ بۇزۇلسا، ئايال كېيىن ھەر يىلى 1.2 تەڭگە ۋە 36 خالتا ئاشلىققا ئېرىشەلەيدۇ.خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 2015-يىلى 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر پارچە قەدىمكى مىسىرنىڭ نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمدە ئاشكارىلىغان. بۇ قەدىمكى دۆلەت تۈزۈمىدە، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.بۇ تويدىن بۇرۇنقى كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.4 مېتىر بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 365-يىلى ئىمزالانغان، ئاممىباب يېزىق (مىسىر تېز يازما شەكلى)تا يېزىلغان.قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خېلى ئەھمىيەت بەرگەن. نىكاھ قەدىمكى مىسىر جەمئىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بىر قىسىم تارىخچىلار مىسىرلىقلارنى نىكاھقا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.4 مېتىر كېلىدىغنا بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 365-يىلى ئىمزالانغان.
بۇ نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، ناۋادا نىكاھ بۇزۇلسا، ئايال كېيىن ھەر يىلى 1.2 تەڭگە ۋە 36 خالتا ئاشلىققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئەينى چاغدىكى ئاياللار قۇل، چاكار، ئۆي ھايۋانلىرى قاتارلىق خۇسۇسىي مۈلۈكلىرىنى باشقۇرالايدىكەن، ئىگە بولالايدىكەن ياكى ساتالايدىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ، توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىمزالىسا بولىدىكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار
2015-02-11 18:29:264590ئىران نېفىت دېڭىزىنى بېسىپ يېتىپمۇ، نېمىشقا نامر
2016-02-09 15:23:025784ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 چوڭ خاتالىقى
2015-08-18 12:23:244088ما يۈننىڭ شياڭگاڭ ياشلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-08-31 16:34:325593دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر 11 جەمەت
2016-01-23 23:45:096772ئوتتۇرا ئافرىقا مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇ
2015-04-07 11:21:534446دوپپا ۋە دوپپا مەدەنىيىتىمىز
2015-02-09 13:23:103738ھىندىستاندىكى «يوگا ئاستانىسى» ___ رىشىكېش
2016-07-26 20:19:251607
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-