نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر

تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر

ۋاقتى: 2015-05-04 ئاۋاتلىقى: 6747 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر

ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق
   1. ئومۇمىي بايان تۇرپان

   مەملىكىتىمىز بويىچە ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق ھەم ئىسسىق، ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاز، يەر ئاستى سۇ قاتلىمى تۆۋەن، جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشى ئەڭ چوڭقۇر جاي بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تىرەنلىكتە تۇرىدۇ. بۇ يەر تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاساسىي تۈگۈنىگە جايلاشقان. مەشھۇر ئىدىقۇت تاغ تىزمىسى بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ «ئوت يۇرتى» دېگەن نامى بار. 


   تۇرپان ئويمانلىقىدا تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئىنسانلار پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۆز ئەۋلادلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ پارلاق تارىخىدىن نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. 
   2. ئۇيغۇرلار 
   ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارىخلاردا خېلى كۆپ مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، دۆلىتىمىزدىكى تارىخچىلار غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان مىللەتلەرنى غۇزلار (姑师) دەپ ياكى ئوغۇز دەپ ۋە ياكى قۇسلار (车师) دەپ ئاتاپ كەلگەن. دۆلىتىمىزدە ئەڭ قەدىمكى تارىخلاردىن بىر بولغان «تارىختا» دېگەن كىتابتا قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، غۇز (姑师) دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم، بۇ تارىخىي خاتىرىنىڭ ئەسلى تېكىستىدە: «رۇران، غۇزلاردا شەھەر قورغانلىرى بار» دەپ خاتىرىلەنگەن، شۇ خاتىرىدە يەنە «غۇزلار دۆلىتى دېگىنىمىز، ئىككى دۆلەت ئىسمى غۇزلار دۆلىتى بىلەن قۇسلار دۆلىتى» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇ ئىككى دۆلەت دۆلەت ئىسمى، دەل ئاشۇ قەدىمكى زامانلاردا تۇرپان ئويمانلىقىدا بىر مىللەتنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى ئىدى. 
   گەرچە «تۇرپان» دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ يازما تارىخلاردىكى تارىخى 2000 يىلدىن ئاشسىمۇ، ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ۋە قېرىنداشلار مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا كونا تاش قورال دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت قالدۇقلىرى بارلىقى مەلۇم بولدى، دېمەك بۇ رايوندا ئومۇمەن ئېيتقاندا 10000 – 8000 يىللار ئىلگىرىلا ئىنسانلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ھەم قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان قەدىمكى ئانا ماكانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. 
   بۇ قەدىمكى ماكاندا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىزدىن غۇزلار (姑师) بىلەن، قۇسلار (车师) خەنزۇچە خەت مەنىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم يېشىپ چۈشەنسەك «姑»گۇ خېتى — «قىزچاق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. «شى» «师» خېتى «ئۇستاز» مەنىسىدە كېلىدۇ، بۇ ئىككى خەتنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشسەك، قىزلار ئۇستىلار يەنە «ئۇستىكار قىزلار» دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىز يەنە «گۇشى»، «姑师» دېگەن خەتنى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەلەپپۇز قىلسا «غۇز» دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، «گۇشى» «姑师» دېگەن خەت «غۇز» دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ ئاھاڭداش تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ چىقىدۇ. «چېشى» «车师» دېگەن خەتنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، «车» «چى» خېتى ھارۋا دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. (师) خېتى بولسا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇستاز دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر ئىككى خەتنى ئايرىم – ئايرىم مەنىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلساق (车师) دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇس» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭداش تەلەپپۇز قىلىنىشى. بۇ ئىككى دانە خەتنى خەنزۇچە مەنىسى بىلەن چۈشەنسەك «ھارۋا ئۇستىكارلىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ چىقىدۇ. 
   بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن «ئۇستىكار قىزلار»، ۋە «ھارۋا ئۇستىكارلىرى» دېگەن ئىككى خىل ئاتالغۇ بۇ ئويمانلىقتىكى مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان؟ ھەم ئىككى قەدىمكى دۆلەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان؟ 
   دېمەك بىز گەرچە ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئۆزىمىزنى «غۇزلار» ياكى «ئوغۇزلار» دەپ ئاتىغان بولساقمۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدا «غۇز» دەپ ئەسلىدىكى ئاتالغۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلالىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «گۇشى» دەپ تەلەپپۇز قىلغان ھەم شۇ تىلغا مۇناسىپ ھالدا مۇۋاپىق خەتلەرنى ئىشلىتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەسپىنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ خاتىرىلەنگەن. «چېشى» «车师» دېگەن خەتمۇ «گۇشى» دېگەن خەتكە ئوخشاشلا «قۇس» دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، باشقا مىللەتلەر تىلىدا بىۋاسىتە تەلەپپۇز قىلىش ياكى بىۋاسىتە يېزىش ئەسلا مۇمكىن بولمىغاچقا «车师» «چېشى» دېگەن خەت بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ ئىككى خىل نام «姑师» بىلەن «车师» ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەسپى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق دەپ ئاتىلىشىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىدىكى بەزىبىر ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولغان، بۇ كەشپىياتلار «قۇس»لار تۇنجى قېتىم چوڭ چاقلىق (گۈگۈسۈنلۈك) ھارۋىنى كەسىپ قىلغان. شۇڭا ئۇلار گۇشى (姑师) ھارۋا ئۇستىكارلىرى دەپ ئاتالغان ھەم شۇنداق خاتىرىلەنگەن، غۇزلارمۇ ئۆز رايونىدا «غۇزلار» رايونىدىكى ياۋا پىلە غوزىكىدىن پايدىلىنىپ يىپ ئىشلەپ، يىپەك رەخت توقۇپ، تۇنجى قېتىم يىپەك يىپتىن پايدىلىنىپ رەخت توقۇشنى كەشىپ قىلغان، شۇڭا بۇ ئىككى خىل كەشپىيات بۇ ئىككى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ «قەبىلىنىڭ» ھەم تارىختىكى كەشپىياتى ھەم شۇ مىللەتنىڭ نامى بولۇپ ئاتالغان، چۈنكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كەشپىياتى بىلەن ئەينى زامان دۇنياسىدا داڭ چىقارغان ھەم تونۇلغان، شۇڭا مەشھۇر تارىخشۇناس ئەدىب سىماچيەندىن تارتىپ، ئۇلاردىن كېيىنكى سۇلالىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە، قامۇسلىرىدا ئەجدادلىرىمىزنى «قۇس»، «غۇز» دېگەن ناملار بىلەن خاتىرىلىگەن ھەمدە بۇ ناملار مىللەتنىڭ ئىسمىغا مەركەزلىشىپ قالغان. 
   تارىخىي خاتىرىلەردە شۇ ئەجدادلىرىمىزدىن تۇرپاندىن باشقا جايلاردا ياشىغانلىرىنى مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرىلا «تېگرىك» (دىڭلىڭ)، «تۇرا» (تېلې)، «قاڭقىللار» (گاۋچې) دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتاپ كەلگەن، بۇ ناملارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىختىكى پائالىيىتى، ياشاش شارائىتى، ئەينى زامانلاردىكى مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەنمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ موڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالىدا، يەنە ئورخۇن دەرياسى ۋە سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان تارماقلىرىنى «تېگرىك» «دىڭلىڭ» دەپ ئاتاشقانىدى، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئەينى زامانلاردىكى ئاساسلىق پائالىيىتى چارۋىچىلىق بولۇپ، ئېگىز – پەس تەكشى بولمىغان تاغ قاپتاللىرىدا ئولتۇراقلاشقان. «دىڭلىڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئەينى زاماندىكى مەنىسى «تۈرك» بولۇپ، بۇ خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردە تەلەپپۇز تەرجىمىسى بويىچە «دىڭلىڭ» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە «تۈرك» دېگەن سۆز خەنزۇچىدا بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنغان. «تېلې» سۆزى بولسا ئەسلىدىكى «تۇرا» سۆزىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تەلەپپۇز قىلىنىشى. تۇرا دېگەن بۇ سۆز خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ «تېلې» دەپ خاتىرىلەنگەن، چۈنكى بۇ سۆزلەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. «گاۋچې» دېگەن نامغا كەلسەك، بۇ نام ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى نامى. بۇ نام ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى زامانلاردىكى تۇرمۇشى، پائالىيىتى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتى بار. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز دۇنيادا ھەممىدىن بۇرۇن ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىجاد قىلغان، بۇ ئىجادىيىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە ناھايىتى ئۇلۇغ تۆھپە قوشقان، ئەجدادلىرىمىز ھەم ئۆزلىرى ياسىغان ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلغان. ئېگىز چاقلىق ھارۋىلار ئەينى زامان جەمئىيىتىدە ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆيى بولغان، ھەم قاتناش قورالى بولغان، ھەم پائالىيەت بۇيۇمى بولغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا، ھارۋىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغانلىقى ئۈچۈن «高车» يەنى قاڭقىللار ياكى ئېگىز ھارۋىلىقلار دېگەن نامغا شەرەپ بىلەن ئېرىشكەن. بۇ نام، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ئاشۇ دەۋرلەردە «ئېگىز ھارۋىلىقلار» دېگەن بۇ نام ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ نامى ھەم كەسپىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىللەت نامى بولۇپ مەركەزلەشكەن. 
   يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىزدىن باشقا يەنە بىر ئىسمىمىز «ئۇيغۇر» ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر دېگەن بۇ نامىمىزنى خەنزۇ تىلىدا ۋە يېزىقىدا ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش ۋە ئەينەن خاتىرىلەش ئەسلا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، دۆلىتىمىز تارىخىدا ئۆتكەن ھەر قايسى سۇلالىلەر ئۆز تىل تەلەپپۇزى بويىچە ھەرخىل ئاھاڭلاردا تەلەپپۇز قىلىشقان. مەسىلەن، «خۇخې»، «خۇي خېر»، «خۇي خې»، «ۋېي ۋوئىر»، «ۋېي ۋۇ»، «ۋەي ۋۇ»، «ۋېي ۋۇ ئېر»، «ۋېي ۋوئىر»، «ۋېي گۇئېر»، «خۇي گې»، «خۇي خۇ»، «خۇي گۇ»، «خۇي خى»، «خالا خۇي»، «ۋۇيى گۇئىر»، «ۋۇخۇ»، «ۋۇگې»، «ۋۇخې» دېگەنگە ئوخشاش ئاھاڭلاردا تەلەپپۇز قىلىشقان. بۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىشىدىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بولغان. چۈنكى بىر سۇلالە ئاغدۇرۇلغان ھامان ئۇنىڭ ئورنىغا تىكلەنگەن يېڭى سۇلالە ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرگەنلىكتىن بىر مىللەتنىڭ بىر خىل ئىسمى ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىنىپ، ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىنمۇ ئەسلى مەنىسى بۇزۇۋېتىلگەن. بۇنداق بۇزۇلۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب، تىل ۋە تەلەپپۇزدىكى بۇزۇلۇش ۋە ئوخشىماسلىقتىن كېلىپ چىققان. 
   «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنىڭ مەزمۇنى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ ئەسلى مەنىسى نېمە؟ چۈنكى بۇ نامنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە ھېچ بولمىغاندىمۇ 2500 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. قەدىمكى زامانلاردا ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىزنى توققۇز ئوغۇز، ئون ئوغۇز ياكى توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتاشقان، بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقان «ئوغۇز، ئۇيغۇر» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىگە كەلسەك، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناس، تۈركشۇناس، قۇجۇشۇناس ئالىملارنىڭ «ئۇيغۇر دېگەن بۇ سۆز ئۇيۇشقۇچى، ئىتتىپاقلاشقۇچى، بىرلەشكۈچى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، توققۇز ئوغۇز ياكى ئون ئوغۇزلار بىرلىشىپ ئوغۇزلارنىڭ بۈيۈك قەبىلە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. توققۇز ئۇيغۇر ياكى ئون ئۇيغۇرلار قەبىلىلىرى ئۆزئارا بىرلىشىپ بىر قەبىلە ئىتتىپاقى «ئۇيغۇرلار قەبىلىسى»نى شەكىللەندۈرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، ھىندىستان تارىخلىرىدا، «مىلادىدىن ئىلگىرى تۈركلەر تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلغان ھالدا تۈرك خانلىقىنى قۇرغان، خانلىقنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان، شەھەر تۇرمۇشى كەچۈرەتتى، تۈرك دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ بىرىكتۈرۈلگەن ئومۇمىي ئاتالغۇسى» دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار لۇغىتى» دېگەن شانلىق ئەسىرىدە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەۋرىدە مىلادىدىن 356 يىل ئىلگىرىدىن 323 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە، يەنى تەخمىنەن دۆلىتىمىزنىڭ يېغىلىق دەۋرى بىلەن پاراللېل بولغان قەدىمكى دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلار تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ خانلىق دۆلىتى قۇرغان. بۇ دۆلەت بەش شەھەردىن تەركىب تاپقان. بۇلار سۇلمى شەھىرى، قۇجۇ شەھىرى، جانبالىق شەھىرى، بېشبالىق شەھىرى، يېڭىبالىق شەھىرى قاتارلىقلار، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يەنە شۇ ئەسىرىدە ئىسكەندەر شەرققە يۈرۈش قىلىپ ئۇيغۇرلار رايونىغا كەلگەندە تۈرك خاقانى 4000 ئادەم تەيىنلەپ ئۇنى كۈتۈۋالغان، «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتلىق ئىدى، باش كىيىملىرى ئۈستىدىكى قۇش پەيلىرى خۇددى بۈركۈت پەيلىرىگە ئوخشايتتى، ئۇلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، كەينىگە قارىتىپ ئوقيا ئاتسا، خۇددى ئالدىغا قارىتىپ ئاتقاندەك دەل تېگەتتى. شۇڭلاشقا ئىسكەندەر ئۇلارنى، بۇ كىشىلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەر، باشقا كىشىلەرگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ھەرقانداق ياۋايى ھايۋان ئۇلارنىڭ ئوقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغاندا ھەر ۋاقىت ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ» دەپ مەدھىيىلەنگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. شۇڭا بۇ رايونى «خۇزخۇرەندلەر» رايونى، يەنى «ئۇيغۇرلار» رايونى دەپ ئاتىغان. دېمەك «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ سۆز قەدىمكى تۈركچە سۆز بولۇپ، «ئۇيۇشقۇچى» دېگەن سۆز. بۇلار قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدىن ئوغۇز قەبىلىسى ياكى ئون ئۇيغۇر قەبىلىسى بىرلىشىپ تەشكىللەنگەن. «ئۇيغۇر» مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن ھازىرقى زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نامىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت. 
   3. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى 
   ئۇيغۇر مىللىتى ئېلىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان رايونلاردا يۈكسەك مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپلا قالماي، دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدىمۇ پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ھەم ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىر قانچە تەرەپلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. 
   1) ئىقتىسادىي جەھەتتە: 
   ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا، مەشھۇر يىپەك يولى بويىدىكى مەركىزى شەھەر ۋە رايونلاردا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا – سېتىق ئىشلىرى ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن.
   2) مائارىپ مەدەنىيەت جەھەتتە: 
   ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا، مائارىپ ئىشلىرىنى خېلى يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇرلار قوشنا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا يېزىق ئىجاد قىلغان ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەنىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقىنى ئۇرخۇن، يېنسەي ۋادىلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغانىدى. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا بايقالغان ۋە تېپىلغان بۇ يېزىقنى، زامانىمىزدا ئارخېئولوگىيىلىك تىل بىلەن «ئۇرخۇن – يېنسەي» يېزىقى دەپ نام بېرىپ، شۇ نام بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. ئۇ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ياراتقان بۇ يېزىقنى، خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئىشلەتكەن ھەم بۇ يېزىقتا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ياراتقان، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى مۇشۇ يېزىقتا خاتىرىلىگەن. ئەينى زامان مائارىپىدا دىن پەلسەپىسى نەزەرىيە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئاساسلىق ئۆگىنىدىغان ئىلمى يەنىلا دىنىي ئەقىدىلەر ۋە دىنىي ئەقىدىلەرگە تەۋە قائىدە – يوسۇنلار بولۇپ، بۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەت باشقۇرۇشتا ۋە خەلقنى تىزگىنلەشتە دىندىن قانداق پايدىلىنىپ، دىنىي قائىدىلەرنى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە قانداق سىڭدۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنەتتى. ئەينى زامانلاردا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ھەرخىل قانۇن – مىزانلىرى، دىنىي – پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان، پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسى ئاساسەن يەنىلا دىن ئەمرىمەرۇپ ھېكمەتلەرنى ئۆگىنىش بىلەن چەكلەنگەن. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئەجدادلىرىمىز ياشىغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتخانا، ئېتىكاپخانا، ئىستىقامەتخانا، مەسچىت، مەدرىس، مەھەللىۋى ۋە يۇرت تۈسىنى ئالغان جامائەلەر ھەممىلا يەردە قۇرۇلغان، مانا بۇلار ئەينى زامانلاردىكى مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ يالدامىلىرى. دېمەك، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىز مائارىپ ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، يۇقىرىقى ئەھۋاللار بۇلارغا دەلىل – پاكىت بۇلالايدۇ ھەم بۇلار ئەينى زاماندىكى مائارىپ مەنبەلىرىدۇر. ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. بۇ يەرگە تاش قىيا سۈرەتلەردىكى دىنىي مەزمۇندا سىزىلغان سۈرەتلەرنى مىسالغا كەلتۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭغا ئاددىي بىر مىسال، تۇرپان رايونىدا ئاشۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا، «مايترى سىمىت» (1) تەك سەھنە ئەسەرلىرى يېزىلىپ، سەھنىلەردە ئوينالغان ھەم «ئوغۇزنامە»گە ئوخشاش ئەدەبىي ئەسەرلەر رەتلىنىپ كەڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەن «ئۇيغۇر»، يەنە ئۇيۇشقۇچىلار، بىرلەشكۈچىلەر، ئىتتىپاقلاشقۇچىلار، ھەمكارلاشقۇچىلار دېگەن نامغا مۇناسىپ ھالدا، ئۆزلىرى ياشىغان ھەرقايسى دەۋرلەردە ناھايىتى پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ھەم ئەتراپىدىكى دۆلەت، رايون، يۇرت، جامائەتلەرگە تارقاتقان. ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ھەم مەدەنىيەتلىكلىكى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرگەن. جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ قىياپىتىدە يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. دېمەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا پەنگە يۈرۈش قىلىپ، مەدەنىيەتلىك تۇنجى قەدىمىنى غەلىبىلىك باسقان. 1991– يىلى كۈز بىلەن 1992– يىلى ئەتىياز ئارىلىقىدا پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى بىلەن، تۇيۇق يېزىسىنىڭ سۇ بېشى مەھەللىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان «قەلىبداشلار» يولىنى ياساش قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە، بۇ قۇرۇلۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، 1992– يىلى 3–، 4– ئايلاردا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى بىرلىشىپ، سۇ بېشى 2– نومۇرلۇق قەدىمكى قەبرە رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش داۋامىدا، قەدىمكى زامانلاردا تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى، تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتىنى، تېبابەتچىلىك ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتىنى، توقۇمىچىلىق سەۋىيىسىنى، ئەينى زامانلاردىكى خۇرۇم پىششىقلاش سەۋىيىسىنى، ساپالچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى، مېتال بۇيۇملارنى ئىشلەش سەۋىيىسىنى، رەڭلىك مېتاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلدى ... بۇ قەبرىستانلىقتىن يەنە، بىر ئەر جەسەت قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئەر جەسەتنىڭ ئالدى تەرەپ سول تەرىپى ئاشقازانغا ئۇدۇلراق كېلىدىغان يەردە پىچاق بىلەن ياي شەكىلدە كېسىلگەن ئىزى بار. بۇ قېتىمى قېزىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئەھۋال ئەينى زاماندىكى تېبابەتچىلىك ئوپېراتسىيىسىدىن قېپقالغان ئىز ئىكەن. (2) دېمەك قەدىمكى زاماندىلا بۇ ئويمانلىقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ھەرقايسى ساھەلەردە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، بولۇپمۇ تېبابەتچىلىك ساھەسىدە ئاجايىپ زور، ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ھەم كەشپىياتلارنى ياراتقان، ئەجدادلىرىمىز ئەينى زامانلاردا يەنە چوڭ – كىچىك شەھەر قورغانلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مەدەنىيەتنى ئالدى بىلەن شەھەرلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. مەدەنىيەت مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن – مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان. ئەجدادلىرىمىز ئالدى بىلەن يېزىقنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان، بۇ ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى، تارىخلارنى ئالدى بىلەن يېزىققا مەركەزلەشتۈرگەن ھەم يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى پۈتكەن، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدە ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرسەتكەن ھەم دۇنياغا تونۇلغان. 
   ھەر قانداق بىر كىشىگە شۇنداق بىر ئىش ئايانكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئەنە شۇ يارىلىۋاتقان ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تارتىپلا ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى رىۋايەت ئەپسانىلىرى بولىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەرگىز بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلەر بىر – بىرىگە ئوخشىمىغاچقا خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت ئەسپانىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنى ئەينى بويىچە خاتىرىلەپ، يېزىقتا ئىپادىلەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىت مىساللىرى. دېمەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە ھەم چوڭ ئىش. 
   «ئۇيغۇر» مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى بىر رىۋايەتتە: «تۈركلەر – ھونلارنىڭ بىر ئىرقى، ئۇلار ئاسىنا ئۇرۇقىدىن بولۇپ، باشقا قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. كېيىن باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇرۇقى قۇرۇتىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بولۇپ، ئەسكەرلەر ئۇنى كىچىك كۆرۈپ، ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلى ئۇنىمىغان، ئاخىر ئۇنىڭ بىر پۇتىنى كېسىۋېتىپ تاشلىۋەتكەن، بۇ ئوغۇل بالىنى بىر چىشى بۆرە باققان ... نەتىجىدە بۆرىنىڭ قورسىقىدا قالغان ... بۇ بۆرە قۇجۇ ئىدىقۇتلۇقىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا چىقىپ كەتكەن ... كېيىن ئون ئوغۇل تۇغقان، ئون ئوغۇل چوڭ بولۇپ باشقا قەبىلىلەردىن قىز ئاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسىسى بىردىن ئىرق دەپ شەكىللىنىپتۇ، ئاسىنا شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن» ( دېيىلگەن.) 
   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر رىۋايەتتە: «تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرى سۇ دۆلىتىدىن ئىدى، ھونلارنىڭ شىمالىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئىسمى: غارپاڭ بور ئىدى. ئۇلار ئاكا – ئۇكا ئون يەتتەيلەن ئىكەن، يەجگى نەشدۇر ئۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۆرىدىن تۆرەلگەنىكەن ...» (4). 
   يەنە بىر رىۋايەتتە: «قۇجۇ ئىدىقۇتلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتىن مەلۇم بولدىكى «ئۇيغۇرلار يۇرتىدا»، «قۇرۇم» دېگەن بىر تاش بولۇپ، ئۇ يۇرتتىكى ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاشنى مەنبە قىلغان، ئۇنىڭ بىرى توخسى دەرياسى، يەنە بىر سۇلۇنغۇر دەرياسى، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەريا بويىدا بىر تۈپ دەرەخ بولغانىكەن، بۇ دەرەخكە ئاسماندىن شولا چۈشۈپتۇ، توققۇز ئاي 10 كۈندىن كېيىن دەرەخنىڭ قورسىقى يېرىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ. ئەڭ كىچىكى ئەردەن بۇقۇ قاغان ئىكەن. ئۇ قەددى – قامەتلىك بولۇپ خەلقنى ئاينىتىپتۇ، يۇرتنى گۈللەندۈرۈپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتقا ئاقساقال بولۇپتۇ» (5) دېيىلگەن. 
   يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇرخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ياشايتتى ... قاغانى قۇرغان دۆلىتىنىڭ نامىنى تەڭرىتېغىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بىر – بىرىگە ئۇدۇل ئىككى تۈپ دەرەخ بولغانىكەن، ئارىلىقىدا بىر بارخان پەيدا بولغانىكەن، بارخانغا ئاسماندىن نۇر چۈشۈپ تۇرغان، كىشىلەر ئالدىغا بېرىپ قارىغۇدەك بولسا ئىچىدە ئاۋاز چىقىۋاتقان ... بەش ئۆي بولغان ... ھەر بىر ئۆينىڭ ئىچىدە بىردىن بوۋاق بولغان ... ئېغىزىغا نەيچە بىلەن ئوغۇز بېرىلگەن. بۇ بەش بوۋاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان، ھەرىكەت قىلغان، ئۇيغۇرلار بۇنى ئوغۇز دېيىشكەن، گەپ قىلالايدىغان بولغاندا، ئۇلار ئاتا – ئانىسىنى قويغان ... بۇ بەش ئوغۇلنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمى سۇنغۇر تېكىن، ئىككىنچىسى قوتۇر تېكىن، ئۈچىنچىسى بۇقا تېكىن، تۆتىنچىسى ئورتېگىن، بەشىنچىسى بۇقۇ تېگىن ئىكەن. بۇقۇ قاۋۇل ھەم ئەقىللىق ئىكەن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن ...» (6) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر رىۋايەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن بىر شەخس ئاپراسىياپ ھەققىدىمۇ خېلى نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئاپراسىياپ ئەسلىدە ئاتاقلىق تۈرك پادىشاھلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر ئەجدادى، تارىخشۇناس ئالىملار ئاپراسىياپنى پىردەۋسى پادىشاھ بولغان زامانلارغا باغلايدۇ ... دېمەك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يارىلىشىدىكى رىۋايەتلەرنى ئەنە شۇنداق يۇقىرى ماھارەت بىلەن خاتىرىلىگەن دېمەك يېزىق بىلەن ئىپادىلىگەن، دېمەك ئەجدادلىرىمىز مەدەنىيەتنى شۇنداق يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان، بىز تارىخىي رېئاللىققا ئېرىشىش يولىدا تىرىشىدىكەنمىز، تارىخىي رىۋايەتلەردىنمۇ خېلى كۆپ پايدىلىنىمىز ھەم ئېھتىياجلىقمىز، تارىخىي رېئاللىققا ئاساسلانساق، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەدىمكى قەبرە، ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ پائالىيەت ئىزلىرى، ھەر قايسى دەۋرلەردىن قېپقالغان ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بارلىقى بايقالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاستانە تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ تارىخىلا ئالتە مىڭ يىلدىن يەتتە مىڭ يىلغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش داۋامىدا قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بەزى بۇيۇملارنى «كاربون 14 ئانالىزى» بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە 3300 يىلدىن ئاشىدىكەن. مانا بۇ ھەقىقىي رېئال تارىخ. ئەجدادلىرىمىزنى مۇشۇ نۇقتىلاردىن كۆزەتكەندە، دەرەخ تۇغقانمۇ ئەمەس، دۆڭلۈككە شولا چۈشۈپ تۆرەلگەنمۇ ئەمەس، موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەنمۇ ئەمەس، ئەزەلدىنلا تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ ماكاندا تۆرەلگەن، ياشىغان، ئاۋۇغان، داۋاملىق مۇشۇ ئويمانلىقنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدەنگەن، ھارماي – تالماي كۈرەش قىلغان. مانا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۇلۇش مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم ۋارىسلىرى. مانا بۇ ئەمەلىي پاكىتلارغا، رېئاللىققا ھۆرمەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە. 
   4. «تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە 
   «تۇرپان» دېگەن بۇ ئىسىم قەدىمكى تارىخنامىلەردە بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان ناملار، ھەر خىل ئاھاڭ، تەلەپپۇز، خەتلەردە خاتىرىلىنىپ كەلدى. تۇرپاننىڭ بىر قەدەر قەدىمىيرەك نامى خەنزۇچە يازما مەنبەلەرنىڭ تۇنجىسى بولغان «تارىخنامە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا: «رۇران – غۇزلاردا شەھەر قورغانلار بار» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «غۇزلاردا» دېگەن نام دەل ئەينى زاماندىكى «تۇرپان» بولۇپ، بۇ نامنىڭ بۇ كىتابتا خاتىرىلەنگىنىگە 2000 يىلدىن ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇرپاننىڭ «تۇرپان» دېگەن ئىسمى، ئوخشىمىغان سۇلالىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئاستىدا ئوخشىمىغان تەلەپپۇزلار بىلەنمۇ ئاتالغان ھەم ئوخشىمىغان خەتلەردىمۇ خاتىرىلەنگەن. شۇ كىتابتا يەنە «غۇز ئىككى دۆلەت ئىسمى، غۇز ھەم قوس» دەپ ئىزاھاتلار بېرىلگەن. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت، قەدىمكى زامانلاردىكى غەربىي رايوندىكى ئىككى قەدىمكى دۆلەت بولۇپ، تەخمىنەن 5–6 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا مانا بۇ ماكاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنىڭ پاكىتى. ئۇنىڭدىن باشقا غەربىي خەت سۇلالىسى زامانىسىدا «تۇرپان»نى، يەنى «قۇس» دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم، غەربىي خەن دەۋرىدە ياشىغان تارىخشۇناس بەنگۇ تەرىپىدىن مۇنداق بىر خاتىرە قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خاتىرىدە، «ئالدىنقى غۇز دۆلىتىدە پادىشاھ يارقۇت شەھىرىدە تۇراتتى، دەريا سۈيى بۆلۈنۈپ شەھەرنى بويلاپ ئاقاتتى، قەدىمكى نامى يارقۇت ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم. 
   بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «كېيىنكى خەننامە»دە ئوخشاشلا ئەينى زاماندىكى تۇرپاننى بىراقلا «قۇس» دەپ ئاتايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەردىن «ۋېينامە» دېگەن كىتابتا «قۇجۇ ئالدىنقى قۇس پادىشاھلىقى دۆلىتىنىڭ قەدىمكى يۇرتى ئىدى» ... «خەلقى كۆپ، باياشات» شۇڭا «قۇجۇ» دېيىلىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. تۇرپان ۋېي سۇلالىسى دەۋرىگە يەتكەندە «قۇجۇ» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. بۇ ھەم ئەينى زامان دەۋرىدىكى ئانا يۇرتىمىز «تۇرپان»نىڭ نامى. «جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخىي»دا «قۇجۇ دۆلىتى دەسلەپتە، قۇسلارنى ئاساس قىلغانىدى ... توپىدىن سېپىل سوقۇپ، ياغاچتىن ئۆي ياساپ، ئۈستىنى توپا بىلەن ياپاتتى» دەپ خاتىرىلىگەنىدى. بۇ تارىخىي خاتىرىدە مىلادى 4—5– ئەسىرلەردىكى «تۇرپان» رايونىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالى ناھايىتى ئىخچام بايان قىلىنغان. 
   يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە 10– ئەسىرلەردە (مىلادى 970– يىللار)دا يېزىلغان خوتەن تارىخلىرىدا يۇرتىمىز تۇرپان ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن. خوتەن تارىخنامىلىرىدا، ئەينى دەۋرلەردىكى «تۇرپان»نى خوتەننىڭ ئاشۇ زامانلاردىكى يەرلىك تىلى بويىچە «دوربان» دەپ ئاتايدىغانلىقى ھەم شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 
   بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدە تۇرپاننى «قۇجۇ» دەپ خاتىرىلىگەنىدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تارىخلاردا يەنە داۋاملىق «قۇجۇ» دەپ خاتىرىلەندى، بىراق يۈەن دەۋرىگە كەلگەندە ئىشلەتكەن قۇجۇ دېگەن ئىككى خەت ئىلگىرى ئىشلەتكەن خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىكى خەتلەرگە پەقەت ئوخشىماي قالدى، يەنى تۇرپان «火州» دېگەن ئىككى خەت بىلەن خاتىرىلەندى، بىراق بۇ خەتلەر پەقەت «قۇجۇ» دېگەن ئۇيغۇرچە نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىنلا ئىبارەت، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خەتنى خاتا ھالدا «ئوت يۇرتى» دەپ تەرجىمە قىلدى (بۇ يەردە ئاساسەن تۇرپاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۆزدە تۇرۇلغان). 
   دېمەك، قانداق خاتىرىلەنمىسۇن، ھەر قانداق تەلەپپۇز قىلىنمىسۇن، بۇلارنىڭ قايسىسىلا بولمىسۇن ئوخشاشلا قەدىمكى دىيارىمىز، ئانا ماكانىمىز «تۇرپان»نىڭ نامى ئىكەنلىكىدە قىلچە گۇمان يوق. 
   چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى تارىخچىلار «تۇرپان» دېگەن نامغا قارىتا «ئويمانلىق» دەپ تەبىر بەرگەن. بولۇپمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرىغا كەلگەندە، تارىخچى ۋاڭ شۇيۇڭ ئەپەندى، «غەربىي يۇرت تىللىرى» دېگەن ئەسىرىدە، تىللارنى تەتقىق قىلىپ، «تۇرپان» دېگەن سۆزنى، بۇ سۆز، غەربىي يۇرتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، شۇڭلاشقا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئويمانلىق» دېگەن مەنىدە دەپ تەبىر بەرگەن. 
   دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ، «تىرەن»، «تۆۋەن»، «تېگى»، «تۈۋى»، «تۇر»، «پان» دېگەن تىللىرىمىز بار، بۇ سۆزلەرنىڭ گەرچە ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشىمىسىمۇ بىراق، مەنە جەھەتتىن بىر – بىرىگە ئىنتايىن يېقىن. دېمەك، ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان مەنىداش سۆزلەر «تۇرپان» دېگەن بۇ سۆز بىلەن يېقىن مەنىداش كېلىدۇ. ئېھتىمال بۇ سۆز تارىختىكى تىل تەرەققىياتىمىزغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، تىرەن ياكى تۆۋەن سۆزدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن ياكى «تۇر» «پان» دېگەن سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «تىرەن»، «تۆۋەن» دېگەن سۆزنى ئالىدىغان بولساق، تۇرپان ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۇرپان دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن تۇرىدۇ. تۇرپان دېگەن ئاتالغۇ تىرەن ياكى تۆۋەن سۆزنىڭ ئاساسىدا ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلغان خاس نامى بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا «ئويمانلىق» دېگەن مەنە ئېيتىلغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، دېمەك غەربىي يۇرت تىللىرى دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل قائىدىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ناھايىتى ھۆرمەت قىلغان. 
   دېمەك، بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «قۇس»، «غۇز»، «قۇجۇ»، «قارا»، «خوجۇ»، «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى تارىخ داۋامىدا تۇرپانغا بېرىلگەن ناملار. بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان تىللىرىمىزدىن «تۇر» دېگەن بۇ سۆز بەلگە، نىشان، يۇرت، مەھەللە، شەھەر، دۆلەت دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە، «پان» سۆزى، ئۇلۇغ، بۈيۈك، زور، گۈزەل قۇدرەتلىك دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئەگەر بۇ ئىككى سۆز ئۆزئارا بىرىكسە «بۈيۈك دۆلەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك يۇرتىمىز ئەزەلدىنلا مۇھىم قاتناش لىنىيىسىگە قۇرۇلغانلىقى، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبلىك، رولى ۋە ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن قەدىمكى زامانلاردا «ئۇلۇغ دۆلەت» دەپ ئاتالغان بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. 
   يۇقىرىدا بىز تەكىتلىگەن يۇرتىمىزنىڭ ھەر خىل ناملىرى بەزىدە ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ نامى بولۇپ خاتىرىلەنسە، بەزىدە تۇرپان ئويمانلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى قۇرغان ھاكىمىيەتلەر، خانلىقلارنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەن، بەزىدە غەربىي يۇرتتىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى بولۇپ ئاتالسا، بەزىدە غەربىي دىياردىكى بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلدى. شۇڭا بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنى مەيلى مىللەت نامىدا ئاتالسۇن، مەيلى دۆلەت نامىدا ئاتالسۇن ياكى يەر – جاي نامىدا ئاتالسۇن، بىر – بىرىدىن ئايرىپ قاراش ئەسلا تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ ئىسىملار ۋە ناملار تارىختا بۇ قەدىمكى ماكاندا ياشىغان مىللەتلەر بىلەن بۇ ماكاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەرنى بىر – بىرى بىلەن مۇستەھكەم تۇتاشتۇرۇپ، بىرىنى يەنە بىرىگە چوڭ باغلاپ كەلگەن. شۇڭا بۇ نام ۋە ئىسىملارنى مىللەتنىڭ نامى دەپ چۈشىنىشكىمۇ ياكى دۆلەتنىڭ نامى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس. 
   تۇرپان دىيارى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن، كۆپ خىل دىنلار ئۆزئارا ئۇچراشقان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. 
   تۇرپان رايونىدا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر، سوغدى، تۈرك، ئوغۇز، خەنزۇ، تاڭغىت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ۋە تۇرپان ۋادىسىنى بىرلىكتە گۈللەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغانىدى. تۇرپان ئويمانلىقىدا تارىختا ياشىغان باشقا مىللەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قەدىمكى تۇرپاننى قۇرۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. 
   5. قەدىمكى زاماندا تۇرپاندا ياشىغان باشقا مىللەتلەر 
   ئىدىقۇت رايونىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا تۇرپاننى گۈللەندۈرۈش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ھەم ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختا خاتىرىلەنگەن. 
   تارىختا يۈز بەرگەن بىر مۇنچە قاتتىق داۋالغۇش ۋە سىياسى ۋەقەلەردىن كېيىن، 5– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى سىياسى ۋەزىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئۆتتى. شۇ ۋەقەلەر ئۆتۈپ، ۋەزىيەت تىنچلانغاندىن كېيىن «قۇجۇ دۆلىتى» ناملىق بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. بۇ ھاكىمىيەتنى شۇ زامانلاردا تۇرپان ۋادىسىدا ياشاۋاتقان «كەن شۇاڭ» ئىسىملىك بىر زات قۇرغانىدى. ئۇ كىشى كېيىنچە ئۆزىنى «تەيشۇ» (ۋالىي) دەپ ئاتىۋالغانىدى. 
   قۇجۇغا دائىر تارىخىي خاتىرىلەردىن بىر بولغان «ۋېينامە»دە مۇنداق بىر ئابزاس خاتىرە بار بولۇپ، بۇ خاتىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «گاۋچاڭ بۇرۇنقى جەنۇبىي چۆرىبېگىنىڭ زېمىنى ئىدى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىي جۈشى قەبىلىلىرى بۇ يەردە ياشايتتى. بۇ زېمىن شەرقتىن غەربكە 2000 چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغا 500 چاقىرىم چوڭلۇقتا بولۇپ، ئەتراپىنى تاغلار قورشاپ تۇراتتى، ئېيتىشلارچە، خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرىدىن خەن ۋۇدى غەربكە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن قوشۇنلار بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، قورشاۋدا قالغان. بۇ يەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز، ئاھالىلىرى باياشات بولغانلىقى ئۈچۈن ‹مەئىشەت مول زېمىن› دەپ ئاتالغان. يەنە بەزىلەر، بۇ يەردە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان گاۋچاڭ قورغىنى بولغان، كېيىن بۇ قورغاننىڭ نامى دۆلەت نامى قىلىنغان دەپ رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇ چاڭئەنگە (ھازىرقى شىئەن)گە 4990 چاقىرىم كېلىدىكەن. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي دىيار دورغاپى ۋە تىركەكچى چېرىكى ئەمەلدارلىرى بىرلا ۋاقىتتا بۇ يەردە تۇرغۇزۇلغان، جىن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ يەردە قۇجۇ (گاۋچاڭ) ئايمىقىنى تەسىس قىلغان. جاڭ گۇي، لۈگۇاڭ، جۈچۈ، مېڭ شۈن قاتارلىق كىشىلەر خېشى رايونلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغاندا، ۋالىيلارنى ئەۋەتىپ، بۇ يەرنى باشقۇرغان». 
   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ بىر ئابزاس خاتىرىدىن، ئەينى زاماندا تۇرپاندا ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يەرلىك ھاكىمىيەت «قۇجۇ دۆلىتى»نى قۇرۇپلا قالماستىن، «قۇجۇ دۆلىتى»نىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئويناپ، قەدىمكى قۇجۇ دۆلىتىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تىنچ ساقلاش بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ۋەزىيەت تىنچ بولمىسا دۆلەت روناق تاپالمايدۇ، ئاۋام بەختلىك بولمايدۇ، ھاكىمىيەت قۇدرەت تاپالمايدۇ، بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلغانىكەن، ئۇنى مۇستەھكەملەپ، قۇدرەت تاپقۇزۇش شۇ دۆلەتنىڭ ئاۋاملىرى بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمكى قۇجۇ دۆلىتى ئۆز زېمىنىدىن ئۆتكەن يىپەك يولىنىڭ بىخەتەر، تىنچ – ئامان يۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان. دېمەك قەدىمكى زاماندا بۇ ماكاندا ياشىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر تۇرپاننى گۈللەندۈرۈش، قۇرۇش يولىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. 
   6. كالېندارچىلىق 
   قەدىمكى تۇرپاننىڭ كالېندارچىلىقى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قەدىمكى قۇجۇ دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا قوللىنىلغان. بىز قۇجۇ قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدىن قېزىۋېلىنغان ياكى ئاستانە قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ۋە ياكى بېزەكلىك، تۇيۇق مىڭئۆيلىرىدىن قېزىۋېلىنغان يازما ھۆججەتلەردىن بۇ نۇقتىلارنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. 
   كالېندارچىلىق كەسپىنىڭ قۇجۇ دۆلىتىدە بۇنداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى يەنىلا شۇ قۇجۇلۇقلارنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان، كۈندىلىك چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس بىرەر ۋاقىتنىڭ بولۇشى قۇجۇلۇقلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا تولىمۇ ئەمەلىي ئېھتىياج بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا تۇرپانلىقلار كۈنلەرنى، ئايلارنى ۋە يىللارنى خاتىرىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى. بەزىدە ھەپتە بويىچە خاتىرىلەش ئىشلىرىنىمۇ قوللاندى. 
   ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ياكى قۇجۇدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدىن قېزىۋېلىنغان ۋە ياكى بېزەكلىك مىڭئۆيلەردىن قېزىۋېلىنغان ھەر بىر پارچە يازما مەدەنىيەت يادىكارلىقىدا X ئاينىڭ X كۈنى، ياكى X يىلنىڭ X ئاي X كۈنى، ياكى ئۇد (كالا) يىلى X ئاي X كۈن ياكى بارىس (يولۋاس) يىلى X ئاينىڭ X كۈنى دېگەندەك خاتىرىلەش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ كۆزگە چېلىقىدۇ. 
   قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئاز دېگەندە ئىككى خىل يىلنامە قوللىنىلغانىدى. ئۇنىڭ بىرى، «ھەپتىلىك كالېندار» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ بىر خىل قەدىمكى كالېندار بولۇپ، تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كالېندارنىڭ پارچە ۋەرەقلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن قارىغاندا، كالېندارغا كۈنلەرنىڭ نامى سوغدىچە، تۈركچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغانىدى، يەتتە كۈننىڭ نامى سوغدى تىلىدا يېزىلغان، تۈركىي تىلىدا 12 يىل (مۆچەل) نامى يېزىلغان. (7) قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغان يەنە بىر خىل كالېندارمۇ تۇرپاندىن تېپىلغان بىر خىل يىلنامە بولۇپ، بۇ كالېنداردا بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنگەن، 2– ئايدىن 11– ئايغىچە بولغان ھەر قايسى ئايلار ئۆز تەرتىپى بويىچە سان بىلەن ئاتالغان. پەقەت 1– ئاي بىلەن 12– ئاي «ئارام ئاي» دەپ «چاغساپات» دەپ ئاتالغان «ئارام ئاي» دېگىنى روزا ئاي بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ قەمەرىيە كالېندارىدىكى نورۇز ئېيىغا، «چاغساپات» دېگىنى دەلۋە ئېيىغا توغرا كېلىدۇ، ھەر ئاينىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى «ياڭى» (يېڭى) دەپ ئاتىلىدۇ، بىر يىلنى 12 مۆچەلنىڭ مەلۇم بىر مۆچەل بويىچە ئىپادىلىگەن: مەسىلەن، چاشقان يىلى، توشقان يىلى، ئات يىلى ... دېگەنگە ئوخشاش. بىراق 12 مۆچەل ئىچىدىكى يىلان، توخۇ، توڭگۇز دېگەنلەرنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى قوللىنىلغان. (8) 
   1904–يىلى گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئەترىتى ئىدىقۇت قەلئەسى يېنىدىن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر كالېندارىنى تاپتى. ياپونىيىلىك ئالىم يۈتيەنخېڭ بۇ كالېندار ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈتيەنخېڭ شىجۇ ئۇيغۇرلىرىدا كالېندارنىڭ قائىدىسىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگودا ئاز دېگەندە 10– ئەسىردىلا، ھەپتە، ئون تۈپ، 12 بۇرچ، بەش ئەناسىر، 12 خىل ئىسىم بويىچە ھېسابلىنىدىغان كالېندار ۋۇجۇدقا كەلگەن. 12 بۇرجنى ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتاش — يەرلىك تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئۆز ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئېتىبار بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. (9) يۇقىرىدا بۇ بايانلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى قۇجۇ خانلىقى زامانلىرىدىن تارتىپلا مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە بولغان كالېندارچىلىق كەسپىنى قوللىنىشنى ئادەت قىلغان. 
   كالېندارچىلىق ھەققىدە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇنداق بىر ھېكايىنى خاتىرىلىگەنىدى: «تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان، بۇنىڭدا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلتايدا مۇندا دېگەن: ‹بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق، بىزنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ، شۇڭا بىر ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىش بىلەن ھېسابلانسۇن. بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن›، خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى ‹شۇنداق بولسۇن› دەپ ماقۇللىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ياۋايى ھايۋانلارنى ئېلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇغان. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ، ئېلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن. بىر مۇنچە ھايۋانلار ئۆزىنى سۇغا ئاتقان. ئۇلارنىڭ ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن. ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتكەن. شۇڭا، يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ «چاشقان يىلى» دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قالغان. دېمەك، شۇ چاغدا قويۇلغان يىل ناملىرى تۆۋەندىكىچە: 
     ئۇد يىلى (كالا يىلى). 
    پارىس يىلى (يولۋاس يىلى). 
    توشقان يىلى. 
    لەھەڭ يىلى (تىمساھ يىلى). 
    يىلان يىلى. 
    يۇند يىلى (ئات يىلى). 
     قوي يىلى. 
    بىچىن يىلى (مايمۇن يىلى). 
    تاقاغۇ يىلى (توخۇ يىلى). 
     ئىت يىلى. 
     توڭگۇز يىلى. 
     توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدۇ. (10) 
     مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى ئۇيغۇرلاردا ئورخۇن بويىدىكى چاغلىرىدىلا ئومۇملاشقان. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»غا پۈتۈلگەن تۆۋەندىكى ئىبارىلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ. (11) 
    «كۆلتېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق». (12) دېمەك، بۇ قىسقا خاتىرىدە كۆلتېكىن ئۆلگەن يىلنىڭ نامى قوي يىلى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق خاتىرىلەنگەن، كالېندارچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئەينى زامان جەمئىيىتىدىكى زور سەكرەش، جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ماددىي ۋە مەنىۋى ئاساس، جەمئىيەتتىكى غايەت زور سەكرەش پائالىيىتى. 
     دېمەك، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خېلى مۇكەممەل كالېندارغا ئىگە ئىدى. بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار دەسلەپكى چاغلاردا، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كالېندارىنى (تۈرك كالېندارىنى) ئىشلەتكەن. كېيىنچە يەنە ھىندى كالېندارى، سوغدى كالېندارى، ئىران كالېندارى، خەنزۇ كالېندارى ۋە كېيىنكى چاغلاردا ئەرەب شەمسىيە كالېندارى بىلەن ئەرەب قەمەرىيە كالېندارىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە يىللارنى ھېسابلىغاندا بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مۆچەللىك كالېندارى، ئايلارنى ھېسابلىغاندا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كالېندارى بىلەن ھىندى شەمسىيە كالېندارى كۈنلەرنى ھېسابلىغاندا، ئاساسەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كالېندارى بىلەن سوغدى ۋە خەنزۇ كالېندارىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن. (13) 
     ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇ چاغدا خۇددى باشقا تۈركىي قەبىلىلىرىگە ئوخشاشلا يىللارنى 12 مۆچەلگە ئايرىپ ئۇلارنى كۈسكۈ (چاشقان)، ئۇد ياكى سىفىر (كالا)، بارىس (يولۋاس)، تاۋۇشقان (توشقان)، لۇۋ ياكى ئەلۇۋ (ئەجدىھا)، قونت (ئات)، يىلان، قون (قوي)، مىتىن ياكى مىشىن (مايمۇن)، تاقىقۇ (توخۇ)، ئىت لاغزىن (توڭگۇز) دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ھەر بىر مۆچەلگە (12 يىلغا) يەنە تۇۇ (تۇپراق)، ئالتۇن (ياكى تۆمۈر)، ئوت، سۇب (سۇ)، يەل قاتارلىق بەش ئەناسىر بەش قېتىم تەكرارلاپ ھەر قايسى يىللارنىڭ كەينىگە قوشۇپ (كۈسكۈ تۇپۇ، كۈسكۈ ئالتۇن، كۈسكۈ ئوت، كۈسكۈ سۈب، ئۇد تۇپۇ ... دېگەندەك)، 60 يىل ھېسابلاپ، 60 يىلنى بىر قەرنە دەپ ھېسابلىغان. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىي قوۋملىرى (جۈملىدىن ئۇيغۇرلار) ئىشلەتكەن بۇ خىل مۆچەل كالېندارى ئۇلاردىن خەنزۇلارغا تارالغانىكەن. (14) 
     ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە بىر يىل ئىچىدىكى 12 ئاينى قوزى، ئۇد (ئالا)، ئاراندىز (جەۋزا)، قۇچىق (سەرەتان)، ئارسلان، سۇنبۇلە، ئۈلكۈ (تارازا)، چازان (چايان)، ياي (ئوقيا)، ئوغلاق، كۆنەك (دەلۋە)، بالىق (بېلىق) قاتارلىق 12 يۇلتۇزنىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان ئادەتمۇ بار ئىدى. تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن تېپىلغان بەزى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى، قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ھىندىستان رايونىدا قوللىنىلغان ساپ ھىندى ئايلىق كالېندارىنىمۇ ئىشلەتكەن. (15) 
     ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىمۇ باشقا تۈركىي قەبىلىلىرىگە ئوخشاشلا بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، بۇ كۈنلەرنى، دۈشەنبە (باش كۈن)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتنا كۈن (پەيشەنبە)، ئاتنا كۈن (ئازنا — جۈمە)، ئاتناراس كۈن (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەرمۇ بار ئىدى. (16) 
     ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يىل ھېسابلاش جەھەتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئورخۇن دەۋرىگە ئوخشىمايدىغان زور يېڭىلىقلارغا ئىگە بولغان. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ پارلاق يېڭى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىغا ناھايىتى زور ھەسسىلەرنى قوشقان. (17) 
     يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ئەھۋاللاردىن باشقا يەنە بېزەكلىك مىڭئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىمۇ كالېندارغا مۇناسىۋەتلىك تام رەسىملىرىنىڭ سىزىلغانلىقىمۇ مەلۇم. بېزەكلىك مىڭئۆيلىرى 9– نومۇرلۇق غارنىڭ ئىشىككە ئۇدۇل كېلىدىغان تۈۋرۈك تامنىڭ ئالدى تەرىپىدە (ئىشىككە قارىغان تەرەپتە) بىر پارچە رەسىم بولۇپ، بۇ رەسىمدە چەمبىرەكسىمان بىر يۇمىلاق سۈرەت بار. بۇ سۈرەت ھەر خىل رەڭلەردە بويالغان، رەڭلىرى ئاساسەن قىزىل، كۆك، يېشىل ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان، بۇ يۇمىلاق سۈرەت ئۈچ رەتكە بۆلۈنگەن، ھەر بىر رېتى ئون ئىككى كاتەكچىگە بۆلۈنگەن، بۇ چەمبەرسىمان سۈرەتنىڭ ئوتتۇرىسى قىزىل رەڭدە بويالغان، ئاستى تەرەپتە بۇ چەمبەرنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئۈچ تال پۇتسىمان شەكىل سىزىلغان، پۇتسىمان شەكىل بىلەن چەمبەرسىمان يۇمىلاق شەكىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھىلال ئاينىڭ سۈرىتى بار، ئايمۇ قىزىل رەڭ بىلەن بۇيالغان. بۇ چەمبەرسىمان سۈرەتنىڭ ئىككى تەرىپىدە بۇغىنىڭ ياتقان سۈرىتى بار، بۇغىمۇ ھەر بىر تەرەپكە ئىككىدىن سىزىلغان. بىراق بۇ بۇغىلار لاۋۇلداپ يالقۇنجاۋاتقان ئوتنىڭ ئىچىدە ياتقان. 
     چەمبىرەكتىكى كاتەكچىلەرگە كەلسەك ھەر بىر قۇرى 12 كاتەكچىگە بۆلۈنگەن، بۇ ئېھتىمال بىر يىلنىڭ 12 ئايغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك، رەڭ مەسىلىسىدە قىزىل، يېشىل، كۆك بۇ ئۈچ خىل رەڭ ئېھتىمال قىزىل ئوتنى، يېشىل سۇنى، كۆك ھاۋانى بىلدۈرسە كېرەك، چۈنكى ئالەم قەدىمدىن تارتىپلا شۇنداق ئىنسانلارغا كېرەكلىك بولغان مۇھىم ئامىللاردىن تۈزۈلىدۇ دەيدىغان تەلىم – تەرغىباتلار ناھايىتى كۆپ، ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇ كاتەكچىلەر يىغىلسا 36 كاتەكچىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ 36 كاتەكچە 360 كۈننى بىلدۈرسە كېرەك. چۈنكى بىر يىل 12 ئاي، 360 كۈندىن تەركىب تاپىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن 36 يىل بىر قەرنە دەيدىغان گەپمۇ بار، بۇمۇ ئەجدادلىرىمىز دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلمىي نۇجۇم ھەققىدىكى بىر ھېكمەتلىك دەۋردۇر. 
     يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ چەمبەرسىمان سۈرەتنىڭ مەركىزى پۈتۈنلەي قىزىل رەڭ بىلەن بويالغان. كاتەكچىنى ھەر بىر قۇرتىنى 12گە بۆلگەندىكى سىزىق ھەر بىر ئۈچ قۇرغا بىر تالدىن توغرا كەلگەچكە ناھايىتى رەتلىك بىر شەكىلگە كىرگەن بولۇپ، خۇددى نۇرلۇق بىرەر جىسىمنىڭ نۇر تالالىرىغا ئوخشايدۇ. دېمەك، بۇ يۇمىلاق چەمبەرسىمان جىسىم يەر شارىغا سىمۋول قىلىنغان، ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل چەمبىرەك قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان. دېمەك يۇقىرىدىكى تالاسىمان نۇر سىزىقلىرى دەل قۇياشنىڭ نۇرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارىنى، يەنى ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ نۇرى بىلەن ئىللىتىپ تۇرغانلىقىنىڭ سىمۋولى. 
     يۇمىلاق چەمبەرسىمان شەكىل بىلەن پۇتسىمان شەكىل ئارىلىقىدىكى ھىلال ئايغا كەلسەك ئۇمۇ قۇياشتىن نۇر ئېلىپ، يەر شارىغا ياكى ئىنسانلارغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بۇ سۈرەتمۇ باشقا سۈرەتلەرگە ئوخشاشلا، قۇياش، يەر شارى، ئاي شارى قاتارلىق ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى زىچ ھەم قويۇقلۇقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، كالېندارچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە سۈرەت. 
    بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 9– نومۇرلۇق غارىنىڭ دەۋرى مىلادى 7– ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. سەل كونكرېت توختالساق، مىلادى 630– يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. دەل قۇجۇ دۆلىتىنىڭ مانى دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ رەسمىي بېكىتكەن دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ غارنىڭ تورۇسىدا نېلۇپەر گۈل نۇسخىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىز تارىخىدىكى تاڭ دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. يان تاملىرىدا يەنە كۆك بۆرىنىڭ تاش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سۈرىتىمۇ بار. دېمەك بۇ بىر قاتار مۇرەككەپ ھېكايە قۇرۇلمىسىمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات داۋامىدا ئۆز مەنىسى بىلەن ياخشى ھەل بولغۇسى.

مەنبە: شىنجاڭدىكى ٸازسانلىق  مىللەتلەرنىڭ تارىخى

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى