كۆزۈمدە كىتاب، يۈرىكىمدە كىتاب
-
كۆزۈمدە كىتاب، يۈرىكىمدە كىتاب
ۋاقتى: 2015-04-21 ئاۋاتلىقى: 4755 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىمىر غىياس
لېنىن ‹‹كىتاب بۈيۈك كۈچ›› دېسە، يا.كومېنىسكىي ‹‹كىتاب دانىشمەنلىكنى تارقىتىش قورالىدۇر›› دېگەنىدى.
ھەقىقەتەن كىتابنىڭ ‹‹تارتىش كۈچى›› بەك كۈچلۈك. ئۇ ئۆتمۈشنىڭ ھېكايىسى، بۈگۈننىڭ ئەينىكى، ئەتىنىڭ كومپاسى، ئارزۇ – ئارماننىڭ مايىكى؛ ئۇ كىتاب ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنزىلى، تۇرمۇشنىڭ تەسۋىرەن كارتىنىسى، ئېستېتىك ھۇزۇرنىڭ مۇزىكىسى؛ ئۇ قابىلىيەت ۋە ئىجادىيەتنىڭ، مەرىپەت ۋە پاراسەتنىڭ سەمەرىسى، تەربىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى، مۇۋەپپەقىيەت ۋە سائادەتنىڭ نۇرى. ئەگەر سىز بىرەر مىللەتنىڭ تارىخىغا دائىر كىتابنى ئوقۇسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزنى شۇ مىللەتنىڭ تارىختىكى سەلتەنەتلىك ۋە شەۋكەتلىك، بىخەستەلىك ۋە قايغۇلۇق كەچۈرمىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىڭىزنىڭ تارىخىغا تەتبىقلاپ ئۆگىنىشىڭىزگە، جۈملىدىن ئۇنى ئۆز خەلقىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى يېتەرسىز ۋە ئاجىز نۇقتىلىرىغا تەتبىقلاپ، خەلقىڭىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ناۋادا، رېئال تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن بىرەر روماننى ئوقۇسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، تۇرمۇشتا قايسى تەرەپتىن كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقىڭىزنى، جۈملىدىن سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشىغانلىقىڭىز ۋە قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ھەمدە قانداق ياشىسىڭىز بولىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ناۋادا سىز كىتابنى ئازابلانغان ۋە ئۆكۈنگەن قەلبىڭىزنى ئەمىن تاپقۇزۇش، ئۆزىڭىز ئىزدىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان نەرسىڭىزنى قانائەتلەندۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تاللىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، سىز ئۈچۈن كىتابتەك ھىممەتلىك ۋە قىممەتلىك نەرسە بولمايدۇ. ھەقىقەتەن كىتاب بەئەينى يېنىۋاتقان چىراغدۇر، سىز قاراڭغۇدا ھېچنېمىنى ئىلغا قىلالمىغىنىڭىز بىلەن، چىراغ يانسىلا ھەممىنى ئوچۇق كۆرەلەيسىز؛ بىر پارچە مەشھۇر كىتابنى ئوقۇسىڭىزلا، ئۇنىڭ شاراپىتىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالالايسىز.
كىتاب ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ باھاسىز جەۋھىرى ۋە تەڭداشسىز گۆھىرى بولغاچقا، ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى 1995 – يىلى كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە، ھەر يىلى 23 – مارت كۈنىنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدا شۇ كۈندە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە.
ئەدەبىي ئوبزورچى، ئىلمىي تەتقىقاتچى يالقۇن روزى ئەپەندى كىتابنى قانداق تونۇش ۋە قانداق ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹كىتاب ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر مىللەتكە نىسبەتەن زۆرۈرىيىتىگە قىل سىغمايدىغان قورال. كىتاب ئوقۇش شەخسنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ باي – كەمبەغەللىكىنى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ – تارلىقىنى، بىلىمىنىڭ مول – ئازلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل. كىتاب بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى نامايان قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كېلەچىكىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى سۇغىرىدىغان، قەلبىنى پاكلايدىغان، قېنىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەزىم دەريا›› دېگەنىدى. ھەقىقەتەن كىتابنى قانداق تونۇش ئادەمنىڭ سۈپەت – ساپاسىغا باغلىق بولسا، كىتابنى قانداق ئوقۇش ئادەمنىڭ نىيەت – ئارزۇسى، ئىرادىسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىقتۇر.
كىشىلىك ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇكى، ئويلىنىشنىڭ چېكى بولمىغاندەك، كىتاب ئوقۇشنىڭمۇ چېكى بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇش بىر مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ ئاڭلىق مەجبۇرىيىتى ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى. تارىختىكى ئۇلۇغ زاتلار كىتاب ئوقۇشنى ئاكتىپ پائالىيەتكە ئايلاندۇرغان. ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى ‹‹ئۆمۈرلۈك مائارىپقا نەزەر›› ناملىق ھۆججىتىدە: ‹‹ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جەريان›› دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، كىتاب ئوقۇش كىشىلەرنىڭ مەنىۋى قۇۋۋەتكە ۋە ئەقلىي مەدەتكە ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم يولى. ئۇنداقتا كىتابنى قانداق ئوقۇش كېرەك؟ ئەلۋەتتە بىلىم ئىگىلەش، ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ شاللىنىپ قېلىش خەۋپىنى تۈگىتىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئوقۇش كېرەك؛ ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئۆز بىلىمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى سەزگەندە، خەلقنىڭ نادان قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، تەتقىقاتنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا كىتاب ئوقۇش كېرەك، كەسىپ ۋە ئىگىلىكنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كىتاب ئوقۇش كېرەك؛ دۇنيانى ھېس قىلىش، باشقىلارنى چۈشىنىش، ئېستېتىك زوق ئېلىش ئۈچۈنمۇ، تۆھپە قوشۇش ۋە ئىجادىيەتنىڭ لەززىتىنى تېتىش ئۈچۈنمۇ كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئەلۋەتتە كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەتراپىمىزدا پەقەت پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، ئۆز تەقدىرىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ئىجتىمائىي تۈركۈمنىڭ تەقدىرى بىلەن ھامان باغلىنىشقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە قادىر بولالمايدىغان، ئۆزۈم ياخشى كۈن كۆرسەملا باشقا ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق دەپ قارايدىغان، كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلالمايدىغان، ئوقۇسىمۇ قىممىتى يوق كىتابلارنىلا ئوقۇپ، قىممىتى بار كىتابلارنى ئوقۇشنىڭ مەنىۋى شەربىتى ۋە لەززىتىنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بار. ھازىر ئاممىۋى سورۇنلاردا، كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا كىشىلەر خۇددى بەسلىشىۋاتقاندەك يان تېلېفون ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمما كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغانلارنى ئۇچراتماق بەك تەس. بۇ ئەھۋال بىزگە بىر ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا كىتابنىڭ ئىلمىي ۋە مەنىۋى قىممىتىنى، كىتابنى قانداق تونۇش ۋە قانداق كىتابنى ئوقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.
20 – ئەسىردىكى ئەڭ ياڭراق مائارىپ شوئارى ‹‹ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش›› ئىدى. 21 – ئەسىرنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن بۇ شوئار ‹‹ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش، تۇرمۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئىجادىيەتنى ئۆگىنىۋېلىش››قا تەرەققىي قىلدى. بۇ ئۈچىنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ‹‹ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش›› يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ‹‹تۇرمۇشنى ئۆگىنىۋېلىش››تىمۇ، ‹‹ئىجادىيەتنى ئۆگىنىۋېلىش››تىمۇ ئۆگىنىش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنداق بولغاندا كىتاب ئوقۇغاندا، ئۇنى قانداق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش ھەممىدىن مۇھىم . ھالبۇكى، بىز كىتابنى ‹‹قانداق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش››نى تەشەببۇس قىلغىنىمىزدا، ئالدىمىزدا يەنە قانداق كىتابنى تاللاش، كىتابنى قانداق ئوقۇش مەسىلىسى تۇرۇپتۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سانى ۋە تۈرى شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكتىن، قايسىسىنى ئوقۇپ، قايسىسىنى قويۇش قىيىن تاللاش بولۇپ قالدى. مېنىڭچە ئالدى بىلەن ئۆز ئارزۇ – ئىستەكلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان، تەپەككۇر يولىڭىزنىڭ ئېچىلىشى ۋە نەزەر دائىرىڭىزنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، تارىخىي چىنلىق بىلەن، رېئال چىنلىق ئەينەن ئەكس ئەتكەن كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
2000 يىللىق نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى
2015-08-14 15:56:194568كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى
2016-02-04 18:05:255314ساقلاپ قويغۇدەك 100 جۈملە سۆز (1)
2015-02-09 17:33:563908داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (25)
2015-03-01 22:58:534048مېكسىكىلىقلار نېمىشقا ئۆلگەن ئىلاھەگە چوقۇنىدۇ؟
2016-05-25 12:18:371897ئوقۇپ قويۇڭ: ‹‹ئەركىنلىك›› تەجرىبىسى
2015-03-11 15:09:304550دۇنيادىكى 10 يېڭى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي
2015-11-26 17:38:233252‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى››
2015-04-01 11:44:484433
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-