版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/180219334.html

    «تارىخ ستالىننى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ»





    فاشىست ستالىننىڭ تەرجىمىھالى

    ستالىن ئىككى گېرمانىيىنىڭ 50 يىل ئايرىلىپ تۇرۇشىغا، ئىككى كورىيەنىڭ پەيدا بولۇشىغا، ياۋروپانىڭ پولشا ۋە گېرمانىيە چېگرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسى خەرىتىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن يەنە كېلىپ بۇ تەسىر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە سىتالىن پەيدا قىلغان دۇنيا خەرىتىسىنىڭ سىتالىندىن ئىلگىرىكى ھالغا قايتىشىنى تەسەۋۋۇت قىلىش مۈمكىن ئەمەس. بۇ مەنىدىن سىتالىننىڭ تەسىرى مەڭگۈ داۋاملىشىشى مۇمكىن.
    ستالىن دۆلەت ئىچىدە «فاشىزم ئىشپىيۇنى»، «دۆلەت دۈشمىنى» دىگەن نام بىلەن گېرمان، فىن، چېچەن، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنى سۈرگۈن قىلغان، تىروتىسكىچىلارنى تازىلاش ۋە باشقا باھانە بىلەن 30مىليۇنغا يېقىن ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، بەزى مىللەتلەر ستالىننىڭ قولىدا يوقىلىپ كەتكەن! يەنە كېلىپ سىتالىن چاررۇسىيە نەچچە يۈز يىل سەرپ قىلىپ ئىشغال قىلغان زىمىننى ۋەيران قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان.
    ستالىننىڭ ئەسلى فامىلىسى جۇگاشىۋىلى. ئۇ 1879-يىلى گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە تۇغۇلغان. گىرۇزىن تىلى ئۇنىڭ ئانا تىلى بولۇپ، كاۋكاز تىل سېستىمىسغا تەۋە رۇس تىلىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر خىل تىل. كېيىن ئۇ رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن، بىراق رۇسچىنى قويۇق گىرۇزىن شىۋىسىدە سۆزلەيتتى.
    ستالىن نامراتلىقتا چوڭ بولغان. دادىسى موزدۇز بولۇپ، ھاراقنى كۆپ ئىچەتتى، ھەدىسىلا ئوغلىنى قاتتىق ئۇراتتى. دادىسى قازا تاپقاندا ستالىن 11 ياشتا ئىدى. ئۇ دەسلەپكى يىللىرى گورىدىكى چېركاۋ ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان، كېيىن تىبلىس تېئولوگىيە ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ مەزگىللىرى ئۇ ماركىسىزم ئەسەرلىرىنى يوشۇرۇن ئوقۇپ تەتقىق قىلغان، 1899 -يىلى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلانغان، كېيىن ماركىسىزم تەشكىلاتىنىڭ يەر ئاستى پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكىراتلار پارتىيىسى ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، ستالىن بولشىۋېكلار تەرەپتە تۇرغان. شۇنىڭدىن كيىنكى بىرنەچچە يىلدىن تاكى 1917-يىلىغىچە، ستالىن پارتىيە ئاكتىپلىرىدىن بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالتە قېتىم قولغا ئېلىنغان. ئەمما بېرىلگەن جازا ئېغىر بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمىدىن كۆپ قېتىم قاچقانلىقى ئۈچۈن، بولشىۋېكلارنىڭ ياراملىق ئادىمى بولۇپ قالغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «ستالىن» تەخەللۇسىنى قوللانغان ( مەنىسى پولات دېگەنلىك بولىدۇ ) ھەمدە ئىسى-جىسمىغا لايىق ئادەم بولۇپ يېتىشكەن.
    ستالىن 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن ئەمەس، لېكىن ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئىنتايىن پائالىيەتچان بولۇپ كەتكەن. 1922-يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. بۇ ۋەزىپىنىڭ ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدە زور تەسىر پەيدا قىلىشىغا ياردىمى تەگكەن ھەمدە لېنىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھوقۇق ئىگىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.
    روشەنكى، لېنىن تروتىسكىنى ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىشنى خالايتتى. ئەمەلىيەتتە، لېنىن: ستالىن بەك قوپال، ئۇنى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن يۆتكىۋېتىش كېرەك، دېگەنىدى. ئەمما لېنىن 1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ستالىن لېنىننىڭ ۋەسىيىتىنى ئاشكارىلىماي ھوقۇق كۈرىشىدە غەلىبە قازانغان. ئۇ كامىنېف، زىنوۋيېفلار بىلەن ئۈچ كىشىلىك ئىتتىپاق قۇرۇپ، تروتىسكى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۈچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تارمار قىلغان. ستالىن سولچىل كۈچلەر ( تروتىسكى، كامىنېف، زىنوۋيېف قاتارلىقلار ) نى يوقاتقاندىن كېيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى قوللىغۇچىلىرى-سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئوڭ قانات كۈچلىرىگە قارىتىپ، ئۇلارنى ناھايىتى تېزلا پارتىيە ئىچىدىن سىقىپ چىقارغان. شۇنداق قىلىپ، ستالىن 30-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.
    ستالىن  1934-يىلىدىن باشلاپ بىر قاتار كەسكىن تۈس ئالغان سىياسىي تازىلاشلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ تازىلاشنى ئېلىپ بېرىشقا 1934-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈز بەرگەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سەۋەب بولغان. شۇ كۈنى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ستالىننىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان كىروف قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىراق بۇ قېتىمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ستالىن ئۆزى بۇيرۇق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى بىر جەھەتتىن، كىروفتىن قۇتۇلۇش بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، تېخىمۇ مۇھىم مەقسىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ تازىلاش ئۈچۈن باھانە تەييارلاش ئىدى.
    شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە، 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا قاتناشقان سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زور بىر تۈركۈم رەھبەرلىرى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئاشكارا ھالدا جىنايىتىنى مەجبۇرى بوينىغا ئالدى. بۇ توماس جېففېرسوننىڭ زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىللەردە «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئىمزا قويغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ھەم جىنايىتىنى ئاشكارا بوينىغا ئالدۇرۇپ، ئاندىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش. ئەڭ دەسلەپ چوڭ تازىلاشنىڭ مەسئۇلى ياگوداغا 1938-يىلى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. ياگودانىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالغان يېژوفمۇ ئوخشاشلا جىنايەت بىلەن چوڭ تازىلاشتا ئۆلتۈرۈلدى.
    30-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چوڭ تازىلاش پۈتكۈل پارتىيە ۋە ئارمىيىگىچە ئېلىپ بېرىلدى. چوڭ تازىلاشنىڭ تىغ ئۇچى كوممۇنىزىمغا قارشى ئۇنسۇرلار ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارىتىلماي ( ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى لېنىن دەۋرىدە باستۇرۇلغاندى )، ئەكسىچە كوممۇنىستلارغا قارىتىلدى. ستالىننىڭ كوممۇنىستلارنى ئۆلتۈرىشى چار پادىشاھ دەۋرىدىكى ساقچىلارنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىدىنمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشتى. مەسىلەن، 1934-يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتتا سايلانغان كومىسسارىيات ئەزالىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە جېنىدىن ئايرىلدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ستالىننىڭ مەقسىتى غەيرى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى يوقىتىش، سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنىدا ھەرقانداق بىر ئۆكتىچى كۈچنىڭ پەيدا بولىشىغا يول قويماسلىق ئىدى.
    يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇش ستالىننىڭ يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ بىرى. دېھقانلار بۇ سىياسەتنى قارشى ئېلىپ كەتمىدى، نۇرغۇن كىشىلەر قارشىلىق كۆرسەتتى. 30-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ستالىننىڭ بۇ سىياسىتى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
    ستالىننىڭ يەنە بىر ئىقتىسادىي سىياسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى تېز سۈرئەتتە سانائەتلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى. بىرقانچە «بەش يىللىق پىلان» ئارقىلىق بۇ مەقسەت قىسمەن دەرىجىدە ئورۇندالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادىكى باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ بۇ ئەندىزىنى تەقلىد قىلدى. كۆپلىگەن ئۈنۈمسىز ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسىمۇ ،لېكىن ستالىننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش پىلانى قىسقىغىنا مۇددەت ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەددى ھېسابسىز زىيانغا ئۇچرىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىر سەكرەپلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندى. لېكىن ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، ستالىننىڭ يېزا ئىگىلىك، سانائەت توغرىسىدىكى سىياسەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىگىلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.
    1939-يىلى 8-ئايدا، ستالىن گىتلېر بىلەن مەشھۇر «ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، گىتلېر غەرب تەرەپتىن پولشاغا بېسىپ كىردى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن شەرق تەرەپتىن پولشاغا كىرىپ، پولشانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئىگىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى قورال كۈچى ئارقىلىق لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئىستونىيەگە تەھدىت سالدى. ئاخىر بۇ ئۈچ دۆلەت ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشتى. ئارقىدىنلا رۇمىنىيىنىڭ بىر قىسمىمۇ قوراللىق تەھدىت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتتى. فىنلاندىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورال كۈچى ئالدىدا تىز پۈكمىدى، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى فىنلاندىيىنىڭ زىمىنىنى بېسىۋالدى، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ دۆلەتلەرگە مۇداپىئە رايونى قۇرۇش ئارقىلىق ناتسىستلار گېرمانىيىسنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، زىمىن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغال قىلىۋالغان بۇ رايونلاردىن چىقىپ كەتمىدى.
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى سوۋېت ئتتىپاقى شەرقىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىگىلىدى، ستالىن بۇ پۇرسەتنى قولىدىن بەرمەي بۇ دۆلەتلەردە كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنى قۇردى. يۇگۇسلاۋىيەدە كوممۇنىستلار دۆلەتنى باشقۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چېخ-سلوۋاكىيىدە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. ستالىن بىر قاتار بېقىندى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاندى.
    1953-يىلى 1-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى كېرىمىل سارىيىدىكى دوختۇرلارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۇلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلىرىگە سۈيقەست قىلماقچى بولغان، دېگەن ئەيب قويۇلغاندى. بۇ يەنە بىر قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى. لېكىن شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 73 ياشلىق ستالىن كېرىمىل سارىيىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى ئالاھىدە ساقلىنىپ، قىزىل مەيداندىكى لېنىننىڭ جەسىتى يېنىغا قويۇلدى. ئەمەلىيەتتە  بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، ستالىننىڭ ئابرويى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى. سىتلىننىڭ جەسىدى لېنىن مۇزېيىدىن يۆتكىۋېتىلىپلا قالماي خارلىنىپ سازايى قىلىندى.
    ستالىننىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولمىغان. ئۇ 1904-يىلى توي قىلغان، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئايالى ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئىككىسىنىڭ  بىردىنبىر ئوغلى ياكوف ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىسلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. گىتلېر ياكوفقا ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئادىمىنى ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ستالىن ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئاخىر ياكوف گېرمانىيىنىڭ جازا لاگېرىدا ئۆلۈپ كەتكەن. 1919-يىلى ستالىن ئىككىنچى قېتىم توي قىلغان، بۇ ئايالىمۇ 1932-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ چاغدا ستالىننىڭ بۇ ئايالى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەپ ئاشكار خەۋەر قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار بولۇپ، ئوغلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى ئىدى، ئۇ 1962-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. قىزى سۋېتلانا 1967-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن.
    ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا 25 يىلدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى كىشىلەرنىڭ سانى، ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن ۋاقتى ھەمدە ھوقۇقنى ئۆز قولىغا تىزگىنلەش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ستالىننى تارىختا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.
    شەك-شۈبھىسىزكى، ستالىننىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىكى تەسىرى غايەت زور بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى قانچىلىك داۋام قىلىدۇ، بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس.
    ستالىن ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىنى غەربكە خېلى كۆپ كېڭەيتتى، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرىنى قۇردى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى دۇنيانىڭ زوراۋانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۈچقاقلىرىغىچە كېڭەيتتى. ئەمما يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە، شەرقىي ياۋروپادىكى سوتسىيالىزىم لاگىرى يىمىرىلدى، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ 15 مۇستەقىل دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتتى، بىرا ق بۈگۈنكى دۇنيادا  بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسىدا بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.
    ستالىن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى «ك گ ب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخپىي ساقچىلار كونتىروللۇقىدىكى دۆلەت ئىدى. لېكىن ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن بۇنداق ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، روسىيىلىكلەر ئۆتكەن ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ كۆپ شەخسىي ئەركىنلىككە ئىگە. ستالىننىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى ماركىسىزم-لېنىنىزىم ئىدىيىسىدىن كەلگەن. ماركس سىياسىي تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېنىن ئەمەلگە ئاشۇرغان، ستالىن بولسا ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغان. ئۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا خۇسۇسىي كارخانىلارنى كەڭ كۆلەمدە يوقاتقان. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ سىياسەت بىر خىل ئاپەت بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق سىياسەت پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، مېنىڭچە ستالىننىڭ تەسىرى بەكلا تۆۋەن مۆلچەرلەندى. ئۇنىڭ 25 يىلغا يېقىن ۋاقىت سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ شەكىللىنىشىنىلا نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ناھايىتى ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلدى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر ئىش، جۈملىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئوخشاش پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى دىپلوماتىيە، ئىقتىسادىي كۈرەش ئىچىگە سۆرەپ كىردى، شۇ سەۋەبلىك دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇرۇش يۈز بەردى. دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ھەددى-ھېسابسىز دوللارنى خورىتىۋەتتى، بۇنىڭ بەدىلى ھېسابىغا، كۆپ يىللاردىن بېرى ئىنسانلار پۈتكۈل مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان يادرو قوراللارنىڭ ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشاپ كەلدى.
    كىشىلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قاتتىق نەپرەتلەنگەن، ئۇنىڭ بالدۇرراق ئاياغلىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلغان. ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تەسىرى يەنە نەچچە ئون يىلغىچە داۋاملاشقان، بەلكى بۇ تەسىر ھەرقانداق بىر ھايات سىياسىي ئەربابلارنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكەن. بۈگۈنكى كۈندە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشتى، ستالىننىڭ تەسىرىمۇ تامام بولدى. شۇنداقتىمۇ ستالىن يەنىلا تارىخى گىگانت: تارىخ ئۇنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «www.kimkimdir.gen.tr»(2011-12-09)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur.cn/html/news/42961.shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: