版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87931396.html

    «دىپلوماتىيەنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسى»


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(07.12.2010):
    پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «Wikileaks» ۋەقەسى توغرىسىدا
    «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتى ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ ئاتالمىش مەخپى ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
    «Wikileaks» بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ھۆججەتلىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراق ئەسكىرى ئوپېراتسىيەلىرىنى پاش قىلغانىدى. «Wikileaks» يېقىندا كۆپ سانلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونى دۆلەتلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نىشان قىلغان ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.
    مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 250 مىڭدىن ئارتۇق مەخپى ھۆججەتتىن ھازىرغىچە 10 مىڭغا يېقىنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ھۆججەت تەدرىجىي ھالدا ئېلان قىلىنىدىكەن. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەردە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن فىرانسىيەگىچە، گېرمانىيەدىن كورېيەگىچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىلىرىدىن سىرت، يەنە تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋالار ئورۇن ئالىدۇ.
    بەزىلەرگە كۆرە، «دىپلوماتىيەنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
    :::::::::::::::::::::::::::::
    «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەر شۇنچىلىك دەرىجىدە كۆپ ۋە ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كۈنتەرتىپ ياراتقان بۇ ۋەقەنى كۆپ جەھەتتىن ئانالىز قىلىش مۇمكىن. چوڭ پارتلاشتىن كېيىن ماددىلارنىڭ پۈتكۈل كائىناتقا تارقىلىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، «Wikileaks» ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممە ياققا تارقىلىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەر ۋە ئايلاردىمۇ ئىزچىل غۇلغۇلا قوزغايدىغاندەك قىلىدۇ.
    تۆۋەندە ئۈچ مۇھىم نۇقتا ھەققىدە توختىلىمىز:
    بىرىنچى، بۇ ھۆججەتلەر ۋە مەزمۇنلىرىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟ ھەمدە قانچىلىق دەرىجىدە جىددىي قاراش كېرەك؟ بۇ ھۆججەتلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە يېزىلغان خەت-چەكلەردۇر. كۆپىنچىسى شەخسىي قاراش خاراكتېرىگە ئىگە بۇ خەت-چەكلەرنىڭ بەزىلىرى توغرا مەلۇماتلارغا ئاساسلانسا، يەنە بەزىلىرى تامامەن شەخسىي قاراش ۋە شەخسىي چۈشەنچە قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىدۇ. دېپلوماتلار، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مەلۇماتلارنى ئىلمىي مېتودلارغا تايىنىپ سىناق ئېلىپ بېرىش ۋە ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. دېپلوماتلار، مەلۇماتلارغا خۇددى ئالىملارغا ئوخشاشلا ئوبېيكتىپ مېتودلارغىلا ئاساسلىنىپ ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ بيۇروكراتلار ھەتتا سىياسىئونلارغا ئوخشاش شەخسىي سۇبيېكتىپلىق كۆزىتىشلەر ۋە مەلۇمات توپلاش يوللىرى ئارقىلىق ئېرىشىدۇ.
    ئىككىنچى، تېخنىكىلىق جەھەتتىن، دېپلوماتلار ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلار ياكى كۆزقاراشلار، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سىياسەت تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن «تەۋسىيە» خاراكتېرىگە ئىگە. دىپلوماتلارنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە كۆزقاراشلىرى، تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئىجرا قىلغۇچىلىرى بولغان پىرېزىدېنت(جۇمھۇر رەئىس)، باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان مەركەزدىكى كۈچلەرنىڭ سىياسەت تەشكىل قىلىش باسقۇچىغا «ھەسسە قوشۇش»نى نىشان قىلىدۇ. مەركەزدىكى سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلار قارار چىقىرىشتا بۇ تەۋسىيەلەرنى نەزەرگە ئېلىشلىرىمۇ، ھېچ ئېتىبارغا ئالماسلىقلىرىمۇ مۇمكىن. دەرۋەقە سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلار، دىپلوماتلارنىڭ ھەر بىر مەلۇمات ۋە كۆزقارىشىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىسىنىڭ قانچە يۈز مىڭلىغان ھۆججەتنى ئوقۇشقا نە ۋاقتى، نە سەۋرى-تاقىتى يەتمەيدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېچ ئىشلىتىلمىگەن بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەركەزدىكى سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بىر بىرىدىن پەرقلىق كۆز قاراشلاردىن تەشكىل تاپقان ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ قارار چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ ھۆججەتلەردىن بىر-بىرىگە زىت كۆز قاراشلار ۋە مەلۇماتلار ئورۇن ئالماقتا. روشەنكى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايونغا قارىتا يولغا قويغان ياكى قويۇاتقان سىياسىتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھۆججەتلەردىن قايسىسىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە گۇمان بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئۈچىنچى، شۇنداقتىمۇ بۇ ھۆججەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە نەزەرگە ئېلىشقا تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ ھەم ۋەزىپىلىرى ھەمدە شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە غەيرىي ئېتىكىلىق بىر خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھۆججەتلەر مەيلى ئىشلىتىلگەن بولسۇن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولسۇن، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلىقىنى، ئۇلار توغرۇلۇق نە قەدەر كۆپ غەيۋەت-شىكايەتتە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ غەيرىي ئېتىكىلىق ئەھۋاللار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە تۇتقان ئورنى ۋە رولىغىمۇ ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە دۇنياغا قانۇن نىزام ئورنىتىش، ھەمدە تىنچلىق، مۇقىملىق ھەتتا دېموكراتىيە قاتارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى كەڭ تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە دىپلوماتىك بىيۇكراتىيەنىڭ، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن قانچىلىك دەرىجىدە يىراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەنە بۇ ھۆججەتلەردىن، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ مۈجىمەل ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنى تونۇپ يېتىشلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ئانالىزلىرىدا قانچىلىك دەرىجىدە تەكەببۇرلارچە پوزىتسىيە تۇتقانلىقلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    بۇنداق بىر ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنى كۈتۈش توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئىراق، پەلەستىن نەمۇنىلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ بېشىدا، ئەنە شۇ دىپلوماتىك سىستېما كېلىدۇ، دېسەك نېمىشقا بولمىغۇدەك؟
    خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەر، ئومۇمەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى، خۇسۇسەن ئوباما ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىك خادىملىرىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇنداقلا نوپۇزى ۋە دۇنيادا تۇتقان ئورنىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ھىلارىي كلىنتونغا ئوخشاش پەقەت كەچۈرۈم سوراش بىلەنلا ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى ۋە «Wikileaks» خارابىلىكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئوچۇق-يورۇقلۇق، توغرا، دۇرۇس ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك» قاتارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دائىرىدە، «دىپلوماتىيەنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى 2001-يىلقى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن كۆرۈلگەن كۈچكە تايىنىدىغان ۋە تەكەببۇرانە پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىسا ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولمايدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    «ۋىكىلېكس» ئاشكارىلغان مەخپىي ھۆججەتلەردىكى ئوتتۇرا شەرققە ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە ئىسرائىليە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى


    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(08.12.2010):
    2007-يىلى جۇلىئان ئاسسانج قۇرۇپ چىققان «ۋىكىلېكس» ناملىق توربەت  تەرىپىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانغان تەخمىنەن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مەخپىي ماتېرىيال خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزگىرىشنىڭ قانچىلىك بۈيۈك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. تېخى ئاز بىر قىسمىلا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا ھەم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، ھەم باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.
    مەزكۇر تور بەت 2010-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىراق ئۇرۇشىغا ئالاقىدار 400 مىڭ پارچىغا يېقىن مەخپىي ماتېرىيالنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئالاقىدار 90 مىڭ پارچە ھۆججەتنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى قىسقا ئىزاھات ۋە ئۆز ئارا يېزىلغان خەت-چەكلەر شەكلىدە ئەمەس،  دىپلوماتىك دوكلاتلار بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
    دۇنيادا تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك كۆپ ساندا، يەنى تەخمىنەن 250 مىڭ دىپلوماتىك ماتېرىيال جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە مەزكۇر ھۆججەتلەردىن ئاران 500 پارچىدەك ئېلان قىلىندى. لېكىن مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئەتراپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا يەتتى. ئېلان قىلىنغان مەخپىي ھۆججەتلەردە خۇسۇسەن ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مۇھىم ماتېرىيال ۋە مەلۇماتلار بار. بىر پىروگراممىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزمۇ ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە بويىچە مەزكۇر ماتېرىياللاردىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تەتقىقاتىمىزنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ ئالاھىدە ئامىللىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باشلايمىز.
    .........................
    «ۋىكىلېكس» توربېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر 2000 پارچىدىن ئارتۇق مەخپىي ماتېرىيال ئېلان قىلىنىدىكەن. لېكىن ھازىرغىچە بۇلاردىن پەقەت 19 پارچىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 15 پارچىسى مەخپىي، 4 پارچە ئالاھىدە تۈرىگە كىرىدۇ.
    ماتېرىياللاردا بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى بىلەن مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بولغان قارىشىغا ئالاقىدار نۇقتىلاردا مۇھىم ماتېرىياللار سىستېمىلىق شەكىلدە ئورۇن ئالغان.
    ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغان ھالدا شۇنى مۆلچەرلەش مۇمكىنكى، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ سالماقلىق تېمىسى-ئىران. بۇ سەۋەبتىن ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىران مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. ھۆججەتلەردىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى سىياسىي پوزىتسىيەسى، مەخپىي پىلانلار، قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش، ئېمبارگولار ۋە ئىراندىكى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بەش پۇتلۇق بىر سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ سىياسەت دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەيلى ب د ت دىكى ئۇچرىشىشلار، مەيلى ئىراندىكى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتە بولسۇن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. بولۇپمۇ ئەسكىرى مۇناسىۋەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە پاناھگاھ بومبىلىرىنى سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
    ھالبۇكى، مەخپىي ھۆججەتلەردە بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى پىلانلانغان بولۇشىغا قارىماي، خېلى بۇرۇنلا مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغانىدى. مەزكۇر قوراللارنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بولغۇسى بىر ھەربىي ھەرىكەتتە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغانلىقى بىزنىڭ بۇ پىروگراممىلىرىمىزدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
    ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە ئىسمى زىكىر قىلىنغان يەنە بىر دۆلەت-سۈرىيە. ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سۈرىيەنى ئىراندىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن چارە ئىزدىگەنلىكى ۋە بۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغان تەقدىردە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماس (ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى)، ھىزبۇللاھ (ئاللاھ پارتىيەسى) ۋە ئىرانغا قارشى تېخىمۇ قولاي كۈرەش قىلىشىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
    بۇ ئىككى دۆلەتتىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىسمى زىكىر قىلىنغان دۆلەتلەر-مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت.
    ماتېرىياللاردا ئىسرائىلىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىگە ياخشى دەپ باھا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا غەززەدىكى ۋەزىيەت، پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە مىسىرنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي رايون يارىتىش پىكىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.
    پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مەسىلىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننى تەھدىت دەپ قارىشى بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىدىن يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقى، لېكىن ئۆز دەردىنى ئامېرىكىغا چۈشەندۈرۈپ بولالماسلىقتىن شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يەڭ ئىچىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچلىرىنى بېرىدۇ.
    ماتېرىياللاردا ئورۇن بېرىلگەن ئاخىرقى بىر مەسىلە-ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەلىك مەسئۇللار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا مۇزاكىرىلەرنى تەكرار باشلاش نىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما «ئەلفەتىھ»نىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ھالسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ۋە «ھاماس»نىڭ غەززەدە ھېلىھەم كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا، «ئەلفەتىھ»نىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىلگىرىلەش ياراتقان ۋە قولىدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم بەس-مۇنازىرە ياراتقان يەھۇدىي مەھەللىسى قورۇش مەسىلىسىدە بولسا، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ماتېرىياللاردا روشەن شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى ئوباما ھۆكۈمىتىدىن بۇش مەزگىلىدە قارار قىلىنغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدىن مەھەللە قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
    ................................
    خۇلاسىلىگەندە، ماتېرىياللارنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭمۇ ئاشكارىلىنىدىغانلىقى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، يۇقىرىدا قىسقىچىلا بايان قىلىنغىنىدەك كۆپلىگەن «مەخپىي» دېگەن تامغا بېسىلغان ھۆججەتلەردە مەخپىي دەپ كەتكۈدەك بىر نەرسە يوق. تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن  ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن شۇنچىلىك كۆپ يىغىنلىرىدا ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بىۋاستە شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ، مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاشكارىلايدىغان ماتېرىياللارنى تاللاپ تۇرۇپ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىشارىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ۋىكىلېكس تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەردىكى سۈرىيەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار


    تۈركىيە ئاۋازى(15.12.2010) رادىئوسى:
    پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ۋىكىلېكس ناملىق ئىنتېرنېت سەھىپىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى سۈرىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
    ئوتتۇرا شەرقنىڭ ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلىرىدە مۇھىم رولغا ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاچقۇچلۇق نۇقتىدىكى سۈرىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ۋىكىلېكس تور بېتىدىكى ھۆججەتلەردە سۈرىيەنىڭ نامى ئوخشاش بولمىغان ئەلچىخانىلاردىن يوللانغان تېلېگرافلاردا زىكىر قىلىنماقتا.
    ..............................
    ئالدى بىلەن ھۆججەت ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلارنى بېرىپ ئۆتەيلى. ھازىرغىچە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دەمەشق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن يوللانغان سۈرىيەگە ئالاقىدار سەككىز پارچە ماتېرىيال ئېلان قىلىندى. سۈرىيەگە ئالاقىدار ئانالىزلار دەمەشقتىن باشقا بېيرۇت، ئەنقەرە، تېل ئاۋىۋ، پارىژ، رىياد ئەلچىخانىلىرىدىن يوللانغان ھۆججەتلەردىمۇ ئورۇن ئالىدۇ. ھۆججەتلەردە سۈرىيە لىدىرى بەششار ئەسەدنىڭ باشقا دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن ۋە سۈرىيە سىرتىدىكى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۆز ئارىسىدا سۈرىيە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر ماتېرىياللارمۇ بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە باش ئەلچىلەرنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار ئانالىزلىرى ۋە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھۆججەت 2005-يىلى ۋە 2010-يىلى ئارىسىدىكى مەزگىللەرگە ئائىت. ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغان ھالدا، ۋىكىلېكستىكى سۈرىيەگە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارنى «سۈرىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر» شەكلىدە تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن.
    ..............................
    ھۆججەتلەردە سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، فىرانسىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە لىۋان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەمچى بولىدىغان بىر قىسىم ئۇچرىشىشلارغا ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە باش ئەلچىلەرنىڭ ئانالىزلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىك خەت-چەكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، ھەممىدىن بەك ئامېرىكا-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئۇچۇلار بار.
    دىققەتنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان مەسىلە، سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا بۇش ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىشىدىن ئىبارەت. ھەتتا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن سۈرىيەگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەرگە ئالاقىدار ھۆججەتلەردە، سۈرىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇلغانلىقىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.
    مۇناسىۋەتلەرگە سۈرىيە نۇقتىسىدىن نەزەر سېلىنغىنىدا، ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان ھادىسىلەر سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا رايوندا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ياردەم قىلىش بەدىلىگە، ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش، لىۋاندىكى تەسىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مەسىلىسىدە يول قويۇشى، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدىكى رولىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى دېگەندەك سىياسىي مەسىلىلەردە ياردەم ئېلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكىنىڭ بولۇپمۇ 2008-يىلىدىن كېيىن سۈرىيەنىڭ كوللېكتىپ قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقىدىن ھېس قىلغان قايغۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن پات-پات زىتلىشىپ قالغانلىقىمۇ نامايان بولدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن فىرانسىيەنىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرىدە روشەن پەرقلەرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. ئەلۋەتتە، فىرانسىيەدە شىراك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ساركوزى دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بۇ مەسىلىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
    ھۆججەتلەردە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر مەسىلە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىدىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ دەمەشقتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن يوللانغان بىر پارچە ھۆججەتتە، سۈرىيەنىڭ ئەڭ باي كارخانىچىسى ۋە ئەينى ۋاقىتتا بەششار ئەسەدنىڭ جىيەنى بولغان رامى مالۇفنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ قويۇش قارارىنىڭ سۈرىيەدە پەيدا قىلغان ئىنكاسلىرىغا ۋە مالۇفقا مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ سۈرىيە كوچىلىرىدا، سودا-سانائەتچىلەر ئارىسىدا ۋە سىياسىي ساھەدە قانداق ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ بۇ قارارنىڭ سىياسىي تۈزۈمنىڭ كەلگۈسىگە قايسى شەكىلدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر ئانالىزلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بۇ ئىش مەيدانغا كەلگەن يىللار بولسا، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەدنىڭ رىجىمى ئىچىدىكى «مېغىز» دەپ تىلغا ئېلىنغان رىجىمنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىنى جازالاش دەپ ئانالىز قىلىنغانىدى. بۇ ئانالىزلار، ئامېرىكىنىڭ بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدە سۈرىيە ئۈستىدە قانداق بېسىم ۋاستىلىرىنىڭ، قانداق ۋە كىملەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىپ ئۇچلىرىنى بېرىدۇ. ئىچكى سىياسەتكە دائىر يەنە بىر ئۈلگە بولسا، ئەسەدنىڭ 2009-يىلىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ئۇچرىشىشنىڭ يازما شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن ماتېرىيالىدىكى رېجىمنىڭ قارار چىقىرىش مۇساپىسىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ھۆججەتتە ئامېرىكىلىق بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ‹سۈرىيەدىكى ئامېرىكا مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئامېرىكا تىل مەكتىپىنىڭ تاقىۋېتىلىشىدىن بىئارام بولغانلىقى› نى ئەسكەرتىشىگە جاۋابەن ئەسەد، ئۇ مەزگىلدە «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق چېگراسىدا 7 نەپەر سۈرىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالدا ئىككى خىل تاللاش يولىنىڭ بارلىقى»نى، يەنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ياكى سىمۋوللۇق بىر قەدەم تاشلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەسەد، مەكتەپلەرنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ پەقەت سۈرىيە خەلقىنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ بىر يولى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ سۆزلەر ھەم سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ قارار چىقىرىش شەكلىنى ھەم خەلقتىن پۈتۈنلەي يىراقلاشقان بىر ئىدارە قىلىش قارىشىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى ياخشى بىر مىسال.
    ھۆججەتلەردىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئامىللارنىڭ بىرى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۈرىيەگە قارشى بىر بېسىم ئامىلى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى مەسىلىسى. 2009-يىلى ئامېرىكىلىق بىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئەسەد ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۇچرىشىشتا پارلامېنت ئەزاسى «سىياسىي قاراشلىرى سەۋەبىدىن قاماققا ئېلىنغان كىشىلەر سەۋەبىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقى»نى تىلغا ئالىدۇ. ئەسەد بۇنىڭغا جاۋابەن «ئىسلاھات جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقى»نى ئېيتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش فىرانسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۇچرىشىشتىمۇ كۆرۈلگەن. ئوتتۇرا دېڭىز ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشتىن ئىلگىرى ساركوزىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئەسەدنىڭ ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، فىرانسىيەلىك مەسئۇللارنىڭ تۈرمىلەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا دائىر سوئاللىرىغا قارىتا ئەسەدنىڭ «ئىچكى ئىشلىرى» بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە توختىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جاۋاب بەرگەنلىكى يېزىلىدۇ. فىرانسىيەلىك مەسئۇللار ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكا دائىرىلىرىگە سۇنغان ئانالىزلىرىدا، ئوتتۇرا دېڭىز ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ساركوزىنىڭ ئەسەدكە قىلىدىغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقى ۋە بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىمۇ غەربنىڭ سۈرىيەگە قارىتا يۈرگۈزگەن بېسىم سىياسىتىنىڭ بىر مىسالى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    ..............................
    ھازىرچە سۈرىيە توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەردىكى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان نۇقتىلار يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت. لېكىن يېقىن كەلگۈسىدە ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ھۆججەتلەر، يېڭى سىرلار ۋە يېڭى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بېرىشى مۇمكىن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    دۇنيا دىققىتىنى يېڭى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرگە مەركەزلەشتۈردى


            تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(29.11.2010) خەۋىرى:
            ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئائىت يۈز مىڭلارچە مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىنتېرنېت سەھپىسى ۋىكىلېكسنىڭ دۇنياغا داڭلىق كۆپلىگەن گېزىتقا يوللىغان يېڭى ھۆججەتلەر ئېلان قىلىندى.
    ئامېرىكىدا چىقىدىغان «New York Times» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەر داۋالغۇش پەيدا قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
            گېزىتنىڭ قولىغا چۈشكەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆججەتلىرىدە، كۆپلىگەن دۇنيا رەھبەرلىرى ئىشلەتكەن سۆزلەردىن باشلاپ، تېررورىزم ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىگىچە بولغان ساھەلەرگە ئائىت كۆپلىگەن مەخپىي ئۇچۇرلار بار.
            ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم سەئۇدىيلىقلار ئەلقائىدىگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مالىيە بىلەن تەمىنلىگەن.
            ھۆججەتكە كۆرە، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا ئائىت كومپىيوتېرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلىرى بار ئىكەن.
            ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا يەنە، سەئۇدى پادىشاھى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن ئىرانغا بۇرۇنراق ھۇجۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
            ھۆججەتتە، ئىراننىڭ شىمالىي كورېيەدىن غەربىي ياۋروپانى بومباردىمان قىلغىلى بولغۇدەك يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالغالىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
            يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىك جىنايەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
            ھۆججەتلەردە، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ب د ت ھەققىدە جاسۇسلۇق قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.
            ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم مەسئۇللار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى ھەققىدە تۆۋەن كۆرىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
            ئالاھىدە دىققەتنى قوزغىغان بىر نۇقتا، ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى موسسادنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئىراندىكى سىياسىي تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئەزەرى ۋە كۈرت ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى قوللىشىنى تەكلىپ قىلىشىدۇر.
            ئەزەربەيجان پىرىزدىنتى ئەلىيېۋمۇ ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشقاندا ئەرمەنى دەۋالىرى ھەققىدە توختىلىپ، «24- ئاپرېل تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىش مۇساپىسى ھەققىدە «دېموكلېسنىڭ قىلىچى» دەكلا ئويناپ تۇرىدۇ، دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن.
            ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئىنتېرنېت سەھىپىسى «ئويلانماستىنلا خەتەرلىك بىر ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىپلەندى.
            ئاق ساراي، ۋىكىلېكس ئېلان قىلدۇرغان ھۆججەتلەرنىڭ ئامېرىكىلىق دىپلوماتلار، دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
    ********************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: