版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87396006.html

    جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى كۆپ قىرلىق شاھمات


    جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەيدان شاھمات ئويۇنى باشلاندى. تۇتىشىۋاتقانلار ئامېرىكا، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان، روسىيە ۋە تۈركىيەلەردۇر. بىراق، رەسىمىي تۇتۇشۇشقا ئوخشىمايدىغىنى، ئەگەر ئۇلار تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرسىدىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشان ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلسا، ئېھتىمال بۇ شاھماتتا ھەممىسى ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ھەم ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرسىدىكى ناگورنو-قاراباغ(تۈرك تىلىدا تاغلىق-قاراباغ) مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ.
    2009-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەمدە چېگرىنى قايتا ئېچىۋېتىش «تىنىچلىق يول لىنىيىسى»نى جاكارلىغاندا، يۇقىرىدا دېيىلگەن نىشان قارىماققا يېقىنلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئەزەربەيجان بىلەن بولغان دوستلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۈركىيە 1993-يىلى ئەرمىنىيە بىلەن بولغان چېگرىسىنى قامال قىلغان ئىدى، ئۇ چاغدا ئەزەربەيجان ناگورنو-قاراباغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان %20 زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئەگەر چېگرا قايتا ئېچىۋېتىلسە، ئەرمىنىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ مۇقەددەس تېغى  ئارارات تېغى(تۈركچە «بۈيۈك ئاغىر تېغى»)غا چىقالايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەرمىنىيە بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى، بىر تەرەپتىن قاراباغ كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ ھەم تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ يېڭى باھانىسى بولىدۇ.
    330 كىلومېتىر چېگرىسى بار بولغان تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە ھازىرغىچە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماسلىقىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
    بىرىنچىسى، «ئەرمىنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى»غا بولغان ئوخشىمىغان قاراش.
    «ئەرمىنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى» بولسا 1915-يىلدىن 1917-يىلغىچە تۈركىيە ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئىدارە قىلىۋاتقان مەزگىلدە 1 مىليون 500 مىڭ ئەرمىنىيەلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدۇر. ئۇزۇندىن بېرى، بۇ ۋەقەنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىققا كىرىش-كىرمەسلىكى» خەلقئارا سىياسىي ساھە، ئىلىم-پەن ساھاسىدىكىلەرنىڭ تالاش-تارتىشىنى قوزغاپ كەلدى. ئەرمىنىيە كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇندى، تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى بولسا چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى.
    ئىككىنچىسى، ناگورنو-قاراباغنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى بېكىتىش.
    ئەرمىنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ناگورنو-قاراباغنى ئىگەللىۋالغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيە 1993-يىلى ئەرمىنىيە بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق چېگرىسىنى ئېتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت سودىسىنى گرۇزىيە ئارقىلىق قىلىدىغان بولدى.
    1990-يىلى، ئەرمىنىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن بېرى، شەرتسىز ھالدا تۈركىيە بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا نىيەت قىلىپ كەلدى. 2008-يىلى سارگىسيان(Sargsyan)ئەرمىنىيەنىڭ پىرىزدېنتى بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتى جانلاندى. بولۇپمۇ شېۋىتسارىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن يارشتۇرغۇچى بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيەنىڭ دېپلوماتىيە تارماقلىرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تۈركىيە پىرىزدېنتى گۈل ئەرمىنىيە پىرىزدېنتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2010-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە ئەرمىنىيە كوماندىلىرى مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن،ئەرمىنىيە پايتەختى ئېرۋان(Yerevan)نى نەچچە سائەت زىيارەت قىلدى. بۇ تۈركىيە دۆلەت رەھبىرىنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئەرمىنىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان دېپلوماتىيە ئەلچىلەر يىغىنىدا پىرىزدېنت سارگىسيان:«ئۆتمۈشنى ئۇنتىمىغان ئاساستا كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، ئالدىنقى شەرت قويمىغان ھالدا ئۇچرىشىشنى دەرھال باشلاش»لازىملىقىنى بىلدۈردى.
    بىراق، ئەزەربەيجان بولسا تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيەنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا بولغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ . ئەزەربەيجان روسىيە لاگېرىغا قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەگە سېتىپ بېرىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى توغۇرلۇق تەھدىد سالدى. بۇ ئېھتىمال تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئەرمىنىيە بىلەن ئەزەربەيجان تىنىچلىق مېخانىزىمى ئورناتمىغان ئەھۋالدا، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيەنىڭ تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەسلىكىدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى مەيدانىغا قايتىپ كېلىشگە بولغان ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك. بەزى گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە ئىمزالىغان ھۆججەتتە ناگارنو-قاراباغ مەسىلىسى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان.
    بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ئەردوغان ئەرمىنىيەنىڭ ناگورنو-قاراباغدىن باشقا ئەزەربەيجاننىڭ  يەتتە پارچە زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى مەجبولاۋېتىپتۇ. ئەزەربەيجان پىرىزدېنتى ئالىيېۋ(Ilham Aliev)بىلەن ئەرمىنىيە پىرىزدېنتى سارگىسيان پىراگادا سۆھبەتلەشمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەمما سارگىسيان  تېخىمۇ كۆپ يول قويماسلىقى مۇمكىن. پۇل مۇئامىلە كىرزىسى بۇ دۆلەتكىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. روسىيەدە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان زور تۈركۈم ئەرمىنىيەلىكلەر دۆلتىگە قايتتى، نېفىت بىلەن تەبىئىي گازنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، ئەرمىنىيە دۆلەت پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتى 30%تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى.
    بۇ شاھمات ئويۇنىنىڭ يۆلىنىشىگە ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنى ئېھتىمال روسىيە. ئەرمىنىيە بولسا ش ئا ئە ت غا ئەزا تۈركىيەبىلەن چېگىرلىنىدىغان بىردىنبىر روسىيەنىڭ ھەربىي بازىسى بولغان دۆلەت. ئەرمىنىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، روسىيە مۇھىم بىر مەيداندىن ئايرىلىپ قالىدۇ، چۈنكى ئەرمىنىيەنىڭ بۇ قتىمقى رەھبىرى غەرپكە مايىل. قىسمەن زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېھتىمال كېلىشىمنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە، ئەرمىنىيە بىلەن ناگورنو-قاراباغنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر كارىدرونى روسىيە تىنىچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا مۇھاپىزەت قىلدۇرىشى مۇمكىن. روسىيە ئەزەربەيجاندىن تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گاز تەمىنلەشنى تەلەپ قىلماقتا، مۇبادا روسىيەنىڭ بۇ تەلىپى ئەمەلگە ئاشسا، نۆۋەتتىكى پىلانلانغان«ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈش»نابۇكو لىنىيىسى بۆشىكىدىلا ئوجۇقتۇرىلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا ياۋروپا ئېنىرگىيەدە روسىيەگە تېخىمۇ قاتتىق تايىنىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: ئەسلى مەنبەسى ئەنگىلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى.
    «دۇنيا گېزىتى»دىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى

    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=473
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: