版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87394158.html

    تۆت قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى

     

    تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشىدا ئامېرىكا جۇڭگونى قارىغا ئالدى

    20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) يىغىنى ھارپىسىدا، ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق نورمىلىق قويۇپ بېرىلگەن پۇل سىياسىتىنى يۈرگۈزىشى، كىشىلەردە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۇل ئۇرۇشى يېقىنلاپ قېلىش ئەندىشىسىگە سېلىپ قويدى. شىياڭگاڭلىق مالىيە-ئىقتىساد ئوبزورچىسى ساۋ رېنچاۋنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا دوللارنىڭ دۇنيا پۇلى بولۇش ئورنىدىن پايدىنلىنىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇل ئۇرۇشى قوزغاپ، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە زەربە بەرگەن، ئامېرىكا كاپىتال گۇرۇھلىرى بۇ ئۇرۇشلاردىن  قاتتىق پايدا ئالغان.

    بىرىنچى قېتىم: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىش
    ساۋ رېنچاۋنىڭ دېيىشىچە، 1971-يىلىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ يولۋاس«بېرتون ئورمانلىقى سېستىمىسى»  دېگەن بۇ «قەپەز» نى زەنجىرلىۋالغان. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇن باغلىنىشلىق بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك دوللار تارقىتىشىنى قانچىلىك ئالتۇنغا ئىگە بولىشى بەلگىلەيتتى، شۇڭا قالايمىقان تارقاتمايتتى. 1971-يىلى ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە ئالتۇن ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلغاچقا، «بېرتون ئورمانلىقى سېستىمىسى» يىمىرىلىپ، «قەپەز» ئېچىلدى.
    شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قارىتىلغان بىرىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى قوزغىدى، ئامېرىكا دوللىرى بېسىشنى قويۇپ بېرىپ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ تاشلىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچى 1971-يىلدىكى 110 نۇقتىدىن 1974-يىلى 90 نۇقتىغا چۈشتى. بىرلا ۋاقىتتا ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 2دوللاردىن 15 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىدى،ئەمما ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشكەنلىكتىن، 15 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئالتۇن بىلەن 2 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئالتۇننىڭ پەرقى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى ئىقتىسادىدا 1971-يىلدىن 1980-يىلغىچە پۇل پاخاللىقى كۆرۈلۈپ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى 10 نەچچە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قاتتىق مەغلوبىيەتكە ئۇچرىدى.

    ئىككىنچى قېتىم: ياپونىيەدە ماغزاپ پەيدا قىلىش
    1980-يىلدىن كېيىن، ياپونىيە ئىقتىسادى قەد كۆتۈردى ھەمدە ئامېرىكىغا تەھدىد سالدى.شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى قوزغىدى، 1980-يىلدىن باشلاپ ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىدى، 1985-يىلى ياپونىيەنى «مەيدان كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبورلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە يېنى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا 240 ياپونىيە ئالماشتۇرۇشتىن، قىممىتى ئۇدا ئۆرلەپ 1989-يىلغا كەلگەندە بىر ئامېرىكا دوللىرىغا 80 نەچچە ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرىلىدىغان بولدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشىشى ۋە ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن، غايەت زور ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى ياپونىيە ئېقىپ كىردى، بىر تەرەپتىن ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىدىن پايدا ئالسا، بىر تەرەپتىن زور كۆلەمدىكى ئۆي مۈلۈك ۋە پايچېكلارنى جەلپ قىلدى، نەتىجىدە 1987-يىلدىن 1989-يىلغىچە ياپونىيەدە ئۆي باھاسى قاتتىق ئۆسۈپ، غايەت زور كاپىتالنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىۋەتتى. ئەمما 1990-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى كۆپ مىقداردا چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ياپونىيە كاپىتالى ماغزىپى يېرىلىشقا باشلىدى.
    «ياپونىيە 1945-يىلدىن 1990-يىلىغىچە جاپا تارتىپ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەق ئېلىپ كەتتى، مانا بۇ پۇل ئۇرۇشى».

    ئۈچۈنچى قېتىم: تۆت كىچىك يولۋاستىنى بىتچىت قىلىش
    ياپونىيەدىن كۆپ پۇل ئۈندۈرىۋالغان ئامېرىكا كاپىتالى نىشانىنى تەيۋەن، كورىيە، تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قاراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۈچۈنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى يۈز بەردى، ۋاستىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىدى. ساۋ رېنچاۋ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئومومىي مىقدارى دۇنيانىڭ %20 كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، شۇڭا بىرەر دۆلەتمۇ ئامېرىكىنىڭ پۇل ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ دېدى. 1990-يىلدىن 1997-يىلغىچە، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇلىننىڭ قىممىتىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆرلىدى، ئامېرىكا دوللىرى ئاجىزلىغانلىقتىن، غايەت مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى ئېقىپ كىرىپ، كاپىتالنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پەقەت 1990-يىلدىن 1997-يىلغىچە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشى شىياڭگاڭنىڭ ئۆي باھاسىنى ھەر كىۋادىرات مېتىرى 30 مىڭ شىياڭگاڭ دوللىرىدىن 120 مىڭ شىياڭگاڭ دوللىرىغا ئۆرلىتىپ تاشلىدى. 1997-يىلى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كاپىتالى چىقىپ كەتتى، شىياڭگاڭدا ئۆي باھاسى قاتتىق چۈشۈپ ھەر كىۋادىرات مېتىرى 42 مىڭ شىياڭگاڭ دوللىرى بولۇپ قالدى، چۈشۈش دەرىجىسى %65 كە يەتتى، شىياڭگاڭلىقلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى.

    تۆتىنچى قېتىم: جۇڭگونى قارىغا ئالدى
    ساۋ رېنچاۋنىڭ قارىشىچە، 2001-يىلدىن بۇيان، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى چىقىمى، يەنە ئۆز ئىقتىسادىنىڭ چاتاقلىرى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا دوللارنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى باشقىلارغا ئارتىپ، پۈتكۈل يەر شارى كاپىتالىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىنى ۋە تاۋار باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق چۈشىشى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئىشەنچىسىگە قاتتىق زەربە بەردى، ئەگەر داۋاملىق چۈشسە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ «دۇنيا پۇلى» بولۇش ئورنىغا مۇقەررەر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا نىشانىنى جۇڭگوغا قارىتىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگو پۇلىنى «قۇربانلىق قوي» قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.
    ساۋ رېنچاۋنىڭ قارىشىچە، 2005-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى قوزغىغان، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئالامەتلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يېقىنقى 40 يىللىق كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ھەر قېتىملىق زور تەۋرىنىشنىڭ ئارقىسىدا، ھەممىسىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ پۇل سۈزۈش باسقۇچى بار. ئامېرىكا دوللىرى ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىت دەل باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كاپىتالىنىڭ ئەڭ ئەرزان ۋاقتى، ئامېرىكا دوللىرى ھەممە يەردە ھايانكەشلىك قىلىدۇ؛ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشكەندە، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئۆي باھاسى، پاي باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، ئامېرىكا دوللىرى پايدىنى بولىشىچە ئالىدۇ. بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە مۇنچىلىك باي بولىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «يېڭى پۇقرا گېزىتى»دىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
    مەنبە: «ئوكيان قامۇسى»(2010-11-12)

    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=499
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: