版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87388486.html

    ئادىل ئابدۇۋاقى قارلۇق شېئىرلىرى


    سەھەردىكى تەنھالىق
     
    ئاققۇشقاچلار ئويغۇنۇپ سەھەر،
    ئويغانماستا تېخى ئادەملەر،
    قونۇۋېلىپ تال-تال نۇرلارغا
    ۋىچىرلىشپ ئانا تىلىدا
    لەززەتلىنىپ ئۇچۇشۇپ يۈرەر.
    مەن كارۋاتتا ئىچىمدە بىر مۇڭ
    بېسىقمىدى شۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ
    ئېيتاي كىمگە ئارزۇلىرىمنى
    قۇش بولغۇم بار مىنىڭ شۇقەدەر...

    1991-يىلى 4-ئانىڭ 10-كۈنى، لەنجۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئاھ، بالىلىق

    (1)

    ماي كېچىسىدىكى يېشىل بۇغدايلىق
    ئېتىزلاردا چايقىلار راھەت.
    سۈر چېكەتكە باشاق تۈۋىدە
    بىر ئاۋازدا قىلار ئىبادەت.
    دەريا -دەريا ئارمانلىرىمدا
    توپىلىق يول، مايماق جىگدىلەر
    سۈزۈك نۇردەك سۈزۈك مۇھەببەت.
     
    يىراقتىكى سۇۋادان تېرەك
    ئاڭلاپ تۇرار تەشۋىشلىرىمنى.
    مارجان قۇملار شاپ(بىر خىل ئوت)نىڭ باغرىدا
    ۋاراقلايدۇ دەپتەرلىرىمنى...
    ئۇنتالمايمەن قۇشلار چاڭىلداپ،
    قۇياش بىلەن كىرگەن سەھەرنى.
    قوڭغۇراقتەك تىزىپ ئوينايتىم
    مېزىلىك پۇراپ تۇرغان سۆزلەرنى.
     
    سالقىن شامال سىلىق بىر قولدەك
    باشاقلاردىن كىرەر قەلبىمگە.
    ئاق توغراقلار دۆڭنىڭ تۈۋىدە
    چىڭ قۇچاقلاپ بالىلىقىمنى،
    قۇشلار بىلەن ياتار جەننەتتە.
    ئېرىقلاردا دوغاپ تاتلىق سۇ
    ئوقۇپ بولدى كىتابلىرىمنى.
    ياۋا توشقان بۆجەنلىمەكتە
    ئاي، يۇلتۇزلار شىرىن سۆھبەتتە
    ئېلىپ قاچار خىياللىرىمنى...
     
    بىر قىز كەلدى لويلا تەرگىلى
    يالپۇز پۇرار ئۇنىڭ چاچلىرى
    مەن چوڭ بولدۇم مايسا ئىچىدە
    روھىمدىكى سىرلىق قەلئەدە
    پىشىپ بولغان باشاقلىرىمنى
    بۇ سەھەردە ئورۇپ بەرگىلى...
     
    (2)
     
    يەتتە ياشتا يۇلتۇز بىلەن ئاي،
    سۇ ئىچىدە سۆزلىدى تىنماي.
    يۇپۇرماقتەك يۇمشاق بىر دۇنيا،
    دەيتتى دائىم: «قۇشقا ئايلىناي...»
    ئارىلاشتۇرۇپ قويغانتىم يازدا
    سازاڭ بىلەن يامغۇر تىلىنى.
    «ۋەتىنىم» دەپ پۇراپ قۇياتتىم
    دەرەخلەرنىڭ كاۋاكلىرىدىن
    قاراپ تۇرغان يوغان بىر ئىزنى.
    ئېلېپبەنىڭ ئىچىدە قۇشلار
    ئۇچۇپ-ئۇچۇپ تىتىلىپ كېتەتتى.
    مەن قوي باققان دەريا بويىدا
    ئوسما قويۇپ بىر قىز يۈگۈرەيتى.

    ئون تۆت يېشىم قار ياققان كېچە،
    ئوتتەك بىر كۆز ئوينار يۈرەكتە.
    ياستۇق، كارۋات ئۈستىدە مەن يوق،
    مەن ياتاتتىم ئوتنىڭ ئىچىدە.

    (3)
           
    ئون سەككىز باھارنى ئۇزىتىپ قويدۇم،
    بىر قىزنىڭ روھى بار گۈلنىڭ تۈۋىدە.
    ھەركۈنى يالىڭاچ بولغۇم كېلەتتى،
    ئەقىلنىڭ يوپيۇرۇق تامسىز ئۆيىدە.
    ساپسېرىق سارغىيىپ بۇغداي باشىقى
    ئەركىلەپ پىشاتتى يازنىڭ كۆكسىدە.
    قىسسە، رىۋايەت، توم-توم كىتابلار
    ئىچىدىن قارايتىم چەكسىز ئالەمگە.
    نەچچە رەت سىزغانتىم چەكسىز مۇڭ بىلەن
    گۇگۇمدا ئېتىزدىن قايتقان ئانامنى.
    ياراتقان ئىگەملا تۇيۇپ تۇراتتى،
    ئوت كەتكەن ئورماندەك كۆيگەن يارامنى.
    يۇلتۇزلار، ئورمانلار، ئوت-چۆپ، قۇرۇتلار،
    ياپيېشىل نۇرلاردا ئاسمىنىم يىغلار...
    بېلىقتەك پىلتىڭلاپ قالدى بالىلىق،
    ئۇسسۇزلۇق قەھرىدە چاك-چاك ئېرىقلار
    شېئىر ۋە شائىرنىڭ دەردى تۆكىلەر
    غەلۋىردەك تېشىلگەن يۈرەكلەر ئارا
    تاتلىق ئازاپ تولار توزغاقتەك
    جىمجىتقىنا
    يەر بىلەن كۆكتە
    پەرىشتىلەر يۇيىنار راھەت
    ئېرىقتىكى سۈزۈك لاي سۇدا.
    ئوماققىنا مېنىڭ قوللۇرۇم
    گويا قۇياش ئۇنىڭ كۆكسىدە.
    بىر سۆز بار بۇ يەردە ئىزاھسىز قالغان
    ئاھ، شىرىن بالىلىق، گۈزەل بالىلىق
    بەختىمنىڭ ياپرىقى كۆكىرەر سەندە...

    2008-يىلى. قەشقەر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تۇزىۋاتقان بىر گۈل بار مەندە
     
    (بىر قىزنى ئەسلەپ)
     
    توزىۋاتقان بىر گۈل بار مەندە
    لىكىن رەڭگى ئۇنىڭ ئۆزگىچە،
    ئىككى دۇنيا شۇ گۈلنىڭ ھىدى
    تۇتالمىدىم ئۇنى ھىچكىمگە.
     
    توزىۋاتقان بىر گۈل بار مەندە
    ياپراقلىرى كۆكلەر يۈرەكتە.
    قار، يامغۇرى ياغار تەقدىرنىڭ
    كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ئۈستىگە.
     
    توزىۋاتقان بىر گۈل بار مەندە
    دەرت-پىراقى سىغمايدۇ سۆزگە.
    شۇ گۈلنى دەپ ياشىغان ئىدىم
    يەتتە دوزاخ كۆيدى ئىچىمدە.
     
    توزىۋاتقان بىر گۈل بار مەندە
    سۈكۈت ئۈنەر يەردە ھەم كۆكتە.
    يار كەلمىسە تۇزىسا گۈلۈم
    ئوت يانىدۇ مىنىڭ قەۋرەمدە.
     
    توزىۋاتقان بىر گۈل بار مەندە
    ئېيتقىنا يار قالدۇراي كىمگە؟!
    سەن يوق دۇنيا قۇرۇق شاكالدەك،
    بۇ ئامانەت قالسا نىسىگە...

    2008-يىلى 9-ئينىڭ 29-كۈنى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۈن-تىنسىز سۆزلىگۈچى

    كېتىۋاتىمەن كۆكىرىپ كەتكەن قۇم دۆۋىسىدە،
    كىمدۇر بىرسى ناتۇنۇش بىرسىگە سۆزلىمەكتە...
    مەن 
    ئاپئاق كېچىلەرنىڭ قات-قات بەتلىرىدە
    ئېرىۋاتقان ئاپتاپ مۇزلۇقى.
    شەھۋەت بوستانىدا كۈل بولغان
    تەننىڭ ھۇزۇرى،
    شىۋىرلاۋاتقان مەي بولغان گۇگۇم.
    قۇپقۇرۇق يوقلۇق تەنتەنىسىدە كۆيىۋاتقان بىخ،
    ھايات قارا تۇپراق بىلەن
    باش-ئاخىرى يوق سۆھبەتتە
    مەن ئوقۇغۇچى.
    باش سۆڭەكلىرىڭ بىمەنىلىككە تولغان
    سېنى قىيناۋاتقان سەن مەھكۇم ئەقىدە.
    سېنىڭ قۇلۇپلانغان زىمىنىڭدا
    مېنىڭ كۆمۈلمۈكۈم زىيادە.
    سەن ئوقىغان، ئوقىۋاتقان تارىخ
    مېنىڭ غۇزەكلىرىمدىن تاشلانغان تېرە
    قۇرۇتلاۋاتقان روھ چاتقىلىڭدا
    سەن قۇتىلالمايدىغان پايانسىز سايە.
     
    مېڭىشقا يول يوق
    بارىدىغان دۇنيا
    ئىچىڭدىكى سىرتنىڭ سىرتىدا
    سىنچىلاپ قارىغىن ئىچىڭدىكى قۇرلارغا
    مەن قان بىلەن تەندىن،
    روھ بىلەن ماددىدىن باشقا
    يوقلۇق ئۇقۇمىدىكى ئابىدە
     
    مېنىڭ پاتقاقلىرىمدا كۇللى ئالەم
    تاشقا ئايلانغان بىرلا چۈمۈلە.
    سەن 
    يىگىلەپ كەتكەن ئازاپلىرىڭغا
    سەجدە قىلىۋاتقان بەددۇئا بەندە
    سېنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكلىرىڭ
    ئاۋازسىز قورۇلىۋاتقان بىچارە كۈلكەڭ
    قات-قات تامسىز توساقلاردا قالغان مەھەللەڭ
    ھامان ساڭا مەۋھۇم ۋەھىمە.
    مەن 
    چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلگۈچى
    بارسا كەلمەس يوللىرىڭغا بەلگە سالغۇچى
    قىممەت دەرىخىنى چوڭ قىلىپ
    شۇ دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆلگۈچى
    ئەقىل زوراۋانلىقى
    ھىسسىيات بۆھرانىغا ئوت قويغۇچى
    تۇر ئورنۇڭدىن ئەي مەغلۇپ بولغۇچى...
     
    2000-يىلى 3-ئينىڭ 5-كۈنى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئېتىقاد
     
    تاشلارنىڭ بەك خىرە شاۋقۇنلىرىدا
    تاغلارنىڭ كۆرۈنمەس چوققىللىرىدا
    تەن بىلەن قەلبنىڭ ۋاكۇملىرىدا
    ھەممىدىن مۇستەسنا ئوچۇق بىر جايدا
    يالتىراپ تۇرغاندەك ئىككى قولۇڭدا
    ئۆزەڭنى تۇنجى رەت تونىغان چاغدا
    ئىزدىسەڭ مەن مەۋجۇت ھامان روھىڭدا.

    «ئادەم»نىڭ قاپقارا ئاياقلىرىدا
    مۇسانىڭ تېگى يوق سوراقلىرىدا
    ئاخىرقى پەيغەمبەر ئۆتكەن مىنۇتتا
    ۋاقىتنىڭ بىر پۈتۈن چاناقلىرىدا
    شەكىل ۋە مەنانىڭ بىرلىك جامىدا
    ئالەمنىڭ ئاخىرقى زەررە قارنىدا
    يوقلۇق ھەم بارلىقنىڭ نۇرلۇق غارىدا
    ئىزدىسەڭ مەن مەۋجۇت ھامان روھىڭدا.

    تارىخ دەپ يېزىلغان قىسمەتلەر ئارا
    قەددىمنى پۈككىنى قارىدۇر قارا
    بىر پۈتۈن گەۋدەمدە يوق ئەمەس يارا
    مەن گويا تۈندىكى پۇلات ئارغامچا
    شاھ، گاداي ھەممىگەئادىل تارازا
    رەزىللىك، گۈزەللىك بۇلىقى مەنا
    ئىزدىسەڭ مەن مەۋجۇت ھامان روھىڭدا.
     
    1995-يىلى. لەنجۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    جىغان
     
    (ئانامغا مەرسىيە)

    دەستە-دەستە گۈللەر ناماششام پەيتى
    سۆكۈلگەن يانچۇقۇمدا
    ئىككى قولۇمدا
    سوغۇق مۇزدەك
    ئاچچىق لازىدەك
    كىرىپ چىقتىم ئانام قىشىغا
    دۆۋە-دۆۋە كۈل بولغان نۇرلار
    قىستىلىشىپ چىقتى ئۇزاشقا
    ۋاقىراپ ئۆتتۈم
    لىق سۇ كوچا
    ھىس قىلدىم
    ئەزرائىل چىقىپ كەتتى
    سۆرىلەر
    تۈن قۇينىدا بىر ئارغامچا...
    ئانامنىڭ تونۇش قوللىرى
    بۇغداي باشاقلىرى ئارىسىدا
    مىنى
    ئەمدىلەتىن
    ئويغانغان قوشتەك سەھەرنى
    ئۆيىمىزگە
    قايتىش تەرەپكە
    شۇنچە يىنىك شۇنچىلىك تاتلىق
    تۇيدۇرماستىن
    تە-تە ئەتمەكتە.
    بىز ھىچ نەرسىنى بىلمىدۇق
    قۇرۇپ كەتتى يىشىل ئورمانلار
    كۆكەرگەن لەۋ بىلەن دەقىق ئىچىدە.
    سۇ چۆچەك باشلىدى
    كۆكلەپ كەتكەن تاشنىڭ ئۈستىدە
    بىز ئايرىلدۇق
    قىشتەك سوغۇق تومۇز كېچىدە
    سۆزلىيەلمىدى يۇمۇلغان كۆزلەر
    ئاق پەيلەر
    ئاق يولدەك ئېچىلغان سۆزلەر
    چۈشۈپ كەتتى نۇر تىزلىگىدە.
    پورەكلەپ ئېچىلدى جىغان دەرىخى
    قار ياققاندەك
    باھار كەتكەندەك
    قاپقاراڭغۇ گۆردەك ئىچىمدە...
     
    2008-يىلى7-ئاينىڭ5-كۈنى. قەشقەر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ شېئىرلار ئاپتورنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى. تورغا يوللىغۇچى: كەتمەنباي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: