版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87229861.html

    مۇتەللىپ تۇراق قوزى شېئىرلىرى


    ئاققۇ

    چۇشۇپ قالدىڭ سەن بەلكىم بۇدەم،
    تەجرىبىلىك ئوۋچىنىڭكى قولىغا،
    ئەي سۆيۈملۈك ناتىۋان ئاققۇ.

    كۆزىتىلگۈچى بولۇشمۇ ئازاپ،
    كۆزەتكۈچى بولغانغا ئوخشاش.

    چۈشۈڭدە ھەم رىئاللىقىڭدا،
    شۇ قەدىمى سىرلىق ئورماندا،
    بۈركۈت كەبى شۇ جەسۇر ئوۋچى
    تۇرار سىنى دائىم نىشانلاپ.

    گۈزەل ئاققۇ ، ئەي گۈزەل ئاققۇ،
    پەيلىرىڭ ئاق قاناتلىرىڭ ئاق،
    يەنە سىنىڭ قەلبىڭمۇ ئاپئاق،
    ئاققۇ ئەمەس بەلكىم سەن چوقۇم،
    رىئاللىقتا ئەي گۈزەل قىزچاق.

    ئاققۇ ئىگەللىدى ئوۋچى قەلبىنى،
    ئوچىمۇ ھەم گۈزەل ئاققۇنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    بىر يۈرەكتە ئىككىمىز

    سەن ئۆمۈچۈك ئەمەسسەن بەلكىم،
    كىرپىكلىرىڭ ئۆمۈچۈك تورى.
    مەنمۇ ئەمەس بىچارە چىۋىن،
    تورلىرىڭغا ئىلىنىپ قالغىلى...
    دەپ ئاشۇنداق ئۆزۈمگە ئۆزۈم،
    بىرىپ كەلگەن ئىدىم تەسەللى.

    مەن ئاداققى ناخشامنى توۋلاپ،
    مەھەللەڭگە باردىم نەچچە رەت.
    كۆزلىرىمدىن مارايتى كۆڭلۈم،
    تاپقان ئىدىم يەنە ھەم پۇرسەت،
    قىلالمىدىم نىمىشقا جۈرئەت.

    سىنى دائىم چۈشەپ چىقىمەن،
    ئىزلەپ باقسام چۈشۈمدە سەن يوق.
    ساڭا ئاتاپ ناخشا ئىيتىمەن،
    تىڭشاپ باقسام كۈيۈمدە سەن يوق.

    پەخەس بولغىن ئەي گۈزەل قىزچاق،
    بولۇپ قالدىم مەن ساڭا ئامراق.
    مەن ئوغرىسى مۇشۇ شەھەرنىڭ،
    ۋە يەنە ھەم گۈزەل سەھەرنىڭ.

    مەن ئوغۇرلاپ قاچقان تاڭ سەھەر
    قۇياشنىڭكى چۇمپەردىسىنى.
    مەن ئوغۇرلاپ قاچقان بىر كىچە
    تۈن پەرىسى يۇيۇنىۋاتقاندا،
    سىلىپ قويغان كىيىملىرىنى.

    پەخەس بولغىن ئەي گۈزەل قىزچاق،
    بولۇپ قالدىم مەن ساڭا ئامراق.
    ئىپ قاچارمەن ھامان بىر كۈنى،
    يۈرىكىڭنى ئاستا ئوغۇرلاپ.

    كۆزلىرىڭنى يۇمىۋالساڭمۇ،
    مىنى كۆرۈپ قالىسەن چوقۇم،
    مەھەللەڭدىكى بۇلاق بىشىغا،
    سۇغا چىقىپ قالغان چىغىڭدا،
    مەيدەمنى يىقىپ نەم يەرگە،
    <مەن كۆيدۈممەن چوقۇم بىرىگە،
    كۆيدۈم زادى زادى نىمىگە؟>
    دەپ ۋارقىراپ چىچىمنى يۇلۇپ،
    تۇرغان ئاشۇ تەلۋىلىكىمنى...

    مەندىمۇ بار پەقەت بىر يۈرەك،
    يۈرۈكۈمدە پەقەت بىرلا سەن.
    سەندىمۇ بار پەقەت بىر يۈرەك،
    يۈرۈكۈڭدە پەقەت بىرلا مەن.

    ئىشەن، كۆيۈپ يۈرىمەن پىنھان،
    پەرىشتىدەك ئەي قاناتلىق قىز.
    قاچانغۇچە قىينايدۇ ھىجران،
    بىر يۈرەكتە ياشاپ ئىككىمىز.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    ئېھتىمال

    ئېھتىمال ئىككىمىز چوقۇم بىر ئادەم،
    ئېھتىمال ۋەيەنە تونۇشمايدىغان.
    ئېھتىمال كۈلكىمۇ ئوخشاشلا بىر غەم،
    ئېھتىمال يىغىغا ئوخشىمايدىغان.

    ئېھتىمال ئەتىلا ئۆلۈپ قالىمەن،
    سەن ئۈچۈن ئاداشقان ساراڭ شائىردەك.
    ئېھتىمال يىغلايسەن بىلىپ قالىمەن،
    قەبرەمنى قۇچاقلاپ بولۇپ پايپىتەك.

    ئېھتىمال ناتونۇش كىشىلەر كەبى،
    مەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ چەكمەيسەن پىغان.
    ئېھتىمال تەقدىرنىڭ چاقچىقى تەبىئىي،
    بوپ قالدۇق شۇڭا بىز تونۇشمايدىغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    ئىشىنىمەن خۇداغا شەكسىز

    ئىشىنىمەن خۇداغا شەكسىز،
    مۇھەممەدكە، پەيغەمبەرلەرگە.
    پەرىشتەلەر، چاھارىيارلارغا،
    تۆت كىتابقا، يەنى قۇرئانغا.

    ئىشىنىمەن: ئۆلگەن تىرىلەر،
    ئىشىنىمەن: قىيامەت كۈنگە.
    سەپسەتەڭنى تاشلا پەيلاسوپ،
    جۆيلۈپ يۈرمە دۇنيا ھەققىدە.

    مەن مايمۇننىڭ بالىسى ئەمەس،
    يا نۈۋانىڭ، زېۋىسنىڭ قۇلى.
    ياراتقۇچۇم بىردىن-بىر ئاللاھ،
    ماڭار يولۇم ئىسلامنىڭ يولى.

    ئىشىنىمەن خۇداغا شەكسىز،
    ئىشىنىمەن خۇداغا چەكسىز...
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    بىر دوستۇمغا مۇشائىرە

    سۆيگۈ ئىزلەپ بولمىغىن سەن ئاۋارە،
    ئۇ كۆمۈلگەن قەلبىڭنىڭكى قىتىغا.
    ئاچ ئۇنىڭكى جامالىنى سەن ئاۋال،
    شۇندا سۆيگۈ تالىق بولار ساڭىلا.

    زۇلمەتلەردە ئىزلەپ يۈرمە سەن قوياش،
    قوياشمۇ ھەم كۆمۈلگەندۇر قەلبىڭگە.
    مىڭ قوياشنىڭ ھارارىتى يېتەلمەس،
    يۈرىكىڭدىن ئوخچۇپ چىققان سۆيگۈڭگە.

    سۆيگۈ ئىزلەپ يۈرمە ھىجران چۆلىدە،
    ئۇ قەلبىڭنىڭ گۈل-گۈلىستان بېغىدا.
    پەن-مەرىپەت دېڭىزىغا شۇڭغىغىن،
    ھاياتىڭنىڭ ئاشۇ گۈزەل چېغىدا.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    ئايدىڭ كىچە

    ئايدىڭ كىچە گۈزەل نىگارىم،
    ئايرىلماسقا بەرگەنتىڭ ۋەدە.
    تاشلاپ كەتتىڭ ۋاپاسىز نىگار،
    ۋەدىلىرىڭ قالدى قەيەردە؟

    تاشلاپ كەتتىڭ ۋاپاسىز نىگار،
    يۈرەك مانا قالدى ئارماندا.
    تىلىڭ ۋەدە قىپتىكەن ئەسلى،
    بىلسەڭ ۋاپا دىگەن ۋىجداندا.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    2-ئاينىڭ 14-كۈنى

    ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ ئاتلىقلار،
    مەغلۇپ بولغان پىيادە ئەسكەر.
    ماڭماقتىمەن پۇتۇمنى سۆرەپ،
    ئۇچراپ قالدى بىرتال ئەتىرگۈل،
    توساتتىنلا يىغلىدىم ھۆڭرەپ.

    چىكىلدىدى ئىشىك تىنىمسىز،
    ئىشىك ئالدىدا ناتونۇش بىر قىز...

    «مەن سىنى كۆرۈپ جانان،
    غەمگە مۇپتىلا بولدۇم.
    ئوت كەتتى يۈرەكلەرگە،
    ئاشىق بىقارار بولدۇم.»

    ناخشا ئىيتىپ تاشلىدى كىچە،
    شائىر ئۆلۈپ قالغان ئاخشىمى،
    ئاق كىپەنگە ئورالدى سەھەر،
    كىملەر يادلاپ قالدى ناخشىنى.

    مەشرەپ،
    ھەرەج تارتتى بىر قىزچاقنى دەپ.
    شىرىننى دەپ تاغ تەشتى پەرھات،
    سەنەم ئۈچۈن
    غىرىپ چۆلدە چەكتى دات-پەريات.
    زۆھرە ئۈچۈن
    ئاققۇزغانتى تاھىرنى دەريا.
    لەيلى ئۈچۈن
    بولدى مەجنۇن قەلەندەر گويا.

    ئايال،
    ياش تۆككۈزەر ئەرلەرنى پىنھان،
    قان تۆككۈزەر ئەرلەرنى ۋىجدان.

    قان.
    لەختە-لەختە قان.
    قىلىچ بىسى قان.
    ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ ئاتلىقلار،
    مەغلۇپ بولغان پىيادە ئەسكەر،
    مەغرۇر بىشى كەتكەن ساڭگىلاپ.
    تەنھالىق ،
    تەنھالىقنى قالدى قۇچاقلاپ.

    ئەي كىچە موما،
    چۆچەك ئىيتىپ بەرگىن سەن ماڭا،
    ساراڭ بولغان مەجنۇن ھەققىدە،
    قايتىپ كىتەي رىۋايىتىڭگە.

    ياش تۆكىدۇ نىمە ئۈچۈن
    ئۆمرىدە بىر قىنىپ كۈلەلمەي.
    چىقىۋىلىپ ئەسلى ئىگىزگە ،
    ئەمدىلىكتە يىنىپ چۈشەلمەي.

    قانىتىم يوق مىنىڭ قۇش ئانا،
    پەيلىرىڭنى بىرىپتۇر ماڭا.
    كۆرۈپ كىلەي مەلىكەمنى بىر،
    بەلكىم ئۇچۇپ كەتتى قىشلاققا.
    ئەنسىرەيمەن چۈشۈپ قالارمۇ،
    ئەڭ چىرايلىق قەبىھ توزاققا.

    سەن قەيەردە ئەي گۈزەل بەرنا،
    مەن رىتىمسىز كەلگەن قاپىيە،
    سەن ئۇنىڭغا قوشۇلغان مەنا...

    چۈش ئەمەستۇ.........؟
    چۈش.
    رىئاللىقنىڭ چۈشى.
    چارشەنبە شائىرنىڭ چۈشى.
    تۆتىنچى چۈش.

    ئاپلىسىن
    مىۋىسىنى يەپ بولۇپ خەقلەر،
    تاشلىۋىتەر شۆپۈكلىرىنى.
    شۆپۈكلەرنى تاشلىۋەتمەس ئەسلا سۈپۈرگە.
    2-ئاينىڭ 14-كۈنى،
    ئاپلىسىن شۆپىكى،
    سىلىماقتا سۈپۈرگىنىڭ چىچىنى.

    چۈشلىرىم تاشلىماڭلار مىنى،
    مەن چۈش ئىچىدىكى ئادەم،
    بەشىنچى چۈش،
    ساقلاپ تۇرغىن مىنى يەتتە كۈن.

    2006-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    تىلەك

    گۈزەل بولۇپ يارالساڭ ئەگەر،
    مەنىۋىلىك سۇلتانى بولغىن.
    يۇلتۇز بولۇپ قالساڭ ناۋادا،
    سۈبھىنىڭكى چولپانى بولغىن.
    ئاتەش بولۇپ يانساڭ لاۋۇلداپ،
    تىترىگەننىڭ گۈلخانى بولغىن.
    سۇسىز نىمجان بىلىجانلارنىڭ،
    سەن سەيلىگاھ ئوكيانى بولغىن.
    ئارمانى كۆپ شائىر يىگىتنىڭ،
    سەن ئۇنىڭكى دەرمانى بولغىن.
    نە دەرمانكى، ئەي گۈزەل دىلبەر،
    ئۇنىڭ مەڭگۈ جانانى بولغىن.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    ناتونۇشقا ئايلاندۇق قايتا

    بىز ناتونۇش ئىدۇق ئىلگىرى،
    ئۇچراشتۇردى بىزلەرنى تەقدىر.
    ئۆتتى تالاي ئىسسىق-سوغۇقلار،
    قىلىپ كەلدۇق بىز ئاڭا سەۋىر.

    نى قىسمەتنى يەڭدۇق قول تۇتۇپ،
    مۈشكۇللەرگە بىرىپ بىز بەرداش.
    دەرد-ئەلەملەر قىينىسا دىلنى،
    بولدۇق يەنە ئۆز ئارا قاياش.

    خوش ئامرىقىم، ئايرىلار بولدۇق،
    تۇتاي ساڭا بىر تال ئەتىر گۈل.
    ناتونۇشقا ئايلاندۇق قايتا،
    ساراڭ ئىكەن راستلا بۇ كۆڭۈل.

    چۈشلىرىڭنى ئۇنتىغان كەبى،
    ئۇنتۇپ كەتكىن نىگارىم مېنى.
    ھەر ئىككىمىز ۋاپاسىز ئەمەس،
    تەقدىر شۇنداق ئايرىدى بىزنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    تۇغۇلغان كۈنۈمگە بېغىشلاپ

    سائەتنىڭكى ئىستىرىلكىسى
    چىكىلدايدۇ شۇنچە مەنىسىز.
    مىلادىيە 2007-يىلى
    قەشقەر ۋاقتى تۆتىنچى ئاۋغۇست
    كېچە سائەت نۆلگە يېقىنلاپ.

    چىك-چىك
    ئۆلۈمدەكلا سىرلىق بىر ئاۋاز،
    ئەزرائىلنىڭ ئاياغ تىۋىشى
    دەيدۇ: ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈڭ.

    تىپىرلايدۇ يىگىرمە يېشىم
    مىسرالاردۇر مېنىڭ كۆز يېشىم.
    بەلكىم يەنە نەچچە مىنۇتتا
    بىر ياش قېرىپ كېتىمەن بەلكىم.

    تورت ۋە ناخشا، گۈللەر بىھاجەت
    بىھاجەتتۇر مېنى تەبرىكلەش.
    بىر ياش قېرىپ كىتىمەن چۈنكى
    قەشقەر ۋاقتى بولسا ئايغا بەش.

    8-ئاينىڭ 5-كۈنى
    تەبرىكلىمە دوستلۇرۇم مېنى
    تەبرىكلەيدۇ بەلكىم ئەزرائىل
    بەلكىم بىر ياش قېرىتىپ مېنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    ھايات ۋە ۋىجدان

    ھېسلىرىم ئۆركەشلىك ئاققان بىر دەريا،
    تىنمايدۇ مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلار ياساپ.
    ھايات ۋە ۋىجدانىم قىلىدۇ خىتاب،
    كۆڭۈللەر دوقمۇشىدا يولۇمنى توساپ.

    ۋىجدانىم ئېيتىدۇ: تۆھپەڭ قانچىلىك؟
    ھايات دەر: مەنىلىك ئۆتكۈز كۈنۈڭنى.
    مەن دەيمەن: مۇتەللىپ ئالغا قاراپ باس!
    مىللىتىڭ ئۈچۈن ھەم ياڭرات كۈيۈڭنى.

    ۋىجدانىم ئېيتىدۇ: ئادەمدەك ياشا!
    ھايات دەر: ۋاقىتنى قەدىرلە چىڭ تۇت!
    مەن دەيمەن: مۇتەللىپ ۋىجدانىڭ بولسۇن
    ھەقىقەت كۆمۈلسە بولىۋالما بۇت.

    ۋىجدانىم ئېيتىدۇ: ئەلگە نەپ يەتكۈز
    ھايات دەر: تۇرمۇشۇڭ ئۆتسۇن شاد-خۇرام.
    مەن دەيمەن: مۇتەللىپ ئەل ئىشقىدا كۆي
    سېنىڭدىن مىننەتدار بولسۇن ئەل-ئاۋام.

    ۋىجدانىم ئېيتىدۇ: غورۇرلۇق ياشا!
    ھايات دەر: ياشىغىن ئۆلمەسكە ئەبەت.
    مەن دەيمەن: مۇتەللىپ قالدۇر ياخشى ئات
    بەرگۈسى ئەجدادىڭ روھى كۈچ-مەدەت.

    ۋىجدانىم ئېيتىدۇ: ئۆزلىكىڭنى تاپ!
    ھايات دەر: ئەۋلاتقا بەختلەر يارات!
    مەن دەيمەن: مۇتەللىپ ئۇلۇغ ئادەم بول،
    ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئالەمگە تارات!

    ئاقماقتا ھېسلىرىم ئۆركەشلەپ ئەنە،
    ھايات ۋە ۋىجدانىم كۆتۈرەر دولقۇن.
    «ۋەتىنىم، مىللىتىم» دېگەن چېغىمدا،
    يۈرەكتە گۈپپىدە ئۆرلەيدۇ يالقۇن.

    2003-يىلى 28-يانۋار، قەشقەر.
    ٭٭٭٭٭٭٭$$$$$٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: