版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187662242.html

    «ئەركىنلىك» تەجرىبىسى


    ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئەيلىس مۇئەللىم بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەش تاپشۇرۇقى بەردى. ئادەتتە، تەجرىبە دائىم خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە پەنلىرىگە ئائىت بولاتتى، ئەمما بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ مەزمونى «ئەركىنلىك» توغرىسىدىكى قاراشنى شەرھىيلەش ئىدى.
    «ئەركىنلىك»نىمۇ تەجرىبە ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولامدۇ؟
    ساۋاقداشلارغا بۇ تەجرىبە بەكمۇ غەلىتە بىلىندى.
    دۈشەنبە كۈنى كۆپچىلىك تاپشۇرۇقلىرىنى تاپشۇردى. ساۋاقداشلارنىڭ تەجرىبە لايىھەلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئاماندا، چارلى ۋە ئاندرولارنىڭ تەجرىبىلىرى تېخىمۇ قالتىس ئىدى.
    ئاماندا بەش خىل ئوخشىمىغان رەڭدىكى قۇتىنى ئېلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۆزى ياقتۇرغان بىر رەڭنى تاللىشىنى ئېيتتى. ئەيلىس مۇئەللىم ھال رەڭ قۇتىنى تاللىدى. ئاندىن ئاماندا سېرىق رەڭلىك بەش قۇتىنى چارلىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۇنىڭ تاللىشىنى ئېيتتى. چارلىز سەل خاپا بولغىنىدىن پەرۋاسىز ھالدا بىر قۇتىنى تاللىدى. ئەيلىس مۇئەللىم بىر چەتتە قاراپ ئولتۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئاماندادىن:
    - تەجرىبىڭىزنىڭ ئىسمى بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
    - بار، تەجرىبەمنىڭ ئىسمى «تاللاش»، - دېدى ئاماندا،
    ئۇ «تاللاش» بولغاندا ئاندىن «ئەركىنلىك» بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. چارلىزنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشى ئۇ بەش قۇتا رەڭگىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقىدا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى يوق، شۇڭا بۇ ئىشتا ئۇنىڭ ئەركىنلىكىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ئەيلىس مۇئەللىم ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەركىن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بەش خىل رەڭ ئىچىدىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر رەڭنى تاللىۋالىدۇ.

    چارلىزنىڭ تەجرىبىسىمۇ بەك مەنىلىك ئىدى. ئۇ ئۈچ كىشىنى دوسكا ئالدىغا تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئەيلىس مۇئەللىم، نكىس (ھەممەيلەن ئۇنى مەيدانى يوق دېيىشەتتى) ۋە پارك (سىنىپىمىزدا نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى). ئاندىن ئۇ ساۋاقداشلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىرىنچى گورۇپپىدىكىلەرگە:
    - ھازىر سىلەردىن خېلى تەس سوئال سورايمەن، جاۋابىنى تېپىشقا دوسكا ئالدىدا تۇرغان ئۈچەيلەننىڭ بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلساڭلار بولىدۇ. توغرا جاۋاب بېرەلىسەڭلار بىر خالتا شاكىلات مۇكاپات بېرىمەن، - دېدى.
    بىرىنچى گورۇپپىدىكىلەر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئەيلىس مۇئەللىمنى تاللىدى. ئارقىدىنلا چارلىز ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە:
    - سىلەرمۇ ئوخشاش سۇئالغا جاۋاب بېرىسىلەر، بىرىنچى گورۇپپىدىكىلەرنىڭ ئەيلىس مۇئەللىمنى تاللىغىنىغا قاراپ ئادالەتسىزلىك بولدى دېمەڭلار، چۈنكى مەن سوئالنى ئاللىبۇرۇن پاركقا بېرىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرا جاۋابىمۇ بار. قېنى ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، - دېدى.
    بىرىنچى گورۇپپىدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ناقايىللىق سادالىرى ئىچىدە ئىككىنچى گورۇپپىدىكىلەر قىلچە ئىككىلەنمەستىن پاركنى تاللىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، چارلىز ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە:
    - ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە كەلدى. بىراق ئىقرارمەنكى، بايا مەن ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە يالغان ئېيتىپ قويدۇم، سوئال ۋە جاۋابنى پاركقا بەرمەستىن نكىسقا بەرگەن ئىدىم، - دېدى. سىنىپتىكى ساۋاقداشلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى، پارك قوللىرىنى ئېچىۋىدى ھەقىقەتەن ھېچنىمە يوق ئىدى، نكىس قولىنى ئېچىۋىدى بىر باغاقچە چىقتى، ئۈستىدە سوئال ۋە ئۆلچەملىك جاۋاب تۇراتتى. بۇ چاغدا ئۈچ گورۇپپىدىكىلەر ئوخشاش بىر سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىدى، ھەم تېز ھەم توغرا جاۋاب بەرگۈچى ئەلۋەتتە ئۈچىنچى گورۇپپىدىكىلەر بولدى.
    ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر شاكىلاتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقىنىدا، چارلىز مۇنداق دېدى:
    - بۇ تەجرىبىنىڭ ئىسمى «چىنلىق بولمىسا ئەركىنلىك بولمايدۇ». بىرىنچى ۋە ئىككىنچى گورۇپپىدىكىلەرنىڭ مەلۇم تاللاش ئەركىنلىكى بولدى، ئەمما ئۇلار ئىشنىڭ پۈتۈن ماھىيىتىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ھەقىقىي تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تاللىشى باشقىچە بولغان بولاتتى.

    ئاندرونىڭ تەجرىبىسى ئالاھىدە ئىدى. ئۇ ئەرمەك ھايۋان ئامبار چاشقىنىنى ئېلىپ كېلىپ تەجرىبە ئىشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۈستەل ئۈستىگە ئازراق پىشلاق ۋە بولكا ئۇۋاقلىرىنى قويدى. پىشلاق ئۈستىگە بىر پارچە ئەينەكنى قويۇپ، بولكا ئۇۋاقلىرىنىڭ ئۈستىگە ھېچنىمە قويمىدى. پىشلاق بولكا ئۇۋىقىدىن مەززىلىك بولغاچقا چاشقان ئالدى بىلەن پىشلاق تەرەپكە يۈگۈردى، ئەمما بۇرنى ئەينەككە نەچچە ئۇرۇلۇپ پىشلاقنى يېيەلمىگەنلىكتىن، ئۇ بۇرۇلۇپ بېرىپ بولكا ئۇۋاقلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. بۇ تەجرىبىنى ئاندرو بىر نەچچە قېتىم ئىشلىدى، ھەر قېتىم چاشقان پىشلاق يېيىشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغىنىدا قايتىپ بېرىپ بولكىنى يەيتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئاندرو كىچىك بىر پارچە پىشلاق ۋە بولكا قويۇپ، ئىككىلىسىنىڭ ئۈستىگە ھېچنىمە قويمىدى. ئامبار چاشقىنى بۇ قېتىم پىشلاق يېيىشكە يۈگۈرمەستىن ئۇدۇللا بولكا تەرەپكە ماڭدى. ئاندرو چۈشەندۈرۈپ:
    - بۇ تەجرىبىنىڭ ئىسمى «ئەركىنلىك ئۆلچىمى»، بۇ ئۆلچەم بەزىدە كۆرۈنىدۇ، بەزىدە كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە. ئامبار چاشقىنى كېيىن ئۇ پىشلاقنىڭ يېنىغا بارمىدى، چۈنكى ئۇنىڭدا بىر ئۆلچەم شەكىللىنىپ بولدى، - دېدى.
    ئىشىنىمەنكى، بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەركىنلىك»كە بولغان تونۇشى بەزى ياش قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭكىدىنمۇ چوڭقۇر.

    خالىدە ئوسمان تەرجىمە قىلغان
    ★★★★★
    مەنبە: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2012-01-12)
    ★★★★★
    http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/wenxue/content/2012-01/12/content_187524.htm
    ★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: