版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187665642.html

    جۇڭگوچە يۇمۇرلار


    ★★★
    berna0 نىڭ بايانى: جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى توغۇرلۇق يۇمۇرلاركەن، قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
    ★★★


    (1)

    مەلۇم ئۆلكە باشلىقى پاراخورلۇقى تۈپەيلى تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئوغلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تاپالماي تۈرمىدىكى دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ دەرت تۆكۈپتىكەن، دادىسى بىر باغاقچە يېزىپ، ئوغلىنى بۇرۇنقى قول ئاستىدىكىلەرنى ئىزدەشنى ئېيتىپتۇ. ئوغلى:
    - سەن بولمىساڭ يازغان بىلەن پايدىسى بارمۇ؟ - دىگەنىكەن. دادىسى دەپتۇ:
    - ھوقوقۇم بار چاغدا كىمنى باشلىق قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلاتتىم، ھازىر مەن تۈرمىدە، كىمنى تۈرمىگە كىرگۈزگۈم كەلسە شۇنى كىرگۈزەلەيمەن، خاتىرجەم بول ئوغلۇم، باغاقچەمنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۈنۈمى بار.

    (2)

    ئون نەچچە يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئايرۇپىلان بىلەن ساياھەتكە چىقىپتۇ.
    ئارىدىكى بىر ئۆلكە باشلىقى :
    - مەن يۈز يۈەن تاشلىسام كىم تېپىۋالسا ئېنىقلا خوش بولىدۇ دەپتۇ.
    بىر شەھەر باشلىقى:
    - يەنىلا 10 يۈەنلىكتىن ئوننى تاشلاپ ئون ئادەم خوش بولغانغا يەتمەيدۇ دەپتۇ.
    ۋىلايەت باشلىقى:
    - بىراقلا بىر يۈەنلىكتىن 100 نى تاشلىغانغا يەتمەيدۇ، يۈز ئادەم تەڭلا خوش بولىدۇ ئەمەسمۇ، - دەپتۇ.
    ئۇچقۇچى چىداپ تۇرالماي:
    - بولمىسا ھەممىڭلارنى تاشلىۋىتىپ،پۈتۈن خەلقنى خوش قىلۋىتەي؟ - دەپتۇ.

    (3)

    ئۈگرىخانىغا بېرىپ بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى بۇيرۇتقاندىن كىيىن، قارىسام قاچامدا بىر پارچىمۇ كالا گۆشى يوق، ئاچچىقىمدا خوجايىننى چاقىرتىپ كېلىپ:
    - كالا گۆشى ئۈگرىسىدە نىمىشقا كالا گۆشى يوق؟ - دەپ سورىسام، خوجايىن ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن:
    - ئىسمىنى كۆرۈپلا راست دەپ قالماڭ، ئەجىبا سىز «ئايال» ماركىلىق بولكىنىڭ ئىچىدىن بىر ئايال چىقىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتەمسىز؟ قاچان بىر خەلق قۇرۇلتىيى زالىغا خەلقنىڭ كىرىپ ئولتۇرۇپ باققىنىنى كۆرگەن؟ - دەپ جاۋاپ بەردى.
    ئىشىنەمسىز-ئىشەنمەمسىز؟ ئىختىيارىڭىز، ئەمما مەن ئىشەندىم.

    (4)

    گۇاڭدۇڭدىكى بىر توپ بۇلاڭچىلار بانكا بۇلىغاندا:
    - ھېچ قايسىڭ مىدىرلاشما، پۇل دۆلەتنڭ، جان ئۆزەڭنىڭ - دەپتىكەن، كۆپچىلىك مىدىر-سىدىر قىلماي يېتىپتۇ. بۇلاڭچىلار تېزلىكتە پۇلنى خالتىغا قاچلاۋاتسا، ئارىدىكى يېڭىدىن كەلگەن ماگىستىر بۇلاڭچى:
    - چوڭ ئاكا، قانچىلىك بۇلىدۇق، بىر ساناپ باقايلى؟ - دەپتىكەن. كونا بۇلاڭچى:
    - ئەخمۇقمۇ سەن؟ بۇنچە كۆپ پۇلنى قاچان ساناپ بولىمىز؟ بۈگۈن كەچتىكى خەۋەرنى كۆرۈپلا بىلىۋالمامسەن!- دەپتۇ.
    كەچتە «مەلۇم بانكا بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ يۇز مىليۇن پۇل بۇلاپ كېتىلدى» دەپ خەۋەر بېرىلىپتۇ. بۇلاڭچىلارنىڭ چوڭى:
    - ئاناڭنى، ئاكاڭ قارىغاي ئۆلە-تىرلىشىمگە باقماي ئاران 20 مىليۇن بۇلىسام، بانكا باشلىقى قولىنى بىر پۇلاڭلىتىپ قويۇپلا 80 مىليۇن بۇلاپتۇ. – دەپتۇ.

    مەنبە: «رېن رېن تورى»
    ★★★★★
    بۇ يۇمۇرلارنى «berna0» تەرجىمە قىلىپ، «ئىزدىنىش مۇنبىرى»گە يوللىغان
    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44873
    ★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: