版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187214358.html

    ئامىرىكىنىڭ قولى ھەممە يەردە بار


    دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك كانىيىنىڭ ھەممىسىدە ئامېرىكىنىڭ قولى بار. ھورمۇز بوغۇزى، سۇۋەيىش قانىلى ۋە پاناما قانىلى دۇنيادىكى مۇھىم دېڭىز قاتناش تۈگۈنلىرى بولۇپ، دۇنيا سودا تىرانسپورتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرت، ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

    (1) ھورمۇز بوغۇزى

    ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇ ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئىران ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى ھەمدە ئەگەر نېفىت ئېكسپورتىمىز جازاغا ئۇچرىسا، بىز دۇنيانىڭ بۇ نېفىت تىرانسپورت ئىستراتېگىيەلىك كانىيىنى قامال قىلىمىز دەپ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئارقىدىن ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدىكى تالاش تارتىشى باشلاندى. پارس قولتۇقى رايونىنى بىر مەھەل ئۇرۇشنىڭ ئىس تۈتەكلىرى قاپلىدى، ئامېرىكا بىلەن ئىران يەنە بىر نۆۋەت تۇتۇشتى. ھورمۇز بوغۇزى-ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارس قولتۇقى بىلەن ئوممان قولتۇقىغا تۇتۇشىدىغان تىرانسپورت مۇھىم يولى بولۇپ، ئەڭ تار يېرى تەخمىنەن 48.3 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت ۋە ئىراق قاتارلىق مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تىرانسپورتىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، دۇنيا نېفىت تىرانسپورتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كانىيى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى 40 پىرسەنتكە يېقىن نېفىت ھەمدە نۇرغۇن تەبىئىي گاز بۇ يولدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ، يەر شارى نېفىت تەمىناتىدا ئىستراتېگىيەلىك تەسىرگە ئىگە، ئورنى ناھايىتى مۇھىم. بۇ رايوننىڭ تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەممىگە ئايان، بۇ يەردە ئازراقلا ئۆزگىرىش بولسا، خەلقئارا نېفىت بازىرىغا تەسىر يېتىدۇ.
    ئامېرىكىدىكى بىر ئاقىللار ئىسكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھوزمۇز بوغۇزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتىدىكى مۇھىملىقى مۆلچەرلىگۈسىز. خەلقئارادىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى 30 كۈن قامال قىلسا، خەلقئارا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 300 ئامېرىكا دوللىرىدىن 500 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئۆرلەپ كېتىدىكەن، ئامېرىكا بۇ سەۋەبتىن 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەتلا بىر پەرەز، بۇ پەقەت ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى بىر ئاي قامال قىلىش ئىقتىدارى يوق.
    ئىران ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان غەرب ئەللىرى بىلەن قارشىلىشىش جەريانىدا، ھەر قېتىم غەرب ئەللىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىمىز دەپ قورقاق سالدى. ئەگەر بۇ يەردە ئىس تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ قالسا، خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئىراننىڭ ئەشەددىي رەقىبى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىمۇ شۇ سەۋەبدىن بالا قازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئالدىراپ قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى. ئىران ئۇزۇندىن بۇيان دېڭىز ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلەپ كەلدى. يەنى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى كونتروللۇق ھوقۇقىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قولىدىكى بۇ قورقماق چىڭ تۇتۇپ كەلدى.
    يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلسا، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي ھورمۇز بوغۇزىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مولداۋىيە مىنىستىرى پانىتتا 8-يانۋار مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش- ئامېرىكا بېكىتكەن قىزىل سىزىق، ئىران بۇ قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتكەن ھامان ئامېرىكا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
    ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان پارس قولتۇقى رايونىدا كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى. ئامېرىكا كۇۋەيت چېگراسىدا ئالىف ھەربىي بازىسى، قاتاردا ئۇدېيىت ھاۋا ئارمىيە بازىسى، بەھرەيىندە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەشىنچى فلوتىنى تەسىس قىلدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەشىنچى فىلوتى بەھرەيىننى باش ئىشتاب بازىسى قىلغان بولۇپ پارس قولتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ساھىلىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ بىر ئاۋىياماتكىسىنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ تۇرىۋاتىدۇ. ھازىر بۇي يەردە ئامېرىكىنىڭ «جون كىرىستىنىكى» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى بار. ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئوخشاشلا پارس قولتۇقى رايونىدا تۇرۇشلۇق فىلوتى بار.
    گەرچە ئىران ئۇزۇندىن بۇيان دېڭىز ئارمىيەسىنى زورايتىشقا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىراننىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچلۈك ئوت كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا چېنىپ قالىدۇ. ناۋادا تۇتۇشۇپ قالسا، ئىران مۇقەررەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. راستتىنلا تۇتۇشۇپ قالسا، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خەلقئارادا نېفىت باھاسى مۇقەررەر ئۆرلەپ كېتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يېتىدۇ. ئامېرىكا تەبىئىيلا بۇنىڭدىن پايدا ئالالمايدۇ، ئىرانمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىران ناۋادا ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلسا، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى يەنە خەلقئارادا ئېغىر دەرىجىدە يىتىم قالىدۇ.
    شۇڭا، ھورمۇز بوغۇزى راستتىنلا ئىراننىڭ قولىدىكى كوزىرى، لېكىن ئىران ئالدىراپلا ئۇرۇش قوزغىمايدۇ، ئۇنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىمىز دەپ توختىماستىن تەھدىت سېلىشى غەرب ئەللىرىنى تېخىمۇ قاتتىق جازا قوللانماسلىققا، ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىرانلىق بىرەيلەنئېيتقاندەك: ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشنىڭ خېيىم خەتىرى چوڭ، ئىران ھۆكۈمىتى ياۋروپانىڭ نېفىت ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ھورمۇز بوغۇزىنى يېنىكلىك بىلەن قامال قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزىنى ئۆلۈم يولىغا ئىتتىرگەنلىك بىلەن باراۋەر، ھېچكىممۇ بۇ توقۇنۇشتا غەلبە قىلالمايدۇ خالاس.
    ئىران غەرب ئەللىرى بىلەن ئېلىشىشتا بىر قولدا قاتتىق يەنە بىر قولدا يۇمشاق بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاكتىكا قوللاندى، ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىمىز دەپ كۈچلۈك تەھدىت سېلىش بىلەن بىرگە يېقىندا يەنە يادرو سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز بىلدۈردى. بۇ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزى رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ۋە ئۆزى دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ئەمما نەزىرى ئۈستۈن پارسلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشنى ئاسانلىقچە خالىمايدۇ.

    (2) سۇۋەيش قانىلى

    سۇۋەيش قانىلى ئاسىيا بىلەن ئافرىقا تۇتۇشىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم يول، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 193.3 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قانال، ياۋروپادىن ئاسىيادىكى ھەرقايسى پورتلارغا سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق بارغاندا مۇساپىنى ئافرىقا ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ بارىدىغان يولغا قارىغاندا 6000 كىلومېتىردىن 10 مىڭ كىلومېتىرغىچە قىسقارتقىلى بولىدۇ. قانالدىن ئۆتۈدىغان يۈك پاراخوتلىرى ئاساسلىقى توپ يەشىكلىك پاراخوتلار، ماي پاراخوتى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز پاراخوتى، ماشىنا توشۇپ ماڭغان پاراخوتلار بولۇپ، خەلقئارانىڭ %8 دېڭىز ئۈستى سودىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ قانال مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم رولچىسى.
    سۇۋەيش قانىلى مىسىر ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، سۇۋەيش قانىلىنىڭ كىرىمى مىسىردا ساياھەت، مۇھاجىرلار پېرېۋوتى، ماي، گازدىن باشقا يەنە بىر ئاساسلىق تاشقى پېرېۋوت كىرىم مەنبەسىدۇر. 2010-، 2011-يىللىق مالىيە يىلىدا سۇۋەيش قانىلىدىن قىلىنغان كىرىم 5 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئېشىپ، 2008-يىلدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن كېيىنكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى، بۇ مالىيە يىلىدا مەزكۇر قانالدىن ئۆتكەن پاراخوتلار 18 مىڭدىن ئاشتى، 2007-2008-يىللىق مالىيە يىلىدا سۇۋەيش قانىلىدىن قىلىنغان كىرىم 5 مىليارد 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.
    مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى باشقۇرۇشقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، مىسىرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن سۇۋەيش قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا مىسىر زۇڭلىسى بىۋاسىتە مەسئۇل بولىدۇ، باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ قارارى زۇڭلى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى، مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە تەمىنات ئىشلىرىنى زۇڭتۇڭ تەستىقلىشى كېرەك.
    سۇۋەيش قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىرقى قاتناش يوللىرىنى ئېچىش، قوش يۆنىلىشلىك قاتناش يولى رايونىنى كۆپەيتىش، قانالدىن ئۆتىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پاراخوتلارنى بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جەلىپ قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلماقتا، مىسىر ھۆكۈمىتىمۇ يېڭى ئىستراتېگىيەنى كېڭىشىپ، سۇۋەيش قانىلى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوبوروت مەركىزى قۇرۇپ، پورتلارغا مەبلەغ سېلىش تۈرىنى كۆپەيتىپ، سۇۋەيش قانىلى رايونىنى ئەركىن ئىقتىساد رايونى ۋە يەر شارى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، سۇۋەيش قانىلىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.
    سۇۋەيش قانىلى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، شۇڭا بارلىققا كەلگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئىزچىل غەرب دۆلەتلىرى تالىشىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالغان، سۇۋەيش قانىلى 1869-يىلى قۇرۇلۇپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇپ كەلدى، 1956-يىلغا بارغاندا مىسىرنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى ناسىر سۇۋەيش قانىلىنىڭ مىسىرنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە سۇۋەيش قانىلىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ، شۇ يىلى 29-ئۆكتەبىر مىسىرغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى يەنى سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى، ئۇرۇشتا مىسىر غەلبە قىلدى، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە مەغلۇپ بولدى، مىسىر ئەڭ ئاخىرى سۇۋەيش قانىلىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالدى.
    سۇۋەيش قانىلىدا قاتناشنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقى تارىختىن بۇيان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يۈكسەك دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلدى، تارىختا سۇۋەيش قانىلى بەش قېتىم تاقىلىپ، قاتناش توختاپ قالغان ئىدى، ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى 1967-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە قاتناش سەككىز يىل توختاپ قېلىپ، 1975-يىلى 6-ئايدا ئاران ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.
    مۇبارەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە مىسىر ئامېرىكىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقدىشى ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ سۇۋەيش قانىلىغا بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولدى، سۇۋەيش قانىلىدىكى كېمە زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشچىلىرى نۇرغۇن قېتىم زور كۆلەملىك ئىش تاشلاپ، مائاشنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى، تەمىناتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا سۇۋەيش قانىلىدا قاتناشنى توختىتىمىز دەپ تەھدىتمۇ سالدى، سىرتقى ساھەدىكىلەر جەمئىيەتتىكى داۋالغۇش سۇۋەيش قانىلىغا تەسىر يەتكۈزەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلدى، شۇ چاغدا ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ماتىس ئوتتۇرىغا چىقىپ: سۇۋەيش قانىلى تاقالغان ھامان ئامېرىكا دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تاقابىل تۇرىدۇ دېدى، ئەمما ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇۋەيش قانىلىنى تاقاش تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش، مىسىرنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمرانى سۇۋەيش قانىلىنى تاقاشنىڭ مالىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىشى كېرەك.
    ئەڭ ئاخىرى مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى سۇۋەيش ئۆلكىسىدە ھەربىي كۈچنى كۆپەيتىپ، سۇۋەيش قانىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى كۆپ قېتىم سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىزغا كىردى، مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا يەنە سۇۋەيش قانىلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلدى، تەھلىلچى ئەربابلار قىياس قىلىپ مۇنداق دېدى: مىسىر ۋەزىيىتى كونتروللۇقىنى يوقاتقان ھامان ئامېرىكا سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق مىسىردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ، ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسىتى سۇۋەيش قانىلىنى قوغداپ، قاتناشنىڭ نورمال بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بولۇشى مۇمكىن.
    ئۇندىن باشقا سۇۋەيش قانىلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا مۇبارەك ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزغا كىرىپ، سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى، بۇ ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ 1979-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىشى، بۇنىڭغا ئامېرىكا ئانچە ئېرەن قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى، چۈنكى مۇبارەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە مىسىرنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىزچىل ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى سىياسىي كۈچلەرنىڭ تىركىشىشى سەۋەبلىك ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا نىسبەتەن تىنچ بولغان سۇۋەيش قانىلىدا ئازراق داۋالغۇش بولدى.

    (3) پاناما قانىلى

    پاناما قانىلى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرىدىغان دۇنيادىكى مۇھىم دېڭىز تىرانسىپورت يولى. دۇنيادىكى %5 يۈك مۇشۇ قانال ئارقىلىق توشۇلىدۇ، ئۇ شۇنداقلا يەنە پانامانىڭ تۆت چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىنىڭ بىرى. پاناما قانىلى بىلەن مىسىرنىڭ سۇۋەيىش قانىلى دۇنيادا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە سىتىراتىگېيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى قانال. پاناما قانىلى يەنە دۇنيادىكى يەتتە چوڭ قۇرۇلۇش مۆجىزىسىنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنياۋى كۆۋرۈك، دەپ ئاتالغان.
    پاناما قانىلىنى ئامېرىكىلىقلار 1914-يىلى ياساپ پۈتكۈزگەن. بۇ قانال دېڭىز قاتنىشى ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقان. قانال ياسىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي، غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پاراخوتلار لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كاپى خورىن تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. پاناما قانىلى قېزىلغاندىن كېيىن، 15 مىڭ كىلومېتىر مۇساپە قىسقاردى. بۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى دېڭىز قىرغىقى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پورتنىڭ ئارىلىقىمۇ 6500 كىلومېتىر قىسقاردى. ياۋروپا بىلەن شەرقىي ئاسىيا ياكى ئاۋسترالىيە ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پاراخوتلار پاناما قانىلىدىن ئۆتسە، مۇساپىسى 3700 كىلومېتىر قىسقىرايدىغان بولدى. پاناما قانىلىنى 1914-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ 1979-يىلىغىچە ئامېرىكا بىلەن پاناما بىرلىكتە قۇرغان «پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش كومىتېتى» باشقۇرۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئىزچىل ئامېرىكا باشقۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكا پاناما ۋە پاناما قانىلىنى تېخىمۇ چىڭ كونترول قىلىش ئۈچۈن، پاناما قانىلى بويىدىكى 1432 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى قانال رايونى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ رايوننى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ۋالىي باشقۇرىدۇ، بۇ يەرگە ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان، ئامېرىكىنىڭ قانۇنى يۈرگۈزۈلىدۇ، ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان. ئامېرىكا قانال رايونىنى پانامادىكى «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» قىلىۋالغان بولۇپ، پانامالىقلار بۇ رايونغا رۇخسەتسىز كىرەلمەيدۇ.
    ئەگەر لاتىن ئامېرىكىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى دېسەك، پاناما قانىلى ئۇنىڭ دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قانال رايونىغا كۈچلۈك قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 14 ھەربىي بازا ۋە قورۇل قۇرغان ھەمدە «كارىب دېڭىزى قوماندانلىق شىتابى» تەسىس قىلغان، كېيىن ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «جەنۇب قوماندانلىق شىتابى»غا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ.
    پانامالىقلارنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، 1977-يىلى 9-ئايدا، پاناما گېنېرالى ئۆمەر.توررىجوس بىلەن ئامېرىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى كات شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە، ئامېرىكىنىڭ 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى قانالنىڭ بارلىق كونترول قىلىش ھوقۇقىنى پاناماغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بېكىتىلگەن. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتە پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى پاناما خەلقىنىڭ قولىغا رەسمىي ئۆتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى-پاناما قانىلىنىڭ تىجارەت ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. قانالدىن قىلىنغان كىرىمنىڭ ھەممىسى پاناما ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلغان. ئامېرىكا پانامادىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن، پانامالىقلار قانال رايونىغا ئەركىن كىرىپ چىقالايدىغان بولغان.   
    پانامالىقلار قانالنى ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، بىر قاتار ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن قانالنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇ 12 يىلدا، پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەتكە 6 مىليارد 576 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ بەردى. پاناما ھۆكۈمىتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 2007-يىلى قانالنى كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، بۇ قۇرۇلۇش 2014-يىلى قانال ياسالغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا پۈتۈشى، شۇ چاغقا بارغاندا، قانالنىڭ قاتناش ئىقتىدارى بىر ھەسسە ئۆرلىشى مۇمكىن.
    ئامېرىكىنىڭ پاناما قانىلىنى پاناماغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەت ۋە مۇشۇ قانالغا بولغان تەسىرىنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ يوقايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ پاناماغا بولغان تەسىرى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت. ئالدى بىلەن، ئامېرىكا پانامانىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى، شۇنداقلا پاناما قانىلىدىن ئەڭ كۆپ پايدىلانغۇچى. ئەگەر پاناما قانىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بارومېتىرى دېيىلسە، ئۇنداقتا پاناما ئىقتىسادى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئەگەشكۈچى. يەنە بىر تەرەپتىن، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئارىسىدا ئىككى دۆلەت، يەنى پاناما بىلەن ئېكۋاتور ئامېرىكا دوللىرىنى قانۇندا بېكىتىلگەن پۇل بىرلىكى قىلغان. خەلقئارا سىياسىيسى جەھەتتە، پاناما ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى، پاناما ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، خەلقئارا مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ، ھېچقانداق ۋاقىتتا ئامېرىكىغا قارشى مۇقام توۋلىمايدۇ.
    گەرچە ئامېرىكا پانامادىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بۇ دۆلەتنىڭ پاناماغا بولغان ھەربىي تەسىرى ئەزەلدىن ئاجىزلاپ باقمىدى. 2003-يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى 8-،9-ئايلاردا، ئامېرىكا جەنۇب قوماندانلىق شىتابى باشچىلىقىدىكى «ئىتتىپاق كۈچى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر پاناما قانىلىنىڭ تىنچ ئوكيانغا كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدا ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ. لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى 20 گە يېقىن دۆلەت مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ. مانېۋىردا پاناما قانىلىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشمۇ مانېۋىرنىڭ مۇھىم مەقسىتى.
    1977-يىلى پاناما ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمدە، بۇ قانالنىڭ بىتەرەپلىكى ئېنىق قەيت قىلىنغان. شۇڭا، تىنچلىق دەۋرىدىمۇ، قانالنىڭ بىتەرەپلىكى ئىنتايىن نازۇك مەسىلە بولۇپ كەلدى. 2008-يىلى 5-دېكابىر، رۇسىيەنىڭ «ئادىمىرال چابانىنكو» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتقا قارشى قوغلىغۇچى پاراخوتى پاناما قانىلىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پاناما قانىلىنى كېسىپ ئۆتكەن رۇسىيەنىڭ تۇنجى پاراخوتى بولۇپ قالدى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئىشقا سۇس مۇئامىلىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، چۈنكى «سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇشى» مەزگىلىدە، پاناما قانىلى رۇسىيەنىڭ پاراخوتلىرىغا تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

    ★★★★★
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2012-01-13)
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201201/t20120113_252763.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: