版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187072282.html

    پارسچە يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى(3)


    تورغا تەييارلىغۇچى: ئايبۈۋى نەزەر


    ★★★★★
    كەتمەنباينىڭ بايانى: مەزكۇر «پارسچە يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى»نى ئايبۇۋى نەزەر تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان بولۇپ. مەن ئەسەرنىڭ قۇر ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىللە ھەربىر ئەسەرگە رەت-تەرتىپ نۇمۇرىنى سېلىپ چىقتىم ۋە قىسمەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ قويدۇم.
    ★★★★★


    (202) فىردەۋسى غۇرەبا
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى نەسىھەت ۋە ساۋاتلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا مۇھەممەد رۇسۇل تاشكەندى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1277-يىلى. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 289 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (203) قاۋائىد ئىبادەت
    بۇ ئەسەر مۇسۇلمانلار رۇئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-مىزانلار توغرىسىدىكى بايان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×13 سانتىمېتىر، 76 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (204) قەسىدە بۇردىييە
    بۇ ئەسەر تەربىيە قىلغۇچىغا بېغىشلانغان قەسىدىلەر بولۇپ، ئاپتورى: ئىمام بۇسۇرى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×11 سانتىمېتىر 214 بەت. ئەرەبچە-پارسچە ئارىلاش، قول يازما.

    (205) قۇتپىل ئەۋتاد
    بۇ ئەسەر ئىسلامدا بەلگىلەنگەن-قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: شاھبىىدىن ئۆمەر. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×11 سانتىمېتىر، 220 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (206) قىرىق ھەدىس شەرھى
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدىن 40 ئۈزۈندىنىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى: ئاتاۋۇللا نەقدى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 310 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (207) كەشفىل ئەسرار
    بۇ ئەسەر سپىزم تەلىماتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 158 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (208) كەنزۇل مەئانى
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە ئائىت بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. ھىجرىيە 1294-يىلى. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 463 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (209) كەشفىل رومۇزات
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×13 سانتىمېتىر، 376 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (210) كىتابۇل ئەخلاق
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەر ۋە ھېكايىلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×18 سانتىمېتىر، 76 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (211) كىمىيايى سەئادەت
    بۇ ئەسەر دىنىي ئەخلاق نەزەرىيىسى بولۇپ، ئاپتورى: ئىمام مۇھەممەد غەززالى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×18 سانتىمېتىر، 180 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (212) كىتابۇل ۋەئزىن
    بۇ ئەسەر ۋەز-نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×17 سانتىمېتىر، 144 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (213) كىتابۇل سافا
    بۇ ئەسەر تەسەۋۋۇپچىلار ھەققىدە بايان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×18 سانتىمېتىر، 45 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (214) كىتابى تەجۋىد
    بۇ ئەسەر قۇرئاننى توغرا ئوقۇش ئۇسۇل تەرتىپلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×15 سانتىمېتىر، 154 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (215) كەنجى سەئادەت
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ھۈسەينى ئىبن ئالىم. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 250 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (216) گۈلشەنزار
    بۇ ئەسەر، ئىككى ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن: بىرىنچىسى، «گۈلشەنزار» بولۇپ، دەرۋىشلەرنىڭ سۆھبەتلىرى، سوئال-جاۋابلىرى قاتارلىقلار بايانى؛ ئىككىنچىى، «لاۋاھىيە مەئانە» بولۇپ، دىل ئارقىلىق ئاللارنى تونۇش، تىل ئارقىلىق ئىقرار قىلىش ۋە ئاللاغا سېغىنىش يوللىرى بايانى بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1237-يىلى. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 154 بەت. پارسچە، قول يازما

    (217) لەمئات شەرھى مىشكات
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە شاھ ئابدۇلھەق. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1311-يىلى. فورماتى: 29×20 سانتىمېتىر، 766 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (218) مەجمەئىل مەسائىل
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمە، ھۆكۈم ۋە نەقىللەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×17 سانتىمېتىر، 521 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (219) مەجمۇئى خانى
    بۇ ئەسەر ئىسلام پەلسەپىسى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە ھاپىز. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 463 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (220) مەسائىل فىقىھى
    بۇ ئەسەر فىقىھى ھەققىدە ۋەز-نەسىھەتلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×18 سانتىمېتىر، 344 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (221) مەرىپەتول مەسايىل
    بۇ ئەسەر ئىسلام مەرىپىتىگە ئائىت ئەسەرلەر ھەققىدىكى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×12 سانتىمېتىر، 173 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (222) مەكتۇبات شىرىف
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدە يېزىلغان خەت چەكلەر بولۇپ، ئاپتورى: ئىمام رەببانى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×13 سانتىمېتىر، 333 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (223) مەسنەۋى شېرىف
    بۇ ئەسەر مەسنەۋى ۋەزنىدە يېزىلغان تەسەۋۋۇپ نەزەرىيىلىرى بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلەۋى جالالىدىن رۇمى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1081-يىلى. فورماتى: 16×10 سانتىمېتىر، 932 بەت. پارسچە، قول يازما. مۇھەممەد ھاشىم ئىبن مۇھەممەد تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (224) مەقسەدىل ئەقسا
    بۇ ئەسەر سوپىزملىق تەرغىبات ۋە دەرۋىشلەرگە قىلىنىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×12 سانتىمېتىر، 430 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1144-يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (225) مەسراترۇل ئەتقىيا
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×15 سانتىمېتىېر، 86 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (226) مەجمۇئى خانىفى ئىززۇل مەئانى
    بۇ ئەسەر ئىسلام قائىدە-قانۇنلىرى توغرىسىدىكى ئون بابلىق ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 28×22 سانتىمېتىر، 305 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (227) مەناقىبىل ئارىفىن
    بۇ ئەسەر مەشھۇر زاتلارنىڭ ئۆز ئارا سۆھبەتلىرى ھەمدە كىشىلەرنى ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشقا دالالەت قىلىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ سۇلتان ئارفىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 728-يىلى. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 369 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (228) مەناقىب قادىرىيە
    بۇ ئەسەر سوپىزم تەلىماتى بايان قىلىنىدىغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 114 بەت. پارسچە، قول يازما

    (229) مەرغۇبۇس سۇلۇك
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايانى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×11 سانتىمېتىر، 82 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (230) مەجمۇئات پەتىۋار
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايانى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×17 سانتىمېتىر، 310 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (231) مەكارىمۇل ئەخلاق
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق مەسىلىلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇجېلىل ئىبن شافى (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1269-يىلى. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 380 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (232) مەئرىپەتۇل ئىمان
    بۇ ئەسەر ئىمان ئېيتقۇچىلار ئۆتەشكە تېگىشلىك قائىدە-مىزانلار بولۇپ، ئاپتورى: موللا ھەلاۋۇدۇن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1264-يىلى. فورماتى: 28 ×16 سانتمېتىر، 287 بەت. پارسچە، قول يازما

    (233) مەنقەبەتۇس-سۇلۇك
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. 323 بەت. پارسچە، قول يازما

    (234) مەتقۇل تەفسىر مۇغىنى
    بۇ ئەسەر قۇرئان ئايەتلىرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىگە تەفسىرلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 132 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (235) مەناقىب غەۋسسىيە
    بۇ ئەسەر سوپىزم نەزەرىيىسى ۋە غەۋسىل ئەزەمنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد سادىق. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 301 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (236) مەيمۇنەتىل مۇبارەك
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا بايانلار بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد غىياسىددىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 91 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (237) مەجمۇئىل ئەۋراق
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1236-يىلى. 408 بەت. پارسچە، قول يازما

    (238) مەنقەبۇت سۇلۇك
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 276 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (239) مۇفتاھىل سۇلۇك
    بۇ ئەسەر تەرىقەت ئىلمى ھەققىدىكى بايانلار بولۇپ، ئاپتورى: ھۆسەن ئىبن ھۆسەنىل ھۈسەينى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×11 سانتىمېتىر، 203 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (240) مىفتاھىل جەنان
    بۇ ئەسەر باقى ئالەمنىڭ راھىتى ئۈچۈن پانىي ئالەمدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەر ۋە ساۋاب تېپىش يوللىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد زاھىد ئىبن ئابدۇراخمان. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. ھىجرىيە 572-يىلى. فورماتى: 25×20 سانتىمېتىر، 288 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1313-يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (241) مىنھاجۇل ئىباد
    بۇ ئەسەر ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر ھەققىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×17 سانتىمېتىر، 402 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (242) نام ھەق
    بۇ ئەسەر ئىسلام پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 693-يىلى. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 24 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1314-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (243) نەسىھەتلەر
    بۇ ئەسەر پەندى-نەسىھەت تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1247-يىلى. فورماتى: 24×18 سانتىمېتىر، 278 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (244) نۇرھەتۇل ئەرۋاھ
    بۇ ئەسەر تەرىقەت يوللىرى، سوپىلارنىڭ ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ھۈسەيىن ئىبن ئالىم ئەبۇل ھەسەن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 985-يىلى. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 522 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1264-يىلى موللا بەھرام ئىبن موللا جالالىدىن تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (245) نېسافىل ئەخبار
    بۇ ئەسەر ئىسلامغا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھلىق چۈشەنچە بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 414 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (246) ھەياتۇل قۇلۇب
    بۇ ئەسەر ئىجتىمائىي پەلسەپىسى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 31×23 سانتىمېتىر، 316 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (247) ھۆججەتىل فۇزەللا
    بۇ ئەسەر ئىسلامغا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار بولۇپ، ئاپتورى: فۇزۇلى. فورماتى: 23×16 سانتىمېتىر، 294 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1245-يىلى. جەلىل ئىبن ئىسمايىل تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (248) ئۇممەتۇل ئىسلام
    بۇ ئەسەر ئىسلام تەلىماتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×13 سانتىمېتىر، 235 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (249) ۋائېزىل نەسىھەت
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاققا دائىر مەسىلىلەر سوئال-جاۋابلار شەكلىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 304 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (250) ۋەزائىف سۇلۇك
    بۇ ئەسەر سوپىزم تەلىماتلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 980-يىلى. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 105 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (251) ۋىردى ئەۋراد
    بۇ ئەسەر تائەت-ئىبادەت ۋە پائالىيەت شەكىللىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 15×12 سانتىمېتىر، 138 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (252) ئىمان ئەھكاملىرى ۋە نىيەت قانۇنلىرى
    بۇ ئەسەر مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 274 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (253) ئىبارەئى نەقلىيە
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×15 سانتىمېتىر، 280 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (254) ئىسلام مەسىلىلىرى
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×16 سانتىمېتىر، 78 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (255) ئادابۇل تالىبىن
    بۇ ئەسەر ئوقۇغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەب-ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان پېداگوگىكا ساۋاتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 108 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (256) ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 32 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (257) ئادابۇل مۇتەئەللىم
    بۇ ئەسەر پېداگوگىكا بىلىملىرى بولۇپ، ئاپتورى: غىياسىددىن ئەيسا زىيائىددىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 145 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (258) بىدان سەرف
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى دەرسلىكى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇقادىر ئىبن ئابدۇرەھمان جورجانى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×14 سانتىمېتىر، 141 بەت. ئەرەبچە-پارسچە، ئارىلاش، قول يازما.

    (259) پەنج گەنج
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×18 سانتىمېتىر، 88 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (260) پارسچە، چاغاتايچە، ئەرەپچە لوغەت
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم. 100 بەت. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نامەلۇم بىرى تەرىپىدىن پارسچە، چاغاتايچە، ئەرەپچە تىل ۋە يېزىق بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان لوغەت خاراكتىرلىق ئۇنىۋېرسال كىتاب. پارس تىلىنىڭ بەزى گىرامماتكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئەرەپ تىلى بىلەن تۈركىي تىلنىڭ سېلىشتۇرما سۆزلىشىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان.

    (261) تەرتىبىد قىرائەت
    بۇ ئەسەر ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد شىرىپ سەمەر قەندى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1211-يىلى. فورماتى: 23×13 سانتىمېتىر، 208 بەت. ئەرەبچە-پارسچە ئارىلاش، قول يازما.

    (262) تەرجىمەتۇل ئەرجىزە
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى ئىملا قائىدىلىرى ۋە شېئىر قاپىيىلىرىنىڭ ۋەزىن-ئۆلچەملىرى ھەققىدە يېزىلغان بايان بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد ئىبن جەزەرى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×18 سانتىمېتىر، 130 بەت. ئەرەبچە-پارسچە، قول يازما.

    (263) تەرغىبۇل ئىلمى
    بۇ ئەسەر ئىلىمغا دالالەت قىلىش ھەققىدە ساۋاتلار بولۇپ، ئاپتورى: ئەھمەد بىننى زاھىد. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1251-يىلى. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 353 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (264) جامىئول قەۋانىن
    بۇ ئەسەر قانۇن ساۋاتلىرى ۋە خەت-چەكلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: خەلىپە شاھ مۇھەممەد قونۇچى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: 1204-يىلى. فورماتى: 24×15 سانتىمېتىر، 91 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (265) رىئايەتۇل تالىبىن
    بۇ ئەسەر پېداگوگىكا بىلىملىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەت غىياسىددىن ئىبىن ئىشان زىيائىددىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×13 سانتىمېتىر، 197 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (266) سەرف نەھۋى
    بۇ ئەسەر گرامماتىكا دەرسلىكى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 144 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (267) سەرف
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى ئىملا قائىدىسى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×12 سانتىمېتىر، 49 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (268) سۇرراھ
    بۇ لوغەت تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 670بەت، 13-ئەسىردە مۇھەممەت ئىبنى ئۆمەرخالىيە جامال قارشى پارىس يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان پارس تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى. لوغەتتە سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلاش جەريانىدا، ئاپتۇر تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستورنومىيە، ئىنتوگرافىيە جەھەتلەردىمۇ نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارنى بەرگەندىن سىرت، يەنە بەزى تارىخى شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. بۇ كىتاپ ناھايتى ئىناۋەتلىك لوغەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ لوغەت قىممىتىدىن باشقا تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستورنومىيە، ئىنتوگرافيە جەھەتتىكى تەتقىقات قىممىتىمۇ ئالاھىدە زور. بۇ كىتاپنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كامفۇردا مەجىددىندى مەتبەئەسىدە بېسىلغان تاش باسما نۇسخىسى بار. كېپىنەك شەكىللىك تۈپلەنگەن، فورماتى 23×32 سانتىمېتىر، خەت چۈشكەن يۈزىنىڭ فورماتى 20×27 سانتىمېتىر، ھەر بىر بەتتە 29 قۇر خەت بار.

    (269) شەرھى تەئلىم مۇتەئەللىم
    بۇ ئەسەر تەئلىم مۇتەئەللىم ناملىق كىتابنىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد لەيىب ئىبن ھەبىب. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1262-يىلى. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 420 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (270) شەرھى ئادابۇل مۇتەئەللىم
    بۇ ئەسەر ئادابۇل مۇتەئەللىم ناملىق كىتابنىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى: مۆمىن ئىبن سابىت خوتەنى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×13 سانتىمېتىر، 169 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (271) شەرھى ئابدۇللا مۇزى
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: شەمسىدىن ئىبن ھۈسەينى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1331-يىلى. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 120 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (272) فەۋائىد نەھۋى
    بۇ ئەسەر «فەۋائىد نەھۋى»(ئەرەب تىلى دەرسلىكى)، «ئاۋامىل»(ئەرەب تىلى دەرسلىكى)، «سەرپ»(تىل ئۆلچەملىرى) قاتارلىق ئۈچ ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ ئىبن ھاجىپ. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 165 بەت. ئەرەبچە-پارسچە ئارىلاش، قول يازما. موللا رەھمەتۇللا ئىبن ئابباس ئاخۇن تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (273) كىتابى مەنتىق
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى مەنتىقىسى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×14 سانتىمېتىر، 161 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (274) لەمئات
    بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى لۇغىتى ۋە ئىسلام نەزەرىيىلىرى بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1151-يىلى. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 138 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (275) لۇغەت
    بۇ ئەسەر پارسچە لوغەت بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 315 بەت. پارسچە، قول يازما. پارسچە لۇغەت.

    (276) مەكتۇبات شىرىف
    بۇ ئەسەر تۈرلۈك مەزمۇندىكى خەت-چەكلەر بولۇپ، ئاپتورى: ئىمام رەببانى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 221 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (277) مەتۇل ئەلەتتەلخىس
    بۇ ئەسەر لوگىكا ئىلىمى بولۇپ، ئاپتورى: سەئىدىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ھىجرىيە 1308-يىلى. فورماتى: 27×19 سانتىمېتىر، 486 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (278) مۇفىرىدات
    مۇفىرىدات(تاق بەتلىك شېئىرلار): تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 24 بەت. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىرزا ئەلى تەبرىزى پارىس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان ھۆسىنخەت ئەمەلى مەشقى توغرىسىدىكى كىتاب. بۇ كىتاب ئەنئەنىۋى ھۆسىنخەتچىلىكنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى قىممەتكە ئېگە.

    (279) ھېسابى ئەبجەد
    بۇ ئەسەر ئەبجەد ھېسابى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مەنسۇر خەللاجى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×11 سانتىمېتىر، 59 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (280) ئەھۋال بۇرج
    بۇ ئەسەر كالىندارغا ئائىت بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×14 سانتىمېتىر، 75 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (281) تەقۋىم جەدىد(يېڭىچە كالىندار)
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم. 605 بەت. مىلادىيە 1883-، 1884-يىلى ئېلى مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇخالىق پارس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان بولۇپ، يېڭىچە كالىندارچلىق ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ قائىدە-قانۇنلىرى بايان قىلىنغان ئىلمى ئەسەر. دىنىي، تارىخى، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر ۋە شەجەرە-نەسەبنامىلەرنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىش، بۇ ھەقتە بىلىم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان.

    (282) رىسالەئى ئەبجەد
    بۇ ئەسەر ئەبجەد ھېسابى ئىلمى يەنى ئەرەبچە ھەرپ تەرتىپى بويىچە ئاي-كۈنلەرنى ھېسابلاش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1211-يىلى. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 354 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (283) زۇبدەتۇل ئەخبار(خەبەرلەرنىڭ مېغىزى)
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم. 407بەت. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن پارس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە ۋە تارىخقا ئائىت كىتاب. بۇ كىتاب ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە ۋە تارىخ تەتقىقاتىدا يۇقىرى قىممەتكە ئېگە.

    (284) قەسىدەئى سۇلايمان
    بۇ ئەسەر يۇلتۇز، كۈن ۋە باشقا جىسىملار توغرىسىدىكى بايانلار تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×12 سانتىمېتىر، 50 بەت. ئەرەبچە-پارسچە ئارىلاش، قول يازما.

    (285) مۇتائىلەنامە
    بۇ ئەسەر ئاسترونومىيە ئىلمى تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: بوزۇر جىمھۇر. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 71 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (286) پەتىۋايى سىراجىيە
    بۇ ئەسەر ئىسلام پائالىيەتلىرى ھەققىدە بايانلار بولۇپ، ئاپتورى: سىراجىيە، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×14 سانتىمېتىر، 252 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (287) جامىئول پەتىۋا
    بۇ ئەسەر پەتىۋالار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 37×29 سانتىمېتىر، 334 بەت. ئەرەبچە-پارسچە-چاغاتايچە، قول يازما.

    (288) دۇرۇل ئىبادەت
    بۇ ئەسەر ئىسلام پائالىيەتلىرىدىكى قائىدىلەر ھەققىدە بايانلار بولۇپ، ئاپتورى: پەخىردىن ئىبن مۇھەممىدى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 384 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (289) شەرھى فەرائىز سىراجىيە
    بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى: «فەرائىز سىراجىيە»(مىراس بۆلۈش قائىدىلىرى)نىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد ئىمىن ئىبن ئۇبەيدۇللا. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1013-يىلى. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 96 بەت. پارسچە، قول يازما

    (290) مەجمۇئىل خانى
    بۇ ئەسەر ئىسلام قانۇنلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد سىدىق. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يېزىلغادن يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 464 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 132-يىلى موللا ئادىل ئىبن مۇھەممەد تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (291) خۇلاسەتۇل پەتىۋا
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتتىكى پەتىۋالار، ھۆكۈملەر، كىتابلاردىن ئېلىنغان نەقىللەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×14 سانتىمېتىر، 130 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (292) ئەنبىيايى ئەكبەر
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ساۋاتلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×13 سانتىمېتىر، 222 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (293) ئەشكال ئىلاج
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ساۋاتلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×10 سانتىمېتىر، 84 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (294) ئىلاج ئەتىببا
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ساۋاتلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 162 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (295) تۆھپەتۇل غەرايىب
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ساۋاتلار بولۇپ، ئاپتورى: ئەھمەت ئىبن مۇھەممەد ئىبراھىم. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 16×10 سانتىمېتىر، 56 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (296) تىببىي يۈسۈفىيە
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ساۋاتلىرى-دورا رېتسېپلىرى، كېسەل كۆرۈش، دورا بېرىش، تومۇر تۇتۇش قائىدىلىرى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا يۈسۈف. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 906-يىلى. فورماتى: 24×17 سانتىمېتىر، 265 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (297) تىببىي يۈسۈف
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر بىلىملەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 216 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (298) تىبابەت بىلىملىرىدىن ساۋات
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ساۋاتلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 114 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (299) قارابادىن قادىرى
    بۇ ئەسەر كېسەل كۆرۈش (تومۇر تۇتۇش) ۋە دورا بېرىش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: قارابادىن قادىرى (؟). فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 99 بەت. پارسچە، مىلادى 1907-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (300) قالىئە قۇلۇ ئىلاج
    بۇ ئەسەر دورىلارنىڭ ياسىلىش، ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى سوئال-جاۋاب شەكلىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 31×23 سانتىمېتىر، 458 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (301) كىتابى دورىگەرلىك
    بۇ ئەسەر دورىگەرلىك توغرىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 30×20 سانتىمېتىر، 386 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (302) مەخزۇنۇل مۇفردات
    بۇ ئەسەر تىبابەتچىلىك بىلىملىرى ھەمدە دورا ناملىرىنىڭ ئەرەبچە-پارسچە سېلىشتۇرمىسى بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد پەيزۇللا ئىبنى مەۋلانا مۇھەممەد ئابدۇللا ھاجى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: مىلادى 1867-يىلى. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 292 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (303) ئىخىيارات بەدىئى
    بۇ ئەسەر دورا ناملىرى، رېتسېپلار ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئەلى ئىبن ھۈسەن ئەنسارى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×20 سانتىمېتىر، 426 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (304) تەسھىلىل بەنافئى
    بۇ ئەسەر تۈرلۈك تائام (يېمەكلىكلەر) ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 150 بەت. پارسچە، قول يازما.

    پايدىلانغان ماتىرىياللار:
    (1) بىلقۇت شىركىتى تۈزگەن «بىلقۇت خەزىنىسى» كومپيۇتېر لوغىتى.
    (2) ئابدۇراخمان باقى: «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن يۈز نادىر كىتاپ».
    (3) «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 1-، 2-، 3-سانلار

    ★★★★★
    تورغا تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغۇچى: ئايبۈۋى نەزەر.
    ★★★★★
    http://bbs. xjzjxh. com/Topic. aspx?BoardID=35&TopicID=9518
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: