版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187064166.html

    «تىل جەھەتتىن قۇل قىلىش مائارىپى»


    تىل جەھەتتىن قۇل قىلىش ۋە ئار-نۇمۇس
    تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ۋە مىللەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، مىللى مەدەنىيەتنىڭ ۋاستىسى، ئۇ مىللەتنىڭ تەپەككۇرى، تونۇشى ۋە مەنىۋى بايلىقىدۇر. مىللەت ئۈچۈن تىلدىن ئارتۇق بايلىق بولمايدۇ، ئالىملار«تىل-ئىككىنجى ۋەتەن» دەپ تەبىر بىرىدۇ.
    ياپۇن جاھانگىرلىكى دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن، تىل جەھەتتىن قۇل قىلىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يۇقۇتۇشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ ۋاستىسىمۇ رەزىل ئىدى. ئۇلارنىڭ زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ياپۇن تىلىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشتەك تىل جەھەتتىكى قول قىلىش سىياسىتى ماھىيەت جەھەتتىن تىل جەھەتتىكى ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، مىللى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى، سىياسى جەھەتتىن ئىكىسپالاتاتسىيە قىلىش ھىساپلىناتتى. بۇ خىل مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلغان تىل ئاسسىمىلاتسىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى ياپۇن تىلىنىڭ بىۋاستە ھالدا خەنزۇ تىلىنى يۇتۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، ناۋادا بۇ خىل تىل جەھەتتىكى قۇل قىلىش سىياسىتى ئەمەلگە ئاشسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقۇتۇپ قويغىنى پەقەت خەنزۇتىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەنزۇ تىلى يەتكۈزگەن بەش مىڭ يىللىق مىللى مەدەنىيەت، مىللى ئىدىيە، مىللى روھ، ئەڭ مۇھىمى مىللەت ۋە ۋەتەن ھىساپلىنىدۇ، بۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغىنى ئەلبەتتە ياپۇن تىلى ۋە داخې مەدەنىيىتى، شۇنداقلا ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدۇر. ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى ناۋادا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسا، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاۋۋال تىل جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، ئاخىرىغا بېرىپ پۈتۈن جۇڭخۇا مىللىتىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇن مىللەتلەر ئەنە شۇنداق نەچچە ئون يىل ياكى نەچچە ئەسىر ئېلىپ بېرىلغان ئاسسىمىلاتسىيە داۋامىدا تارىخ سەھنىسىدىن يۇقالغانلىق ھەققىدىكى پاكىتلار بەكمۇ كۆپ.
    ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى ئېلىپ بارغان بۇ خىل مائارىپنى مائارىپشۇناسلار «تىل جەھەتتىن قۇل قىلىش مائارىپى» دەپ بىكىتتى. قۇل قىلىش مائارىپى ماھىيەت جەھەتتىن شۇ يەردىكى ئەسلىدىكى خەلققە قارىتا «مېڭە يۇيۇش» ئېلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمىرانلىق قىلغۇچىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنى يەرلىك ئاھالىگە تېڭىپ، ئۇلانىڭ ئەۋلاتلىرىنى ھەقىقەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.
    ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ تۇرغان مەزگىللەردە(1931-1945)، مانجۇرىيە قونچاق ھۆكۈمىتى يولغا قويغان مائارىپ سىياسىتى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ جۇڭگۇ خەلىقىگە بولغان باسقۇچ خاراكتىرلىك مائارىپتىكى قۇل قىلىشنىڭ ماھيىتىنى ئۇچۇق كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ. شۇ مەزگىلدە، يېڭى ئوقۇتۇش تۈزۈمى يۇلغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ياپۇن تىلىنى مانجۇرىيەنىڭ دۆلەت تىلى قىلىپ بىكىتكەن. ياپۇن تىلى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدىغان بولۇپ، ئوقۇتۇش سائىتى مانجۇ تىلى سائىتىنىڭ بىر ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. بۇ ۋاقىتتىكى ياپۇن تىلى نۇقۇل ھالدا بىر دەرسلىك بولماستىن، بەلكى داخې رۇھىنى تەشۋىق قىلىدىغان قۇرالغا ئايلانغان. ياپۇن تىل ئوقۇتۇشى يۈكسەكلىككە كۈتۈرۈلگەن. مانجۇرىيە دائىرلىرى: «پەقەت ياپۇن تىلىنى بىلسىلا، ھەممە ئىشنى بىجىرگىلى بۇلىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلغان. يۈپۇن تىلىنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە ياپۇن تىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتىن سىرىت، يەنە مەخسۇس ياپۇن تىل سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان، ياپۇن تىل ئوقۇتۇشىغا مالىيە جەھەتتىن زور يارىدەم ۋە تۇلۇقلىما ئاجراتقان. لۇگۇۋچاۋ ۋەقەسىدىن كىيىن، ياپۇنلار بېسىۋالغان جايلاردا، ۋاڭ جىڭۋىي قونچاق ھۈكۈمىتى مائارىپنى ياپۇن تىلىلاشتۇرۇش غەرىزىدە بولۇپ، ئوقۇتۇش دەرسلىك ماتىرياللىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، مەكتەپلەردە ياپۇن تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۈتۈردى. تىيەنجىن ئالاھىدە شەھەر ھۈكۈمىتى ياپۇن تىلىنى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى دەرسلىكى قىلىپ بىكىتتى. ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا ياپۇن بايرىقىنى چىقىرىش، تەنتەربىيە دەرسىدە ھەرخىل كۇماندىلارنى ياپۇن تىلىدا بىرش، مۇزىكا دەرسىدە ياپۇن ناخشىلىرىنى ئۈگۈنۈشنى بەلگىلىگەندىن سىرىت، يەنە «جۇڭگۇ-ياپۇن ئوقۇغۇچىلار دوستلۇق بىرلەشمە كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتى»، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپۇن تىلىدا نۇتۇق سۆزلەر مۇسابىقىسى» قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق ياپۇن تىلىنى ئۇمۇملاشتۇرماقچى بولدى. ئۇندىن سىرىت «ياپۇن تىلى مەخسۇس كۇرسى»دا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، دۆلەت كادىرلىرى قاتارلىقلارنى ياپۇن تىلى ئۈگۈنۈشكە مەجبۇرلىدى.
    ياپۇنلار ئىچكى مۇڭغۇلنى بېسىۋالغاندىن كىيىن، بۇ يەردىكى ياپۇن تىلىنى تېخىمۇ گەدىلەندۈرگەن. مەكتەپلەردىكى ياپۇن تىلى دەرسلىكلىرى تېخىمۇ كۈپەيگەن، مائارىپتىكى نەيرەڭ-ۋاستىلەر تېخىمۇ ھەرخىللاشقان. بايىنتال پىداگۇگىكا مەكتىپىدىكى ياپۇن تىل دەرسلىكى دەسلەپكى ھەپتىسىگە ئالتە سائەتتىن ئون سائەتكە ئاشۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا ئون ئىككى سائەتكە يەتكۈزۈلگەن. مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىدا ئىككى خىل تىل ئىشلىتىلگەن. ياپۇن تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇمۇمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ياپۇنلار ئىچكى مۇڭغۇلدا «ياپۇن تىلىنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇش جەمئىيىتى» قۇرغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر تىلنى ئۈگۈنۈشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى بۇلىدۇ، پايدىسى شۇكى، سەن يەنە بىرخىل تىلىنى ئارتۇق ئىگىلەيسەن، زىيىنى شۇكى، بۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۆز ئانا تىلىڭنى ئۆگۈنۈش ۋاقتىنى باشقا تىل ئۈگۈنۈشكە قۇربان قىلىشىڭغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ياپۇنلارنىڭ ئېلىپ بارغىنى نۇقۇل تىل ئۈگۈتۈش بولماستىن، بەلكى تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشتىن ئىبارەت».
    1939-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك ياپۇن تىلىنى ئۇمىمىلاشتۇرۇش سىياسەت بەلگۈلەش يىغىنى جاڭجاكۇدا ئېچىلدى، يىلغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ياپۇن تىل ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى ماقۇللاندى. دەرىسلىك تۈزۈمى ۋە ئۇسۇلى بىكىتىلدى. ياپۇن تىل دەرىسلىك تۈزۈش فاڭجىنى بىكىتىلدى. بۇ يىغىن 1940-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنە بىر ئېچىلدى.
    ئوقۇتقۇچى مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياپۇنلار «ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش ئارقىلىق، رەسمى ئوقۇتقۇچى، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ۋە تەييارلىق مەزگىلدىكى ئوقۇتقۇچى قاتارلىق ئۈچۈن تۈرگە ئايرىدى. ئوقۇتقچىلار بۇ خىل باھالاشتىن ئۈتۈش ئۈچۈن قاتتىق بولغان بەدەن سۈپەت تەكشۈرۈش، ياپۇن تىل يېزىق ئىمتاھانىدىن ئۈتۈشى كېرەك دىيىلگەن. ئىمتاھاندا 60 ۇمۇردىن يۇقىرى بولغانلار رەسمى ئوقۇتقۇچى ۋە ياردەمچى ئوقۇتقچى، 60 نۇمۇردىن تۈۋەن بولغانلار تەييارلىق مەزگىلدىكى ئوقۇتقۇچى دېگەن گۇۋاھنامىلەرگە ئىرىششى بىكىتىلگەن. 50 نۇمۇردىن تۈۋەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتى بىكار قىلىنىپ، خىزمىتى توختۇتۇپ قۇيۇلغان.
    ياپۇن تىل ئۈگۈنۈشتىكى شەخسى ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مۇكاپات سومما بەلگۈلىمىسىنى چىقارغان. ئىمتاھان تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن مۇكاپات بىرىلگەن، 1942-يىلى 7-ئايغا كەلگەندە بۇخىل مۇكاپات سوممىسى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلگەن. سىتاستىكىلارغا قارىغاندا، 1940-يىلدىن 1942-يىلىغىچە، ئىچكى مۇڭغۇل رايۇنىدىكى بۇخىل ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلەرسانى مۇنداق بولغان: 1940-يىلى 743 ئادەم، 1941-يىلى 911 ئادەم، 1942-يىلى 2305 ئادەم. بۇسانلاردىن شۇنى كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئادەم سانى يىلسىرى كۈپەيگەن. ئۇندىن سىرىت، بۇ خىل ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلەرگە خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇش ياكى ئەمەل-مەنسەپ ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئالدىن ئىتىبار بىرىلگەن. مانا بۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى قۇل قىلىش نەيرەڭلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىدۇر.
    ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ياپۇن تىلىنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ رايۇنلاردا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل شەرمەندىلەرچە قىلمىىش شۇرايۇندىكى خەنزۇ تىلى ۋە مۇڭغۇل تىللىرىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئەۋلاتلارنىڭ ئۆزئاناتىلىنى ئىگىللەش ھۇقۇقى بۇغۇلۇپ، ئەجدات مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يۇقۇتۇلۇپ، ئۆز ئەجدادىنى بىلمەسلىكتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرىت، يەنە قۇل قىلىش مائارىپىنىڭ ۋاستسى سۈپىتىدە، خەنزۇ ۋە مۇڭغۇللارنىڭ مىللى رۇھى، مىللى ھىسسىياتىنى جاراھەتلەندۈرۈپ ۋە ھاقارەت قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقنى شەكىللەندۈرگەن.

    مەنبە: «داياڭ تورى ئاخپارات مەركىزى»دىن تەرجىمە قىلىپ رەتلەندى.
    ★★★★★
    بۇ ماقالە «ساپ ھاۋا مۇنبىرى»گە «arman03» تەرىپىدىن يوللانغان
    ★★★★★
    http://saphawa.com/read.php?tid=1197
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: