版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/186468328.html

     

    پۇلى يوق ئەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت؟


    ئاپتورى: ئەرتۇرك


    يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق-مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىپى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: «پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت!»
    بۇ گەپنى كىمدۇر بىرى تورغا چىقىرىپ مۇنازىرىگە ساپتۇ، بەزىلىرى ئۇ ئايالنى نومۇسسىز، پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان ھايۋان دېسە، بەزىلىرى، ئۇ ئايالنىڭ دېگىنىمۇ توغرا، پۇل تاپالمىغان ئەرنىمۇ ئەر دېگىلى بولامدۇ، ئۆيى يوق، ماشىنىسى يوق ئەرنى ھازىر ھېچكىم ياراتمايدۇ، زادى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن پۇل تېپىش كېرەك دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ. قاراپ باقسام، ئۇ ئايالنى نومۇسسىز دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر، پۇلى يوق ئەرنى ھېچكىم ياراتمايدۇ دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئايالدەك قىلىدۇ. تۈنۈگۈن يەنە «يەتمىش پىرسەنت قىزلار ئۆيى بار ئەرلەرنى تاللايدىكەن»، «مائاشى 4000 دىن ئاشمايدىغان ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىش سالاھىيىتى يوقمۇ؟» دېگەندەك پاراڭلار تورنى قاپلاپ كەتتى. بۇ خەق ھازىر مۇشۇنداق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. ئادەم جىق دۆلەتتە دەرت جىق، گەپمۇ جىق بولىدىكەن.
    ئادەمنىڭ پۇل-مالغا بولغان ھېسسىياتىدەك مۇرەككەپ ھېسسىيات يوقمىكىن دەيمەن جاھاندا، مەيلى «ئەي پۇل، نىجىس پۇل» دەپ ناخشا ئېيتايلى، مەيلى «پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا سەن ھېچنېمىگە قادىر ئەمەس» دەپ شوئار توۋلايلى، پۇل ۋە ئۇنىڭ قىممىتى يۈكلىگەن قىسمەتتىن قۇتۇلالمايمىز. يانچۇقتىكى شۇ مەينەت قەغەزنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە، ئۇ ھوقۇقدارلارنىڭ سېھرىگەرلىك قارتى، قولدىن قولغا ئۇچۇپ ئويناپ، كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەجىر-مېھنەت، ساۋاپ، ئالدامچىلىق، قىزىل كۆزلۈك، يىغا زارە، شەھۋەت، ئۆچمەنلىك، قىساس، تالاي نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز.
    يېقىندا «تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگو ئىقتىسادى» دېگەن بىر كىتابنى كۆرۈپ، پۇل دېگەن نېمىنىڭ ئەسلىدە قانداق ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 70-يىللاردىن باشلاپ دوللارنى ئالتۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلىنىڭ ئۇلتېشىنى قانداق قويغانلىقىنى، ئارقىدىن رۇسلار بىلەن ياپونلارنى قانداق جايلىغانلىقىنى، 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگونى قانداق قويغانلىقىنى، نېفىت، ئالتۇن، ئۆي باھاسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، مائاشىمىز ئۆسكەندەك قىلغان بىلەن نېمىشقا پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئازراق چۈشەندىم. لاڭ شيەنپىڭ، ليۇجۈنلو دېگەن داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار ئۆز ماقالىلىرىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى شۇنچە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئىقتىسادىي نەزەرىيىلىرى بىلەن قوراللانغان قاتمال ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مەركەزنى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى بانكىلار، ئاكسىيە بازىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنى ۋەيران قىلىۋېتىپ بارغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىلىق گۇيلار مۇھىتنى بۇلغايدىغان سانائەت، ئۇششاق ياساش كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى 30 يىل بۇرۇن ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىگە تاشلاپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر كومپيۇتېر، بىئوخىمىيە، يېزا ئىگىلىك، ھەربىي تېخنىكا، تور سودىسى، ئېلان، كىنو دېگەندەك ئىلغار، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، ئەمما پايدىسى جىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ؛ 50 نەچچە يىل ماشىنا ، ئۈسكۈنە، زاپچاس ياسىغان ياپونلار بىلەن گېرمانلارمۇ ھازىر ئويغىنىپ، قولىدىكى تېخنىكىنى چىڭ ساقلاپ، زاۋۇتنى جۇڭگوغا قۇرۇپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە مۇھىت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە ھەر تەرەپتىن پايدا يارىتىۋېتىپتۇ؛ يەر شارىلىشىش، خەلقئارا سودا، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات دېگەنلەرنىڭ پايدىسىدىن غەرب ئەللىرى، ھەتتا ياپون پاكارلىرى ئاجايىپ بەھرىمەن بولىۋېتىپتۇ. دۆلىتىمىز تاشقى پېرىۋوت زاپىسىمىز مانچە تىرىليونغا يەتتى دەپ ماختىنىپ يۈرگەن بىلەن، 10 يىل مابەينىدە دوللارنىڭ چۈشۈشى بىلەن 800مىليارد دوللار (شۇ ۋاقىتتىكى ئايرىۋاشلاش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 6 تىرىليون 400مىليون يۈەن) كۆپۈككە ئايلانغان (ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن) بولۇپ، بۇ پۇلنى ئەگەر جۇڭگودىكى ھەر بىر پۇقراغا تارقىتىپ بەرسە ئاز دېگەندە 5000 سومدىن توغرا كېلەرمىش. نۆۋەتتە 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تۇتۇپ تۇرغان جۇڭگو ھازىر ۋال كوچىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پەرەڭلەرنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىۋاتقان نىشانى، كېينىكى قەدەملىك ئويۇن ئوبيېكتىمىش، مۇشۇ ئەھۋالدا تېخى جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناسلار «ئامېرىكا ۋال كوچىسىدا نامايىش يۈز بەردى، دوللارنىڭ كۇرسى چۈشتى، ئامېرىكا ئىقتىسادى تۈگەشتى، جۇڭگو كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ» دەپ پو ئېتىۋېتىپتىمىش. دوللارنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن، دوللارنى گېزىتتەك بېسىۋەرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئويۇنىدىن چۆچىگەن ھۆكۈمەت ھازىر تاشقى پېرىۋوت جەھەتتە دوللارغىلا يۆلىنىۋالماي، بىر مۇنچە ياۋرو سېتىۋاپتۇدەك، ئەمما گېرىتسىيەدىن باشلانغان ياۋروپا ئىقتىسادىي كىرزىسى جۇڭگونى ھازىر ئەندىشىگە ساپتۇدەك. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپەككۇرىغا ھەۋەسلىنىدىغان لاڭ شيەنپىڭدەك ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، جۇڭگودا 2012-يىلى ئۆي باھاسى چۈشۈپ، 2013-يىل ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىمىش، دوللار قايتا كۈچلىنىمىش. شۇڭا كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئۆي ۋە پايغا مەبلەغ سېلىش خەتەرلىكمىش. كەلگۈسىدە دوللارنى بىرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى بەرىبىر دوللارنى قۇتۇلدۇرىدىكەن، چۈنكى ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرتىپنى ئامېرىكا 40-50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەرپا قىلغان، ئامېرىكا ئەڭ چوڭ قەرزدار، ئەڭ چوڭ زومىگەر، ئەڭ چوڭ ھىيلىگەر، چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ «پۇل ئەقىلنىڭ سمۋولى» دېگىنىگە ئىشىنىدۇ ھەم دۇنيانى ئىس-تۈتەكسىز ھالدا، ئىقتىساد بىلەن كونترول قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    دېمەك، مەسىلە ئاساسەن ئايدىڭ، جۇڭگودا تەبىئىي بايلىقنى خورىتىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ، بۇلغانغان مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس. ئەرزان، ئاددىي ياساش كەسپىدىن تاپىدىغان پايدا ئاز، ئەقلى مۈلۈك قىممەت يارىتىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلىنىش ئانچە پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس. جۇڭگو دۇنيانىڭ زاۋۇتى ھەم ئەخلەتخانىسى، بۇنداق زاۋۇت، شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ئەرلەرمۇ ئاخىر ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
    تاپقىنى قورسىقى بىلەن ئۇچىسىدىن ئاشمايدىغان دېھقانلار، ئىش ھەققىنى ئالالمايدىغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، شۇنچە ئىشلىسىمۇ خوجايىنلىرىنىڭ بەرگىنىنى ئالىدىغان ئىشلەمچىلەر، ھۆكۈمەت شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان بىلەنمۇ مائاشى ئۆسمەيۋاتقان، خوتۇن-بالىلىرىنى تەستە بېقىۋاتقان مائاشلىقلار… شىركەت ئاچتىم دېگەن بىلەنمۇ تولا رەسمىيەت ۋە رىقابەتتىن بېشى ئايلىنىپ، ماڭغان يولىدا تولا پۇتلىشىپ، «مۇقىم مائاش يەنىلا ياخشىكەن» دەپ يۈرگەن تەۋەككۇلچىلەر، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ھۆكۈمەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان بېرىۋاتقان ياشلار… ۋاھ، نىمېدېگەن زور قوشۇن، نىمېدېگەن رەھىمسىز تۇرمۇش بۇ.
    نومۇسسىز رەھبەرلەر، ئالدامچى سودىگەرلەر قاچاندىن بېرى ئەرلەرنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئادەملىرىگە ئايلىنىپ كەتتى؟
    ئاياللار مەجبۇرلىدىمۇ؟
    ئاياللار تەرىپىدىن ئەخلەتتەك قەدىرسىز بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن جان تىكىپ ياشاش ئەرلەرنىڭ غايىسىگە ئايلىنىپ كەتتىمۇ؟
    «پۇل تېپىشنىڭ ئېپى»، «باي دادام، نامرات دادام» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن باي بولغىلى بولامدۇ؟
    ئامېرىكىلىقلارنىڭ باي بولۇش يولى جۇڭگوغا ماس كېلەمدۇ؟
    خەنلەر ئارىسىدىكى شۇ مۇنازىرىنى كۆرۈپ ئۆز ئادەملىرىمىزنىڭ پۇل ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئۇزۇن زاماندىن بېرى بۇ مىللەت بىلەن بىر زېمىندا، بىر زاماندا، بىر جەمئىيەتتە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولساق بۇنداق ياشاش نەدە؟ بۇ جەرياندا ئىككى مىللەتنىڭ ئىدىيە، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش شەكلى ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئالايلۇق، بۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقان ئېتىقادسىزلىق، پۇلغا چوقۇنۇش، ئەمەلگە چوقۇنۇش، سەمىمىيەتسىزلىك… دېگەندەك ئىللەتلىرى بىزگە قانچىلىك سىڭىپ كەتتى ياكى بۇ ئىللەتلەر بىزدە ئەسلىدىلا بارمىدى؟ ھاراقنى قوش قوللاپ تۇتۇش، سورۇندا بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولۇپ، ئادەمگە بېقىپ قايتىدىن كۆرۈشۈش، مۇھىم شەخسلەرگە باشقىچە كۈچۈكلىنىپ كېتىش، چاغاندا قىزىل بولاق بېرىش، ھەتتا ھېيت-ئايەمدىمۇ باشلىقنىڭ ئۆيىگە سوۋغا سالام بىلەن بېرىش، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش… دېگەندەك غەيرى ئادەتلەر بىزدە قانداق پەيدا بولدى؟ ھازىرمۇ بەزى توي قىلمىغان قىزلار ئىچىدە » غۇرۇر، ۋىجدان دېگەنگە قورساق تويامدۇ؟ پۇلىڭىز بارمۇ؟ ئۆيىڭىز بارمۇ؟ ھەيدەيدىغان ماشىنىڭىز بارمۇ؟» دېگەندەك گەپلەر يوق ئەمەس، يېقىندا ئوينالغان «كومېدىيە» دېگەن ئېتوتتىمۇ بۇ گەپ بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن ئېيتىلدى، جۈرئەت ۋاھىد نەق رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ دەپ ئويلىدىم.
    دېمەك، ئاشۇ خەنزۇ ئايالدەك » پۇلى يوق ئەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت» دەيدىغان، ئاشكارە دېمىسىمۇ كۆڭلىدە تالاي قېتىم شۇنداق ئويلايدىغان قىز، ئاياللىرىمىز ئەتراپىمىزدا، ھەتتا ئۆز ئۆيىمىزدە بولۇشى مۇمكىن، ئەرلەرگە كېلىۋاتقان بېسىم، رىقابەت ھەر قانداق ۋاقىتتىدىكىدىن كۈچلۈك. پۇل دېگەننى ئويلىساڭ تېخى، ئويلىمىساڭ تېخى، ئىمان-ئېتىقادىڭ، غۇرۇر-ۋىجدانىڭ بىلەن ياشىمىساڭ تېخى، ئەمما ئىشىنىمەنكى، ئەقىللىق ئادەم ھامان ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالايدۇ؛ ئىمان-ئېتىقاد بىلەن ياشىسا ۋەسۋەسە ۋە پاسىقلىقتىن كېلىدىغان زىياننى ئازايتالايدۇ، پاكىز ياشاشنىڭ ئۆزى تېجەشلىك، گۈزەل ياشىغانلىق. ھەقىقىي ئىماندىن ئاشۇ بەغەرەز ئاياللار كۆرەلمەيدىغان غۇرۇر، ۋىجدان شىجائەت، ھالالدىن پۇل تېپىش، ساۋاب ئىزدەپ ياشاش دېگەنلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مەن بۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى مەن تونۇيدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىدىن تولۇق كۆردۈم.

    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44727
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: