«نەۋايى خەزىنىسى»دىكى جاۋاھىراتلار - [ماقالەم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2012年01月05日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/185550621.html
«نەۋايى خەزىنىسى»دىكى جاۋاھىراتلار
★★★★★
كەتمەنباينىڭ بايانى:
«نەۋايى خەزىنىسى بلوگى» - پۈتۈن تۇرك دۇنياسىنىڭ شەرەپ يۇلتۇزى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق قۇياشى نىزامىدىن مىرئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جەملەش مەقسىتىدە 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈن بۇ بلوگنىڭ قۇرۇلغىنىغا مانا ئىككى ئاي بوپتۇ ۋە 2011-يىلنىڭ داۋانىدىن غەلىبىلىك ئاتلاپ، 2012-يىلنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇپتۇ. ئۆتكەن ئىككى ئايغا نەزەر سالسام، «نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»غا ئالتە سەھىپە بويىچە 37 تىما يوللاپتىمەن. لىكىن، بلوگنىڭ زىيارەت ۋەزىيىتىدىن قارىسام، خېلى كۆپ تىمىلارنىڭ «نەۋايى خەزىنىسى»گە جەملەنگىنىدىن تورداشلار بىخەۋەر قالغان چىراي؟ سەۋەبى چۈشىنىشلىك؟
ئەلىشىر نەۋايى - جەلىپكار ساھىبجامال ئەمەس، بەلكى سەردار مۇتەپەككۇر شائىر!
ئەلىشىر نەۋايى - يۇمۇرلۇق ئىنسان ئەمەس، بەلكى غۇرۇرلۇق ئىنسان!
ئەلىشىر نەۋايى نازۇك تەبىئەتلىك، ھەقىقەت، شەرىئەت، تەرىقەت يولىدا نۇر چاچقان، شېئىرىيەت بوستانىدا يول ئاچقان پىشىۋايىمىز!
شۇڭا ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىگە ۋە تەتقىقاتىغا ھىرىسمەن تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، «نەۋايى خەزىنىسى»دىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى رەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
تورداشلار يەنە خەۋەردار بولۇپ قالغايكى، «نەۋايى خەزىنىسى»گە دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ «شەرق مۇتەپەككۇرلىرىدىن(5) - ئەلىشىر نەۋائى» ناملىق كىتابى يوللىنىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ كىتاب 2008-يىلى «ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى»گە يوللىنىپ، تور دۇنياسىغا تارقالغان بولسىمۇ، لىكىن، بەزى ئىسىم-ئاتالغۇلار توغرا ئېلىنماسلىق، بەزى سۆزلەر چۈشۈپ قېلىش، بەزى مەزمۇنلار ئالمىشىپ كېتىش، بەزى باب ماۋزۇلىرى ئېنىق ۋە رەتلىك بولماسلىق...دىگەندەك، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى ساقلانغان ئىكەن. بۇ قىتىم مەن «ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى»دىن ساقلىۋالغان بۇ ئەسەرنى ئەسلى كىتاب بىلەن بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ، يۇقارقى سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتكەن ھالدا يوللاۋاتىمەن. پۈتۈن كىتاب مۇقەددىمە، خاتىمە ۋە سەككىز باب مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى كۈندە بىر بابتىن يوللاشنى پىلانلىدىم. تۈنۈگۈن بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمەسىنى يوللىدىم. 1-بابى ئاللاھ ئاسان قىلسا ئەتە يوللىنىدۇ.
«نەۋايى خەزىنىسى»دىكى جاۋاھىراتلارغا ئىھتىياجلىق دوستلارنىڭ بۇلارنى ساقلىۋىلىشىنى سورايمەن. شۇنداقلا باشقا توربىكەت، مۇنبەرلەرگە يۆتكەش ئارزۇسى ۋە ھەۋىسى بار تورداشلارنىڭ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنى، تەرجىمانلىرىنى، تەييارلىغۇچىلىرىنى ۋە كىتاب، تور مەنبەلىرىنى تولۇق ئەسكەرتكەن ھالدا يوللاشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: كەتمەنباي (2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى)
★★★★★
ئەسەت سۇلايمان: «شەرق مۇتەپەككۇرى - ئەلىشىر نەۋائى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/185280187.html
ئەلىشىر نەۋايى: «نەۋادىرۇش-شەباب»دىن تاللانغان غەزەللەر
http://newayi-570.blogbus.com/logs/183123442.html
تۇرسۇن قۇربان تۈركەش: «نەۋايى چەتئەلدە ۋە دىيارىمىزدا»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/182274327.html
مەنزۇرى: «نەۋايى غەزەللىرىگە تەخمىسلەر»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/181275778.html
ئەلىشىر نەۋايى: «بەدايىئۇل-ۋەسەت» تىن تاللانغان غەزەللەر
http://newayi-570.blogbus.com/logs/180564163.html
ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت: «نەۋائىي 570 ياشتا »
http://newayi-570.blogbus.com/logs/179455394.html
فەرىدە ئەمىن: «ئەنئەنىۋى نەۋايىشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تەسۋىرى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/178868989.html
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: «بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/178715979.html
خۇرشىد دەۋران: «نەۋايىنىڭ ئارمانى»(2)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/178242174.html
خۇرشىد دەۋران: «نەۋايىنىڭ ئارمانى»(1)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/178238990.html
ئەلىشىر نەۋايى: «مەنتىقۇت-تەيىر»(3)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/177753959.html
ئەلىشىر نەۋايى: «مەنتىقۇت-تەيىر»(2)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/174220743.html
ئەلىشىر نەۋايى: «مەنتىقۇت-تەيىر»(1)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/172884490.html
تۇرسۇن قۇربان تۈركەش: «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/175976844.html
مىرسۇلتان ئوسمانوف: «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يىڭىدىن بايقالغان غەزەللىرى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/175976220.html
غازى ئەھمەد: «نەۋايى ھەزرىتىم»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/175602879.html
ئايشەگۈل سەرتقايا: «سەمەرقەندلىك شەيخزادە ئابدۇرەززاق باخشىنىڭ ئەلىشىر نەۋايىغا يازغان نەزىرەلىرى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/175591281.html
مۇھەممەت شاۋۇدۇن: «نەۋايى ئەنگۈشتەرى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/174906976.html
لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «تەسىراتىم»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/174633631.html
دەمىن جۈمەقۇل: «سەددى ئىسكەندەر» داستانىنىڭ باش قەھرىمانى كىم؟
http://newayi-570.blogbus.com/logs/173144236.html
ئۇيغۇن: «ئەلىشىر نەۋايى غەزەللىرىگە تەجنىسلەر»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/172981018.html
ئابلەت ياسىن بابا: «فەرھاد-شېرىن» داستانىدا خوتەن تەسۋىرى ۋە فەرھاد ئوبرازى
http://newayi-570.blogbus.com/logs/172683318.html
ئې.ئې. بېرتېلس: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانى ھەققىدە(2)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171939850.html
ئې.ئې. بېرتېلس: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانى ھەققىدە(2)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171939097.html
ئەلىشىر بىلەن بۇلبۇل
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171937509.html
ئەلىشىر نەۋايى تۇيۇقلىرى
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171742140.html
ئەلىشىر نەۋايى: «بەدايىئۇل-بىدايە»دىن رۇبائىلار
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171741310.html
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171736515.html
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ناۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171618186.html
ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171613087.html
ئەلىشىر نەۋايى ھاياتىنىڭ ۋە ئىجادىنىڭ قىسقىچە سالنامىسى
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171610962.html
ئەسەت سۇلايمان: «نەۋايى ۋە ئانا تىل غۇرۇرى»
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171608797.html
كەتمەنباي: نەزەرىڭىز «نەۋايى خەزىنىسى»دە بولسۇن
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171421009.html
ئەلىشىر نەۋايى: «غەرايىبۇسسىغەر»دىن تاللانغان غەزەللەر(3)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171401408.html
ئەلىشىر نەۋايى: «غەرايىبۇسسىغەر»دىن تاللانغان غەزەللەر(2)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171400051.html
ئەلىشىر نەۋايى: «غەرايىبۇسسىغەر»دىن تاللانغان غەزەللەر(1)
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171395384.html
ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
http://newayi-570.blogbus.com/logs/171311496.html
★★★★★
«نەۋايى خەزىنىسى بلوگى»نىڭ مەنزىلى:
http://newayi-570.blogbus.com/
★★★★★
收藏到:Del.icio.us