版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/184443572.html

    ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە تەۋپىقنى ئەسلىدىم


    ساداقەتجان ھاجى


    ۋەتەنپەرۋەر مائارىپچى، مەرىپەتپەرۋەر شائىر، پىداكار يولباشچى مۇھەممەدئەلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا بۇ يىل 110 يىل بوپتۇ. بىخۇدلۇقىمدىم بۇ يىل كىرگەندىن بېرى بۇ پىداكارىمىزنى ياد ئېتىپ، روھىغا دۇئا قىلماپتىمەن ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە، شەرىپىگە بېغىشلاپ بىرەر پارچە شېئىرمۇ يازماپتىمەن؟
    ئۆزۈمگە مىڭ لەنەتلەر بولسۇنمۇ؟ ياق!
    ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى زىيادە بولسۇن!
    بۈگۈن، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە بولسىمۇ بۇ بۈيۈك شەھىدىمىزنى ئەسلايمەن!
    ئاللاھتىن ئۇنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە كۆپ ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىشىنى تىلەيمەن.

    بىز-مۇئەللىم، ئوقۇيلى ھەم ئوقۇتايلى ئەۋلاتنى دەپ
    مىللەت ئۈچۈن مۇنبەردە نىدا قىلدىڭ ئەي تەۋپىق.
    سادىق بولۇپ ئەقىدەڭگە، قەلەم تۇتۇپ كىرىپ جەڭگە،
    ۋەتەن ئۈچۈن جانىڭنى پىدا قىلدىڭ ئەي تەۋپىق.
    ئىشقى بىدار روھىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ
    ئەلگە بەرگەن قەسىمىڭنى ئادا قىلدىڭ ئەي تەۋپىق!

    ئەي ئاللاھىم، مىللەت ۋە ئۈممەت ئۈچۈن جانانىدىن ھەم جانىدىن جۇدا بولغان پىداكارلارغا جەننەتۇل فىردەۋستىن ئورۇن بەرگەيسەن!
    ئەي ئاللاھىم! جاھالەت بىلەن، زالالەت بىلەن، قاباھەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، مىللەت ۋە ئۈممەت ئۈچۈن ھىدايەت ۋە دىيانەت، ئادالەت ۋە سائادەت ئىستىگەن شەھىدلەرنىڭ شانىنى ھەرئىككى ئالەمدە يۈكسەك قىلغايسەن!
    ئەي ئاللاھىم، مىللەتكە مۇھەببەت، ئۈممەتكە ئۈمىت ئاتا قىلغان يولباشچىلارنىڭ يولىنى ئوچۇق، يۈزىنى يورۇق قىلغايسەن!
    ئەي ئاللاھىم، ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ، ئىمانىدىن ئېزىپ كەتمىگەن ئالىملارنىڭ ئىستىقبالىنى پارلاق قىلغايسەن!
    ئەي ئاللاھىم، زۇلمەتتە قالغان قەلبىمىزنى تەۋپىق نۇرلىرى بىلەن يورۇتقايسەن!
    ئەي ئاللاھىم، مۇھەممەدئەلى تەۋپىق ئەپەندىدەك تەۋپىق ساھىبلىرىنىڭ سۆيگۈسى بىلەن ۋىجدانىمىزنى كۈچلەندۈرگەيسەن!
    ئەي ئاللاھىم، ھەقىقى قۇدرەت ساھىبى سەن-سەن! ساڭا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلىمىز! ساڭا تايانغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى توق تۇتىمىز!
    ئەي ئاللاھىم، بىزنى ئۇنۇتمىغايسەن ۋە پىداكارلىرىمىزنى بىزگە ئۇنۇتتۇرمىغايسەن!
    ئەي ئاللاھىم، تەۋپىقنىڭ روھىنى غېرىپسىندۇرمىغايسەن ۋە ئىزىنى ئۆچۈرمىگەيسەن!
    ئەي ئاللاھىم، دۇئالىرىمىزنىڭ دىلى سۇنۇپ قالمىسۇن. ئامىن!

    ★★★★★
    2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى. قەشقەر
    ★★★★★

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: