版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187068365.html

    پارسچە يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى(1)


    تورغا تەييارلىغۇچى: ئايبۈۋى نەزەر


    ★★★★★
    كەتمەنباينىڭ بايانى: مەزكۇر «پارسچە يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى»نى ئايبۇۋى نەزەر تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان بولۇپ. مەن ئەسەرنىڭ قۇر ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىللە ھەربىر ئەسەرگە رەت-تەرتىپ نۇمۇرىنى سېلىپ چىقتىم ۋە قىسمەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ قويدۇم.
    ★★★★★


    (1) ئەخلاقۇل مۇھسىنىن
    بۇ ئەسەر گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت مەدھىيىلەنگەن ئىلمىي ۋە بەدىئىي خاراكتېرىدىكى 40 بابلىق ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ھۈسىيىن كاشىفى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×18 سانتىمېتىر، 319 بەت. چاغاتايچە، قول يازما. موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان نۇسخا

    (2) باغى گۈلشەن
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ھەسەنىل ھۆسەينى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجىرىيە 1223-يىلى. فورماتى: 26×13 سانتىمېتىر، 560 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (3) بەش كىتاب
    بۇ ئەسەر كىتاب بىدىل شېئىرلىرى، مەسلىكى لۇغەت، فىقھىل ئەكبەر، كىتاب مەسايىل... قاتارلىق بەش ئەسەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورى: بىدىل، ئىمام ئەئزەم قاتارلىقلار، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 416 بەت. پارسچە-ئەرەبچە، قول يازما.

    (4) پەندنامە
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى شەيخ ئەتتار گەرىددىن. فورماتى: 23×15 سانتىمېتىر، 60 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1314-يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (5) پىرئەنسار
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، مۇھەببەت تېما قىلىنغان شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئەھمەت باقى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر. 363 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (6) تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا
    بۇ ئەسەر ئەدەبىي شەكىلدە يېزىلغان ئەۋلىيالار تەزكىرىسى، ھېكايە ۋە ئەدەب-ئەخلاققا دالالەت قىلىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 354 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (7) تۆھپەتۇل نەسايىھ
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ھىجرىيە 1343-يىلى. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 113 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (8) تارىخى رەشىدى
    مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر تەرىپىدىن پارس تىلىدا 1541-يىلىدىن 1547-يىلىغىچە يېزىلغان ئەدەبىي تەزكىرە خاراكتىرلىق داڭلىق ئەسەر. ئۇنىڭدا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقى، ئەھمەدخان، سەئىدخان، بابۇر ۋە ئابدۇرېشىتخانلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخى ۋەقە بايان قىلىنغان.

    (9) تارىخى رەشىدىيە
    15-، 16-ئەسىرلەردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە دۆلەت ئەربابى مىرزا ھەيدەر قەشقەرى تەرىپىدىن يېزىلغان. 1545-يىلى «تارىخى رەشىدىيە»نى يېزىشقا كىرىشكەن. بۇ ئۈچ جىلىدلىق ئەسەر پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاپتۇر كىتاپنى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا بېغىشلىغان.

    (10) جەمىئۇل ئىششاق
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 289 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (11) جامئۇل ھېكايەت
    بۇ ئەسەر ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×12 سانتىمېتىر. 96 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (12) چاھار پەسلى
    بۇ ئەسەردە نەسىھەتلەر ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا مىرزا ئىبدىن موللا ئابدۇكېرىم. فورماتى: 23×13 سانتىمېتىر، 106 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1308-يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان.

    (13) خوجا ھاپىز
    بۇ شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: خوجا ھاپىز شىرازى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 750-يىلى. فورماتى: 23×13 سانتىمېتىر، 96 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1334-يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان.

    (14) داستان لەيلى-مەجنۇن
    بۇ ئەسەر لەيلى-مەجنۇن تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئاياز(؟). ئەسەرنڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 88 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (15) داستان سەئادەت
    بۇ ئەسەر سائادەت ھەققىدە داستان بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 683-يىلى. فورماتى: 22×15 سانتىمېتىر، 158 بەت. پارسچە، قول يازما

    (16) داستان كېنىزەك
    بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى: داستان خاراكتېرىدىكى ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: خەجەستە. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×13 سانتىمېتىر، 40 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (17) دۇررۇل مەجالىس
    بۇ ئەسەر پەيلاسوپلار توغرىسىدا ھېكايە قىسسەلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 333 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (18) دۇرۇل ھەقايىق
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 350 بەت. پارىسچە، قول يازما.

    (19) دىۋان
    بۇ كىتاب ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن: ئالدىنقى قىسمى ھېكمەتلىك سۆزلەر، ئەدەب-ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان شېئىرىي توپلام(چاغاتايچە). كېيىنكىسىدە يامان يولغا ماڭغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى سۆزلەنگەن (پارسچە) بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 28 بەت. چاغاتايچە،-پارسچە ئارىلاش، قول يازما.

    (20) دىۋان ھاپىز
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: خوجا ھاپىز شىرازى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×15 سانتىمېتىر، 218 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (21) دىۋان خوجا ھاپىز
    بۇ ئەسەر شېئىرىي توپلام بولۇپ، ئاپتورى: خوجا ھاپىز. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 167 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1314-يىلى. تاشكەنتتىن تاشمەتبەئەدە بېسىلغان.

    (22) دىۋان بىدىل
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مىرزا ھەكىم بىدىل. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 37×16 سانتىمېتىر، 446 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (23) دىۋان غىياسىدىن
    بۇ كىتاب ئىككى بۆلەك بولۇپ، ئالدىنقى بۆلىكى غىياسىدىن ناملىق ئاپتورنىڭ شېئىرلىرى، كېيىنكىسى، دىۋان ئىملا (ئىملا تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ) ناملىق شېئىرىي توپلامدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورى: غىياسىدىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 180 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (24) دىۋان غىياس
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: غىياس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 235 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (25) دىۋان ھەلاۋۇدۇن
    بۇ ئەسەر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: ھەلاۋۇدۇن، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 48 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (26) دىۋان مەتبۇئى
    بۇ ئەسەر غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: ئۆمەر(؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 145 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (27) دىۋان مۇھتەسىم ئارەزى
    بۇ ئەسەر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: ئارەزى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 119 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (28) دىۋان ھۇزۇرى
    بۇ ئەسەر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: شەمسىدىن ھۇزۇرى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 36 بەت. چاغاتايچە-پارسچە ئارىلاش، قول يازما.

    (29) رىسالەئى ئەھكام شەرھى
    بۇ ئەسەر شەرىئەت ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×16 سانتىمېتىر، 138 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (30) رىسالەئى قاپىيە
    بۇ ئەسەر تۆت پەسىل، ئاي-كۈنلەرنىڭ سان-تەرتىپى، شېئىر ۋەزىنلىرى ھەمدە لۇغەت قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×16 سانتىمېتىر، 44 بەت. ئەرەبچە-پارسچە-چاغاتايچە ئارىلاش، قول يازما.

    (31) رىقئە ئىرسال
    بۇ ئەسەر سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىلەن سۇلتان ھۈسەيىن خەللە دۇللارنىڭ ئۆز ئارا يېزىشقان خەتلىرى ۋە شېئىر-غەزەللىرى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×12 سانتىمېتىر، 359 بەت. پارسچە، قول يازما

    (32) زۇبدەتۇل ۋائىزىن
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق تېما قىلىنغان نەسىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 248 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (33) سىرى ئاشقان
    بۇ ئەسەر ئاشىقلار ھەققىدە بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×11 سانتىمېتىر، 458 بەت. پارىسچە. قول يازما.

    (34) شەرھى ئەبرار
    بۇ ئەسەر ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: بىرىنچى قىسمى، ئەدەب-ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان ھېكايىلار؛ ئىككىنچى قىسمى، ئابدۇقادىر بىدىلنىڭ شېئىرلىرى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1222-يىلى (؟). پارسچە، ئۈچىنچى قىسمى، مۇھەممەت ئىمىن ئىمامنىڭ ئەدەبىي ئەسىرى، چاغاتايچە بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇقادىر بىدىل ۋە مۇھەممەت ئىمىن، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1222-يىلى. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 275 بەت. پارسچە-چاغاتايچە ئارىلاش قول يازما.

    (35) شەرھى نۇرھەتىل ئەرۋاھ
    بۇ ئەسەر ئىسلام ئەدەب-ئەخلاقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان شېئىرىي-نەسىرىي ئارىلاش يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇۋاھىيە ئىبراھىم. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 424 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1164-يىلى پولات ئىبن مۇھەممەت سالىھ تەرىپىدىن (ئاقسۇدا) كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (36) شەمىس تەبرىزى
    بۇ ئەسەردە، ئارۇز ۋەزنى شېئىرلار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە شەمسىدىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 35×26 سانتىمېتىر، 1036 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (37) شەۋقى گۈلىستان
    بۇ ئەسەر كىشىلەرنى ئەدەب-ئەخلاققا ئۈندەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەر، تەمسىل ۋە ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ سەئىدى. فورماتى: 27×17 سانتىمېتىر، 366 بەت. پارسچە-چاغاتايچە ئارىلاش، ھىجرىيە 1327-يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان.

    (38) شەيخ يەزىد بەستامى
    بۇ ئەسەر شەيخ يەزىد بەستامى ھەققىدىكى ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 28×22 سانتىمېتىر، 307 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (39) قەسىدە بۇردىيەنىڭ شەرھى
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى شېئىرىي ۋە نەسىرىي شەكلىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە ئەسفىھاتى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 355 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (40) قۇرىت تەيىر
    بۇ كىتابقا ئىككى ئەسەر تۈپلەنگەن: بىرىنچىسى: «قۇرىت تەيىر» (توز، ھۇقۇش، قۇشقاچ، بۈركۈت، قارغا قاتارلىق قۇشلارنىڭ ھايات يوللىرى ھەققىدىكى سوئال-جاۋابلار)، كېيىنكىسى: «مەسلەكى مۇتتەقىن» بولۇپ، ئاپتورى: سوپى ئاللايار. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 28×16 سانتىمېتىر، 221 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (41) قۇشلارنىڭ سوئال-جاۋابلىرى
    بۇ ئەسەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەخلاق-پەزىلەت قۇشلارنىڭ سوئال-جاۋابلىرى ئارقىلىق بايان قىلىنغان شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×17 سانتىمېتىر، 470 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (42) قىسسەئى نامە
    بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، دەقيانۇس قىسسىسى ۋە ئەسھابۇل كەف قىسسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 628 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (43) كەشفىل قۇلۇب
    بۇ ئەسەر ئالىملارنىڭ ئىلىمغا ھۆرمەت قىلىش ئىلىم ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×15 سانتىمېتىر، 188 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (44) كەلام كەلىمە ۋە رىۋايەتى
    بۇ ئەسەر مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان، ئادەملەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدىغان رىۋايەت-ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×13 سانتىمېتىر، 137 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (45) كۇللىيات جامى
    بۇ ئەسەر ئۆتكەن پادىشاھ ھەققىدىكى ھېكايىلار ۋە مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلار بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى. 15-ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يازغان. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 546 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (46) كۇللىيانى ئابدۇقادىر بىدىل
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 974بەت. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى مىرزا ئابدۇقادىربىدىل پارس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان. بۇ كىتاپ مەشھۇر مۇتەپەككۇر، شائىر ئابدۇقادىر بىدىلنىڭ نەزمى ۋە نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.

    (47) كىتابى دىلئارام
    بۇ ئەسەر مۇھەببەت ئادالەت ۋە ياخشى پەزىلەتلەر مەزمۇن قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: دىلئارام (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 191 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (48) گەنجى گۆھەر
    بۇ ئەسەر مۇھەببەت، ئەدەب-ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: دىۋانە (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس، فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 248 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (49) گۈلىستان
    بۇ ئەسەردە، شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ياخشى ئەخلاق-پەزىلەت تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ سەئدى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×16 سانتىمېتىر، 80 بەت، پارسچە، تاش باسما.

    (50) گۈلىستان سەئدى
    بۇ ئەسەردە گۈلىستانلىق ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ سەئدى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 247 بەت. پارسچە، قول يازما

    (51) لەمھات مىن نەفھات
    بۇ ئەسەر ئالىملارنىڭ ئۆز ئارا سۆھبەتلىرى، ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد ئالىم سىدىق. فورماتى: 27×18 سانتىمېتىر، 293 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1327-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا (؟).

    (52) لەتايىف ۋايىف
    بۇ ئەسەر تۈرلۈك-لەتىپە ھەم تەمسىللەرنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى؛ 23×16 سانتىمېتىر، 134 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (53) ماتەمنامە
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان مەرسىيە بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×15 سانتىمېتىر، 190 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (54) مەجالىسۇن ئۇششاق
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، مۇھەببەت، نەققاشلىق كۈيلەنگەن. ئاپتورى: موللا كەففەك ئىبن موللامىر ئەلەم ياركەندى (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 247 بەت. پارسچە، قول يازما

    (55) مەجالىس ئەخلاق
    بۇ ئەسەردە ئەدەب-ئەخلاققا دائىر ھېكمەتلىك سۆزلەر ھېكايە قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى: مىسكىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 30×20 سانتىمېتىر، 249 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (56) مەجمەئىل نەقلىيات
    بۇ ئەسەر باشقا ئەسەرلەردىن ئېلىنغان نەقىل ۋە ھېكايىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×18 سانتىمېتىر، 120 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (57) مەجمۇئىل سۇلۇك
    بۇ ئەسەر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: فۇزۇلى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×11 سانتىمېتىر، 254 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (58) مەجمۇئى فەرھەڭ
    بۇ ئەسەر خوجا ھاپىز شىرازى ئەسەرلىرىگە ئىزاھات (؟) بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 199 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (59) مەسنەۋى شېرىف
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 687 بەت. 1792-يىلى جالالىدىن رۇمىنىڭ پارس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا ئىككىلىك شىېئرىي شەكىل بىلەن يېزىلغان پەلسەپىۋى مەزمۇندىكى ئەسىرى. سوپىزىمنىڭ «ئىسمائىليە»مەزھىپىگە خاس كائىنات قارىشى ۋە بىلىش نەزىريىسىنى شېئىرىي يول بىلەن بايان قىلىپ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلغان.

    (60) مەھمۇدنامە
    بۇ ئەسەر تەكەببۇرلۇق، پىخسىقلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر مەسخىرە قىلىنغان شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ سەئدى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 30 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (61) مۇختارىل ئىختىيار
    بۇ ئەسەر ھېكايەتلەر ۋە مەشھۇر كىشىلەرنىڭ سۆھبەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى: غىياسىدىن ھۈسەيىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 367 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (62) مۇرادىل ئارىفىن
    بۇ ئەسەر ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بايان قىلىنغان شېئىرىي-نەسرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: سوپى ئاللايار. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1295-يىلى. فورماتى: 22×16 سانتىمېتىر، 172 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (63) مۇھىمماتىل مۇسلىمىن
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×17 سانتىمېتىر، 176 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (64) مىئراج نەبۇۋەت
    بۇ ئەسەردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمھالى شېئىرىي ۋە نەسرىي شەكىل بىلەن ھېكايە قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1193-يىلى. فورماتى: 34×23 سانتىمېتىر، 1361 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (65) مىرسادىل ئىباد
    بۇ ئەسەر شېئىرىي-نەسرىي ئارىلاش يېزىلغان ئىشانلىق پەلسەپىسى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×14 سانتىمېتىر، 481 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (66) نامھەق ۋە ھېكايىلار
    بۇ ئەسەر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 266 بەت. پارسچە قول يازما.

    (67) نامى ھەق، شارايىتى ئىمان، پەندە نامە
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، ۋەز-نەسىھەت. . . قاتارلىقلار بايان قىلىنغان شېئىرىي-نەسرىي ئارىلاش ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 239 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (68) نەسىھەتنامە
    بۇ ئەسەر پەند-نەسىھەت، ئەدەب-ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 284 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (69) نۇرنامە
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 16×10 سانتىمېتىر، 103 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (70) نۇزمە نەسىھەت
    بۇ ئەسەر شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: سوپى ئاللايار. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 228 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (71) نۇزھەتۇل ئەرۋاھ
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى شېئىرىي-نەسرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ھۈسەيىن ئىبن ئالىم ھەسەنىل ھۇسەينى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×14 سانتىمېتىر، 235 بەت. پارسچە قوليازما.

    (72) نۇرھەتۇل ئەرۋاھ
    بۇ ئەسەر ئىسلام دىنى ھەققىدىكى شېئىرىي ۋە نەسرىي ئارىلاش ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 11×20 سانتىمېتىر، 140 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (73) نۇرھەتۇل شېرىف
    بۇ ئەسەر ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكايىلار مەجمۇئەسى بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد ھەسەنىل ھۈسەينى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×17 سانتىمېتىر، 88 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (74) نىسابىس سۇبيان
    بۇ ئەسەر شېئىر ۋەزىنلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئەبۇناسىر فارابى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 795-يىلى. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 88 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (75) ھاپىز شىرازى شېئىرلىرى
    بۇ ئەسەر شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: خوجاھاپىز. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 54 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (76) ھەپتە ئەۋرەڭ
    بۇ ئەسەر «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن»، «لەيلى-مەجنۇن»غا مۇقەددىمە ۋە «خاقانى چىن»، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «ئالتۇن زەنجىر»، «ياخشىلارنىڭ تۆھپىسى»(؟) قاتارلىق يەتتە داستاندىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى. فورماتى: 30×19 سانتىمېتىر، 507 بەت. پارسچە، مىلادى 1914-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (77) ھەقايىقۇل دەقىقىتى
    بۇ ئەسەر سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت، ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش، سېخىلىق قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان داستانلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: شاھ مەۋلانە جالال ھەق. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 28×18 سانتىمېتىر، 460 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (78) ھەقايتۇل ئىشقى
    بۇ ئەسەر مېھىر-مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: فۇزۇلۇ (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 217 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (79) ھەيرەتىل قۇلۇب
    بۇ ئەسەر «ھەيرەتىل قۇلۇب»، «مەئانى مەئارىپ» ناملىق شېئىرىي-نەسرىي ئارىلاش ئىككى ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×11 سانتىمېتىر، 128 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (80) ھۆكۈمالار قىسسەسى
    بۇ ئەسەردە، پادىشاھ ئىسكەندەر بىلەن ھۆكۈمالار ئوتتۇرىسىدا ئاچلىق-توقلۇق، باتۇرلۇق-قورقۇنچاقلىق، قانائەتچانلىق-ئاچكۆزلۈك قاتارلىق سەككىز مەسىلە ئۈستىدە بولۇپ ئۆتكەن سوئال-جاۋابلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى؛ 23×13 سانتىمېتىر، 80 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (81) ھېكايىلار
    بۇ ئەسەر ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 164 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (82) ھېكايە سۇلتان مەھمۇد
    بۇ ئەسەر سۇلتان مەھمۇد ھەققىدە يېزىلغان ھېكايەتلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 52 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (83) ھېكايەتى ئۆرنەك
    بۇ ئەسەر سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 288 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (84) ئىشقنامە
    بۇ ئەسەر مۇھەببەت ۋە ئادالەت مەزمۇن قىلىنغان شېئىرىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەت رىزا، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1057-يىلى. فورماتى: 17×10 سانتىمېتىر، 137 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (85) بىجەزبىل قۇلۇب
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇلھەق ئىبنى سەيفىددىن تۈركىي دېھلىۋى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×17 سانتىمېتىر، 533 بەت. پارسچە، قول يازما

    (86) تارىخ تەبەرى
    بۇ ئەسەر ئادەمئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگىچە ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر، ئابباسىلار خەلىپىلىرىدىن ھارۇن رەشىددىن مۇستەنزىر بىللاغىچە ئۆتكەن خەلىپىلىكلەر تارىخى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: جەئپەر مۇھەممەد بىننى جەرىرى پەزىدىتى تەبەرى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 30×20 سانتىمېتىر، 800 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1334-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (87) تەزكىرەئى خۇلەفائى راشىدىن
    بۇ ئەسەر خەلىپىلەر تارىخى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى: ھاپىز شىرازى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 54 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (88) تەزكىرەئى غەۋسىل ئەزەم
    بۇ ئەسەر غەۋسىل ئەزەم ۋە ئۇنىڭ مەنتىقىلىرى ھەققىدىكى بايان بولۇپ، ئاپتورى: مۇھىيىن ئاسى، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×13 سانتىمېتىر، 332 بەت. پارسچە، قول يازما. موللا خۇدابەردى ئىبن موللا ئالاۋۇدۇن تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (89) تەزكىرەئى ئىمام ئەزەم
    ئىمام ئەزەم تەزكىرىسى (پارسچە) ۋە دورا رېتسىپلىرى توپلىمىدىن ئىبارەت ئىككى ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×13 سانتىمېتىر، 253 بەت. قول يازما.

    (90) تەزكىرەتۇل خۇلەفا
    بۇ ئەسەر ئەرەب خەلىپىلىكى تەزكىرىسى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 210 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (91) تەزكىرەئى بۇغراخان
    بۇ ئەسەر سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 225 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (92) تەزكىرەئى نەسەبنامە
    بۇ ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا ئىسلام نەزەرىيىسى ۋە خوجىلارنىڭ نەسەبلىرى، ئاخىرىدا سوپىزملىق-تەرىقەت نەزەرىيىسى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1241-يىلى. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 188 بەت. باش قىسمى چاغاتايچە، ئاخىرقى قىسمى پارسچە، قول يازما.

    (93) تەزكىرەتۇل بەبىئۇللا
    بۇ ئەسەردە پەيغەمبەرلەر ھەم مەشھۇر زاتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا ئابدۇرەھىم. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. ھىجرىيە 1080-يىلى. موللا ھۈسەن سالىھى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا. فورماتى: 21×12 سانتىمېتىر، 378 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (94) تەزكىرەئى دانىيال
    بۇ ئەسەر سوپى ۋە دەرۋىشلەر ھەققىدىكى بايان بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد يۈسۈپ ئىبن مەخدۇم ياركەندى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 160 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (95) تەزكىرەئى رەبشھان
    بۇ ئەسەر ئۆلىمالارنىڭ تارىخى ۋە پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 909-يىلى. فورماتى: 23 ×14 سانتىمېتىر، 370 بەت. ھىجرىيە 1329-يىلى. تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا، پارسچە

    (96) تەۋارىخ خۇلفائى راشىددىن ۋە تەزكىرەئى خوجا ھىدايىتۇللا ئافاق
    بۇ ئەسەر ئەرەب خەلىپىلىرىدىن ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمان. ئەلىلەرنىڭ تەرجىمھالى؛ قەشقەردە ئۆتكەن ئافاق خوجانىڭ نەسەبنامىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×10 سانتىمېتىر، 169 بەت. پارسچە، قول يازما

    (97) تۆھفەتۇل قادىرىيە
    بۇ ئەسەر قادىرىيە مەزھىپىدىكى مەشھۇر زاتلار ھەققىدە بايان بولۇپ، ئاپتورى: مۇسلىمى غەززال. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1241-يىلى. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 131 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (98) تۆھپەتۇل قادىرىيە
    بۇ ئەسەر قادىرىيە مەزھىپىدىكى مەشھۇر زاتلار ھەققىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد غىياسىددىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1241-يىلى. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 145 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (99) تەزكىرەتۇل ھىدايەت
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 116بەت. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نامەلۇم بىرسى تەرىپىدىن پارىس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان. 17-ئەسىردە جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىدا ھۆكۈم سۈرگەن خوجىلار ھاكمىيىتىنىڭ كاتتىبىشى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئوغلى خوجا ھەسەن(ساھىبقىران)نىڭ تەزكىرىسىگە ئائىت كىتاب.

    (100) تارىخ پەرىشتە
    تومغا بۆلۈنگەن، 2 قىسىم، 794 بەت. 18-ئەسىردە موللا مۇھەممەد قاسىم پارس تىلى تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان بولۇپ، 10-ئەسىردىن باشلاپ ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسلام پادىشاھلىرىنىڭ تارىخى ۋە ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردىكى ھىندىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇش مەقسىتىدە يېزىلغان.

    (101) خەزانە ئەمىرە(خەزىنىلەر)
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 452 بەت. 19-ئەسىردە «ئامىر» تەخەللۇسلۇق ئەدىپ تەرىپىدىن پارىس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان، شەرق ئەللىرىدە ياشاپ ئۆتكەن كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى بىئوگرافىك ئەسەر. شەرقتە شۆھرەت قازانغان مەشھۇر شائىرلارنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئېگە ئەسەرلىرىدىن نەمۇنە كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان.


    پايدىلانغان ماتىرىياللار:
    (1) بىلقۇت شىركىتى تۈزگەن «بىلقۇت خەزىنىسى» كومپيۇتېر لوغىتى.
    (2) ئابدۇراخمان باقى: «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن يۈز نادىر كىتاپ».
    (3) «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 1-، 2-، 3-سانلار

    ★★★★★
    تورغا تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغۇچى: ئايبۈۋى نەزەر.
    ★★★★★
    http://bbs. xjzjxh. com/Topic. aspx?BoardID=35&TopicID=9518
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: