版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187070319.html

    پارسچە يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى(2)


    تورغا تەييارلىغۇچى: ئايبۈۋى نەزەر


    ★★★★★
    كەتمەنباينىڭ بايانى: مەزكۇر «پارسچە يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى»نى ئايبۇۋى نەزەر تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان بولۇپ. مەن ئەسەرنىڭ قۇر ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىللە ھەربىر ئەسەرگە رەت-تەرتىپ نۇمۇرىنى سېلىپ چىقتىم ۋە قىسمەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ قويدۇم.
    ★★★★★


    (101) خەزانە ئەمىرە(خەزىنىلەر)
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 452 بەت. 19-ئەسىردە «ئامىر»تەخەللۇسلۇق ئەدىپ تەرىپىدىن پارىس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان، شەرق ئەللىرىدە ياشاپ ئۆتكەن كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى بىئوگرافىك ئەسەر. شەرقتە شۆھرەت قازانغان مەشھۇر شائىرلارنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئېگە ئەسەرلىرىدىن نەمۇنە كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان.

    (102) رەشھات ئەينۇل ھەيات
    بۇ ئەسەر ئەۋلىيالار تارىخىغا ئائىت ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 29×18 سانتىمېتىر، 413 بەت. پارسچە، قول يازما

    (103) رەشھات شىرىف
    بۇ ئەسەر سوپىلار ئىچىدىكى ئاق تۇغلۇق ئىشانلارغا دائىر تارىخ بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×18 سانتىمېتىر، 278 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (104) رەشھات شېرىف
    بۇ ئەسەردە 167 نەپەر ئالىمنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئۇلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى: پەخرىدىن ئەلى ئىبن ھۆسىيىن ۋائىز كاشغى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 394 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1329-يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (105) رەشھات
    بۇ ئەسەردە، 300 دىن ئارتۇق مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تارىخى ۋە تەرجىمھالى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى، فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 306 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1329-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا

    (106) روھۇل ئەمىن
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئابابەكرى. ئۆمەر، ئوسمان. ئەلىلەرنىڭ تەرجىمھالى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1229-يىلى. فورماتى: 31 19 سانتىمېتىر، 366 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (107) رىسالەئى قادىرىيە
    بۇ ئەسەر ئىككى قىسىمدن تەركىب تاپقان. بىرىنچى قىسمى، «رىسالەئى قادىرىيە»، ئۇنىڭدا قادىرىيە مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى غەۋسىل ئەئزەمنىڭ نام-نەسەبلىرى بايان قىلىنغان، پارسچە، ئىككىنچى قىسمى، «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، ئۇنىڭدا ناۋائىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرى بايان قىلىنغان، چاغاتايچە ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ناۋائى. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 354 بەت. پارسچە-چاغاتايچە ئارىلاش، قول يازما.

    (108) رىسالەئى قۇتبىدىن
    بۇ ئەسەر تەرىقەت مەزھىپىدىكى ماشايىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 318 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (109) سەلاسىل مەھمۇدى
    بۇ ئەسەردە تەرىقەت يولىدىكى ئەمەللەر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد بابا فەتھەغىچە بولغان مەشھۇر زاتلارنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: سەيىد سۇلتان ئىبن مۇھەممەد ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1263-يىلى. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 301 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (110) سىلسىلەئى خاجىگان
    بۇ ئەسەر بۇغراخانلارنىڭ نەەب، نام-ئەمەللىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 73 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (111) سىلسىلەتىل كىتابى ئىسلام
    تومغا بۆلۈنمىگەن، بىر قىسىم، 377بەت. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رەھىم بەختى ساھىب پارىس تىلى ۋە يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، ئىنتىگرافيىسى، جۇغراپيىسى، سىياسى ۋە ھاكمىيىتى ھەققىدىكى ئېنسكلوپېدىيە خاراكتىرىدىكى كىتاب. كىتاب ئىسلام دۇنياسى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخىنى، ئىسلامىيەتنىڭ دۇنياغا تارىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىريال بولۇپ، يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئېگە.

    (112) فەتتاھىد قۇلۇب
    بۇ ئەسەر يەكەندە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ، تا ئالەمدىن ئۆتكۈچە بولغان جەرياندىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 572 بەت. چاغاتايچە، قول يازما. موللا ئاخۇن مۆمىن ھىجرىيە 1199-يىلى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان نۇسخا.

    (113) كىتابى تارىخ
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى ۋە باشقا تارىخىي ھېكايىلار، ئىسلام ئەھكاملىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە شەخسلەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 16×23 سانتىمېتىر، 540 بەت. پارسچە-ئەرەبچە ئارىلاش، قول يازما.

    (114) كىتابى مۇستەداب
    بۇ ئەسەر مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە نەزەر مەرغىلانى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 883-يىلى. فورماتى: 22×13 سانتىمېتىر، 935 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (115) كىتابى فەۋائىد
    بۇ ئەسەر «كىتابى فەۋائىد» (دۇئا-تەلەپلەر)، «تەزكىرەئى نەقشەبەندەييە» (نەقشەبەندە مەزھىپىدىكى سوپىلارنىڭ تەزكىرىسى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار) بىرگە تۈپلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 128 بەت. پارسچە، قول يازما

    (116) مەنافى بۇل ئارفىن
    بۇ ئەسەر ئەۋلىيالار تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: سۇلتان ئارفىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 718-يىلى. فورماتى 26×19 سانتىمېتىر، 587 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (117) مەئلۇماتى ئافاق
    بۇ ئەسەردە جۇغراپىيىگە ئائىت مەلۇماتلار بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 16×12 سانتىمېتىر، 174 بەت. پارسچە، چاغاتايچە، قول يازما.

    (118) مەجمۇئات نەبەۋىيە
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. 60 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (119) مەدارىجىن نەبۇۋەت
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى بولۇپ، شەيخ ئابدۇلھەق دېھلىۋى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 31×21 سانتىمېتىر، 997 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (120) مەجمۇئى مۇئەللەپ
    بۇ ئەسەر مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇل غوپۇرى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1267-يىلى. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 295 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (121) مەختۇم ئەزەم تەزكىرىسى
    بۇ ئەسەر مەختۇم ئەزەمنىڭ تەرجىمھالى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1141-يىلى. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 106 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (122) نەفاھاتىل ئۇنىسى
    بۇ ئەسەر زۇنۇن مىسىرىدىن قەشقەردە ئۆتكەن مەۋلانا سەئىدىن كاشغەرىغىچە، مەۋلانا نىزامىددىن خامۇش، مەۋلانا ياقۇپ چەرخى. ئۇبەيدۇللا ئەسفھانى، ھاپىز شىرازى قاتارلىق 626 نەپەر ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ نام-ئەمەللىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 881-يىلى. فورماتى: 25×19 سانتىمېتىر، 692 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (123) نەفاتىل ئۇنىسى
    بۇ ئەسەر 600 دىن ئارتۇق مەشھۇر شەخسلەردنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان تەرجىمھال خاراكتېرىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 883-يىلى. فورماتى: 26×19 سانتىمېتىر، 490 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (124) ھەيات فەخرى كائىنات
    بۇ ئەسەر خەلىپىلىككە ئائىت مەلۇماتلار بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئەمىر ئامانۇللاخان. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: مىلادى 1927-يىلى. فورماتى: 23×16 سانتىمېتىر، 394 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (125) ھېكايەتنامە
    بۇ ئەسەر كىتابنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان، كېيىنكى قىسمىدا ئاسترونومىيىگە ئائىت بەزى ساۋاتلار بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 116 بەت. چاغاتايچە، پارسچە ئارىلاش، قول يازما.

    (126) ھۆججەتۇل فۇزەللا
    بۇ ئەسەر مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا توختى ئاخۇن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1303-يىلى. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 221 بەت. پارسچە، قول يازما.
     
    (127) ئەقىدەتۇل مۇسلىمىن
    بۇ ئەسەر، ھەدىسلەردىن نەقىل ۋە دەلىل كەلتۈرۈپ بايان قىلىنغان ئىسلام پەلسەپىسى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 248 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (128) ئەسەرلەر توپلىمى
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر قانچە ئەسەردىن تەركىب تاپقان توپلام بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 346 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (129) ئەينۇل ھەيات
    بۇ ئەسەر مەشھۇر زاتلارنىڭ كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ۋەز-نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد باقىر ئىبن مۇھەممەد تەقى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 997 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (130) ئەدابۇل بەيت
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، بالىلارنى تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ھەققىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×12 سانتىمېتىر، 66 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (131) ئەشئىئەتۇل لەمئات
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە بېرىلگەن ئىزاھاتلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 582 بەت. پارسچە-ئەرەبچە، قول يازما.

    (132) ئەھكام شەرھى
    بۇ ئەسەر شەرىئەت ئىلمى ھەققىدە يېزىلغان بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×13 سانتىمېتىر، 216 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (133) ئەقىدەتۇل مەسائىل
    بۇ ئەسەر زۆرۈر ئەقىدىلەر ۋە ئىمانغا دائىر بايانلار تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×13 سانتىمېتىر، 106 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (134) ئەجايىبۇل قۇرئان
    بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ خاسىيەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1234-يىلى. فورماتى: 19×12 سانتىمېتىر، 137 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (135) ئەزىزى
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدىكى نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 134 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (136) شەرھى ھىدايەت
    بۇ ئەسەر بۇخارا ھەققىدە قىسسەلەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1203-يىلى. فورماتى 21×14 سانتىمېتىر، 203 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (137) شەرھى مۇختەسەر ۋەقايە
    بۇ ئەسەر مۇختەسەر ۋە قايە ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسى يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا ئابدۇرەھىم ئاخۇن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1261-يىلى. فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 311 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (138) شەرھى فىقىھى كەيدانى
    بۇ ئەسەر، تۆت ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن. بىرىنچىسى، «شەرھى فىقىھى كەيدانى» (سوپىزم نەزەرىيىلىرى)؛ ئىككىنچىسى، قىرىق ھەدىس؛ ئۈچىنچىسى، بۈۋى پاتىمەنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى بايانلار؛ تۆتىنچىسى، «رىيازىل مۇزەككىرنى» (زىكىر ئېيتقۇچىلارنىڭ رىيازەتچىلىرى) قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 564 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (139) شەرھى ھەدىس
    بۇ ئەسەر ھەدىسلەرنىڭ شەرھىسى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×14 سانتىمېتىر، 292 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (140) شەرىئەتىل ئىسلام
    بۇ ئەسەر ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئىبادەت قىلىش تەرتىپلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 16×11 سانتىمېتىر، 110 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (141) ئەخلاق ناسىرى
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئاپتورى: ئەبۇ ئەلى ئەھمەت، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×11 سانتىمېتىر، 489 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (142) بەياتى تەستىق
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، ھۈنەر-كەسىپ ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×17 سانتىمېتىر، 48 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (143) بىدايەت سۈلۈك
    بۇ ئەسەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەرىقەت، تەسەۋۋۇپقا قول بەرگۈچىلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×10 سانتىمېتىر، 314 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (144) پەتىۋايى بەرجەندى
    بۇ ئەسەر ئىسلام قائىدە-قانۇنلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 145 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (145) پەتىۋايى چوڭ
    بۇ ئەسەر زۆرۈر ئەقىدىلەر ۋە ئىمانغا دائىر بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24×14 سانتىمېتىر، 116 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (146) پەتىۋايى بەرەھنە
    بۇ ئەسەر دىنى ھۆكۈملەر بايانى بولۇپ، ئاپتورى: شەيخ نەسىرىدىن مەنايى (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: مىلادى 1891-يىلى. فورماتى: 27×17 سانتىمېتىر، 637 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (147) پۇرخەندە
    بۇ ئەسەر ئاللاغا ئىتىقاد قىلغۇچىلار كۈندە ئوقۇيدىغان دۇرۇتلار چۈشەندۈرۈلگەن تەرجىمە ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد ئىبن سۇلايمان جۇزۇلى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 531 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (148) تالىئىننىسا
    بۇ ئەسەر ئاياللار ھەققىدىكى بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 61 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (149) تەفسىر
    بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ 29-, 30-ئايەتلىرىنىڭ پارسچە تەرجىمە تەفسىرى بولۇپ، ئاپتورى: ياقۇپ چەرخى. فورماتى: 22×14 سانتىمېتىر، 398 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1344-يىلى ئەئزەم شاھ ئاخۇنۇم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (150) تەئلىمۇل ئەخلاق
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى تەلىماتلار بولۇپ، ئاپتورى: خوجام ئىمام ئەبۇلقاسىم خاتىپ (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 338 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (151) تەفسىر ھۈسەينى
    بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ پارسچە تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتورى: ھۈسەيىن كاشىغى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دۋرى: ھىجرىيە 887-يىلى. فورماتى: 36×26 سانتىمېتىر، 293 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (152) تەفسىر ھۈسنەيى
    بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ پارسچە تەفسىرى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×20 سانتىمېتىر، 480 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (153) تەرغىبۇس-سەلات
    بۇ ئەسەر ناماز ئوقۇش قائىدىلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد ئىبن زاھىد، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1312-يىلى. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 641 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (154) تەفسىر ھۈسەينى
    بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ پارسچە تەرجىمىسى بولۇپ، تەرجىمىسىنىڭ ئىشلەنگەن يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 33×23 سانتىمېتىر، 630 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (155) تەرىقەتى سۇلۇك
    بۇ ئەسەر تەرىقەت تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: خوجا مۇھەممەد ئىمىن (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×17 سانتىمېتىر، 314 بەت. پارسچە، قول يازما

    (156) تەرغىبى سۈلۈك
    بۇ تەرىقەت نەزەرىيىسى ۋە ھېكايە، تەمسىللەر بولۇپ، ئاپتورى ھەسەنىل ھۆسەينى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 283 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (157) تۆھفەتۇل ئەخبار
    بۇ ئەسەر پەندى-نەسىھەتلەر تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئنىق ئەمەس. فورماتى: 19×11 سانتىمېتىر، 76 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (158) تۆھفەتىنە سايىھ
    بۇ ئەسەر پەندى-نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى: ئەبۇل پەتىھى يۈسۈپ. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×19 سانتىمېتىر، 100 بەت. پارسچە، تاش باسما

    (159) تىلسىمنامە
    بۇ ئەسەر تۇمارغا ئائىت پۈتۈكلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25×16 سانتىمېتىر، 61 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (160) جامىئىل مەقامەت
    بۇ ئەسەر سوپى-ئىشانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا ئىبراھىم. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1206-يىلى. فورماتى: 23×13 سانتىمېتىر، 439 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1242-يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (161) جامىئۇل كەبىر
    بۇ ئەسەر ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بايان بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 82 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (162) جامىئۇل ئەھكام
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر مەسىلىلە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئنىق ئەمەس. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 200 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (163) جەۋاھىرۇل ئەسرار
    بۇ ئەسەر مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 407 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (164) جەزبىدىل قۇلۇب
    بۇ ئەسەر ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ھەسەنىل ھۈسەينى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1342-يىلى. فوررماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 235 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (165) چاھار پەزلى
    بۇ ئەسەر ناماز، روزا زاكات، ھەج قاتارلىقلار ھەققىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×16 سانتىمېتىر، 210 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (166) چاھار فەسلى
    بۇ ئەسەر ئىسلام دىنى نەزەرىيىلىرى سۆزلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22×13 سانتىمېتىر، 113 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (167) چىھىل ھەدىس
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئۈزۈندىلەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1295-يىلى. فورماتى: 20×12 سانتىمېتىر، 207 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (168) خاۋاسۇل ئەدەب
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدىكى بايانلىرى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×13 سانتىمېتىر، 193 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (169) دەقايىقۇل ئىلىم
    بۇ ئەسەر، ئۈچ ئەسەر تۈپلەنگەن. بىرىنچىسى، «دەقايىقۇل ئىلىم» (ئىلىم ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر)؛ ئىككىنچىسى، «مەتىنە ئەقايە» (دىنىي چۈشەنچىلەر ھەققىدىكى بايانلار)؛ ئۈچىنچىسى، «شەرھى فىقھى كەيدانى» (ئىسلام نەزەرىيىلىرى ھەققىدىكى بايانلار). (پارسچە) بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 232 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.

    (170) دۇئا ۋە ھەدىس
    بۇ ئەسەر ھەدىس ۋە دۇئالار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×17 سانتىمېتىر، 74 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (171) دۇئايى سەيفى
    بۇ ئەسەر ئاللادىن مەدەت تىلەش مەزمۇن قىلىنغان دۇئا-تىلەكلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 11×81 سانتىمېتىر، 77 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (172) دۇرۇل ئاجايىپ
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، سەۋر-تاقەت، ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋەز-نەسىھەت قىلىنغان ئوتتۇز بابلىق ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ كۆچۈرۈلگەن يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1212-يىلى. فورماتى: 26×16 سانتىمېتىر، 236 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (173) دۇرۇل ئەجايىب
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، سەۋر-تاقەت، ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋەز-نەسىھەت قىلىنغان ئوتتۇز بابلىق ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 309 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (174) دۇرۇل ئەجايىب؟
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق، سەۋر-تاقەت، ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋەز-نەسىھەت قىلىنغان ئوتتۇز بابلىق ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. 259 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (175) دۇرۇد مۇستەغاس
    بۇ ئەسەر ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى ئىزھار قىلىش ئارقىلىق ئاللادىن مەدەت تىلەش بايانىدىكى دۇرۇدلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 58 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (176) دۇرۇل نىجات
    بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىگە ئائىت مەسىلىلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×14 سانتىمېتىر، 221 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (177) دىۋان غەۋسىل ئەزەم
    بۇ ئەسەر، ئۈچ ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن: بىرىنچىسى، تەرىقەت ھەققىدە ساۋاتلار؛ ئىككىنچىسى، ھەمدۇسانالار ۋە تىلەكلەر؛ ئۈچىنچىسى، «قىيامەتنامە» (جەننەت-جەھەننەم ھەققىدە) بايانلار بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇقادىر جىلانى. فورماتى: 26×15 سانتىمېتىر، 185 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1296-يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.

    (178) رىسالەئى ئەشئار
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا سەيپۇللا. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1231-يىلى. فورماتى: 18×14 سانتىمېتىر، 343 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (179) رىسالەئى نەسىھەت
    بۇ ئەسەر، ئىككى ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن: ئالدىنقىسى، «رىسالەئى نەسىھەت» (ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدە نەسىھەتلەر)، كېيىنكىسى، «مەكتۇبات شېرىف» (ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى خەت-چەكلەر توپلىمى) بولۇپ، ئاپتورى: ئەھمەد ئىبن مەۋلانا جالالىدىن كاسانى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1273-يىلى. فورماتى: 21×15 سانتىمېتىر، 173 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (180) رىسالەئى تەبكىمەتە
    بۇ ئەسەر قۇرئان ئايەتلىرىدىن تاللانمىلار بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1291-يىلى. فورماتى: 25×15 سانتىمېتىر، 504 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (181) رىسالەئى قۇتبى قازى
    بۇ ئەسەر ئىسلام نەزەرىيىسى ھەققىدىكى سوئال-جاۋابلار بولۇپ، ئاپتورى: قۇتبىدىن قازى. فورماتى: 22×15 سانتىمېتىر، 16 بەت. پارسچە، ھىجرىيە 1311-يىلى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.

    (182) رىسالەئى شەمسىيە
    بۇ ئەسەر دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×14 سانتىمېتىر، 206 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (183) رىسالەئى سۈلۈك
    بۇ ئەسەر تەسەۋۋۇپ ئىلمى بايانى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19×13 سانتىمېتىر، 191 بەت. پارسچە.

    (184) رىسالەئى ھەزەر ۋە چىھىل پەتىۋا
    بۇ ئەسەر كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىنغان پەتىۋالار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرەھمان جامى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23×14 سانتىمېتىر، 642 بەت. پار سچە، قول يازما.

    (185) رىسالەئى مۇبارەك
    بۇ ئەسەر ئىشانلارنىڭ ئۆز ئارا سوئال-جاۋابلىرى. كىتاب ئاخىرىدا يەنە گىيالار، ھايۋاناتلار ھەققىدە قىسقىچە پارسچە، ئەرەبچە، لۇغەتمۇ بار بولغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1240-يىلى. فورماتى: 18×12 سانتىمېتىر، 377 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (186) رىسالەئى ئىسلامىيە
    بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىي نەزەرىيىلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21×13 سانتىمېتىر، 185 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (187) زۇبەيدەتۇل ھەقايىق
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدە بايانلار بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1142-يىلى. فورماتى: 16×10 سانتىمېتىر، 398 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (188) زىيائۇل قۇلۇب
    بۇ ئەسەر سوپىزمغا دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇرىشىت ئىبن داۋۇت، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1353-يىلى. 100 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (189) زەخىرەتۇل مۈلۈك
    بۇ ئەسەر شەرىئەت ئىلىمىگە ئائىت بايانلار بولۇپ، ئاپتورى: ئەلى ئىبن شەھابىدىل ھەمىدانى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1270-يىلى. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 463 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (190) زۆرۈرىيەتى دىن
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئەھمەد مەخسۇم. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1348-يىلى. فورماتى: 21×14 سانتىمېتىر، 114 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (191) سالاتى مەسۇد
    بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىدىكى تۆت مەزھەپكە دائىر مۇلاھىزىلەر بولۇپ، ئاپتورى: مەۋلانە مەۋلەۋىي شەيخ فىقىھى زاھىد مەسۇد ئىبن مەھمۇد بىننى يۈسۈف سەمەرقەندى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27×17 سانتىمېتىر، 667 بەت. پارسچە، تاش باسما.

    (192) سەلاتى مەسئۇد
    بۇ ئەسەر ئىسلامىيەتكە دائىر بىلىملەر بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇللا ئىبنى مەسۇد. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×19 سانتىمېتىر، 522 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (193) سوئال-جاۋابلىق مەسىلىلەر بايانى
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاققا دائىر مەسىلىلەر سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×14 سانتىمېتىر، 136 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (194) سۈلۈكنامە
    بۇ ئەسەر كىشىلەرنى ياخشىلىققا ۋە ئەدەب-ئەخلاققا دالالەت قىلغۇچى نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى: ئالىم ئىبن ھەسەنىل ھۈسەيىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×10 سانتىمېتىر، 223 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (195) شەرھى ئىرشاد
    بۇ ئەسەر قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ۋە ناماز ئوقۇش تەرتىپلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 18×13 سانتىمېتىر، 86 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (196) شەرھى دالائىد خەيرات
    بۇ ئەسەر ياخشى ئىشلارغا دالالەت قىلغۇچى ۋەز-نەسىھەتلەر ھەققىدىكى بايان بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد فازىل مۇھەممەد ئاسىف ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 361 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (197) شەرھى شىغا
    بۇ ئەسەر ئاللانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى تەرىپلەنگەن «شىغا» ناملىق كىتابنىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى: خوجا ئىمام جامالىدىن. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×19 سانتىمېتىر، 252 بەت. پارسچە.

    (198) شەرھى ھىزابۇل بەھرى
    بۇ ئەسەر سوپى مەزھەپلىرىدىكى مەرتىۋىلەر ۋە قائىدە-تۈۈملەر، «دۇئايى ھىزابۇل بەھرى» (دۇئاسىنى ئوقۇشنىڭ ئۇسۇل تەرتىپلىرى) ۋە ئايەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 20×13 سانتىمېتىر، 500 بەت. پارسچە-ئەرەبچە، قول يازما.

    (199) شەرھى مۇشكات شېرىف
    بۇ ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنىڭ شەرھىسى بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. ھىجرىيە 1142-يىلى. فورماتى: 24×16 سانتىمېتىر، 640 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (200) شەرھى ھىزبۇل بەھرى
    بۇ ئەسەر سوپىزم تەلىماتى بايان قىلىنىدىغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17×10 سانتىمېتىر، 208 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (201) فەۋائىد سەمەرقەندى
    بۇ ئەسەر فەۋائىد سەمەرقەندى ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد باباي سەمەرقەندى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26×18 سانتىمېتىر، 368 بەت. پارسچە، قول يازما.

    (202) فىردەۋسى غۇرەبا
    بۇ ئەسەر ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى نەسىھەت ۋە ساۋاتلار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا مۇھەممەد رۇسۇل تاشكەندى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل-دەۋرى: ھىجرىيە 1277-يىلى. فورماتى: 27×16 سانتىمېتىر، 289 بەت. پارسچە، قول يازما.


    پايدىلانغان ماتىرىياللار:
    (1) بىلقۇت شىركىتى تۈزگەن «بىلقۇت خەزىنىسى» كومپيۇتېر لوغىتى.
    (2) ئابدۇراخمان باقى: «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن يۈز نادىر كىتاپ».
    (3) «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 1-، 2-، 3-سانلار

    ★★★★★
    تورغا تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغۇچى: ئايبۈۋى نەزەر.
    ★★★★★
    http://bbs. xjzjxh. com/Topic. aspx?BoardID=35&TopicID=9518
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: