版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187408415.html

    «سىياسەتنامە»دىكى بىدئەتچىلەرگە ئائىت بايانلار(2)


    ئاپتورى: ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن(نىزامۇل مۈلك)
    تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربان تۇران



    (قىرىق تۆتىنچى بابنىڭ داۋامى ۋە قىرىق بەشىنچى باب)
    شۇ كېچىسى كەيقۇباد نوشىرۋاننى چاقىرتىپ كېلىپ: «ئۆلىما كەتتى، ئۇ مېنى سېنىڭ ئىختىيارىڭغا تاپشۇرغان، ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسەن؟» دەپ سورىدى. نوشىرۋان: «ناۋادا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇشنى ئىختىيار قىلساڭ ئۇنى ھېچكىمگە تىنمايمەن. ئاز-تولا تەييارلىق كۆرۈۋالغاندىن كېيىن مەزدەكنىڭ ئۆزىنى ۋە دىنىنى يەر يۈزىدىن تۈگەل يوقۇتىمەن» دېدى. كەي قۇباد: «بۇ سىرنى سېنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىنسانغا تىنمايمەن. بۇ سىر ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىدە قالسۇن» دېدى. نوشىرۋان: «يادىڭدا بولسۇنكى، پارس ئۆلىماسى ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئاشكارا تەن ئېلىپ پارسقا كەتتى. مەزدەك ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى بولسا، خوشاللىقىدىن تېرىسىگە سىغماي قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ توساپ قالالمايدىغانلىقى توغرىسىدا جار سېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى پەيتتە مەزدەكنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىش تولىمۇ ئوڭاي، ئەمما ئۇنىڭ مۇرتلىرى جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە پىتىراپ كەتسە ئۇلار بارغانلىكى جايدا بىر ئاماللار بىلەن كىشىلەرنى ئۆز دىنىغا مۇرت قىلىۋالىدۇ. تاغلارنى قورغان قىلىپ بىزگە ۋە سەلتەنەتىمىزگە ئاپەت بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى شۇنداق پۈتتۈرەيلىكى، ئۇلارنى بىراقلا قاپقانغا دەسسىتەيلى، قىلىچىمىزنىڭ تىغىدىن بىرىمۇ قېچىپ قۇتۇلمىسۇن» دېدى. كەيقۇباد: «سېنىڭچە ئىشنىڭ ئەۋزىلى قايسى؟» دەپ سورىۋىدى نوشىرۋان: «مەزدەك ئوت ئىبادەتخانىسىدىن قايتىپ سەن بىلەن مۇلاقەتتە بولغاندا ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تېخىمۇ زور ھۆرمەت كۆرسەت. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغاندا پارسلىق ئۆلىما يېڭىلگەنلىكىگە تەن بېرىپ مۇنازىرىدىن چېكىنگەندىن ئېتىبارەن ئۆز ئىخلاسىڭنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، مېنىڭمۇ پۇشايمەن قىلىپ ئۇنىڭغا مۇرت بولۇش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىمنى ئېىيتقىن، قېنى ئۇ نېمە دەيدىكىن» دېدى.
    كېيىنكى ھەپتىسى مەزدەك كەيقۇبادنىڭ ھوزۇرىغا كىرگەندە كەي قۇباد ئۇنىڭغا كەمتەرلىك بىلەن ئالىي ھۆرمەت كۆرسەتتى. ئۇ نوشىرۋاننىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىۋىدى مەزدەك بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: «خەلقىئالەم نوشىرۋاننىڭ دېگەن ئەتكىنىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دىنىمىزغا مۇرت بولسا پۈتۈن جاھان دىنىمىزغا ئەگىشىدۇ. مەن ئوتتىن بىزنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنەي، يورۇقلۇق تەڭرىسىگە نوشىرۋاننىڭ دىلىغا دىنىمىزنى سېلىش توغرىسىدا ئىلتىجا قىلاي دېدى. كەي قۇباد: «توغرا دەيسەن، ئۇ مېنىڭ پۇشتۇم بولغاچقا قوشۇندىكىلەر ۋە دېھقانلار ئۇنى ھېمايە قىلىدۇ. ئۇ دىنىمىغا كىرگەندە جاھاندا ھېچكىم بۇ دىننى قوبۇل قىلماسلىققا بانا تاپالمايدۇ. نوشىرۋان دىنىمىزغا كىرسىلا يورۇقلۇق تەڭرىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، گۇستەسىب مەجۇسىي شەرىپىگە كىشىمارغا ئالتۇن راۋاق ياساتقاندەك مەنمۇ سېنىڭ شەرىپىڭگە دەجلە دەريا بويىغا تاش مۇنار سالىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياشتىنمۇ يورۇق بولغان ئالتۇن راۋاق بىنا قىلىمەن» دېدى. مەزدەك: «سەن ئوغلۇڭغا نەسىھەت قىل، مەن تەڭرىگە ئىلتىجا قىلاي، ئىشەنچىم كامىلكى، تەڭرى دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلىدۇ» دېدى.
    گۇگۇم چۈشكەندە، كەيقۇباد نوشىرۋانغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. نوشىرۋان: «بىر ھەپتىدىن كېيىن مەزدەك بىلەن سۆھبەتتە بولغىنىڭدا مۇنداق دېگىن: «تۈنۈگۈن كېچە نوشىرۋان بىر چۈش كۆرۈپتۇ ۋە بەكلا قورقۇپ كېتىپتۇ. بۈگۈن قاق سەھەردە يېنىمغا كېلىپ چۈشىدە غايەت زور بىر پارچە ئوتنىڭ ئۆزىگە قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر يانغا داجىغانلىقىنى، شۇ چاغدا تولىمۇ سۇمباتلىق بىر كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئوتنىڭ مۇددىئاسى نېمە ئىكەنلىكىنى سورىسا بۇ ئادەم ئوتنىڭ نوشىرۋاندىن بەكمۇ كۆڭلى قالغانلىقى، چۈنكى نوشىرۋان ئوتنى كاززاپ دەپ ھاقارەتلىگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ چۈشىدىكى ھېلىقى ئەۋلىيا سۈپەت كىشىدىن بۇ ئىشلارنى قانداق بىلگەنلىكىنى سورىسا ئۇ ئادەم بۇ ئىشلاردىن پەرشتىلەر تولۇق خەۋەردار، دەپتۇ. كېيىن ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ. ھازىر جىقلا ئىپار-ئەنبەرنى كۆتۈرۈپ ئوت ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپقا كەتتى. ئۈچ كېچە-كۈندۈزدىن بېرى ئوتۇن تاشلاپ ئوت ئىلاھىغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ دېدى. مەزدەك بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا خۇرسەن بولدى.
    شۇ ئىشلار بولۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە نوشىرۋان ئاتىسى ئارقىلىق مەزدەككە مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ئايان بولدىكى، بۇ تولىمۇ توغرا دىن ئىكەن. مەزدەك يورۇقلۇق ئىلاھىنىڭ ئەلچىسى ئىكەن. مەن خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىمەن، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇۋاتقان بولغاچقا مۇرىت بولۇشتىن قورقۇۋاتىمەن. ئاشۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىسيان قىلىشى ۋە دار سەلتەنىتىنى قىلىچ كۈچى ئارقىلىق تارتىپ كىتىشىگە ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرالمايمىز. شۇڭا قانچىلىك كىشىلەرنىڭ دىنىمىزغا ئەگىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ باققۇم بار. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ۋە كۈچلۈك بولسا بىزنىڭ تەلىيىمىز، ئۇنداق بولمىسا مۇرتلار ۋە مۇخلىسلارنىڭ سانى كۆپىيىپ قۇدرەت تاپقاندا ئاندىن بۇ دىنغا كىرمەكچىمەن. مەن ئۇلارغا قورال-ياراغ ۋە ئاشلىق بىلەن ياردەم قىلماقچىمەن. بىز كۈچ جەھەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشكىدەك بولغاندا دىنىمىزنى تەرغىپ قىلساق ھەممىلا ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ». نوشىرۋان ئاتىسىغا مۇنداق دېدى: «ئەگەر مەزدەك ئۆز مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتسا ئۇنىڭغا بىر تىزىملىك پۈتۈشنى بۇيرۇغىن. ئۇنىڭغا پارچە-پۇرات مۇخلىسلارنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. بۇنى نوشىرۋانغا كۆرسىتىپ ئۇنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشىمەن، دېگىن. شۇنداق قىلساق مەزدەكنىڭ ئادەملىرى بىزگە تامام مەلۇم بولىدۇ». كەيقۇباد نوشىرۋاننىڭ ئيېتقانلىرىنى مەزدەككە بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى. دېگەندەك رويخەتتىن بىرنى تۈزۈپ كەيقۇبادقا يەتكۈزۈپ بەردى. قارىسا ئۇنىڭدا شەھەر پۇقرالىرى، دېھقانلار ۋە لەشكەرلەر بولۇپ 12 مىڭ كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغانكەن. كەيقۇباد: «بۈگۈن كېچە نوشىرۋان بىلەن مۇلاقەتتە بولغاندا رويخەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قوياي. ناۋادا ئۇ دىنىمىزغا كىرسە ناغرا چېلىپ بەلگە بېرەي ۋە بىر ئوغلۇمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئەلگە جاكارلاي، سەن ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان نوشىرۋاننىڭ دىنىمىزغا كىرگەنلىكىنى جەزمىلەشتۈرگىن» دېدى.
    مەزدەك كەتكەندىن كېيىن كېچە قاراڭغۇسىدا نوشىرۋان ئاتىسىنىڭ ھوزۇرىغا كىردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا رويخەتنى كۆرسىتىپ ئۆزلىرى دىيىشىۋالغان بەلگە ھەققىدە سۆزلەپ بەردى . نوشىرۋان: «ياخشى بوپتۇ، ھازىرلا ناغرا چېلىشسۇن، ئەتە مەزدەك بىلەن دىدارلاشقاندا مېنىڭ رويخەتنى كۆرۈپ دىنىمىزغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىمنى، ئەسلىدە بەش مىڭ ئادەم بولسىلا كۇپايە دەپ ئويلىغانلىقىمنى، 12 مىڭ ئادەم بولغانىكەن دۇنيادىكى ھېچقانداق كۈچتىن قورقمايدىغانلىقىمىزغا شۈبھە قىلمىغانلىقىمنى ئېيتقىن. بۇنىڭدىن كېيىن قانداقلىكى ئىش توغرىسىدا كېڭەش بولسا شاھ ئالىيلىرى مەزدەك ۋە مەن دەرقەمتە تۇرۇپ بار مەسلىھەت ئىش قىلايلى» دېدى.
    شۇ كېچىدىكى دەسلەپكى جېسەكتىن ئۆتكەندە مەزدەك ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلاپ خوشال بولغىنىچە: «نوشىرۋان دىنىمىزغا كىردى!» دەپ تەنتەنە قىلدى. ئەتىسى مەزدەك قوبۇلغا كىرگەندە كەيقۇباد مېھرابتا ئولتۇرۇپ مەزدەككە نوشىرۋاننىڭ ئېيتقانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. مەزدەك بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى. قوبۇل تۈگىگەندە، كەيقۇباد ۋە مەزدەك خاس ئولتۇرۇپ نوشىرۋاننى چاقىرتىپ كېلىشكە كىشى ئەۋەتتى. نوشىرۋان كېلىپ مەزدەكنىڭ ئالدىغا ئالتۇن كۈمۈش، قىممەت باھالىق سوۋغاتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىنئام تەرىقىسىدە قويدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىغا توۋا قىلدى. ئاندىن ئۇلار كېڭەشكە چۈشتى. ئاخىرىدا نوشىرۋان ئاتىسىغا مۇنداق دەپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈردى: «سەن جاھاننىڭ خوجىسى، مەزدەك بولسا يورۇقلۇق ئىلاھىنىڭ ئەلچىسى، مەن لەشكەرلەرنىڭ ئەمىرى بولاي، مەن جاھاندا دىنىمىزغا كىرمىگەن ئىنسان ۋە ۋىلايەت قىلمايدىغان ھالەتنى ۋۇجۇدقا چىقىراي. شۇنداق ھەممىلا ئادەم دىنىمىزغا خوشاللىق بىلەن كىرىدۇ». كەيقۇباد بىلەن مەزدەك: «سېنىڭ ئارزۇلىرىڭ بۈيۈكتۇر» دېدى. نوشىرۋان: «ئۇنداقتا مەزدەك ئۇستاز ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلەردىكى مۇرتلىرىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنكى پۇستانى ۋاقىتتا يىراق-يېقىندىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوردىغا يىغىلسۇن. بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۇلارغا قىلىچ-نەيزە ۋە كېرەكلىك ئاتلارنى تەييارلايلى. ئەمما نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېچكىم بىلمىسۇن. بەلگىلەنگەن كۈندە بىز ئۇلارنى جايلاشتۇرۇپ ئازادە زىياپەتلەرنى بېرىمىز. غىزادىن كېيىن ئۇلار باشقا بۆلۈمگە كىرىپ شاراب داستىخىنىغا داخىل بولىدۇ. داستىخاندىكى ھەر بىر كىشى يەتتە قەدەھتىن مۇسەللەس ئىچىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تون ھەدىيە قىلىمەن، بىر قېتىمدا 20-50 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدا بارچە مۇرتلار بىر قېتىم قوبۇلغا سازاۋەر بولىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە ھەممەيلەن تولۇق جابدۇنىدۇ، جابدۇنمىغانلار بولسا ئامبارنى ئېچىپ ياراغ، دۇبۇلغا-ساۋۇت ئېلىپ چىقسۇن. شۇ كېچىسى دىنىمىزغا كىرگەنلەرنىڭ ئامان قالىدىغانلىقىنى، بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلايمەن» دېدى. كەيقۇباد ۋە مەزدەك: «سۆزۈڭ ئورۇنلۇق، تولۇقلاش ھاجەتسىز» دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قوزغىلىشتى. مەزدەك ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلەرگە چاپارمەن ماڭدۇرۇپ مۇرت-مۇخلىسلىرىغا پالانى ۋاقىتتا تولۇق قوراللىنىپ ئوردىغا كېلىشكە ئەمىر قىلدى. ئۇلارغا قىلچە شۈبھىدە بولماسلىقنى، ئىشلارنىڭ ئۆزلىرى كۈتكەن ھالدا ئىكەنلىكىنى، چۈنكى پادىشاھنىڭ ئۇلارغا داھى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
    بەلگىلەنگەن كۈندە 12 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى شاھ ئوردىسىغا يىغىلدى. ئۇلار ئوردىدا ھېچقاچان كۆرمىگەن كاتتا زىياپەتنىڭ راسلانغانلىقىنى كۆردى. كەيقۇباد مېھرابتا، مەزدەك شاھلىق تەختتە ئولتۇراتتى، نوشىرۋان بولسا، كەمەر تاقاپ ساھىبخاندەك بىر چەتتە تۇراتتى. مەزدەكنىڭ خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي قالغاندى. نوشىرۋان كەلگەنلەرنى مەنسەپ-دەرىجىسى بويىچە تامام كۇرسلارغا ئورۇنلاشتۇردى. غىزادىن كېيىن ئۇلار يەنە بىر بۆلۈمگە يۆتكەلدى ۋە ئۇ جايدىكى كارامەت ھەشەمدىن ھەيران بولۇشتى. ئۇلار يەنە ئاۋالقى تەرتىپى بويىچە داستىخانغا جايلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھاپىزلار ناخشا باشلىدى، ساقىيلار ئايلاندۇرۇپ شاراب قۇيۇشقا باشلىدى. ئىككى ئايلىنىشتىن كېيىن قوللىرىدا كىمخاب-دۇردۇنلاردىن قىلىنغان بوپىلارنى كۆتۈرۈشكىنىچە 200 چە قۇل ۋە مەھرەملەر كىرىپ توپنىڭ يېنىدا قاتار تىزىلدى. شۇ چاغدا نوشىرۋان: «تونلارنى باشقا بىر خانىغا ئاپىرىپ قويۇڭلار، بۇ يەر بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتكۈدەك. مېھمانلار 20-30 دىن بولۇپ تونلىرىنى ئېلىۋېلىشسا بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۇ بۆلمە ئارقىلىق چەۋگەن مەيدانىغا بېرىپ ھەممەيلەن تونلىرىنى كىيىپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرۇڭلار، تون يېپىش ئاخىرلاشقاندا پادىشاھ ۋە مەزدەك چەۋگەن مەيدانىغا كېلىپ ئۇلارنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزىدۇ. شۇ ئارىلىقتا مەن بېرىپ قورال ئامبىرىنى ئاچتۇرۇپ ياراغلارنى ئېلىپ كېلىمەن» دەپ جاكارلىدى. ئالدىنقى كۈنى نوشىرۋان يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن ئىككى-ئۈچ يۈز دېھقاننى ئوردا-ساراينى تازىلاش ۋە چەۋگەن مەيدانىنى تۈزەشتۈرۈش باھانىسىدە كەتمەنلىرى بىلەن قوشۇپ چاقىرىپ كەلگەنىدى. ئاندىن ئۇلارنى چەۋگەن مەيدانىغا يىغىپ دەرۋازىنى قۇلۇپلىغان ۋە مۇنداق دېگەندى: «بۈگۈن ۋە بۈگۈن كەچتە مۇشۇ مەيدانغا ئىككى غۇلاچ چوڭقۇرلۇقتا 12 مىڭ ئورەك كولاڭلار. كولىغان توپىنى ئورەكنىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ قويۇڭلار» ئۇ قورۇقچىلارنى بۇ ئادەملەرنى تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقارتماي باشقا بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىشنى تاپشۇرغانىدى. زىياپەت بېرىلگەن ئاخشىمى ئۇ 400 چە كىشىنى جابدۇپ ئۇلارنى چەۋگەن مەيدانىغا ۋە مەيدان يېنىدىكى مەيدان يېنىدىكى بىر ھويلىغا جايلاشتۇردى ھەمدە مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: «ھەر قېتىم 20-30 ئادەمنى زىياپەت سورۇنىدىن تون-سەرپاي خانىسىگە ماڭدۇرغىنىمدا ئۇلارنى مۇشۇ ھويلىغا باشلاڭلار، ئاندىن بۇ ھويلىدىن چەۋگەن مەيدانىغا ئاپىرىڭلار. ئاندىن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى تامام سالدۇرۇۋېلىپ ئاسمان تاپان قىلىپ بېشىنى ئورەككە تىقىڭلار ۋە توپا يۆلەپ بېشىنى كۆمۈڭلار، پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ تىكلەپ قويۇڭلار ۋە مەزمۇت چىڭداڭلار».
    تون توشۇغۇچىلار زىياپەت زالىدىن تون يۆتكەش خانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئالتۇن كۈمۈش جابدۇقلار بىلەن بېزەلگەن ئىككى يۈز ئاتنى، قالقان ۋە نەيزىلەرنى ئېلىپ كېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مېھمانلار 20-30 دىن بولۇپ تون-سەرپاي خانىسىگە ماڭدۇرۇلدى. ئۇ جايدا ئۇلارنى ھويلىدىن ئۆتكۈزۈپ چەۋگەن مەيدانىغا باشلاپ كېلىشتى ۋە ئاسمان تاپان قىلىپ باشچىلاپ ئورەككە كۆمىۋەردى. مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن نوشىرۋان ئاتىسى ۋە مەزدەككە: «تون كەيدۈرۈش ئاخىرلاشتى، ئۇلار چەۋگەن مەيدانىدا كۆرەككە تەييار تۇرماقتا. سىلەر ھېچقاچان بۇنداق پاساھەتلىك كۆرەكنى كۆرگەن ئەمەس» دېدى. كەيقۇباد بىلەن مەزدەك ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ چەۋگەن مەيدانىغا قاراپ مېڭىشتى. مەزدەك كېلىپلا بوشلۇقتا سانجاق-سانجاق تۇرغان پۇتلارنى كۆردى. شۇ چاغدا نوشىرۋان مەزدەككە بۇرۇلۇپ: «ئەمىرنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كاتتىراق مۇراسىم بارمىدۇ؟ سەن پەقەتلا رەئىيەتنىڭ بايلىقى ۋە ئاياللىرىنى بۇلاشقا، جەمەتىمىزدىن شاھلىقنى تارتىۋېلىشقا كەلگەنىسەن» دېدى. ئۇلار چەۋگەن مەيدانىنىڭ ئالدىغا ئېگىز قىلىپ توپا دۆۋىلىدى، ئاندىن بىر ئازگال كولىدى. نوشىرۋاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلار مەزدەكنى تۇتۇپ ئۆرە ھالەتتە ئازگالغا چۈشۈرۈشتى ۋە مەيدىسىگىچە توپا دۆۋىلىدى. ئاندىن چۆرۈلدۈرۈپ كۈل تۆكتى. نوشىرۋان ئۇنىڭغا: «مۇرتلىرىڭغا قارا، ئۇلارغا كۆز ئۈزمەي قارا» دېدى. ئاندىن ئاتىسىغا: «دانالىقنى يوقاتما! ھازىر سەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بۆلۈمگە كىرىپ ئارام ئېلىش، ئەل-يۇرت ۋە قوشۇن تىنجىغاندا ئاندىن كۆرۈنۈش قىل. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سېنىڭ ئەقىل جەھەتتىكى ئاجىزلىقىڭ جاۋابكار» دېدى. ئاندىن ئاتىسىنى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ ئورەك كولاشقا ئېلىپ كېلىنگەن دېھقانلارنى قويۇۋەتتى. چەۋگەن مەيدانىنىڭ دەرۋازىسى پۇقرالارغا ۋە نەۋكەرلەرگە ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ كېلىپ كۆرۈشىگە ئىجازەت قىلىندى. ئۇلار تاكى مەزدەكنىڭ جېنى چىققۇچە ئۇنىڭ ساقال بۇرۇتىنى يۇلۇشقا بۇيرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن نوشىرۋان ئاتىسىنى نەزەربەند قىلىپ بارچە بەگ-تۆرىلەرنى چىللاپ مۇنازىرىسىز ھالدا شاھلىق تەختىگە چىقتى ھەمدە ئۆزىنى ئادالەت ۋە مەردانىلىككە بېغىشلىدى. ئۇشبۇ ھېكايەت ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن كەڭ تارقالدى.

    قىرىق بەشىنچى باب:
    نىشاپوردا سىنباد مەجۇسىينىڭ باش كۆتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ رەيدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان قىلغانلىقىنىڭ بايانى


    ئۇشبۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مەزدەك پىرقىسىدىن ھېچبىر كىشى جاھاندا باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمىدى. شۇ چاغدا مۇنۇ ۋەقەلەر يۈز بەردى.
    مەزدەكنىڭ ئايالى خۇرمە بىنت مادائىندىن ئىككى ئادەم بىلەن رەيگە قېچىپ كەلدى ۋە يېزىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە كىشىلەرنى ئېرىنىڭ دىنىغا يوشۇرۇنچە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. ئاقىۋەت خېلىلا نۇرغۇن ساندىكى مەجۇسىي مۇرتلىرى بۇ دىننى قوبۇل كۆردى. كىشىلەر بولسا ئۇلارنى خۇرەمىيلەر، دەپ ئاتاشتى. ئەمما ئۇلار ئاشكارا ئىش قىلالمايتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆز دىنلىرىدا يوشۇرۇن بولۇپ ئۇنى زورايتىشنىڭ كويىدا يۈردى. پەيغەمبىرىمىز ھىجرەت قىلغاندىن 137 يىل كېيىن، يەنى ئەبۇ جەئفەر ئەل مەنسۇر باغداتتا ئەبۇ مۇسلىم ئەزدۇددەۋلەنى قەتل قىلغاندا نىشاپوردا مەجۇسىي ئەقىسىدىكى سىباد ئىسىملىك بىر زات قەلئە بېگى ئىدى. بۇ كىشى ئەبۇ مۇسلىمنىڭ چاكىرى ۋە كونا بۇرادىرى بولۇپ، ئەبۇ مۇسلىمنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن سۇ باشىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئەبۇ مۇسلىم قەتل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ ئىسيان قىلىپ بىر بۆلۈك قوشۇن بىلەن نىشاپوردىن رەيگە كەلدى ھەمدە رەي، تەبرىستان تەۋەسىدىكى مەجۇسىي مۇرتلىرىنى قۇتراتتى. ئەينى ۋاقىتتا جۇرجان ۋە ئىراق خەلقىنىڭ يېرىمى رافىزىي ۋە مەزدەك دىنىدا ئىدى. ئالدى بىلەن ئەبۇ مۇسلىمنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە رەيگە ھاكىملىق قىلىۋاتقان ۋالىي، ھەنەفىي مەزھىپىدىكى ئەبۇ ئۇبەيدنى ئۆلتۈرۈپ ئەبۇ مۇسلىمنىڭ رەي شەھىرىدە توپلىغان دۇنيالىرىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكتىن ئۇنىڭ مۇرتلىرى ئۆز دىنىنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇ ئۆزىگە ئاز-تولا ماغدۇر يىغىۋالغاندىن كېيىن ئامال قىلىپ مۇسلىمنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا نىيەت قىلدى. ئۇ ئۆزىنى ئەبۇ مۇسلىمنىڭ مۇرىتى دەپ جاكارلاپ ئىراق ۋە خۇراسان خەلقىگە «ئەبۇ مۇسلىم قەتل قىلىنمىدى، ئەكسىچە ئەبۇ مەنسۇر جەئفەر ئۇنى قەتل قىلىشنى قەستلىگەندە ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى زىكرى قىلغىنىچە بىر ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپ مەنسۇرنىڭ قولىدىن ئۇچۇپ كەتتى. ھازىر ئۇ مىستىن ياسالغان بىر قەلئەدە مەھدى ۋە مەزدەك بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇزاققا قالماي بۇ ئۈچەيلەن كۆز ئالدىڭلاردا زاھىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يول باشچىسى ئەبۇ مۇسلىم، مەزدەك ئۇنىڭ ۋەزىرى» دېگەنلەرنى تەبلىغ قىلدى. ئۇ يەنە ئەبۇ مۇسلىمنىڭ يېنىدىن كەلگەن چاپارمەن ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپنى تاپشۇرىۋالغانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سېلىپ يۈردى.
    رافىزىيلار مەھدىنىڭ، مەزدەكنىڭ مۇرتلىرى مەزدەكنىڭ نامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈركۈم-تۈركۈم رافىزىيلار ۋە خۇرەمىيلەر رەيگە توپلاندى. سىباد تەدرىجى زور كۈچكە ئىگە بولۇپ ئاخىرىدا ئون تۈمەن ئاتلىق ياكى پىيادە كىشى ئۇنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. ئۇ مەجۇسىي مۇرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا ھەمىشە: «ساسانىيلارنىڭ بىر دەستۇرىدا ئېيتىلىشىچە ئەرەبلەرنىڭ سەلتەنەت قۇياشى ئاخىرلاشتى. كەئىبىنى بىتچىت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىمەن. چۈنكى، كەئىبە (خاتا ھالدا) قۇياشنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋالدى. بىز مۇشۇ قۇياشنى قەدىمكى قۇياشقا ئوخشاشلا ئۆزىمىزگە قىبلە قىلىشىمىز كېرەك دەيتتى. خۇرەمىيلەرگە بولسا مۇنداق دەيتتى: «دەيتتى شىئەلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى شۇكى، شىئەلەر بىردەك ھەمدەملىك ئورناتمىقى زۆرۈر». ئۇ ئاشۇ تەرىقىدە مەجۇسىي، شىئەلەرگە ۋە خۇرەمىيلەرگە ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئۈچ تەرەپنىڭ ھەممىسىنىلا خوشال قىلاتتى. بىرقانچە قېتىملىق جەڭدە مەنسۇرنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ بەزى سانغۇنلىرىنى كاللىسىدىن جۇدا قىلدى. يەتتە يىل ئۆتكەندە مەنسۇر جەۋھەرنى قوشۇن باشلاپ سىنباد بىلەن جەڭ قىلىشقا ئەۋەتتى. جەۋھەر جۇرجان ۋە پارستىن قوشۇن باشلاپ ئىسپاھانغا ماڭدۇردى. ئۇنىڭغا يەنە ئىسپاھانلىقلار، قۇم ئەرەبلىرى ۋە قالاجتىكى ئىجىللار ياردەمگە كەلدى. كېيىن ئۇ رەيگە يۆتكىلىپ شۇ جايدا سىنباد بىلەن ئۈچ كۈن قاتتىق قېلىچلاشتى. تۆتىنچى كۈنى سىنباد بىر قېتىملىق جەڭدە جەۋھەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ كاللىسى كېسىۋېلىندى. ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرى پىتىراپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇرەمىيلار دىنى، مەجۇسىي دىنى ۋە شىئەلەر ئۆزئارا ئەبجەش بولۇپ زىچ ئالاقىدا بولۇپ كەلدى. كېيىنچە تەدرىجى زورىيىپ ئەبۇ مۇسلىم ۋە مەجۇسىي پىرقىسىدىكىلەر ئۇلارنى خۇرەمىيلەر دەپ ئاتىدى. جەۋھەر سىنبادنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن رەيگە كىرىپ مەجۇسىي مۇرتلىرىنى تامام قىرىپ تاشلىدى. ئۇلارنىڭ ئۆي-ۋاقىنى ئىگىلەپ، خوتۇن-بالىلىرىنى نەزەربەندكە ئالدى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.

    (تۈگىدى)
    ★★★★★
    بۇ ماقالىنى «ئىزدىنىش مۇنبىرى»گە يوللىغۇچى: turkzad
    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44836
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: